كۈزۈمدە لىق ياش 7-قىسىم
ئاۋازلىق نۇسقىسى
7-قىسىم
♥يازما نۇسقىسى♥
6-قىسىم
دوختۇرنىڭ كېيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. ئېغىزىمنى كاماردەك ئاچقىنىمچە، بىردە ئۇنىڭغا، بىردە ئۇ ئالدىمغا ئىتتىرىپ قويغان تەكشۈرۈش ئىسپاتى دېگەن نەرسىگە قارىدىم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئىمىر چىمىر خەت، سان سىفىر ۋە بەلگىلەرنى مەن چۈشەنمەيتتىم.
ئىچىمدە بىر دەھشەت ھۆكۈم سۈرەتتى.
ـ بۇ…بۇ نېمە گەپ… سىز… سىلە ئەمدى مۇشۇ گەپنى توقۇپ چىقىپ…
ـ كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ. ئالدىڭىزدا تۇرغان قانۇنلۇق تەكشۈرۈش ئىسپاتى. ھەرقايسىڭلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئاىلەڭلاردا قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ. بىراق ئالدىڭىزدىكى ئىسپات ئېنىق تۇرۇپتۇ. ناۋادا ئىشەنمىسىڭىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بېرىپ ئۆزۈڭلار قايتا تەكشۈرتۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. بىلىمەن سىزگە ئېغىر كېلىشى مۇمكىن. بىراق سىزنىڭ يەنە داۋاملىق دوختۇرخانىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئوبرازىمىزغا داغ چۈشۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىۋېرىشىڭىزگە ئەمدى قاراپ تۇرالمايمىز…
ـ بۇ…بۇ…قانداقمۇ…
دوختۇرنىڭ قەتىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قايتا قارىيالمىدىم. خۇددى بۇ ئىشخانىنىڭ تۆت تېمى ئورنىدىن ئاجراپ مەن تەرەپكە كېلىۋاتقاندەك ھېلىلا مېنى قىستاپ مىجىۋېتىدىغاندەك بىر قورقۇنچ بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ ئالدىمغا قاراپ نىشانسىزلا دەلدۈگىنىپ مېڭىشقا باشلىدىم.
ـ قىزىم…
بىر چاغدا كەينىمدىن ئاپامنىڭ يىغا ئارىلاش تىترەڭگۈ ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە ئۇ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە مېنى يۆلىۋالدى. ھاسىراپ كېتىشلىرىدىن مېنى ئىزدەپ خېلى ئاۋارە بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.
ـ كېتەيلى ئاپا، ئۆيگە كېتەيلى، ئەمدى بۇ يەردە تۇرمايلى.ـ دېدىم مەن زەئىپ ئاۋازىمدا.
ئاپام نەچچە سىكۇنت جايىدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدى.
بىردەمدىن كېيىن ئۇ يەنە قەدىمىنى تېزلىتىپ ئۇنىڭدىن ئازراقلا ئۇزاپ كەتكەن ماڭا يېتىشىۋالدى ۋە ئۈن تىنسىزلا مېنى يۆلەپ مېڭىشقا باشلىدى.
كۆز ياشلىرى بولسا يەنە يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ لاغىلداپ تىترەۋاتقاندەكمۇ مەندىن بەتتەر ھالدا ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكمۇ قىلاتتى.
ئۆيگە كىرىپلا دادامنىڭ چوڭايتىپ رامكىغا ئېلىنىپ ئۇدۇلدىكى تامغا ئېسىپ قويۇلغان رەڭسىز سۈرىتىگە قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.
يولدا كەلگۈچە ھەر قىسىما خىياللار كاللامنى قوچۇۋەتكەن ئىدى.
دوختۇرنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكنى تولىمۇ خالايتتىم. بىراق ئىچىمدە قانداقتۇر بىر خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىككە ھېچقانداق ئاساسىم يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى ۋە ھەر بىر ئىنچىكە گۇمانلىق نۇقتىلارنى ئەس خىيالىمغا بىرـ بىرلەپ تىزىپ چىقىۋاتاتتى.
« دوختۇرنىڭ ئۇ نېمە دېگىنى؟ بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار دېگەن گەپ… ئۇنداقتا ئەرـ ئايال ئىككىمىز قېرىنداش دېگەن گەپمۇ؟…» ھەر قېتىم مۇشۇ ئاڭ كاللامغا كەلگەندە ئېچىنىش بىلەن كاللامنى كۈچەپ سىلكيىتتىم ۋە كاللامدىن چىققان چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق يۈرىكىمگە قادىلاتتى.
« قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ… بۇ مۇمكىنمۇ؟ دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟… ياق، بۇ راست ئەمەس. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى راست ئەمەس… لېكىن ناۋادا راست بولسىچۇ؟! ئۇنداقتا قانداقسىگە بۇنداق ئىشلار يۈز بەردى؟ ئىلگىرى تونۇشمايدىغان كېيىن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان ئەرـ ئايال ئىككىمىز بۈگۈنگە كەلگەندە قانداقسىگە قېرىنداش بولۇپ قالغۇدەكمىز؟ ياق… بىز ئىلگىرى تونۇشمايدىغان قېرىنداش تۇرۇپ كېيىن قانداقسىگە ئەر ئايال بولۇپ قالىمىز.ئاھ… قانداقسىگە تېخى بالىلىقمۇ بولىمىز؟… بۇ…بۇ… نېمە نومۇس؟ نېمە شەرمەندىچىلىك؟… بۇ…»
ئېتىلىپ بارغىنىمچە دادامنىڭ تامدىكى سۈرىتىنى ئېلىپ يەرگە كۈچەپ ئاتتىم ۋە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپلا چېقىلغان سۈرەت ئۈستىگە كۈچۈمنىڭ بارىچە ئۇرۇپ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدىم.
ئەينەك پارچىسى تىلىۋەتكەن مۇشتۇملىرىمدىن قان سىرغىۋاتاتتى.
ئاپاممۇ ماڭا ئۆزىنى تاشلاپلا مېنى چېقىلغان سۈرەتتىن يىراقلاشتۇرغاچ ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
ـ بۇنداق قىماڭ…بۇنداق قىمماڭ قىزىم…بۇنداق قىمماڭ…
نېمىشقا بۇنداق قىلغىنىمنى شۇ تاپتا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىمنى ئاپامغا دېيەلمەيتتىم.چۈنكى شۇ تاپتا ئىچىمگە پاتماي قېلىۋاتقان شۇ گەپلەرنىڭ ئاپامنىڭ كونا يارىسىنى تاتىلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
مېنىڭ شۇ چاغدا نېمىلەرنى ئويلىغىنىمنى ۋە نېمىشقا دادامنىڭ سۈرىتىنى يەرگە ئېتىپ چېقىپ مۇشلاپ ئۇرۇپ كەتكىنىمنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن. ـ دېدى ھاۋانىسا ھەدەم بىردىنلا گەپتىن توختاپ ماڭا قاراپ.
مەن ھېچنېمە دېيەلمىدىم، چۈنكى شۇ تاپتا ھاۋانىسا ھەدەمگە قارىغىنىمچە ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپلا قالغانىدىم.
ـ شۇنداق… مەن ئەسلى دادامدىن گۇمانلىنىپتىكەنمەن. ـ دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ھاۋانىسا ھەدەم.
ـ دوختۇرنىڭ گەپلىرىنىڭ زادى راست ياكى يالغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئارىلىقىدا گاڭگىراپ قالغان ئىدىم. ناۋادا يالغان بولسا دەپ ئويلاپ باقاتتىم ئارقىدىنلا يەنە ناۋادا راست بولسىچۇ دەپمۇ ئويلاپ باقاتتىم. ئۇنداقتا دادام… بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى دادام ئىكەن دەپ چىقارغان ئىدىم شۇ گەپنىڭ راست بولۇشىنىڭ خۇلاسىسىنى. شۇ چاغدا ئېسىمدىن كەچكىنىمۇ شۇ بىرلا ئېھتىماللىق ئىدى. ناۋادا دوختۇرنىڭ دېگەنلىرى راست بولسا، بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق شەرمەندە ھالەتكە كېلىپ قېلىشىنىڭ چۇقۇم بىر سەۋەبچىسى بولاتتى ئەلۋەتتە . ۋە مەن شۇ سەۋەبچىنى دەل دادام دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ئەينى چاغدا دادامنىڭ ئاپامنى قاقشىتىپ تالاغا قاراپ يۈرگەنلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ باراتتى. « دادامنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئۇ ئايال قېيىن ئاپام ئوخشىمامدۇ ئۇنداقتا.» دېگەن دەھشەتلىك بىر خىيال كاللامدا چاقماق چاققاندەك قايتا ـ قايتا ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
ـ شۇنداق… ئۇ دادامنىڭ بالىسىكەن. ئۇ دادام تالاغا قارىغان ۋاقىتتا سىرتتىن تاپقان بالىسىكەن. ھا…ھا…ھا… ئۇ… ئۇ مېنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئاكامكەن… مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟…دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ نومۇسلۇق ئىش بولامدۇ؟ھا…ھا…ھا…ھۈ…ھۈ…ھۈ… مەن نېمىشقا دادامنىڭ تالادىن تاپقان بالىسى بىلەن ئەر خوتۇن بولۇپ قالىمەن؟…ــــ ئېلىشىپ قالايلا دېگەن ئىكەنمەن. قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ خىيال ياكى ئېغىزىمدىن چىقىۋاتقان ئەمەلىي گەپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەپتىكەنمەن شۇ چاغدا. ئاپامغا بىلدۈرمەيمەن، كونا يارىسىنى تاتىلىمايمەن دەپ تۇرۇپ بىلىپ بىلمەيلا خىيالىمدا ئۆزـ ئۆزۈمگە سۆزلىگەندەك دېگەن شۇ گەپلەر ئېغىزىمدىن چىقىپ كېتىپتۇ.
