ئاۋازلىق نۇسقىسى
4-قىسىم
♥يازما نۇسقىسى♥
ھېلىم شۇنداق دېگەچ سەلىمەنىڭ قېشىغا كىلىپ يەردە زوڭ زۇيۇپ ئولتۇرىدى، ئاندىن بۇرنىنى كولىغاچ دىدى-ھەي، گەپ قىلە، سەندىن گەپ سوراي
-نىمىنى-دىدى سەلىمە قورقۇمسىراپ تۇرۇپ
-ھېلىقى، ھېلىقى، سىنىڭ كۆكسۈڭنى دەيمەن، قانچىلىك با؟ ئالمىدەك بامۇ
-ھېلىم ئاكا، نەدىكى گەپنى سوراپ...
ـ بىر تۇتۇپ باقايمۇ ، مۇنداق قىلە بىر تۇتۇپ باقاي ...
ـ تۈزۈك گەپ قىل، ھېلى بىكار ماۋۇ چىلەكنى بېشىڭغا كەيدۈرۈپ قويىمەن .
ـ ماقۇل تۇتۇپ باقماي ، ئەمسە دىگېنە كۆكسۈڭ زادى قانچىلىك با!
- ئاناڭنىڭكىدەك با…!
تۇيۇقسىز بىر ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ھېلىم چۈچۈپ ئارقىغا قارىۋىدى، سەلىمەنىڭ ئاتىسى بارات ئاكا ئۇنىڭغا چىرايدىن خۇز ياغدۇرغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، ئەيتاۋۇر غەزەپتىن بولسا كېرەك مۇشتلىرى چىڭ تۈگۈلۈپ كەتكەندى .
بارات ئاكا ئېتىزلىقتىن قايتقان بولۇپ، ئەمدى دەرۋازىدىن كىرىپلا ھېلىمنىڭ ماز پاراڭلىرى ئۈستىگە ئۈلگۈرۈپ كىرىپ قالغان ئىدى.
-با با با با باراتكا مە مە مەن…!
بارات ئاكا تاراققىدە قىلىپ دەرۋازىنى چىڭ تاقىدى. ئاندىن يەڭلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ دىدى
- ھۇ تايقى كەم گۇي، ئاتاڭ قىلالمىغان تەربىيىنى بۈگۈن مەن ساڭا قىلىپ قوياي.
بارات ئاكىنىڭ دەرۋازنى تاقىغانلىقنى كۆرگەن چاپاق ئاۋال ھۇدۇقۇپ كۆزلىرنى چەكچەيتىپ قاراپ تۇردى، ئارقىدىن بازغاندەك مۇشتلىرنى تۈگىگىنچە قېستاپ كېلۋاتقان بارات ئاكىنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقنى كۆرۈپ كەينىگە ئۆرلۈپلا قاچماقچى بولدى، ئەمما ئىككى قەدەم ئالماي تۇرۇپ ئارقىسدىن يېتىشىپ كەلگەن بارات ئاكا ھېلىمنىڭ ئوڭ پۇتىغا كۈچەپ تەپكەن ئىدى، كالامپاي چاپپاقنىڭ ئوڭ پۇتى سول پۇتىغا پۇتلىشىپ يەردە يېتىپ قالدى.
ـ ھۇ ئادەم ئەمەس ھايۋان گۇي، تۆگىدەك تۇرۇپ كىچچكنە قىزغا قالايمىقان گەپ قىلىشتىن ئۇيالمىدڭما ھايۋان . داداڭ ساڭا مۇشۇنداق قىل دەپ ئۈگەتكەنما؟
-باراتكا، مەن…مەن شۇ، بىرسىلاپ باقاي دىگەن…
-نىمىنى سىلايتىڭ، ما گۇينى…
بارات ئاكا ئۆزى دىقماق ئادەم بولغىنى بىلەن يولۋاستەك ھەيۋېسى بار ئاچچىقى قەۋەتلا يامان ئادەم ئىدى. ھېلىم دىر دىر تىترەپ نېمە دېيىشنىمۇ بىلەلمەي قالدى..
