大数跨境

كۈزۈمدە لىق ياش 2-قىسىم (ئاۋازلىق خەتلىك )

كۈزۈمدە لىق ياش 2-قىسىم (ئاۋازلىق خەتلىك ) daxxat asar
2026-03-19
4


كۈزۈمدە لىق ياش 2-قىسىم 

4-قىسىم
3-قىسىم

ئاۋازلىق نۇسقىسى

2-قىسىم 



يازما نۇسقىسى

كېيىن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. ھوشۇمغا كەلگىنىمدە بېشىمدا  يۇم ـ يۇم  يىغلاپ تۇرغان ئاپام بىلەن،  ماڭا ئىچ ئاغرىتىش ئىلاجسىزلىق ۋە بى قوۋۇللۇق نەزىرىدە قاراپ تۇرغان يولدىشىم ماڭا ئەھۋالنى چۈشەندۈردى. 

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەن تۇغۇت ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئىزچىل تۇغۇت ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئايرىلماپتۇ.  شۇڭا  دوختۇرلارنىڭ  قانداقتۇر بالىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەسكەن.    شۇنىڭدىن مەلۇمكى، مەن دوختۇرلارنى خاتا  ۋە تولىمۇ  يولسىزلارچە ئەيىبلەپتىمەن. 

كېيىن ئاپام ۋە يولدىشىم يەنە ماڭا ئايرىم ئايرىم ھالدا بۇنىڭ ئاىلىمىزگە كەلگەن چوڭ بىر كېلىشمەسلىك ئىكەنلىكى، مېنىڭ تەقدىرگە تەن بېرىشىم كېرەكلىكى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تۇغسام  بولىدىغانلىقى يەنە كېلىپ بۇدا تۇغقان بالامنىڭ باشقىلارنىڭ بالىسىغا ئوخشاشلا ساغلام بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ خىزمەت ئىشلىدى. 

بۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئاستا ئاستا ئىسىمنى تېپىشقا باشلىدىم بۇنىڭدىن باشقىمۇ  نېمە ئامالىم بولسۇن؟ 

شۇنىڭدىن ئاز كەم بىر يىلدىن كېيىن دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ئەر ئايال ئىككىمىزنى تۇيۇقسىزلا چاقىرتىپ قېلىشى بىزنىڭ سەل ئىزىغا چۈشۈۋاتقان كۆڭلىمىزنى قايتىدىن داۋالغۇتىۋەتتى. 

بۇ مېنىڭ تۇنجى بالام  شۇنداق تۇغۇلۇپ قېلىپ،  بۇدا «ساق تۇغۇلىدىغان» بالامنىڭ تېزراق بويۇمدا قېلىشىغا تەقەززا بولۇپ،  تىت ـ تىتچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. 

دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن دوختۇرنىڭ بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولۇپ دېگەن گەپلىرى بولسا قۇلىقىمغا زادىلا ياقماي قويدى. 

ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەرـ ئايال ئىككىمىز يۇقىرى ئورۇنلارغا بېرىپ چوڭراق تەكشۈرتۈش قىلدۇرمىغۇچە ئىككىنچى بالىغا ھامىلدار بولسام بولمايدىكەن.   ناۋادا تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ   تەكشۈرۈتۈشتىن ئاۋۋال ھامىلدار بولۇپ قالساممۇ چۇقۇم مۇشۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتىشنى قوبۇل قوبۇل قىلىشىم،  ھەم شۇ چاغدىكى ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن دوختۇرنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىكەن. 

ئۇنىڭ:

ـ  بەلكىم بۇدا ھامىلدار بولسىڭىزمۇ يەنە كەمتۈك غەيرى بوۋاق تۇغۇشىڭىز مۇمكىن.  شۇڭا تاسقاپ تەكشۈرۈشتە شۇنداق ئەھۋال بايقىلىپلا قالسا بالىنى ئالدۇرۋېتىشىڭىز كېرەك. ـ  دېگەن ئاخىرقى گېپى بولسا جان جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى ۋە قاتتىق تېرىكىپ دوختۇرغا ئاچچىقلانغىنىمچە يولدىشىمنىڭ قولىنى تارتىپ دېگۈدەك دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتىم. ئىشىك ئالدىغا چىققۇچە تېخى  بويۇمدا قالمىغان بالامنى يوقىتىشنىڭ كويىغا كىرىپ بولغان بۇنداق دوختۇر دېگەن نەرسىنىڭ ئالدىغا  ئەمدى ئىككىنچى كېلىپ قالماسلىق قارارىغىمۇ كېلىپ ئۈلگۈردۈم. 

