ئاۋازلىق نۇسقىسى
2-قىسىم
♥يازما نۇسقىسى♥
ئۇنىڭ چاكچاك يېرىلىپ قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرى قىزنىڭ لەۋلىرىگە تەككەندە نەمخۇش سىزىم بولدى. ئەمما، قىز بىچارىلىك بىلەن تىپىرلاپ كېتىۋاتاتتى. ھەر يان يولۇقۇنۇپ ئامال تاپالمىغان قىز ئاخىرى ھېلىمىڭ ئاستىنقى لىۋىنى چىشلىۋالدى.
ئاغرىق مېڭىسىگە چىقىپ كەتكەن ھېلىم قىزنى قۇيۇپ ئېغىزىنى سىلاشتۇرۇپ قاننى كۆرگەندە، كاللىسى سەل سەگەكلىشىپ ئۆزىنى تاپتى، قارىغۇدەك بولسا يىراقتىن پال پال قىلىپ يېنىپ كىلىۋاتقان ئىككى نەرسە كۆرۈندى. . ئېنقكى باشقىلار بۇ جايدىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ھېلىم دەرھال ئېشىكى بىلەنمۇ ھېسابلاشماستىن قېچىپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە يېتىپ كەلگەندە ئاپىسى سادەتخان تاماق ئىتىپ ئولتۇرغان، دادىسى ھويلىدا ئوتۇن كەسلەۋاتاتتى. ئۇ دادىسىغا بىر قاراپ قۇيۇپ دەررۇ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەتمەكچى بولغاندا دادىسى ئۇنىڭدىن سورىدى
-كەلدىڭما؟ كېۋەزچۇ؟ ئىشەك بىلەن كىۋەز قېنى؟
-ھە شۇ، شۇ
-ئاناڭنىڭ بىژمىسى، تىلىڭنى چاينىما ھۇ تاز
-شۇ شۇ
-ھېلى باكا شۇ شۇ لىرىڭنى كۆزۈڭگە تىقىمەن
- مەھەللىدىكى ئېرىققا چۈشۈپ كەتتى.
-نىمە؟
دادىسى ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن كالپۈكنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، بۇ كالپۇك بايىلا بىر قىز تەرىپىدىن چىشلەنگەن كالپۇك
ئەمەسمۇ؟ دادىسىنىڭ ئۇنىڭ كالپۇكىغا تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھېلىم، تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى.
-ھېي، نېمە قان بۇ؟
-ئىشەك چىشلىۋالدى
- ئېشەك سېنىڭ ئاغزىڭنى چىشلەپ نېمە قىلىدۇ؟ ھېي مەكىلە بالام، يېشىڭ ئوتتۇرغا بادى، تېخىچە باشلانغۇچتا ئۇقۇيسەن، سەن گۇي بىلەن بۈگۈن ئوبدانراق ئەھۋاللىشاي
-دا…دادا خاپومما، مەن ئىشەكنى ئەكىلەي
-توختا
-دادا ھازىر كىلىمەن
ھېلىم چاپاق قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترەپ دەرھال ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ھويلىدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. تەلىيىگە يارىشا ئاتىسى ئۇنى قوغلىمىدى. ئۇ شۇ قاچقانچە بايا ئۆزى ئېشەكنى تاشلاپ قويۇپ كەتكەن جايغا كىلىۋىدى ئىشەك يوق
-ئىم، تۈگەشتىم، پاكىز تۈگەشتىم، بىر تېمىم ئېشىپ قامماي تۇلۇق تۈگەشتىم
ھېلىم ئۆستەڭ بويىدا بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاغىنىسى ھەم ساۋاقدىشى جۈرەت ئېسىگە كېلىپ جۈرەتنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە يېتىۋېلىشنى نىيەت قىلدى دە، جۈرەتنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى، ئۇ ئىلگىرى جۈرەتنىڭ سىڭلىسىنى بىر قانچە قېتىم سۆيۈۋالغان. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جۈرەتنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقتىدا، ئۇ يەنە شۇنداق بەتقىلىق قىلغان ئىدى، جۈرەتنىڭ سىڭلىسى بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەرگە دەيمەن دېگەندە، ئۇ قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جۈرەتنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىپ باقمىدى.
ھېلىم چاپاق شۇ خىياللار بىلەن جۈرەتنىڭ ئۆيگە كەلگەندە، جۈرەت ئۇنىڭغا ئانچە چىراي ئاچمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ھالدا ئۇنى ئۆيگە باشلىدى.
