大数跨境

كاككۇك سايرىغان سەھرا 5-قىسىم، بۈگۈن ۋەششى قىسقاس يىرگە كەلدى

كاككۇك سايرىغان سەھرا 5-قىسىم، بۈگۈن ۋەششى قىسقاس يىرگە كەلدى daxxat asar
2025-01-22
0

 sahra awazlik asarliri
 كاككۇك سايرىغان سەھرا 5-قىسىم 
«رومان»
6-قىسىم5
7-قىسىم

ئاۋازلىق نۇسقىسى

5-قىسىم 



كاككۇك سايرىغان سەھرا 5-قىسىم 

يازما نۇسقىسى


-ھۈ ھۈ ھۈ، ئاندا قىمماڭ بارات ئاكا، مەن قاتتىق پ...


ـ ماڭقىسنى ئېقىتقنچە مىشلدغان پېتى قېچىپ كېتىۋاتقان چاپپاق «گۈلۈپ» قىلغىنچە يەر ئاستىغا كىرىپ كەتتى.


ـ ھە شوۋچى ، ئەمدىغۇ تۇتۋاغاندىمەن سەن چاپپاقنى، ئەمدى چاپپاقلىرڭنى پاكىز ئادالاپ، نىجىز كۆزۈڭگە يەتمىش پۇشتۇڭنى غىل پال كۆرسىتمەن سەن قارغۇ چاپپپاق!


ـ ھېلىم چاپپاقنىڭ ئادەمنىڭ بويدىن ئېگىزرەك ھالەتتە قىلىپ ياسالغان سەي گەمسنىڭ ئۈستدىن تۈشۈك ئېچىپ چۈشۈپ كەتكىننى كۆرگەن بارات ئاكا، ئارىنى تاشلاپ تىزنى تۇتقىنچە ھالسىراپ تىنىپ كەتتى.


ـ ئۆزۈڭ يۇۋاشلىق بىلەن چىقامسەن ياكى مەن كىرىپ ئەچىقمەنمۇ سەن مەينەتنى . «ھىم ئۆزۈڭ چىقمىغان ئىكەنسەن ، بۈگۈن بۇ گەمە سىنىڭ قەۋرەڭ بۇلىدۇ.»


بارات ئاكا ئىچدە ئوننى ساناپ باقتى، چاپپاقتىن يەنىلا سادا چىقمىغانلىقنى كۆرۈپ، بۇرۇن تۆشىكى يۇغىناپ كەتتى، ۋە ئارقىدىن قولدىكى تۆمۈر ئارنىڭ سېپىنى مەھكەم تۇتۇپ گەمىنىڭ ئېغىزغا قۇيۇلغا شوتىدىن پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى، ئەمما ئۇ ئىككىنجى بالداققا ئەمدى پۇتىنى دەسسشىگە ، تاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قاتتىق بىر ئاغرىق ئۇدۇل ئۇشقىدىن كىرىپ مىڭڭسدىن تېشىپ چىقتى.


ـ ۋايجان ، ۋاي پۇتۇم .


-ھى ھى ھى، مانا ھۇ قېرى، ئاكاڭ قارغاي بوش ئەمەس، ھى ھى ھى


ـ ھەئە ، گەمىگە چۈشۈپ كەتكەن ھېلىم چاپپاق ئاۋال يەردە چار پاقىدەك دۈم يېتىپ ئېغىر ـ ئېغىر نەپەس ئېلىپ بىردەم دېمېنى ئېلىۋالدى، بىر ئازدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئانچە ئېغىر يارلانمىغانلىقنى كۆرۈپ كۆڭلى ئەمدى ئارامىغا چۈشۈپ تۇرغاندا، بارات ئاكىنىڭ ئېغىزنى بۇزغىنچە شوتدىن چۈشۋاتقانلىقنى غۇۋا كۆرگەن ھېلىم چاپپاق تارتىنىپ ئولتۇرماستىن بارات ئاكىنىڭ نەق ئۇشۇقىنى نىشانلاپ كالتەك بىلەن كۈچەپ ئۇردى .


ـ ۋاي پۇتۇم ...