ئىچىمدە توختىماي«   بۇ زادى قانداق گەپ، دوختۇر دېگەن ئەسلى جاننى قۇتقۇزاتتىغۇ، لېكىن بۇلار نېمىشقا تېخى بويۇمدا قالمىغان بالامنى ئالدۇرۋېتىشنىڭ گېپىنى قىلىدۇ بۇرۇنلاردا ياغلىق قاپاق دەيدىغان بىر گەپ بولىدىغان بۇنىڭ مەنىسى بىر قېتىم ياغ ئالغان قاپاقنى ھەر قانچە چايقىغان بىلەنمۇ ياغلاش پېتى تۇرىۋېرىدۇ دېگەن گەپ ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇلار مېنى بىر قېتىم غەيرى بوۋاق تۇغدى دەپلا بۇنىڭدىن كېيىن   يەنە قورساق كۆتۈرۈشۈمگە، بالا تۇغۇشۇمغا يول قويمامدىكەن.    بۇلارمۇ ئادەممۇ ماڭا زادى نېمىشقا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىدۇ؟ » دېگەنلەرنى تەكرارلايتتىم. 

ئاپام بىلەن يولدىشىم دېگەندەك كەمتۈك بالا تۇغۇشۇم ئاىلىمىزگە كەلگەن بىر قېتىملىق كېلىشمەسلىك ئۇ ئىش  ئۆتۈپ كەتتى دەپ ئويلايتتىم ۋە ئەمدى بۇنداق ئىش بولمايدىغىنىغا قاتتىق ئىشىنەتتىم.   ئۇ چاغدا دوختۇرلارنىڭمۇ ماڭا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق دېگەنلىكىنى بەزىبىر ئىشلارنى بىلگەنلىكى ھەم شۇ ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن چوڭ تەكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى   نەدىنمۇ بىلەي.

 ئۆزۈمچە«  مەن چۇقۇم يەنە قايتا ھامىلدار بولىمەن ھەم   باشقىلارغا ئوخشاشلا ساغلام بىر بالا تۇغۇپ   ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويىمەن.  دېمىسىمۇ مېنىڭ باشقىلاردىن نەرىم كەم. ئۇلار  نېمىشقا    ئەمدى ساغلام بالا تۇغالمايسىز دېگەندەك بۇنداق   گەپلەرنى قىلىپ مېنى  كەمسىتىدۇ؟  خەپ توختاپ تۇرسۇن.  ئۇلارغا چوقۇم چوڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن. »  دىگەندەك   ئەخمىقانە خىياللارنى قىلىپ يۈرگەن گەپ. 

  بىراق كىممۇ ئويلىغان مېنىڭ ئاچچىقىم يامان بولغىنى ۋە بىلىمنى چىڭ باغلىغىنىم بىلەن قېرىشقاندەك دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇدا تۆت يىلغىچە مەندە بويۇمدا قالغانغا ئالاقىدار ھېچ بىر شەپە كۆرۈلمىدى. 

  بۇنىڭدىن ئازابلىنىپ ئىچىمدىن كېتىپ يۈرگىنىمنى ئاز دەپ قېيىن ئاپامنىڭ تاپا تەنىسى ۋە ئاھانىتىگە قالدىم. 

