ئاۋازلىق نۇسقىسى
8-قىسىم
♥يازما نۇسقىسى♥
چاپپاقنىڭ كاللىسدا بۇ سۆز جاراڭلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، ئەمما قىزچاق خىيالى ھالدا مەيدىسنى لوپۇلداتقىنچە ئالدىرماي ئىچ كىيملىرنى كىيۋاتاتتى.
- ئۆمەر دىگەن شوۋا گەدەن تاز ئوغرى، سەن قېرى مۇقەددەسنىمۇ بوش قويماپسەن؟ يىلان چېقىپ ئۈلەسەن، قاۋاننىڭ ئۇچلۇق چىشى قورسقىڭنى يىرتىپ تاشلا سەن ئوغرىنىڭ.
چاپپاق ئىچدە پچىرلىغاچ چىشلىرنى غۇچۇرلاتتى، سەۋەبى بولسا مۇقەددەس دىگەن بۇ قىز مۇشۇ كەنىتتىكى ئەڭ چىرايلىق، پىگورىسى ئەڭ تولغان بىلى چۈمۈلىدەك ئىنىچكە ئاجايىپ شىڭسەيلىك مودا قىز ئىدى، قىزنىڭ يېشى ئەمدىلەتتىن يىگىرمە ياشقا ئۇلاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۆيىگە يىراق ـ يېقىندىن كىلۋاتقان ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئەلۋەتتە بۇ قىز چىرايلىق بولغىنى بىلەن ئەزەلدىن يامان ئاتىقى يوق، ھېلىم چاپپاققا كۈيەك بولغاچقا كىچىلىرى مۇشۇ مۇقەددەسنى ئويلىغاچ ئۇخلاپ قالاتتى.
ـ بۇ پۇلنى ئېلىپ ئاۋۇ قىر بىلەن ئاۋايلاپ مېڭىپ قايتىپ كېتىپ تۇرۇڭ يۈرەك پارەم، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە سىزنى ئىزدەيمەن.
ئۆمەر باي مۇقەدەسكە بىر تۇتام پۇلنى تۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇنى ئۇزتىپ قۇيۇپ پايپاسلىغىنچە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
ـ ۋاي ئىسىت ماۋۇ بېشىنىڭ تۈكى يوق تاز ئاشۇ پۇلىغا تاينىپلا مۇقەدەسنى نىم قىپتۇغۇ؟ ئەجىبا پۇلى بولسا راستىنلا خالىغان ئىشلارنى قىلىپ، قىزلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ ئاشۇ ئۆمەر تازدەك چىرايلىق قىزلانى كەلتۈرۈپ تازا ئاشۇنداق خۇماردىن چىققۇدەك قىلالامدىغاندۇ؟ چاپپاقنىڭ قەلبىدە تۇنجى قېتىم كۆپ پۇل تېپىش ئىستىكى ئويغاندى.
ئۇ ئۆمەر باينىڭ بېغىدا بىردەم سوزۇلۇپ يېتىپ ئوتتەك كۆيىۋاتقان قېنىنى سوۋۇتقاچ ھەر خىل خىياللارنى قىلۋالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ يادىغا يۇتۇپ كەتكەن ئېشىكى كەچكەندەك بولدى، ھېلىم چاپپاق ئورنىدىن تورۇپ قايتىلەتتىن كۆزىدىكى ئۇيۇپ قالغان چاپپاقنى تاتلىغنچە يېرىم ئېڭىشىپ ، ئىشەكنىڭ ئىزىنى ئىزدەپ ئۆمەر باينىڭ بېغىدىن چىققاندىن كىيىن ئۇ ناھايتى تېزلا مەھەللىدىكى مەمەت توپاقنىڭ بېغىدىن ماكچايناپ قالغان مىدە ئېشىكىنى تاپتى.
ئۇ ئىشىكىنى يىتىلەپ ماڭغاندا چوڭ يول تەرىپىدىن بىر سانتانا ماشىنا ئەگىلىپ كىردى. ھاياتىدا بۇنداق ماشىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ھېلىم، كۆزلىرىنى يېرىم قىسىپ تۇرۇپ-مەھەللىدە ماشىنىسى بار كاتتا خۇجايىنلار يوق ئىدى. بۇ ماشىنا نەدىن كەلدى ئەمدى؟
ئۇ خىيال قىلىپ تۇرغاندا ماشىنا ئۇدۇل كىلىپ ھېلىم كىتىۋاتقان چىغىر يولغا كىردى. ھېلىم تېخىمۇ ھەيران بولغاچ داۋاملىق مېڭىۋىدى، بىردەمگىچە ماشىنا ھېلىمنىڭ يېنىغا كىلىپ توختىدى. ھېلىم ئەمدىلىكتە تۇلىمۇ جىددىلىشىپ قالدى. ماشىنا ئىشىكى ئېچىلىپ ماشىنىدىن بىر ئەر چۈشتى، بۇ ئەر خۇددى كىنولاردىكى چولپانلارغا ئوخشاش تۇلىمۇ كىلىشكەن، تىرىسى ئاپپاق، چېچىنى سېرىقتا بۇلىۋالغان بۇلۇپ، چاچلىرى ئۇنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ ئاق كۆرسىتەتتى. ئارقىدىن يانتەرەپ شوپۇر ئۇرۇندۇقىدىن ئۇنىڭ خىيالىدىكى گۈزەل سەتەڭ مۇئەللىم ئالىيە چۈشتى. ھېلىمنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالدى. ئالىيە خانىم بۈگۈن ھەقىقى چىرايلىق ياسىنىپ، ھېلىم كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان تور پايپايلارنى تارتىپ، تولىمۇ تەنناز بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئەسنادا ھېلىقى كىلىشكەن يىگىت ھېلىمنىڭ ئالدىغا كىلىپ دىدى-ئاڭلىسام سەن قىز دوستۇمغا پوخۇرلۇق قىپسەن
-نى…نىم دەيلا؟ ئەكەك جىما بىز
ھېلىم ئېغىزىدا بۇنداق دىگەن بىلەن كۆڭلى تۇلىمۇ پەرىشان بولدى. ئىچ-ئىچىدىن بىرخىل بىئاراملىق كۈتۈرۈلدى.