-بۈگۈن مەن سىنى ئوبدانراق سىلاپ قۇياي، ئىككىنجى قىز ئاياللارنى سىلايمەن دىمەيدىغان قىلىۋىتەي سەن گۇينى، مانا
دىشىت،
تاراڭ تۇرۇڭ
پالاق پۇلۇق
... ۋاي ئانو، ۋاي دادو، ، خاپا بولمىسلا بارات ئاكا مەن ئۇخماي قاپتىمەن، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. ۋايجان، ۋايەي
يامغۇدەك يېغىۋاتقان پەشۋالار پوش دىمەي ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تىگىۋاتقان چاپپاق، ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي يىغلىغىچە يالۋۇردى،
-باراتكا، مەن راس ئۇخماي قاپتىمە…!
ـ ئۇخماپسەنمۇ شاۋچى، ئەمسە مەن ساڭا ئوبدان ئۇختۇرۇپ قۇياي ، مانا ئەمسە ...
-ۋاي باراتكا پۈركۈمگە تەپتىلىغۇ ئۇججۇن!
بارات ئاكا شىردەك ھۆركىرەپ ھېلىم چاپپاقنىڭ نەق قوڭىنىڭ ئېغىزنى نىشانلاپ تازا تېپەتتى، شۇ تاپتا ئازراق كاج ئەمما ئاچچىقى ئاجايىپ يامان بۇ ئادەمنىڭ ھېلىم چاپپاقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئاچچقى بېسىلمايتتى. مەھەللىدە بەزىدە مۇشۇنداق قىزىقارلىق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ سەھرالاردا دائىم ئۇچرايدىغان ئىشلار.
-باراتكا، ئەمدى يانا ئۇرساڭ قىزىڭنى بىژنىم قىلىۋىتىمەن
ھېلىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ بارات ئاكىلىرىم كۆزى قىزاردى، سەلىمە دىگەن بارات ئاكىنىڭ يالغۇز قىزى، ئۇ ئەمدى 18 ياشنىڭ قارسىنى ئېلىپ گۈلدەك ئېچىلىپ ئاجايىپ چىرايلىق ئەخلاقلىق قىز بولدى ئۆمۈرى بولسا يەنە ئىككى ئۈچ يىلدىن كېيىن ياتلىق قىلۋەتسە باشقا چوڭ غېمىمۇ قالمايدۇ . بارات ئاكا مۇشۇ ياشقا كىرگىچە پاكىز ياشاپ كەلدى، مەھەللە كويدا ئۆزىگە چۇشلۇق يۈز ئابرويى ئىناۋېتى بار ئادەم، ئەمما ماۋۇ ئۆلسە ئۈلكىنى ئىت يىمەيدىغان قوڭالتاق قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىناۋاتىنى تۈكۈپ غورۇرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلمەن دەيدۇ، بۇ نىمە گەپ ئۆزى ، بۇ ھارمىنى چۇققۇم ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك. بارات ئاكىنىڭ كۆزى بىردىنلا قىزرىپ قان رەڭگىگە كىردى. ئارقىدىن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆزىدىن بەش ئالتە قەدەم نېرىدىكى دۆۋلەگلىك ئوت ـ چۆپكە سانجىپ قۇيۇلغان تۆمۈر ئارىنى كۆردى.
ـ ھۇ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى ئەممەي ئېشەك ئېمىپ چوڭ بولغان مەينەت، بۈگۈن ماڭا قىلغان ئاھانەتلىرىڭنىڭ بەدىلىنى قېنىڭ بىلەن تۈلەيسەن.
ـ بارات ئاكا چاپپاقنىڭ بېقىنغا كۈچەپ بىرنى تېپىۋەتكەندىن كىيىن ، تۈمۈر ئارا تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى .
ـ قۇتقۇزۇڭلا ، ۋاي دادام ، ئاپا ـ دادا ، ما قېرى مىنى ئۆتىرەپ قۇيىدىغان ئوخشايدۇ!!
ـ بارات ئاكىنىڭ چىرايىدىكى نەپرەتنى كۆرۈپ قورقۇپ جېنى چىقاي دىگەن چاپپاق، ئارقىدىن ئۇنىڭ قولىغا تۈمۈر ئارىنى ئالغانلىقنى كۆرۈپ بىر يۇملاپلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاچىتى .
ـ جېنىم دادا ئۇنداق !
دادىسنىڭ ھېلىم چاپپاقنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىشىدىن ئەنسىرىگەن سەلىمە ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ توسىماقچى بولغان ئىدى، غەزەپتىن كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي قالغان بارات ئاكا، تەتۈر شاپلاق بىلەن ، ئۇنى بىرنى ئۇرۇپ پىرقۇرغۇچتەك پىرقىرتىۋەتتى.