گەمىگە كىرىپ چىقىش ئۈچۈن قۇيۇلغان شۇتا بەك تىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە گەمىنىڭ ئېغىز كىچىك بولغاچقا كىرىپ چىقىش سەل قولايسز ئىدى، چاپپاق تەرپىدىن بىر كالتەك يەپ ئىنجىقلاپ ئولتۇرغان بارات ئاكىنى، ھېلىم چاپپاق ئاياپ ئولتۇرمىدى .


ـ ھۇ تاز گەدەن قۇڭالتاق قېرى، قىزىڭنىڭ مەيدىسنى تۇتۇپ باقاي دىسەم نىمە بوپتۇ، يەنە باشقا يېرىنمۇ تۇتمەن تېخى ! قانداق قىلالايتىڭ ھۇ كاج ئۈلۈمتۈك قېرى مانا ساڭا.


-ۋاي ۋاي پۇتۇپ، مەن داداڭدەك ئادەم قول تەككۈزىۋاتامسەن سەت چاپاق


چاپپاق شايلىسنى ئېقىتقان پېتى بارات ئاكىنىڭ نەق ئوشۇقىنى چەنلەپ ئارقا ئارقىدىن ئۇرىۋەردى . ئاغرىققا چىدىمغان بارات ئاكا ۋايجانلاپ تۇلغۇنۇپ تاس قالدى گەمىگە چۈشۈپ كەتكىلى، ئەگەر سەلىمە ۋاقتىدا يۈگۈرۈپ كېلىپ دادىسنى تارتىۋالمىغان بولسا ، ئېنىقكى بارات ئاكىنىڭ كەشىنىڭ چەمى ئاسمانغا قاراپ قالغان بولاتتى .


ـ قانداقراق تۇرسىز دادا !


يەردە ئولتۇرۇپ ھەدەپ ئىنجىقلىغنچە ۋايجانلاۋاتقان بارات ئاكىنىڭ قېشىغا كىلىپ سەلىمە ئەمدى ئەھۋال سوراۋاتقاندا ، بارات ئاكا قىزنى ئىترگىنچە قايناپ كەتتى .


ـ نېرى تۇر ، ماڭا ھېشنىم بوممىدى، بۈگۈن بۇ چاپپاقنى پارچە ـ پارچە قىلۋەتمىسەم ھېساپ ئەمەس ، ۋاي پۇتۇم !!


ـ بېرىپ ئىشگڭنى جايلاپ كەل قېرى توكۇر، مېنى پارچە ـ پارچە قىلامىش تېخى بېرىپ قەقچىڭنى ئالادالاپ كەل.


ـ پېيڭنى كىسىپ دۇتتارغا تارا قىلمەن سەن ئۆلمىگۈر چاپپاق ، بىژنىمەڭنى كېسىپ ئاسقۇغا ئىسىپ قۇرتۇپ غورازغا يەم قىلىپ بېرىمەن .


ـ بېرىپ ئۇمچىڭنى چال توكو قېرى، ھى ھى ھى،


سەلىمە يۇ سەلىمە  


 قوش ئالماڭنى تاتىمە.


ئالماڭنى پۇكۇنغا


تازا بېسىپ ياتىمە


سەلىمە يۇ سەلىمە ،


ئاخشاملىققا بارىمە.


توكۇر داداڭ ئۇخلىغاندا


يوتقىنىڭغا كىرمە .


ھۇخا خا خا خا


ھۇ قېرى توكۇر قاراپ تۇر قىزڭنىڭ قوسقىنى تومپايتىپ قويمەن !! ھۇخا خا خەا


ـ ئاغىزڭغا پوق تىقمەن سەن قارغۇ چاپپاقنىڭ !!  


 بارات ئاكا، ئەمدى ئورنىدىن تۇرۇپ شوتىغا ئاستا پۇتىنى ئېلىشىغا ھېلىم يەنە ئۇردى-ئىھ


ۋاي جان پۇتۇم !-


 بارات ئاكا يەنە پۈتۈنى چىقىرىۋالدى


ـ دادا بىردەم ئولتۇرۋپ ئارام ئېلىۋېلىڭ.


