كۈزۈمدە لىق ياش 1-قىسىم
ئاۋازلىق نۇسقىسى
1-قىسىم
♥يازما نۇسقىسى♥
شۇ كۈنى سىرت جاندىن ئۆتكۈدەك قاتتىق سوغۇق بولۇپ، شىۋىرغان سۈرلۈك ھۇشقىيتاتتى. ـ دەپ گېپىنى باشلىدى ئۇ خۇددى شۇ تاپتا ماڭا سۆزلەپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان ئاشۇ ئاجايىپ قىسمەتلىرى ئالدىغا قويۇلغان پىيالىدىكى قېنىق رەڭلىك چاي ئۈستىدە ئەكس ئېتىۋاتقاندەك پىيالىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرۇپ ـ مەن دوختۇرخانىدا ئالدىنقى كۈنىدىن بېرى توختاۋسىز قىيناۋاتقان ئاچچىق تولغاق ئازابىغا ئەمدى پايلىيالماي ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتقان ئىدىم. ئەڭ مۇھىمى مېنى تۇغدۇرۇۋاتقان چىقىر كۆزلۈك دوختۇر ئايالنىڭ مېنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپلا دېگەن گەپلىرى بۇ كىچىككىنە تۇغۇت ئۆيىدە سىرتتىكىدىنمۇ دەھشەت بىر سوغۇق ئېقىمنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇ سوغۇق قۇلاقلىرىمدىن كىرىپ يۈرىكىمنى مۇزلاتماقتا ، مەن لاغىلداپ تىترىمەكتە ئىدىم. چىشلىرىم ئاغرىق ئازابىدا كىرىشكەن، ئۈنسىز ياشلىرىم قۇلاق تۈۋىمنى بويلاپ ئېقىپ چۇۋۇلغان چاچلىرىم ئارىسىغا كىرىپ تەرلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ كەتمەكتە ئىدى. مۇشۇ دوختۇرخانىغا كەلگۈچىمۇ مەن تېخى قانچىلىك ئۈمىدۋار ئىدىم ـ ھە. پەقەت مۇشۇ بالىنى تېچ ئامان تۇغساملا
ئەر ـ خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئۇنچىۋالا بىتەلەي ئەمەسلىكىمىز ۋە شۇنداقلا ساغلاملىقىمىزغا ئاىت بىزدە باشقا بىر قانداق مەسىلىلەرنىڭ يوقلۇقى ئىسپاتلىنىدۇ دەپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىپ يۈرمىگەنمىدىم. ئەپسۇس بۇ دوختۇرنىڭ دېگەن گەپلىرى مېنىڭ ئۇ تاتلىق خىياللىرىمنى مىنۇت ئىچىدىلا كۆپۈككە ئايلاندۇرىۋەتكەن ئىدى. ـ قانداق گەپ بۇ؟!ـ دېگەن ئىدى دوختۇر مېنى تەكشۈرۈۋېتىپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېكرانىدىن كۆزلىرىنى يۆتكەپ ماڭا ئەيىبلەش ۋە ئاچچىق نەزىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ.ــ سىزنىڭ بۇ دوختۇرخانىدا بىر قېتىم غەيرى بوۋاق تۇغقانلىق تارىخىڭىز بار ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۆلچەملىك سەھىيە بىلىملىرى چەت يېزا قىشلاقلارغا تېخى ئومۇملاشمىغان، ھامىلدارلارنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا بايقاپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ، سۈپەتلىك تۇغۇپ، سۈپەتلىك تەربىيلەش تەدبىرلىرى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلمىغان. بىراق شۇنىڭدىن كۆپ ئۆتمەيلا سەھىيە تارماقلىرى يۇقارقى تەدبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتتى ، بىز خىزمەتچىلەرمۇ بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەۋاتىمىز. دەل شۇ خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شۇ ۋاقىتتا بىز ئەر ئايال ئىككىڭلارنىمۇ چاقىرتىپ قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن ئالدىراپلا ئىككىن
چى بالىنى ئالساڭلار بولمايدىغانلىقى، ناۋادا تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا چۇقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشىڭلار كېرەكلىكى توغرىسىدا قايتا ـ قايتا خىزمەت ئىشلىگەنغۇ دەيمەن. بىراق سىلەر يەنە ئۆزۈڭلار بىلگەنچە ئىش قىلىپسىلەرغۇ؟ مانا قورساقمۇ كۆتۈرۈپسىز، تېخى تۇغقۇدەكمۇ بوپسىز، يەنە كېلىپ قورساق كۆتۈرۈشتىن ئاۋۋالقى تەكشۈرۈش ئەمەس، بۇ بالىغا قورساق كۆتۈرگەندىن باشلاپ قەرەللىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىشمۇ ئەمەس ھەتتا بىرەر قېتىم تەكشۈرۈتۈپمۇ باقماپسىز. جېنىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىمامدۇ سىزنىڭ؟ دوختۇرلارمۇ بىر نېمىنى بىلىپ دەيدىغاندۇ دەپ نېمىشقا ئويلىمايسىز؟ مانا قاراڭ شۇنچە قىينالغىنىڭىزغا چۇشلۇق بۇ بالىڭىزمۇ تۇنجى بالىڭىزغا ئوخشاش ئىكەن. ساق تۇغۇلۇشىنىڭ ئۆزى بىر گەپ. تۇغۇت جەريانىدا سىزنىڭ ساق قېلىشىڭىزمۇ بىر گەپ. يەنە كېلىپ، بالا ساق تۇغۇلدى دېگەن ھالەتتىمۇ ئۇزاق ياشىيالمايدۇ. قورسىقىڭىزدىكى ئېنىقلا كەمتۈك، غەيرى بوۋاق!…ـ ئۇنداق ئەمەس، مەن…مەن تەكشۈرتكەن دوختۇر…ـ مىڭ تەسلىكتە شۇنىلا دېيەلىدىم. ـ قاچان، قەيەردە تەكشۈرتكەن؟ سىزنىڭ تەۋەلىكىڭىز مۇشۇ، لېكىن نېمىشقا كېسەللىك تارىخىڭىزدا تەكشۈرتك
ەن دەپ تىزىملانمىدى؟ ـ مەن… مەن بىر شەخسىي دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەن… كۆپىنچە ئادەم بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ياخشى. ئۇلا مېنى تەكشۈرگەندە بالا نورمال ئىكەن دېگەن ئىدى…ـ ۋوي، ئۇنداقتا مەن ئېغىزىمغا كەلگەننى جۆيلىگەن ئوخشىمامدىم. ئەمىسە نېمىشقا ئاشۇ تېخنىكىسى ياخشى يەردە تۇغماي بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئىنجىقلاپ كەلدىڭىز؟!ـ ئۇ…ۋايجان…ئۇلا…ـ ئاغرىق ئازابىدا ۋە قىستاپ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك قورقۇنچ تۈپەيلى گېپىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم. چېقىر كۆزلۈك دوختۇر ئايال تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقىنىمدا ماڭا يەنە قاتتىق تەگكىنىنى ۋە سەل ئاشۇرۇۋەتكىنىنى ئەمدى بىر ئاز ھېس قىلدى بولغاي سەلگىنە پەس كويغا چۈشتى.