ئۇ ھە دېسىلا مېنى:

ـ  خېتىڭنى ئال! ئوغلۇمنىڭ ئۆمرىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ. ئەينى چاغدا بويۇمدا بار دەپ ئېغىزىمىزنى تاتلىق ئېتىپ، ئاخىرىدا بىر بالىنىمۇ جايلاپ تۇغالماي، بىزنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ بولۇپ  يەرگە تاشلىۋەتكەندەك  ئىش قىلدىڭ.   ھەتتا ئىچىڭدىن چىققاننىڭ ئوغۇل ياكى قىزلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمىدى .  مەن ئۆمرۈمگە كېلىپ بۇنداق ئىشنى كۆرمەپتىكەنمەن.  بۇنىڭغا بوپتۇ دېسەم ئەمدى كېلىپ ھېچبىر قايتا قورساق كۆتۈرىدىغان خىيالىڭ يوق.  ئوغلۇم سەندەك ئاش يەپ قاچا بىكارلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان تۇغماس خوتۇننى قاچانغىچە باقىدۇـ ھە.    بۇنىڭغا ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. سەۋر تاقىتىم توشتى.  ئوغلۇمنىڭ پۇتىنى بىكارلا.      ئۇنىڭغا تۇغىدىغان خوتۇن ئېلىپ بېرىمەن.  كۆزۈمنىڭ ئوچۇقچىلىقىدا نەۋرەمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ باقاي مەنمۇ…ـ  دەپ تىللاپ دۆشكەلەپ  ئۆيدىن قوغلاپ قىسىپ قورۇپ   بىر يەرگە ئاپارغان ئىدى. 

ئاخىرى، مېنىڭمۇ  قېيىن ئاپامنىڭ بۇ ئاھانەتلىرىگە داۋاملىق چىداپ يۈرۈۋېرىشكە ۋە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ بۇ ئۆيدە داۋاملىق ئولتۇرىۋېرىشكە بەرداشم يەتمەي قالدى. 

بولدى ئاجرىشىپ كېتەيلى.ـ

دېدىم  بىر كۈنى يولدىشىمغا. 

بىراق، ئويلىغىنىمنى ئېيتقىنىمدا يولدىشىم بۇنىڭغا قوشۇلماي تۇرۇۋالدى. 

ـ  نېمىشقا؟ ـ دەپ سوئال قويدى يولدىشىم ماڭا ھەيرانلىق ۋە ئاچچىق بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ.

ـ  ئاپام توغرا دەيدۇ ئەينى ۋاقىتتا  چوڭلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي   گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىمىزئۈچۈن  قىلمىغانلىرىمىز قالماي دېگۈدەك  توي قىلغان ئىدۇق.  شۇنچە قىيىندا بىر ئۆيگە كىرەلىگىنىمىزگە يارىشا بەختلىك بولۇپ كەتكەن بولساقمىغۇ كاشكى.   بىراق مەن يارىماس نەس باسقۇر سىزگە بىر بالىنىمۇ جايلاپ تۇغۇپ بېرەلمىدىم.  شۇ سەۋەب بىزنىڭ خىيالىمىزدىكى بەختىمىزگە دەز كەتتى.    بۇنى ئاز دەپ مانا شۇ كېلىشمەسلىك بولغىلىمۇ  نەچچە يىلدىن ئاشتى.  بىراق مەن تېخىچە قايتا قورساق كۆتۈرمىدىم.   بىلىمەن ئاپامغىمۇ ئاسان ئەمەس، يېشى بىر يەرگە باردى.  مۇشۇنچىلىك ۋاقتىدا نەۋرە باققۇسى نەۋرىسىنى تەتەلەپ  يۈرگۈسى كېلىدۇ.   بىراق ئەينى چاغدا كەمتۈك بالا تۇغقىنىمدىن كېيىن تا ھازىرغىچە قايتا قورساق كۆتۈرەلمىگىنىمدىن ئۇ مېنىڭمۇ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقىنىمنى نېمىشقا ئويلىمايدۇ دەيمەن؟    ئاپامنىڭ مېنى توختىماي ئەيىبلەپ، ئاھانەت قىلىشلىرىغا ئەمدى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.   گەپ قىلماي يۈرگىنىڭىز بىلەن سىزنىڭمۇ ئىككى ئوتتۇرىدا قىسىلىپ  تازا قىينىلىۋاتقىنىىڭىزنى  ئوبدان بىلىمەن.  شۇڭا ئۆتۈنۈپ قالاي ئاجرىشىپ كېتەيلى.    ئۆزىڭىزگىمۇ ماڭىمۇ ئارامچىلىق بېرىڭ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز قايتا دوختۇرخانىغا بارغىنىمىزدا دوختۇرنىڭ دېگەن گەپلىرىمۇ كۆڭلۈمگە توختاۋسىز ساراسىمە  سېلىپ تۇرىدۇ.   شۇڭا…

كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ توختىماي سۆزلەپ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشى ۋە  ئاجراشمايمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە   مەن يەنە يۇمشاپ قالدىم. دېمىگەن بىلەن مەنمۇ ئۇنىڭغا چىدىمايتتىم ئەلۋەتتە. 

كۆڭلۈمدە يولدىشىم مېنى تۇغمىدىڭىز دېمىدىگەندىن كىيىن   قېيىن ئاپامنى دەپلا ئاجرىشىپ كەتسەم تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىغاندەك تۇيۇلىشقا باشلىدى.

ـ  بىر مەزگىل سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرەيلى.راست دەيسىز،  سىز خوتۇنۇم ئۇ ئاپام ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ قىسىلىپ قېلىۋاتىمەن.  ئۇزاق ئويلىنىپ ئاخىرى مۇشۇ چارىنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  بىر مەزگىل ئاپامنىڭ كۆزىدىن يىراقراق تۇرساق سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزمۇ ئوڭشىلىپ قالار ئاپامغىمۇ يوقلىقىمىز چانار.  بەلكىم قايتىپ كەلگۈچە بويىڭىزدىمۇ قالار.  ناۋادا يەنىلا بويىڭىزدا قالمىغان ھالەتتىمۇ قالغان ئىشلار ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ  بولسۇن.  ئىشقىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا  ئاجرىشىمەن دېگەن گەپنى قىلغۇچى بولماڭ ـ  دېدى ئۇ  ئاخىرىدا گەپنى كەسكىن قىلىپ. 

قىينىلىپ ئاران قالغاندا ماڭىمۇ بۇ گەپ خوپ ياقتى. 

شۇنداق قىلىپ مەسلىھەت قىلىشقىنىمىز بويىچە ئىشلەيمىز دېگەن باھانە بىلەن،  ئاپامنىڭ ۋە قېيىن ئاپامنىڭ توسۇشلىرىغا،  توختىماي يىغلاپ ئۆيدىن ئايرىلماسلىقىمىزنى ئۆتۈنۈشلىرىگە قارىماي بىر كېچىدىلا ئۆيدىن ئايرىلدۇق. 

سىرتتىكى سەرسان سەرگەردان كۈنلىرىمىز باشلىنىپ كەتتى. 

بىراق، بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاققا بارمىدى. 

سەۋەبى ھەمىشە كۈتكەندىن كۈتمىگەن ئىشلار كۆپرەك يۈز بېرىدىغان بۇ ھاياتتا سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ ئىككى ئايدىن كېيىن   تۇيۇقسىزلا بويۇمدا قالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. 

بۇنىڭدىن، ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمدۈم.  بىراق، بويۇمدا قالدى دېگەن ۋاقىتتىن باشلانغان  دەپ ھېسابلىغان مەندە كۆرۈلۈۋاتقان بەزى بىر نورمالسىزلىقلار  ئىچىمگە يەنە ئالىقانداق ئەنسىزلىكلەرنى سېلىپ تۇراتتى.

قورسىقىمنىڭ داۋاملىق يەڭگىل ئەمما توختاۋسىز ئاغرىپ تۇرۇشى،  تولىمۇ بىنورمال ھالەتتە ئادىتىمنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ قالماي ھەر ئايدا يەنە ئاز مىقداردا كېلىپ تۇرۇشى  دوختۇرنىڭ كېيىنكى قېتىم دېگەن گەپلىرىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمگە سېلىپ  مەن چىدىغۇسىز بىر بىئارامچىلىقتا قېلىۋاتاتتىم.   ئىچىم تىتىلداپلا تۇرىدىغان ھەممىدىن ئەنسىرەپ تەشۋىشلىنىپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالغىنىمغا قاراپ  يولدىشىممۇ چىدىمىدى. 