 ھېلىم چاپپاقنىڭ تېتىقسز قوشاقلىرنىن ئاڭلاپ بارات ئاكنىڭ غەزۋى چەكتىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما گەمە ئىچدىكى چاپپاق بارات ئاكىنىڭ ئورنىدىن تۇرالمىغانلىقىنى كۆرۈپ يەنىمۇ بەك ئەۋزەيلەشكە باشلىدى.


ـ باراتۋاي، نوچى بوساڭ چۈشە گەمىگە ھۇ قەغەز يولۋاس!


ـ سەلىمە يۇ سەلىمە ،


ئالماڭنىڭ ئۇچىنى تاتىمە.


توكۇر داداڭ ئاقسالىق قىلسا،


ئۇشۇقىنى چاقىمە !


سەلىمە يۇ سەلىمە ،


تاناۋىڭنى تاتىمە.


بىر مىنۇتمۇ ئۇخلىماي 


چۇققۇم ئوغۇل تاپىمەن.


ھۇخاخا ھۇخاخا 


چاپپاق بارغانچە ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى، 23 ياغقا كىرگەن بولسىمۇ ئارانلا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان ئادەتتە ئىسمىنمۇ كۆچۈرۈپ يازمىسا توغرا يازالمايدىغان ھېلىم چاپپاقنىڭ، ئۇششاق تىللىرى چىقىپ تېتىقسز قوشاقنى ياغدۇرۋەتتى.


ئۇنىڭ تېتىقسز قوشاقلىرنى ئاڭلىغان سەلىمەنىڭ يۈزى ئىختىياسز قىزاردى، يۈركى دۈوۈلدەپ، باغىرداقسز كۆكسى تەۋرەپ كەتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ بىريەرلىدە ئىللىق بىر ھاياجان تەۋرىمەكتە ئىدى.


ـ يەر يۇتقۇر چاپپاق بۈگۈن ساڭا جېنىمنى تىكىپ قويدۇم!!


بارات ئاكا ئاخىرى بۇ ھاقارەتكە چىداپ تۇرالمىدى، ئۇ پۇتىنىڭ ئاغىرقىغا چىداپ تۇرۇپ دەس ئۇرنىدىن تۇرۇپ يەنە گەمىگە كىرمەكچى بولدى.


ـ نوچى بوساڭ كىرىپ باقە پاكىنەك توكور، پاچىقىڭنى چېقىپ تاشلايمەن، ئاندىن سەلىمەنى قۇناقلىققا ئېلىپ قېچىپ ئىشنى باشلايمەن.


راس دىگەندەك بارات ئاكا ئەمدى پۇرىنى گەمە ئىچگە تىقشغا بىلەكتەك توم كالتەك نەق ئۇنىڭ ئۇشقىنى نىشانلاپ يەنە تەگدى . بارات ئاكا ئاچچق ئاغرىققا پەقەت « ئىم » قىلىپ قۇيۇپ ۋايجان دىمىدى.


ـ بەك نوچى ئىدڭغۇ، مېنى پارچىلۋەتمەكچى ئىدڭغۇ چۈشە !


چاپپاقنىڭ شۇ تاپتا جاسارىتى ئۇرغۇپ، ئىشەنچى ئېشىۋاتاتتى .


ـ نوچى بولساڭ تېشىغا چىق ھۇ نىجىز چاپپاق!


-سەن چۇشە


-سەن چىقە


-سەن نوچى بولغاندىكىن سەن چۇشە


-ۋاي سەن چىقە


چاپپاق بىلەن بارات ئاكا خۇددى «غەرپكە ساياھەت خاتىرسى فىلمدىكى شاسىڭ بىلەن باجىدەك » سەن چىقە ، سەن چۈشە دىيشىپ بىر ھازا تۇرۇشتى .  


ـ قوقانچاق قېرى بوپتۇ مەن چىقاي ، ئە


【声明】内容源于网络
0
0
daxxat asar
katran,alwastibigim
内容 224
粉丝 0
daxxat asar katran,alwastibigim
总阅读38
粉丝0
内容224