بىر چاغدا ئاپامنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھۆركىرەپ يىغلىشىدىن ئېسىمگە كېلىپ ئاپامغا قارىدىم.
ئاپام ئۆز ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىكمۇ قاتتىق ئۇرۇۋاتقان ئىدىكى ھەتتا جاۋغىيىدىن قان سىرغىپ چىققان بولسىمۇ ئۆزىنى ئۇرۇشتىن توختىمايۋاتاتتى.
ـ ئاپا… ئاپا نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ ئاپا… جېنىم ئاپا بۇنداق قىماڭ…ـ مەن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ دەردىنى قويۇپ ئاپامغا تاشلىنىپ ئۇنىڭ ئۆزىنى كاچاتلاۋاتقان قوللىرىدىن چىڭ قۇچاقلاپ تۇرىۋالدىم.
ـ دادىڭىز ئەمەس…مەن… ھۈ…ھۈ…ھۈ… بۇ شەرمەندىچىلىكنىڭ سەۋەبچىسى مەن جېنىم قىزىم. مەن ئادەم ئەمەس… مەن شەرمەندە… مەن بۇزۇق…ھۈ…ھۈ…ھۈ… ئۆز ئۆزۈمنى ئۆلگىچە ئۇرساممۇ ماڭا ئاز… بەش ئاتقا باغلاپ سۆرىتىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتسە بولىدىغان خوتۇن مەن…ھۈ…ھۈ…ھۈ…
ئاپامنى قۇچاقلاپ تۇرغان قوللىرىم ئاستا ـ ئاستا پەسكە سىيرىلىپ چۈشتى.
ـ نېمە دەۋاتىسىز ئاپا؟…ـ دېيەلىدىم ئارانلا.
ـ مەن… مەن تويۇڭلارغا شۇڭا قوشۇلمىغان.ــ ھېقىقدىغىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى ئاپام.ــ بىراق مەن ئۇ چاغدا ئىككىڭلارنىڭ ئاكا سىڭىل چىقىپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن. مەن…مەن پەقەت… ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بىر…بىر قېتىملىق سەپەردە…شۇنداق…شۇنداق نۇمۇسلۇق ئىش قىلىپ… دادىڭىزغا بىر قېتىم خىيانەت قىلغىنىم ئۈچۈن…شۇڭا… كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ ئادەمنىڭ ئوغلىنىڭ سىزگە ئەلچى قويۇشىنى سىزنى ئالىمەن دەپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. قاچقاننى قوغلىغان دېگەن مۇشۇ ـ دە! مەن شۇ بىر قېتىملىق خىيانىتىمدىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان. ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە شۇنچىلىك تىرىشىپ ياشىغان. لىكىن…لىكىن تەقدىر مېنى بوش قويۇۋەتمىدى. شۇ خىجىلچىلىقنى نەچچە يىللاردىن كېيىن ئالدىمغا يەنە بىر قېتىم توغرا تۇرغۇزدى. مەن شۇڭا تويۇڭلارغا قوشۇلمىغان جېنىم قىزىم. بەلكىم… بەلكىم شۇچاغدا ئۇنىڭ دادىسى ھايات بولغان بولسىمۇ بۇ تويغا قوشۇلمىغان ئوغلىنى بىر ئامال قىلىپ گەپكە كىرگۈزۈپ، بۇ توي ئىشىدىن يالتايغۇزغان بولار ئىدى. بىراق ئۇنىڭ دادىسى شۇ چاغدا تۈگەپ كېتىپ بوپتىكەن. ئۇ ئاپىسىنى قايىل قىلىپ سىزنى ئالىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ. مەن قارشى تۇردۇم. سەۋەبى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز، ئۇ كۆز ئالدىمدا دائىم پەيدا بولۇپ تۇراتتى. بۇنداق بولغاندا مېنىڭ ئۇنىڭ دادىسى بىلەن قىلىپ سالغان شۇ بىر قېتىملىق نومۇسلۇق ئىشىم دادىڭىزغا قىلغان خىيانىتىم ئۇنتۇلۇش تۈگۈل، شۇ نومۇسلۇق كەچمىش تېخىمۇ ئېنىق تېخىمۇ نومۇسلۇق سېزىمدە …
بۇنداق بولغاندا مېنىڭ ئۇنىڭ دادىسى بىلەن قىلىپ سالغان شۇ بىر قېتىملىق نومۇسلۇق ئىشىم، دادىڭىزغا قىلغان شۇ بىر قېتىملىق خىيانىتىم ئۇنتۇلۇش تۈگۈل تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ نومۇسلۇق سېزىمدە ھەر قاچان يۈرىكىمگە ئۆتكۈر پىچاقتەك قادىلىپ مېنى توختىماي بىئارام قىلىپ تۇراتتى.
بىراق… بىراق مېنىڭ سىلەرنىڭ تويۇڭلارنى توسۇش ئۈچۈن شۇنچە ئۇرۇنۇشلىرىم پۈتۈنلەي بىكار كەتتى. دادىڭىز بىر ئوبدان بالا تۇرسا قىزىڭنى نېمە دەپ بەرمەيتتىڭ دەپ مېنى بېسىم ئاستىغا ئالدى. شۇ چاغدا بولدى ھەممىنى دەۋېتەي. ھەممىنى دەۋېتىپ ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ، مېنى تىنىمسىز قىيناۋاتقان مۇشۇ ۋىجدان ئازابىدىن بىر قۇتۇلاي دەپمۇ ئويلاپ باققان ئىدىم.
بىراق، بۇنىڭغىچە سىز رۇستەمجان بىلەن قېچىپ كەتتىڭىز. ھۈ…ھۈ…ھۈ… قايتىپ كەلگىنىڭلاردىن كېيىن تويۇڭلارنى قىلىپ قويماي باشقا ئامال يوق ئىدى. مەنمۇ ئۇ چاغدا تەقدىرگە تەن بەردىم دەپتىمەن. بۇمۇ تەقدىرنىڭ ماڭا بەرگەن ئېغىر بىر جازاسى ئوخشايدۇ. مېنى تېخىمۇ قىينالسۇن. ۋىجدان ئازابىدا تېخىمۇ ئۆرتەنسۇن دەپ ئىككى بالىنى مۇشۇنداق تېپىشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بىراق شۇ چاغدىمۇ سىلەرنىڭ ئاكا سىڭىل ئىكەنلىكىڭلار خىيالىمغا كىرىپ چىقمىغان جېنىم قىزىم، چۈنكى… چۈنكى سىز تۇغۇلغاندىن كېيىن قان تەكشۈرۈش ئىسپاتىدا قان تىپىڭىز دادىڭىزنىڭكىگە ئوپمۇ ئوخشاش چىققان. دادىڭىز O قان تىپلىق سىزمۇ O قان تىپلىق. شۇڭا مەن گەرچە سىز تۇغۇلغىچە گۇمان قىلغان بولساممۇ، بىراق سىز تۇغۇلغاندىن كېيىن سىزنى دادىڭىزنىڭ قىزى ئەمەس دەپ قەتئيلا گۇمان قىلىپ باقمىغان جېنىم قىزىم…ھۈ…ھۈ…ھۈ…
ئاپامنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئۇنىڭ قان تىپىنىڭمۇ O ئىكەنلىكىنى ۋە بىر چاغدا ئۇنىڭ دادامنىڭ قان تىپىمۇ Oئىدى دېگەن گېپىنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە ئاپامغا قاراپ ئېچىنىشلىق چىقىرىۋەتتىم.
ـ ئااااااااا! بۇ قانداق گەپ؟ زادى نېمە ئىشلار بۇ؟!!!