- ئاداش نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟-دىدى ئۇ
- نېمە ئىش قىلاتتىم، مەكتەپكە يېڭى خانىم كەپتۇ، ئاچچىقى يامانكەن دەيدۇ. بەك چىرايلىق قىزكەن، سەن مەندىن كىچىككەن دىگىنە تېخى… بۈگۈن تاپشۇرۇقنى ياخشىراق ئىشلىمىسەك بولمىغۇدەك.
ھېلىم چاپاق جۈرەتنىڭ يېڭى خانىم كەپتۇ دېگەن سۆزىگە يەنە دىققەت قىلمىدى. ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان بىر ئىش ئۆزى بايا دەپسەندە قىلغان ھېلىقى قىزنىڭ ئۆزىگە مۇئەللىم بولۇپ قېلىشى ئىدى.
- ۋاي ۋۇي، مەنمۇ تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن. ئەتە ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزىۋېتەرمىز-دىدى ئۇ
-ھېي كالپۇكۇڭغا نىم بولدى؟
- ئېشەك چىشلىۋالدى
- ۋاي ماڭە ھېي لاتا. يەنە خەقنىڭ قىزىنى باسمانداپ پۈكۇنۇمغا يېقىپ سۆيدۈم دېگىنە مۇنداق.
- ياق ئۇنداق ئەمەس ئاداش. ئوغۇل بالىمۇ ئاشۇنداق قىلامدۇ ھە! ئەكەك دىگەن راۋرۇس ۋىژدان بىلەن ياشايمىز جۇما مۇنداق
-ۋىژدان دىگەن نىمە؟
-ۋىژدان دىگەن ئەركەكتەك ياشاش دىگەن گەپ
-ئەركەك دىگەن نىمە؟
-ئەركەك دىگەن…ئۇ ئەركەك
-جىڭ پەيزىڭ با
-ئاھاي، پەيزىمنى قۇيە ئاداش، ئېشەك يۈتۈپ كەتتى، ئەتە ئاتامغا نېمە دەيمەن
-نىم بۇلۇپ؟ نېمىشقا يۈتۈپ كەتتى؟
- ھە، بۇ.… بولدىلا ئۇخلايلى!
-دىگىنە دىگىنە
-بايام يولدا كىلىۋاتسام، ئىشەك سۆرەپ كىتىپ ھارۋام ئېرىققا چۈپ كەتتى دىگىنە ئاداش، شۇنىڭ بىلەن قاندا قىلامە دەپ تۇسام، بىر قىزچاقنى كۆرەپ قالدىم، بەدىنى دەششەتكەن، مەيدىسى دىگەن چىك چىك چىك ۋاھ ۋاھ نىمىدىگەن قىز بالا ئۇ،
-شۇنىڭ بىلەن پۇكۇنۇڭغا باستىڭما
-ياق باسمىدىم، تۇنۇشۇپ قالاي دەپ بىردەم گەپ سېتىپ بوغىچە ئۇ قىز بالا باغۇ، كىيىمىنى سېلىۋىتىپ بىللە ئوينايلى دىدى. مەنمۇ ئەكەك بوغاندىكىن قىزلانى دەپسەندە قىمماي دەپ، ياق دەپ يېنىپ كەلدىم
-ھاھاھا، سەن بۇندا دىسەڭ پەقەت ياراشمايدىكەن ئاداش.
-يارىشىدا، ئەكەك جىما بىز
-دىگىنە زادى سۆيدۈڭمۇ ياقمۇ؟
ھېلىم بايىقى ئىشلانى جۈرەتكە سۆزلەپ يۈرگىسى كەممەي، گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى.
-قارا ئاداش، يېشىمىز چوڭلاپ قالدى. قاچانمۇ ئۇقۇش پۈتتۈرەمىز؟
-پۈتىدۇ بىر كۈنى
-قارىسام ئوتتۇزغا چىرەي دەتىمە، ھىچ بىر ئىشنىڭ ئىپى سىپى يوق
-، نەدىكى پاراڭنى قىلىپ… گەپنى بۇراپ، ھېلىقى قىزنى سۆيدۈڭما
-ۋاي ياق زىنھار يېقىن كەممىدىم، دىدىمغۇ مەن ئەكەك جىما
ئۇلار شۇ پاراڭلار بىلەن ئۇيقۇغا كېتىشتى.
