大数跨境

كۈزۈمدە لىق ياش 10-قىسىم (ئاۋازلىق خەتلىك )

كۈزۈمدە لىق ياش 10-قىسىم (ئاۋازلىق خەتلىك ) daxxat asar
2026-03-26
2


كۈزۈمدە لىق ياش 10-قىسىم 

8-قىسىم
9-قىسىم

ئاۋازلىق نۇسقىسى

10-قىسىم 



يازما نۇسقىسى

10-قىسىم

ھاۋانىسا سىز بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقاندا، مەن ئاللىبۇرۇن نەپەستىن قالغان بولىمەن، چۈنكى مەن مۇشۇ خەتنى يېزىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالغاندىلا قانداق قىلىش ھەققىدە ئېنىق قارار چىقىرىپ بولدۇم.   ئەسلى ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەي ئۈن تىۋىشسىزلا كېتەي دېگەن ئىدىم.   بىراق سىز ئېسىمگە كەلگەندە يەنىلا مۇشۇ خەتنىمۇ بولسا يېزىپ قالدۇرۇش قارارىغا كەلدىم. 

چۈنكى بېشىڭىزغا كەلگەن بۇنچە كۆپ ئىشلار ھېلىمۇ جېنىڭىزنى ئاران قويۇۋاتقاندا مەنمۇ يەنە ھېچ   خەت خەۋەرسىزلا كېتىپ قالسام  بۇنىڭ بىئارامچىلىقىنىڭ سىزنىڭ ئازابىڭىزنى   تېخىمۇ ھەسسىلەپ قويۇشىدىن ۋايىم يىدىم.

خەير، بولغۇلۇق ئىككىمىزگىلا بولدى، ئەمدى يەنە ھەممە ئادەمگە بۇ گەپنى يېيىپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق.  شۇڭا، سىزگىلا ئېيتماقچىمەنكى   مەن بۈگۈن دوختۇرخانىغا بارغان.   سىلەرنىڭ دوختۇرخانىدا يوقلىقىڭلارنى كۆرۈپ چوڭ ئۆيگە كەلدىم.…ۋە   سىلەرنىڭ دېيىشكەن ھەممە گېپىڭلارنى ئاڭلىدىم. 

ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە قانداق  قايتىپ كەلگىنىمنى بىلمەيمەن .  ئادەم دېگەننىڭ جېنىمۇ شۇنچە چىڭ بولىدىكەن دەپ قالدىم، ئىش قىلىپ.  

شۇنداق قىلىپ مەن كەتمەكچىمەن. 

چۈنكى بۇنچە ئىشلاردىن كېيىن سىزنىڭ ئاشۇ ئىللىق يۈزىڭىزگە قايتا قارىيالىغۇدەك جۈرئىتىم يوق.   يەنە بىرسى بۇ دۇنياغا ئىككىمىز سىغمىدۇق.    بۇ ھايات تەقدىر بىزنى سىغدۇرمىدى.   شۇڭا مەن ئالدىدىراق كەتكەچ تۇراي. 

بۇنىڭ بەدىلىگە سىزنىڭ شۇ سىقىلىشلىرىڭىزنىڭ،  قۇرۇلۇشلىرىڭىزنىڭ   بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللىشىنى بىر ئاز بولسىمۇ ئەركىن نەپەس ئالالىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. 

  مەن كەتتىم، بىراق سىز ياخشى ياشاڭ ھاۋانىسا. چوقۇم ياخشى ياشاڭ.   چۈنكى بىز ھېچنېمىنى خاتا قىلمىدۇق. 

  ھەرقانچە تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەللىرىمىز بولسا مەن بىلەن تۈگەر دەيمەن.

خەيىر…

ئامان بولۇڭ!

رۇستەمدىن.»

ــ ئااااا!!!!! ياق…ياق!!!  بۇ نېمە ئىش؟ بۇ زادى نېمە ئىش؟   نېمىشقا… نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ ـ  خەتنى ئوقۇپلا ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتىم. 