ـ ئۇ چاغدا مەن ئىشلەيمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە بىر يىل بولاي دەپ قالغان دادىڭىزنى ئىزدەپ A شەھەرگە بارغان ئىدىم. مېنىڭ سىزدىن ئىلگىرى بىر بالام بويۇمدىن ئاجراپ كەتكەن. دادىڭىز سىرتقا چىقىپ ئىشلەيمەن دەپ ئۆيدىن ماڭغان شۇ ۋاقىتتا قورسىقىمدىكى شۇ بالام ئىككى ئايلىق بولغان ئىدى. دادىڭىز شۇ چاغدىمۇ شۇنچە توسۇشلىرىمغا ئۆزۈم يالغۇز ئۆينىڭ ئېتىز ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا يېتىشىپ بولالمايمەن چىقماڭ دەپ شۇنچە يالۋۇرۇشلىرىمغا ئۇنىماي ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. دادىڭىز ئۆيدىن ئايرىلىپ بىر ئايدىن كېيىن يەنى قورسىقىم ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئويلىمىغان يەردىن بويۇمدىن ئاجراپ كەتتى. مەن بىر يېتىم قىز، ئاغرىپ سىلاپ قالساممۇ ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان دېگەن راست گەپ ئىكەن. شۇ چاغدا بويۇمدىن ئاجراپ مەنمۇ ئۆلمىگەن ئىدىم ئەمما ئۇنىڭ بىرسى بولغان ئىدىم. نەچچە ئاي قىينىلىپ سۆرۈلۈپ يۈرۈپ ئاخىرى ئەسلىمگە كېلىۋالغانمۇ بولدۇم. كۈنلىرىم ئەنە كېلەر مانا كېلەر دەپ دادىڭىزنىڭ يولىغا قاراش بىلەنلا ئۆتەتتى. نەچچە ئاي كېسەل دەردى تارتىپ يېتىپ قالغاچقا قولۇم قىسقا ئۆيدە يا يەيدىغاننىڭ يا كىيىدىغاننىڭ تايىنى يوق قىينىلاتتىم.
كۈنلىرىم دادىڭىز قايتىپ كەلسىلا ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئۆزۈمنى بەزلەش بىلەنلا ئۆتەتتى.
شۇنداق قىلىپ دادىڭىز ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى بىر يىل بولاي دېگەندە تۇيۇقسىزلا ئۇ توغرۇلۇق بىر يامان خەۋەر قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
ئۇ بولسىمۇ مەھەللىدە ئۇنى ئىشلەيمەن دەپ يۈرۈپ يامان ئادەملەرگە ئارىلىشىپ قاپتىكەن تۇتۇپ تۇرۇشقا ئەكىرىپ كېتىپتۇ كېپىل بولۇپ ئېلىپ چىقىۋالغىلى ئادەم يوق شۇ يەردە ياتارمىش دېگەن گەپلەر پەيدا بولۇپ قالدى.
بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تۇرالمايلا قالدىم.
ۋە يىغلاپ مەھەللە چوڭىنىڭ ئالدىغا بېرىۋېدىم ئۇ ئازراق پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان بولدى.
ئەتىسىلا ئۇياق بەرگەن پۇل بىلەن دادىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.
قىينىلىپ تەمتىرەپ يۈرۈپ ئۈچ كۈندە بېرىپ بوپتىمەن مەھەللىدىكىلەردىن ئاڭلىغان دادىڭىزنى ھازىر تۇرىۋاتىدۇ دېگەن يەرگە.
بۇ ئۈچ كۈننى قانچىلىك قىيىنچىلىقتا ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيسىز.
ئۆيدىمىغۇ ئەھۋالىم شۇنىڭدىن پەرقسىز ئىدى. بىراق ھەر ھالدا ياتىدىغانغا سوغۇق بولسىمۇ ئۆيۈم قاتتىق بولسىمۇ تۆشۈكۈم بار ئىدى، بىراق بۇ سەپەر جەريانىدا مەن ئۇخلىماي ھەتتا كىچىككىنە قىيسىيىپ بېشىمنى بىرەر يەرگە قويماي ئۆرە ئولتۇرۇپ، كۈندە پەقەت بىر بۇردا ناننىلا يېمىكىم قىلىپ دېگۈدەك باردىم شۇ يەرگە.
بېرىپ ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ دادىڭىز تۇرغان جاينىمۇ تاپتىم.
بىراق بۇ يەردىكى ئەھۋال مەھەللىدە ئاڭلىغىنىمغا ئوخشىماسلا ئىدى.