ئەتىسى سەھەر
تاڭ يورىشى بىلەن ئالدىراش ئۈيىدىن چىقىپ كېتىۋاتقان دېھقانلار ئېتىز ئېرىقلىرىنىڭ ئىشىنى قىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە كىتىۋاتاتتى. ھېلىم كۆزىنى ئېچىپ دوستى جۈرەتنىڭ يېنىدا يوقلىقىنى بايقىدى. ھېلىم ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىققاندا، ھويلىدا جۈرەتنىڭ سىڭلىسى سەلىمە كالا سېغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھېلىم ھويلىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ دەرۋازىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئارقىسىغا يەنە بىر قېتىم قارىغاندا، بۇ ھويلىدا سەلىمەدىن باشقا ھېچكىم يوقلىقىنى بايقىدى. ھېلىم ئارقىسىغا يېنىپ سەلىمەنىڭ يېنىغا كىلىپ بۇلۇپ، بوپتىلا دېگىنىچە لەپپەڭشىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۇدۇل ماڭغىنىچە جۈرەتنىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ جۈرەتنى ساقلاپ ئېتىزلىقنىڭ قىرىغا يۆلىنىپ ئولتۇردى. بىر كەمگىچە جۈرەتمۇ بىكار بولدى، جۈرئەت سومكىسىنى، تەييار قىلىپ قويغان بولۇپ ئىككەيلەن ئۆيگە بارمايلا مەكتەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
كىرىشتۈرگۈچى پالۋانلا ساۋاقداشلار ساۋاقداشلار باغقا بارايلى دىگەن ناخشىنى كىرىشتۈرۋىتىڭلا ماۋۇ ئىككىسىنىڭ مەكتەپكە ماڭغان يېرىگە
ئىككەيلەن مەكتەپكە كەلدى. تۆگىدەك بولغاندا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇشتىن ھېلىم ئەزەلدىن خىجىل بولمايتى، دېمىسىمۇ كونا زامانلاردا ئاشۇنداق ئىشلار بار ئىدى، تۆگىدەك بولغاندىمۇ ئانىسى تىكىپ بەرگەن سومكىنى كۆتۈرۈپ باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىۋېرەتتى. ھېلىم چاپاق بىرىنجى يىللىق بىرىنجى سىنىپتا، ئىنتاھاندىن ئۈتەلمەي ئۈچ يىل ئوقۇپ كەتكەن
-بۈگۈن يېڭى خانىم كەپتۇ دەيدۇ
-پىگورىچۇ دەششەت قىقاسكەن
-كالتە يوپكا تور پايپاقنى ژىتىدىكەن دەيدىغۇ
-نىمە ئۇ تو پايپاي دىگەن
-ھېلىقى ئەمرىكىنىڭ كىنولىرىدا تاماكا چىكىدىغان قىزلا كىيىدىغان ھېلىقى بىژمىنى دەيدا
- ئۇنداق ئەمەستۇ. بۇ جاھاندا شۇندا قىزلانى بىزما كۈرەمىزمۇ زادى؟
سىنىپتىكى قۇلاق كەستى بالىلارنىڭ پاراڭلىرىنى ھېلىم ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلدى. يوپكا قىسقا بولسا، خانىم دەرىس سۆزلەپ بۇلۇپ ھېرىپ كىتىپ ئولتۇرسا، ھېلىم چاپاق خانىمنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ تازا بىر قارىۋالسا، ھېلىم خىيالىدىن مۇشۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بىلىنەر بىلىنمەس كۈلۈپ كەتتى.
-نىمىگە كۈلىسە، يانا ماراشنىڭ خىيالىما؟
ھېلىمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشى تۇيۇقسىز سوئال سوراپ قالدى.
- نىمىنى مارلايدۇ ئەكەك جىما بىز-دىدى ھېلىم
- قاچانمۇ تويارسەن مارلاپ
-مارلىمايمىز ئەكەك جىما بىز،
-بۈگۈن ماراپ قالاسەنمىكى
-مارىمايمەن
-بۈگۈن كىلىدىغان خانىمنى ۋاي دەششەتكەن دەيدۇ، يىگىرمە ئىككى ياشقا كىرىپتىمىش
- ۋاي ماڭە ساراڭ. يىگىرمە ئىككى ياشتا قانداق قانداق خانىم بولىدۇ؟ خانىم دىگەن قىرىق ياشنىڭ ئۈستىدە بۇلىشى كىرەك
- سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن، شەھەردىكى قىزلارنى ئەلاچىكەن دەيدۇ. سەككىز ياشتا بىرىنچى يىللىقنى پۈتتۈرۈپ بولارمىش. ئون ئۈچ ياشتا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولىدىكەن ئۇلار.