ـ  قانداقلا بولمىسۇن بىر تەكشۈرتۈپ باقايلى.ـ دېدى، ئۇ بىر كۈنى.  كۆپ ئىككىلىنىشتىن كېيىن ئاخىرى ماقۇل بولدۇم. 

بىراق، ئەتىسى  تەكشۈرتۈش ئۈچۈن بىز ئىشلەۋاتقان يەردىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمىزدە   دوختۇرخانا ئىچىگە پەقەتلا كىرگۈم كەلمىدى. 

خۇددى ئىچىگە كىرسەملا ساق قايتىپ چىقالمايدىغاندەك تۇيۇلۇپ  ئاپامنى قېرىنداشلىرىمنى يۇرت مەھەللىنى شۇنچىلىك بەك  سېغىنىپ كەتتىمكى  يولدىشىمغا:

ـ يۇرتقا قايتىپ كېتەيلى. شۇ يەردە تەكشۈرۈتەي. نېمە بولسام شۇ يەردە بولاي. ـ دەپ تۇرىۋالدىم. 

يولدىشىممۇ مۆلدۈردەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىمغا قاراپ مېنى زورلاۋېرىشنى خالىمىدى بولغاي  تەلىپىمگە ماقۇل بولدى. 

ئەسلى بويۇمدا بارلىقىنى بىلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە يولدىشىم بىلەن، مېنىڭ قورسىقىم  زىيادە يوغىناپ ئىش ھەرىكىتىم قولايسىزلاشقاندىلا ئاندىن يۇرتقا قايتىپ كېتەيلى، ئۇنىڭغىچە مۇشۇ يەردە ئىشلەۋېرەيلى دەپ مەسلىھەتلەشكەن ئىدۇق.  شۇنداق، قىلىپ بۇ پىلانىمىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇددەتتىن بۇرۇن يۇرتقا قاراپ يولغا چىقتۇق. 

ئاخىرى سېغىنغان ئاپامنى قېرىنداشلىرىمنى يۇرت مەھەللىنىمۇ كۆردۈم. 

قېيىن ئاپامنىڭ بۇ قېتىم قايتىپ كەلگىنىمىزدىن كېيىن ماڭا تۇتقان مۇئامىلىسى بۆلەكچىلا ياخشى بولۇپ كەتكەن  ئىدى.  قارىغاندا يېرىقىنى يېقىن قىلىدىغان بىزنىڭ يوقلىقىمىز خېلىلا بىلىنگەن بولسا كېرەك، بىراق ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇنىڭ بويۇمدا   بارلىقىنى ئاڭلاپ قەۋەتلا  خۇشال بولغىنى ۋە ماڭا تۇتقان ئىلگىرىكى مۇئامىلىسىدە ئۈچ يۈز ئاتمىش گرادۇس ئۆزگىرىش بولغىنى ئىدى. 

ئەمما مەن بۇنىڭدىن ئانچە خۇشال بولالمىدىم.  چۈنكى قېيىن ئاپام ماڭا قانچە ۋاي دېگەنسېرى ماڭا تېخىمۇ بېسىم بولۇپ قېلىۋاتاتتى. 

ئۆزۈمدە كۆرۈلۈۋاتقان نورمالسىزلىقلارنى ئويلاپ بارغانسېرى ئەنسىرەپ  قېلىۋاتاتتىم.  ناۋادا   دوختۇرنىڭ كېيىنكى قېتىم دېگەن گەپلىرى راست بولۇپ قورسىقىمدىكى بالا راستىنلا نورمال بولمىسا ۋە مەندە كۆرۈلۈۋاتقان نورمالسىزلىقلارمۇ شۇ سەۋەبتىن بولسا، قېيىن  ئاپامنى بۇ قېتىممۇ ئۈمىدسىزلەندۈرسەم  قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم.

شۇ ئەندىشىلىرىم بىلەن يۇرتقا قايتىپ كېلىپ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى گەپ ئارىلىقىدا قېيىن ئاپامغا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتتىم.