بۇ يەردە بىزنىڭ مەھەللىدىن دادىڭىزدىن كېيىنرەك ئىشلىگىلى چىققان بىر نەچچەيلەننى ئۇچراتتىم.
ئەمما ئۇلارنىڭ دېيىشىچە دادىڭىز ھېچقاچان يامان ئادەملەرگە ئارىلىشىپ قالمىغان تۇتۇپ تۇرۇشقىمۇ كىرىپ قالمىغان ئىكەن.
بۇنىڭدىن سەل كۆڭلۈم توختاپ ھەر نېمە بولسا دەپ تۇرسام ئۇلار ئويلىمىغانلا بىر گەپلەرنى قىلدى.
ئۇلارنىڭ دېيىشىچە دادىڭىز ئۇ يەردە ئۆي تۇتىۋاپتىمىش. ئۇلار ھەتتا قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك مېنى دادىڭىز ئۇ يەردە تۇتۇۋالغان ئۆيگىمۇ باشلاپ باردى.
قارىسام ئۇ ئۆيدىن قورسىقى ئوبدانلا تومپىيىپ قالغان ئاق سۈزۈك بوتىلاققىنە بىر چوكان چىقىۋاتىدۇ.
مېنى باشلاپ بارغانلارمۇ شۇنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۆزلىرىچە مەن تەرەپتە تۇرۇپ سۆزلەپ چۈشۈشتى.
دادىڭىزنىڭ گېپىنى قىلىشتى ئۇلار، بۇياق ئايالى بولىدۇ، سىز ياخشى ىش قىلمىدىڭىز. ئۇلار يۇرتتىكى ۋاقىتتا ئامراق ئەر خوتۇنلار ئىدى، بۇ يەرگە كېلىشىگىلا سىز بېشىنى قايدۇرۇپ، ئۇ ئاداش يۇرتقىمۇ قايتقىلى ئۇنىماي مانا ھازىر ئايالى ئىزدەپ كەپتۇ. ــ دەپ كېتىشتى بىرسى توختىسا بىرسى سۆزلەپ.
بىراق ئۇ ئايالغا بۇلارنىڭ گەپلىرى تەسىر قىلىدىغاندەك قىلمايتتى.
مەن بولسام قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىپ يېغىدىن گەپ قىلالمايلا تۇراتتىم.
ــ ئۆيۈمگە باغلاپ ئەكىرىۋالمىدىم ئېرىنى، جايلاپ ئەر قىلالماي ئەمدى بولغاندا بۇ يەرگە كېلىپ ماڭا يىغلاپ مىشىلداپ بېرەمدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە كۈن بولدى قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى ئاقتىمۇ كۆكتىمۇ يوق ئۇ. شۇڭا ئىشىكىم ئالدىغا تىلەمچىدەك كېلىۋالماي باشقا يەردىن ئىزدەڭلار ئۇنى، مەنمۇ ئۇنچە خۇشتارمۇ ئەمەس ئۇنىڭغا. كەلسە كەلگەنگە ھېساب كەتسە نېمە كارىم! ۋۇيت خېنىم! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇچۇ تۈۋىدىن كېسىۋالمىدىم سۆڭىكى سۆڭەك ئېتى ئەت جايىدا. ئوھۇشتە نېمە جېنىمنى چىقىرىدۇ بۇ يەردە كۆزىنىڭ يۇندىسىنى ئېقىپ… ـ دەپلا چۈشتى ئۇ ئايال.
بۇنىڭدىن ئارتۇق ھاقارەت بولماس ئادەمگە. جالاپتا يۈز يوق دەپ بەك توغرا ئېيتىپتىكەن. خاتا ئىشنى بۇزۇقچىلىقنى ئۇ قىلغان تۇرۇپ گەپلىرىدىن مەن نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. بەكلا يۇۋاش ئىكەنمەن شۇ يەرگىچە بارغان ئادەم ئۇ ئايالغا ئىككى ئېغىز قاتتىق گەپ قىلىپ دەردىمنى ئالالماي يەنە يىغلىغىنىمچە ئارقامغا قايتتىم. شۇ ماڭغىنىمچە ئۇدۇللا ئاپتوبۇس بېكىتىگە باردىم. خىيالىمدا قايتىپ كەتمەكچى ئىدىم.
« بۇ يەردىن كېتەي. مېھرى ئىسسىق ئاشۇ مەھەللەمگە كېتەي. بۇ نومۇسسىز، باغرى تاش يىلان چايانلارنىڭ ئۇۋىسىدىن تېزراق كېتەي.» كاللامدا شۇلا بار ئىدى.