ـ ئەمدى تۇتۇپ باقە شوۋچى مەن قاراپ تۇراي .
ـ نەگە قېچىشنى بىلەلمەي كالا قوتىنغا ئۆمىلگىنچە قېچىپ كىرىپ كەتكەن چاپاقنى بارات ئاكا ئىز بېسىپ ئارقىسدىن قوغلاپ كىردى.
ـ ياق، ئەمدى تۇتمايمەن، بارات ئاكا مى مىنى كەچۈرسىلە ...
ـ ئاۋال بىر يىتشۋالاي ، تۇتمايمەن دىگنىڭگە ئۇنماي ئوبدان تۇتقۇزۇپ قۇيمەن سەن گاچىغا !
ـ بارات ئاكا ، چاپپاقنى قورقۇتۇپ قوتاننى نەچچە پىرقىراتقاندىن كېيىن، بىچارە چاپپاق ئاران دىگەندە قوتاننىڭ ئاياق تەرپىدىن قېچىپ چىقتى، چاپاقنىڭ بىلشىچە قوتاننىڭ ئارقا تەرپى باققا تۇتشىدۇ، باققا چىقۋالسىلا باغىنى چۆردەپ ئىتلگەن قورۇق تام ئانچە ئېگىز ئەمەس ، بىر ئاماللارنى قىلىپ تامدىن ئارتىلىپ ئۆتىۋالسىلا بۇ، ئاچچىقى يامان پاكنەك تازدىن قۇتلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ـ بۈگۈن مەندىن قۇتۇلمەن دەپ خام خىيال قىلما .
ـ ھېلىم تاز زىيادە قورقۇپ كەتكەچكە پۇت قوللىرى تىترەپ مىڭ تەستە ئۆمىلەپ چىققان ئارلىقتىن ، بارات ئاكا ئوڭايلا ئۆتۈپ تازنى قىستاپ كەلدى، مۇشۇ تاپتا ھېلىم تاز تامدىن ئارتىلىپ قاچىمەن دېسە، بارات ئاكىغا تۇتلۇپ قېلىشى ئېنىقلا ئىدى.
ـ خوش بوپ قالاي ئوبدان ئاكا مىنى كەچۈرۋەتسىلە ، ئەمدى ئۇنداق قىممايمەن، يا ياق، ئۇنداق ئۇنداق دىمەيمەن ...
ـ ھېلدىن ھېلغا چۈشۈپ كېتۋاتقان ئىشتان بېغىنى قولتۇقلىۋالغان چاپپاق يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇراتتى ...
ـ نىمنى قىممايسەن، نىمىنى دىمەيسەن؟ توختا دەيمەن ھېلى تۇتۋالسام، قارنىڭنى چۇگۋېتىمەن سەن يوتقاننىڭ تېشىدا تېپلىپ قالغان گۇينىڭ !
- چاپپاقنى تۇتالمىغانسېرى بارات ئاكىنىڭ غەزۋى پەلەككە يىتىپ ئېغىزنى بۇزاتتى ...
چاپپاق بىلەن بارات ئاكا ئاشۇ ھالەتتە قوغلۇشۇپ بىر مو كۆلەمدىكى باغنى ئون نەچچە قېتىم ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ ئەمما پالاكەت چاپپاق تېخىچە بىر مىتتر ئەللىك سانتمېتر ئېگىزلىكتىكى قورشاۋ تامدىن ئارتېلىپ قېچىپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى، بارات ئاكا بولسا تېخىمۇ غەزەپلىنىپ قوغلاش سۈرئىتنى تېخىمۇ تىزلەتتى.
يېزىدا تۇغۇلۇپ ياشلىق پەسلنىڭ قىران دەۋرىدا تۇرغان بولسىمۇ ئەزەلدىن ئىشنى كۆرسە بېشى ئاغريدىغان ھورۇن، ئاق نانچى بىلى بوش، تېقىمنىڭ جېنى يوق چاپپاق، قاچقانسرى پۇتلىرى بوششۇپ ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دېدى، ئۇ توختىماي يىغلاپ يالۋۇراتتى، بارات ئاكا بولسا بۈگۈن سېنىڭ جېنىڭنى ئالمەن دىگىنچە يەردىن توپا ئۆرلىتىپ توختىماي قوغلايتتى.