ـ  نېمىگە كاركىرايسەن  ــ ھە؟! نېمىگە كاركىرايسەن؟!  قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ    جاھاننى بېشىڭغا كىيىپ ھاڭرىساڭمۇ ئىش ئورنىغا كېلەمتى ـ ھە؟!  دېگىنە ئوغلۇم بۇ يەردە زادى نېمىنى ئاڭلىدى ـ ھە؟! ئۇنىڭغا زادى نېمە دېدىڭ؟! ھۈ…ھۈ…ھۈ…   سەن چوقۇم جايلاپ بالا تۇغالمىغىنىڭنى ئوغلۇمغا ئارتىپ قويدۇڭ شۇنداقمۇ؟   ۋاي سېنىڭ  قولۇڭغا چۈشۈپ نابۇت بولۇپ كەتكەن ئوغلۇمەي!  ھۇ نەس باسقۇر! شۇم ئاياق…  ئوغلۇمنىڭ جېنىغا ئىكەك … خۇنخور  خوتۇن!ئوغلۇمنى   تۆلەپ بەر دەيمەن. ماڭا ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەر…ھۈ…ھۈ…ھۈ…

ھاۋانىسا ھەدەم سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئېغىر ھاسىراپ نەپەس ئالالماي قالدى. 

ئىتتىك كېلىپ ئۇنىڭ گەجگىسىنى سىلىغاچ دېدىم. 

ـ   ھاياجانلانماڭ ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ ھەدە.  چاي ئىچەمسىز سىزگە چاي قۇيۇپ بېرەيمۇ؟ ـ  مەنمۇ ھىقىقداپ  مۇشۇ گەپلەرنى ئارانلا دەۋاتاتتىم. 

ھاۋانىسا ھەدەم چاي ئىچكۈسى بارلىقىنى  ئىپادىلەپ باش لىڭشىتىۋىدى مەن چاققانلىق بىلەن بېرىپ چاي قۇيۇپ ئەكىلىپ، ھاۋانىسا ھەدەمگە ئاۋايلاپ ئىچكۈزۈشكە باشلىدىم.  

  بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولدى ۋە مېنىڭ   بولدى ئەمدى گەپ قىلماڭ دېيىشلىرىمگە ھېچقىسى يوق دېگەن مەنىدە شەرەت قىلىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى. 

ـ  شۇنداق، قىلىپ ئاپامنى يەنە رۇستەمنىمۇ ئۇزىتىپ قويدۇق.    قېيىن ئاپامنىڭ مېنى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن قار يامغۇر تىللاشلىرىنى ئېغىر ئالمىدىم.   ئەكسىچە ئۇ مېنى قانچە بەك تىللىغانسېرى  ئۆزۈمنى سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم.

بىراق يۈرىكىمنى تىنىمسىز ئېچىشتۇرۇپ ئاغرىتىپ تۇرىدىغان  بۇ  ئاچچىق ئازاپ دەرد ئەلەملەردىن شۇنداق ئاسانلا قۇتۇلالىشىم مۇمكىنمۇ دەيسىز. 

ئاپام بىلەن رۇستەمگە ئىچىم ئاغرىيتتى.   يەنە بىر تۇرۇپ ئۇلارنىڭ   ھەممىگە مېنى تاشلاپ قويۇپ جىمجىتلا  كېتىۋالغىنىدىن ئاغرىنىپمۇ قالاتتىم.

مېنىڭمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتكۈم ھەممىدىن بىراقلا قۇتۇلغۇم كېلەتتى. 

بىراق رۇستەمنىڭ خېتىدە قايتا قايتا ياخشى ياشاڭ دەپ كەتكەنلىرىنى ئويلىسام ئۆلۈۋالسام ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۈز كېلەلمەيدىغاندەك  تۇيۇلۇپ ئىككىلىنەتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن بىچارە سىڭلىم بىلەن ئىنىم…  بىز دادىسىز ئىدۇق، ئەمدىلىكتە  ئاپاممۇ كېتىپ قالدى.   مەنمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ قالسام ئۇلارغا نىسبەتەن بەكلا رەھىمسىزلىك بولماسمۇ دەپ ئويلايتتىم. 