شۇنداق يىغلاپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا قورسىقىمنىڭ قاتتىق ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ چاغدا بېكەت ئالدىغىمۇ كېلىپ قالغان ئىدىم.
بېكەت ئالدىدىكى ئاشخانىلارغا قارىدىم، ئۇ يەردىن مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى ئۇرۇلۇپ ئىشتىھانى قوزغايتتى.
يۇرتتىن ئېلىپ كەلگەن ئۆتنە ئالغان شۇ پۇلنى يول بويى دادىڭىزنى دەپلا يېمەي ئىچمەي تېجەپ كەلگەن ئىدىم. بىراق ئۇ يەرگە بېرىپ ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىم شۇ بولدى. يەنە تېجەپ نېمە قىلىمەن. ماڭىمۇ ئۇۋال ئەمەسمۇ؟
ئاۋۋال ئىسسىققىنە بىر تاماق يەۋالاي. ئاندىن ئۇنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن لازىم بولۇپ قالسا دەپ ئېلىپ كەلگەن بۇ پۇلدىن ئاشقىنىنى بېرىپلا ئىگىسىگە قايتۇرىۋەتسەم خەجلەپ كەتكەنلىرىمنى ئىشلەپ تېپىپ قايتۇرۇپ بېرەرمەن. دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ۋە بوغچامنى قول يۇيۇش ئورنىنىڭ يان تەرىپىگە قويۇپ قولۇمنى يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدىم.
ياشتىن ئېچىشىپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىمگە سوغۇق سۇ خۇيمۇ خۇش كەلدى.
شۇ ھالدا يۈزۈمنى ئۇزاقراق يۇيۇپ قالغان ئوخشايمەن. بىر چاغدا يېنىمغا قارىسام بوغچام يوق.
ۋاي ئىسىت دەپ ئۇيان بۇيان يۈگۈرۈپلا قالدىم.
ئەتراپ جىمجىت ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان ئانچە ـ مۇنچە ئادەملەرنىڭ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويۇشقىنىدىن باشقا ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش.
شۇنداق قىلىپ بوغچام ۋە بوغچىدىكى ئۆتنە ئېلىپ كەلگەن شۇ پۇللارنىڭمۇ ھەممىسى يوق بولغان ئىدى.
شۇ پەيتتە ھەممىدىن رايىم ياندى. بۇنداق قىينىغۇچە جېنىمنىلا ئالساڭ بولماسمىدى دەپ تەقدىردىن زارلانغىنىمچە بىر بۇلۇڭغا كىرىپ ئولتۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدىم.
بىر چاغدا بىرسىنىڭ يېنىمغا كېلىپ يەڭگىل گېلىنى قېرىشى بىلەن ئىسىمنى تېپىپ بېشىمنى كۆتۈردۈم، ئۇ…ئۇ شۇ… رۇستەمجاننىڭ دادىسى ئىدى.
ئۇ نېمىشقا يىغلاپ ئولتۇرىدىغىنىمنى سورىدى.
بولغان ئىشلارنى ئېيتتىم.
ـ بىز بىر يۇرتتىن ئىكەنمىزغۇ؟ ـ دېدى ئۇ توساتتىنلا.
ۋە ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ يۇرتىنىڭ ئىسمىنى ئېيتتى.
دەرۋەقە بىز يۇرتداش ئىكەنمىز.
ئۇ قوشنا يېزىدىن بولۇپ مېنىڭ گەپ سۆزلىرىمگە قاراپلا بىر يۇرتتىن ئىكەنلىكىمىزنى بىلىۋالغان ئىكەن.
ـ تۇرۇڭ. بۇ يەردە يىغلاپ ئولتۇرىۋەرمەڭ. مانا سىزنى بۇ ھالدا قويغان تەقدىر مېنى ئۇچراشتۇرۇپتۇ. ئىشىك ئېتىلسە تۈڭلۈك ئوچۇق دېگەن شۇ. يۇرتقا بىللە كېتەيلى. مەنمۇ تىجارەت ئىشى بىلەن چىققان شۇ تاپتا يۇرتقا قايتىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن.ـ دېدى ئۇ.
مەنمۇ كۆپ ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم، چۈنكى بۇ ياقا يۇرتتا بىر تېيىنسىز قانداق قىلىش ۋەھىمىسى مېنىڭ ئارتۇق ئويلانغۇدەك ئەقلىمنىمۇ قويمىغان ئىدى.