-سەن ئەپتىڭگە قاراپ ئىش قىلىشنى ئۆگەن، ئالىيە خانىم شەھەردىن كەلگەن زىيالى، سەندەك چۈپرەندى پەسەندىلە ئالىيە خانىمغا ماس كەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا مەندەك ئوغۇللار ماس كىلىدۇ چۈشەندىڭمۇ؟
-ئەكەك جىما بىز
-چۈشەندىڭمۇ دىدىم
ھېلىم ھىچ نىمە دىيەممەي تۇرۇپ قالدى. ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن، ھېلىمنىڭ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن سېرىق چاچلىق يىگىت يەنە دىدى-ئەمەلىيەتتە مەن سىنىڭ داداڭنى تۇنۇيمەن، سەن سۇلتان روددىپاينىڭ ئوغلى
-دادامنى تىللىمايلى، ئەكەك جىما بىز
-سىنىڭ نىمە بۇلىشىڭ بىلەن مىنىڭ كارىم يوق، مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم سىنىڭ داداڭ بىلەن مىنىڭ دادام ئوخشىمايدۇ، شۇڭا سەن بىلەن مەنمۇ ئوخشىمايمەن،
-دادامنى ئۇنى بۇنى دىمەيلى، ئەكەك جىما بىز
-ئەسكى كەپەڭكە قايىتقاندا داداڭ دىگەن رودىپايغا ساتتار باينىڭ ئوغلىنى كۆدۈم دىسەڭ داداڭ غال غال تىترەپ كىتىدۇ،
ھەدىسىلا دادىسىنى تىللاۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمدى چىداپ بۇلاممىغان ھېلىم دىۋەيلەپ كىلىپ سېرىق چاچلىق يىگىتنىڭ كانىيىدىن بۇغۇپ ئالدى-ماڭ قايلا، دادامنى تىللاۋەمە، ئەكەك جىما بىز دەتىمە ساڭا
-ھى ھى ھى، قەلەندەرنىڭ بالىسى
-دادامنى تىللىما دىدىم
-ھې ھې ھې، دىدىمغۇ ئاۋال ئۆيگە قايتىپ داداڭدىن سوراپ باق
شۇ كۈنى سېرىق چاچلىق يىگىت بىلەن خېلى دىيىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئىشىكىمنى يىتىلەپ ئۆيىمگە قايتىپ كەلدىم، يولدا ماڭغىچە ئىچىم ئېچىشىپ ئۆز گۈشۈمنى ئۆزۈم يىگىدەك بولدۇم، ئويلىمىغان يىرىم ئالىيە خانىمنىڭ ئارقىسىدىكى ئەر مەندىن يۈز ھەسسە كېلىشكەن ھەم سالاپەتلىك ئىدى. ئىسىت، مېنىڭ شېرىن خىياللىرىم. شۇ خىياللار بىلەن ئۆيگە يىتىپ كىلىپ، ئىشىكنى قوتانغا باغلىۋەتتىم، بىردەمگىچە دادام ئېتىزدىن قايتىپ كەلدى.-دادا ئىشەكنى تېپىپ كەلدىم، ئەكەك جىما بىز
-ئىشەكنى تېپىپ كەگىنىڭ ئوبدان بوپتۇ، ئەمما پاختا قېنى؟
-پاختىنى ئىزەك نەگە چېچىۋەتكىنىنى ئۇقمايمەن
مىنىڭ دەشمىيىپ قاراپ تۇرغۇنۇمنى كۆرگەن دادام يەنە بىر چېچىلىشقا تەييا بۇلىۋىدى مەن دەرھال دادامنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن سورۇدۇم،
-دادا ساتتار باي دەپ بىر ئادەمنى تۇنامسە؟
دادامنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، بۇنداق بۇلىشىنى راسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.
-سەن زادى نەگە بادىڭ؟ قىممار خانىغا بادىڭما