- ماڭە ۋوي ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپ قىلساڭ بولمامدۇ. بىر مەۋسۇندا ئىككى يىل ئۇقۇمامدۇ ئۇلا؟ يەتتە ياشتا قانداق مەكتەپتە ئوقۇغىلى بولىدۇ دەيمەن؟ يەتتە ياشتا قىزلا ئىشتان كىيمەي ئوينايدىغان تۇسا
- ماڭە ھەي كالۋا. شەھەرلىك قىزلا ئاشتا يامانمىش
بۇ گەپلەرگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ھېلىم چاپاق يان تەرەپتە ئولتۇرغان ساۋاقدىشى ئامانگۈلنى چاقىردى.
-ھېي ھېي ئامان كۆك
-كۆك دىمىگىنە…!
ئامان گۈل سەل نارازى بولدى. ھېلىمنىڭ ئېغىزىدىكى كۆك دېگەن گەپنىڭ مەنىسى كۆك ماڭقا دىگەنلىك ئىدى. ئامانگۈلنىڭ بۇرۇنىدىن بىر قېتىم كۆك ماڭقا ئېقىپ تۇرغانلىقىنى ساۋاقداشلار كۆرۈپ قېلىپ مۇشۇنداق لەقەم قىلىپ قويغان.
-قارا ئامانگۈل، خانىمچاقنى يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىكەن دەمدۇ يىگىرمە ئىككى ياشتا دەمدۇ شۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.-دىدى ھېلىم
-ماڭغىنە، بۇ گېپىڭ تاڭسېڭ يىگىرمە ياشتا نوم ئەكەپتۇ دېگەندەك گەپ بولدى. مەنمۇ يىگىرمە بىرگە كىرگەن تۇرسام. خانىم قانداقسىگە ئۇنداق كىچىك بولىدۇ؟
-شۇنى دەيمە، ئۇچۇ
تاراق
ھېلىم چاپاق سۆزلەۋاتقاندا ئىشىك تاراققىدە قىلىپ ئېچىلىپ ئاجايىپ چىرايلىق ياسانغان بىر سەتەڭ قىز كىرىپ كەلدى.
پاراڭ سېلىپ ئولتۇرغان بالىلار خانىمنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاۋازنى پەس قىلدى
-خانىم كەلدى، خانىم كەلدى
ھېلىم چاپاق قىزىغا مۇنداقلا قاراپ ھەيران قالدى.
-ھېي ماۋۇ ھېلىقى چوكان شۇغۇ؟ مەن ئۇنى سۆيگەن ئەمەسمۇ؟ ما ئىشنى كۆرۈڭ
ھېلىمنىڭ كاللىسى پاڭڭىدە قىلىپ ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك بىر ئاغرىق پۇتىنىڭ ئۇچىدىن كىرىپ مېڭىسىگە چىقىپ توختىدى. -ۋاي ئاناڭنى… كۆرىدىغان كۈنۈم بار ئىكەندە- دەپ ئويلىدى ئىچىدە
خانىمچاق كۆپچىلىككە قارىماي ئۇدۇل دوسكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ دوسكىغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. دوسكىغا ئېلان يېزىپ قۇيۇلغان
-خەيۋاڭ قۇۋەت كۇمىلىچى ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىق، سۈدۈك تامچىلاش ، ئاچىماق سىيىش، سۈدۈك ئاغرىتىپ كىلىش، ۋە يەنە… ئۇنى دىگىلى بوممايدۇ! قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. !
دوسكىدا يۇقارقىدەك بىر ئېلان سۆزى تۇراتتى، شۇ چاغدا رەڭسىز تېلېۋىزورلاردا مودا بولۇپ كەتكەن بىر ئېلان بولىدىغان، بالىلار خانىمنى قارشى ئېلىپ مۇنۇ سۆزلەرنى دوسكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېزىپ قويغان ئىدى. خانىم بۇ ئېلاننى كۆرۈپ چىرايى تۇتۇلدى، ئوماق چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ دىدى-قايسىڭ يازدىڭ
-ھېلىم چاپپاق