ـ  ۋاييەي قويىڭە شۇ دوختۇرخانا دېگەننى.ــ  ئويلىمىغان يەردىن قېيىن ئاپام گېپىمنى ئاڭلاپ شۇنداق دەپلا چۈشتى. ــ  مانا مەنمۇ يەتتە بالا تۇغقان.   گەرچە ھازىر يېنىمدا بارى ئۈچلا بولسىمۇ  بىراق يەتتە بالىنىڭ ھەممىنى تىنچ ئامان يەڭگىگەن ئىدىم.  قالغان تۆت بالام يېشىغا يېتىپ بولۇپ كېسەل سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كەتكەن. سىز بىلمەيسىز ئۇ چاغلاردا دوختۇرخانا، تەكشۈرتۈش دېگەن ئىشلار يوق ئىدى.   ئەمما، بالىلىرىم ساغلام تۇغۇلىۋەرگەن.  لېكىن ھازىر نەدىن تاپتى تولا تەكشۈرۈش دەپ دوختۇرخانىغىلا يۈگۈرەيدىكەن.     مەھەللىدىكى ئايسىخاننى بىلىسىزغۇ؟  كېلىنى قورساق كۆتۈرۈپتىكەن، خوشلىقىدا بۇنى دوكلات قىلىپ كىرمىگەن ئۆيى قالمىدى ئۇنىڭ .   ھەتتا قاچانلا قارىسا ئېسىنى بىلىپ بىلمەي ھىجاراپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قاپتىكەن.  ئارىدىن بىرەر ئىككى ئاي ئۆتتىمۇ ئەيتاۋۇر  ئۇ   ھىجىيىشلىرى يوقاپ  بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى.  ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ:

ـ  نېمە بولدىلا مىجەزلىرى يوقمۇ نېمە؟ـ  دېسەم  دەردىنى تۆكۈپلا چۈشتى دەڭە.   بىلسەم، كېلىنى تەكشۈرتىمەن دەپ دوختۇرخانىغا كېتىپتىكەنمىش.   شۇ دوختۇرلار تەكشۈرۈپلا قورسىقىڭىزدىكى ئۈزۈمسىمان ھامىلىكەن،  دەرھال چۈشۈرۋەتمىسىڭىز قورسىقىڭىزدا تۇرۇپ سېسىپ بالىياتقۇڭىزغا چاپلىشىپ بالىياتقۇڭىزنىمۇ كاردىن چىقىرىدۇ دەپتىمىش.  شۇنىڭ بىلەن كېلىنى ئۆيگە بۇ گەپنى كۆتۈرۈپ كەلگەن گەپ.   ئايسىخان ئۇنامدىغان.   نەۋرە كۆرۈش تاماسىدا  ئارانلا قالغان خوتۇن ئۇ. «ئۇنداق يوقىلاڭ گەپلىرىڭىزنى قويۇڭ ئادەمنىڭ بالىياتقۇسىدا ئۈزۈم نېمە ئىش قىلىدۇ؟.   مۇشۇ يېقىندا ئۇششاق جىدىلىڭىز ئاۋۇپ قالدى. ئىچىڭىزگە كىرىپ چىقسام، بۇ بالىنى تۇغقىڭىز يوق سىزنىڭ. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىشنى  باھانە قىلىپ كۆتىڭىزگە شاپاللاپلا بۇ گەپنى تېپىپ كەلدىڭىز.  مېنى ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ دەپ كۆزۈمنى بويايمەن دېمەڭ.  ھەددىڭىزنى بىلىپ يۈرۈڭ. ناۋادا نەۋرەمگە قارا قولىڭىزنى سۇنىدىغان بولسىڭىز كۆرگىلىكىڭىزنى كۆرسىتىۋېتىمەن.» دەپ   كېلىنى بىلەن سوقۇشۇپ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇنى سۈرتوقاي قىلغان گەپ.  بىراق بىچارە ئايسىخاننىڭ جېنىنى تىكىپ ئارا تۇرۇشلىرى كار قىلماي كېلىنى يەنىلا بالىنى چۈشۈرىۋەتكەنمىش. 


【声明】内容源于网络
0
0
daxxat asar
katran,alwastibigim
内容 224
粉丝 0
daxxat asar katran,alwastibigim
总阅读38
粉丝0
内容224