ھېچ بولمىسا يۇرتقا تىنچ ئامان قايتىۋالسام ئۇنىڭ ماڭا تۆلەپ بەرگەن كىرا پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرەرمەن دەپلا ئويلىغان ئىدىم.
شۇنداق قىلىپ ئۇ راستىنلا بېكەتكە كىرىپ ئىككى كىشىلىك بېلەت ئالدى.
ئاپتوبۇس ماڭىدىغانغا بىر ئاز ۋاقىت بار ئىكەن ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ئاشخانىغا ئەكىردى بىللە تاماق يېدۇق.
كېيىن بىر ئاپتوبۇستا يانداش ئورۇندا ئولتۇرۇپ يۇرتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.
باشتا ئۇنىڭدىن سەل ئېھتىيات قىلغانمۇ بولدۇم.
بۇ يەرگە نېمە سەۋەبتىن چىققىنىمنى ئۇنىڭدىن يوشۇردۇم.
بىراق يول بويى مېنى تۇرۇپ تۇرۇپلا يىغا تۇتۇپ قالغان بۇ كۈنلىرىمگە تولا يىغلاپ سېلىۋاتاتتىم.
بۇنىڭدىن ئەجەبلەندىمۇ ئۇ كوچىلاپ سوراپ تۇرىۋالدى.
ئاخىرى دادىڭىزنىڭ ماڭا قىلغان ئەتكەنلىرىنى دەپ تاشلاپتىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان مۇئامىلىسى تېخىمۇ باشقىچە بولۇپ كەتتى.
كۆڭلۈمنى بەك ئىزدەپ، توختىماي ياخشى گەپلەرنى قىلىپ تەسەللىي بېرىپ، يول بويى سېتىۋالغان نەرسىلىرىدىن يەڭ ئىچىڭ دەپ تولا زورلاپ …
يول بويى كۆڭلۈمنى بەك ئىزدەپ، توختىماي ياخشى گەپلەرنى قىلىپ تەسەللىي بېرىپ، سېتىۋالغان نەرسىلىرىدىن يەڭ ئىچىڭ دەپ تولا زورلاپ يۈرۈپ… سەپەر يېرىمدىن ئاشقاندا بىلىپ بىلمەيلا مەنمۇ ئۇنىڭغا ئېچەكىشىپلا قاپتىمەن.
شۇنىڭدىن كېيىنكى سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنۈشلىرى سەل چېكىدىن ئېشىپ كەتكىلى تۇردى. باشتا مەنمۇ بۇنىڭدىن بىر ئاز سەگىگەندەك بولۇپ ئۇنى سىلىق رەت قىلدىم ۋە ئۆزۈمنى تارتتىم.
بىراق، يۇرتقا كېلەي دېگەندە مەن…مەندىكى دادىڭىزغا بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى.
كۆڭلۈمدە« ماڭىمۇ باشقىلارنىڭ ئىچى كۆيىدۇ. يۇرتتىمۇ مېنى ئېرى ئۆيدە يوق دەپ قانات سۆرەپ باقىدىغانلار، ئېتىزغا چىققانلاردا قايتقانلىرىمدا ئالدىمنى توسىدىغانلار، ئېغىر يېنىك ئىشلىرىمنى قىلىشىپ بېرەي دەپ كايىپ كېتىدىغانلار، كېچىلىرى ئۆگزەمگە چالما تاشلاپ ھارمايدىغانلار بار ئىدى. لېكىن مەن ھېچقايسىسىغا ئۆزۈمنى بۇزۇپ باقمىدىم. سەۋەبى ئۇنىڭغا بولغان ئەقىدەم ئىدى. بىراق ئۇچۇ مېنىڭ شۇ ئەقىدەمگە ئاياغ قويۇپ مېنى مۇشۇ خارلىق كوچىسىغا تاشلىمىدىمۇ؟. مېنىڭ ئاشۇ خوتۇندىن نەرىم كەم. شۇ تاپتا يېنىمدىكى مۇشۇ ئادەممۇ ماڭا كۆڭلىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغىنىمنى خالىسام ئەتىۋارلاپ بېشىدا كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بىراق ئۇچۇ مېنى تاشلاپ قويۇپ نەدىكى بىر خوتۇنلار بىلەن… شۇنداق تۇرسا مەن يەنە نېمىشقا ئاشۇ ئەتىۋارى بولمىغان ئەقىدەمنى دەپ ئۆزۈمنى خار قىلغۇدەكمەن؟!