بۇ  پاجىئە بىلەن، قالايمىقانچىلىق بىلەن ئاچچىق قىسمەتلەر بىلەن لىققىدە  تولغان  دۇنياغا  ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويسام قانداق قىلار دەپ ئەنسىرەيتتىم.

ئۇلار تېخى كىچىك، بىراۋلارنىڭ   بۇ ھاياتنى قانداق داۋاملاشتۇرۇپ ياشاشنى ئۆگىتىشىگە ئېھتىياجلىق.    بىراۋنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق.  مۇشۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇلارنى تاشلاپ كېتەمدىم دەپ غەم قىلاتتىم. 

كىچىك تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر داغ پەيدا بولۇپ قالدى بۇ داغنى   ۋاقتىدا يۇيۇپ چىقىرىۋەتمىسەم    ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى قاردىتىۋىتەرمۇ دەپ ۋايىم يەيتتىم. 

ئىشقىلىپ مەن ئاپامغا ئوخشاش رۇستەمگە ئوخشاش ھېچنېمىگە تارتىشماي ئاسانلا  ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرالمىدىم.

بۇنىڭدىن كېيىن   داۋاملىق ھايات ياشىشىمنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئاپام بىلەن رۇستەم بىر قېتىم ئۆلسە، مەن كۈندە بىر قېتىم ئۆلىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپمۇ  يەنىلا ياشاش قارارىغا كەلدىم. 

چۈنكى ھەر قانداق بىر خاتالىقنىڭ ھامان بىر بەدىلى بولاتتى.   چوقۇم بىرسىمىز شۇ بەدەلنى تۆلىشىمىز كېرەك ئىدى.   ئاپام بىلەن رۇستەم بەرداشلىق بېرەلمەي كېتىپ قالدى.   ئەمدى مەنمۇ كەتسەم تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلنىڭ يەنە ئىنىم بىلەن سىڭلىمغا يۈكلىنىپ قېلىشىنى خالىمايتتىم.   بولدى كۈندە بىر قېتىم ئۆلسەممۇ مىڭ قېتىم ئۆلسەممۇ، ئەمدى بۇ دەرتنى يالغۇز مەنلا تارتىپ ئۆتۈپ كېتەي دېگەن نىيەتكە كەلگەن ئىدىم.

شۇنداق، قىلىپ مەن ئىنىم بىلەن سىڭلىمنى داۋاملىق ياشاشتىكى بىردىنبىر سەۋەبىم قىلىپ ياشاشقا باشلىدىم. 

ئۇلارنى ئوقۇتتۇم خىزمەتكىمۇ چىقتى ئاىلىمۇ قۇرۇۋالدى. 

مەن ئەنسىرىگەندەك ئۇلارمۇ مەندىن ئەنسىرەيدۇ. 

بىزغۇ كېيىن ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز دەيمىز، لېكىن شۇنداقتىمۇ مۇشۇنچىلىك ۋاقتىدا سېنىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئۆيۈڭ ئۆزۈڭنىڭ بالىلىرىڭ بولسا بولاتتى دەپ    مېنى تۇرمۇش قۇرۇشقا زورلىشىدۇ. 

ئۇلار بىلمەيدۇ ـ دە قەلبىمدىكى يارىنى،  كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغقۇسىز شۇنچە ئىشلارنى جىم جىملا ئىچىمگە سىغدۇرۇۋەتكىنىمنى   ئەمدى باشقىسىنى سىغدۇرۇشقا ئامالىم يوقلىقىنى، ئۇلارغا بولسىمۇ ھاياتنىڭ بۇ قەدەر قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن كۆپ تىرىشقىنىمنى ئۇلار بىلمەيدۇ … ئاپامنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىزلا شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغىنى ئۇلارغا تېخى بىر سىر.   سىڭلىمنىڭ ئىچى كۈچلۈك ئۇ مۇشۇ كەمگىچە تېخى ئاپام سېنىڭ بەخىتسىزلىكىڭگە چىدىيالماي، شۇڭا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دەپ  پات ـ پاتلا  مەندىن ئاغرىنىپمۇ قالىدۇ.

ئازابلىنىمەن.   بىراق، ئۇنىڭغا  ئاپامنىڭ ھەقىقىي ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېيتىشقا ئامالسىزمەن. 

چۈنكى ئاپامنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى يارقىن ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋەتكۈم كەلمەيدۇ. 

  مەيلى، يەنە چىداي.   بۇنىڭسىزمۇ نېمە كۈنلەرنى  كۆرمىگەن.  نېمە ئازابلارنى  تارتمىغانمەن دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي قىلىمەن. ھەي…   مانا بۇ مېنىڭ ئاچچىق كەچمىشىم…  باشتا دېگىنىمدەك خالىسىڭىز بۇلارنى يېزىپ چىقىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇڭ…  بىراق، سىزدىن   ئۆتىنىدىغىنىم   كىشى ئىسىملىرىنى ۋە مەزمۇنلارنى ئۆز ئەينى ئېلىشتىن ساقلانسىڭىز. 

چۈنكى بۇنى ئىنىم ياكى سىڭلىمنىڭ ئوقۇپ  ئەجەپ ـ ھە   دەپ قېلىشىدىن  ، يەنە بىر ئىشلارنى تۇيۇپ قېلىپ   ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى شۇلارغا بىلدۈرمەيمەن دەپ كۆرسەتكەن شۇنچە تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن.  سىزنىڭچە بۇ تەلەپلىرىم ئارتۇق كەتمىگەندۇ ـ ھە؟ ـ سورىدى ھاۋانىسا ھەدەم ماڭا ئۈمىدلىك قاراپ. 

ـ ياق…ياق ھەدە   ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمىدى.   مەن تىرىشىمەن. ماڭا ئىشىنىپ  بۇ ئىچ سىرلىرىڭىزنى ماڭا تاپشۇرغان ئىكەنسىز  مەن چوقۇم سىز دېگەندەك   يېزىپ چىقىشقا تىرىشىمەن.  خاتىرجەم بولۇڭ.  

يەنە… سىزگە بىر گەپنى دەۋالاي.سىز بەك قالتىسكەنسىز ھەدە.  بەكلا قالتىسكەنسىز.  مەن… شۇ تاپتا ئويلىغانلىرىمنى قانداق ئىپادىلەشنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن ئىشقىلىپ…ـ  يىغلىدىن گېپىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم. 

ھاۋانىسا ھەدەم قوللىرىمنى تۇتتى. 

ـ  بۇنداق دېمەڭ. مەن قانداقسىگە قالتىس بولاي مېنىڭمۇ ئەسلى ئاددىي ئەمما بەختلىك ياشىسام دەيدىغان شۇ بىرلا ئارزۇيۇم بار ئىدى. بىراق    ھايات ماڭا كەلگەندە پىخسىق كەلدىمۇ ياكى   ئاددىي ئەمما بەختلىك ياشاش دېگەن بۇ ئۇقۇم ئاڭلىماققا ئاددىيدەك قىلغىنى بىلەن   ۋەزنى بەك ئېغىرمۇ ئىشقىلىپ   مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئاشمىقى بەسى مۈشكۈل بولۇپ كەتتى.  .   قانداق قىلىمىز. باشقا كەلگەندە باتۇر دەپتىكەن. 

 مۇشۇنداقراق  ياشاپ تۇردۇم…ــ   ھاۋانىسا ھەدەمنىڭ يەنە كۆڭلى بۇزۇلغىنىنى كۆرۈپ  ئەمدى ئارتۇق سۆزلىمەسلىك قارارىغا كەلدىم. 

 ۋە خاتىرجەم بولۇشىنى، ئۇ ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بۇ ئىشلارنى چۇقۇم ئۇنىڭ دېگىنىدەك يېزىپ چىقىدىغىنىنى يەنە بىر قېتىم ئېيتقاندىن كېيىن   ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ بىر كۆزۈم كەينىمدە   ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ماڭدىم. 

 كاللام بولسا  گادىرىماچ خىياللار بىلەن لىق تولۇپ كەتكەن ئىدى…


【声明】内容源于网络
0
0
daxxat asar
katran,alwastibigim
内容 224
粉丝 0
daxxat asar katran,alwastibigim
总阅读38
粉丝0
内容224