كۈزۈمدە لىق ياش 8-قىسىم
ئاۋازلىق نۇسقىسى
9-قىسىم
♥يازما نۇسقىسى♥
9-قىسىم
ھېس قىلسام كۆزى مەندىلا يالغۇز قالىدىغان پۇرسەتنى ئىزدەۋاتقاندەكلا قىلاتتى.
بۇنىڭ ئەكسىچە ئەمدى مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ تۇرىۋالدىم.
ھەتتا بەز مارىغان مۈشۈكتەك ئىشىك ئالدىمدا پەيدا بولغانلىرىدا يۈزىدىن يۈزىگە يۇندا ئېلىپ چىقىپ ئىشىك ئالدىغا چېچىپ ئۇنى قوغلاۋاتقىنىمنى بىلدۈرگەنمۇ بولدۇم.
بىراق بۇ قىلغانلىرىم ئۇنىڭغا كار قىلمايدىغاندەك قىلاتتى.
ئاخىرى بىر بازار كۈنلۈكى دادىڭىز بازارغا كەتكەن مەھەللىدىمۇ ئادەم ئاز ۋاقىتتا ئۇ قانداق يەردىن كىردىكىن ھويلىدا پەيدا بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم.
ۋە دەرھال چىقىپ كېتىشىنى ئېيتتىم.
بىراق ئۇ گېپىمنى نەزەرگە ئېلىدىغاندەك ئەمەس، يەنە ماڭا سۇۋۇشۇپ، مېنى ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى كېچە كۈندۈز خىيالىدىن چىقىرىۋېتەلمىگەنلىكىنى ئارىلىقتا ئايالىنىڭ يەڭگىگەنلىكى سەۋەبىدىن مەن تەرەپكە ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىزدىشىپ تۇرۇشقا بەرگەن ۋەدەمنى ئېسىمگە سېلىپ بېزىرىپ تۇرىۋالدى.
ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلىپ بېقىپمۇ، تىللاپ بېقىپمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئەقلىمدىن ئېزىپ خاتالىشىپ قالغانلىقىمنى، ئەمدى ئۇنداق نومۇسسىز ئىشنى ھەرگىز قىلمايدىغانلىقىمنى شۇڭا مېنى ئارامىمدا قويۇشنى ئېيتىپ بېقىپمۇ ، ئەينى ۋاقىتتا ماڭا تاماق ئېلىپ بەرگەن، كىرا پۇل يەنە يول بويى يېگەن ئىچكەنلىرىمنى تۆلەپ بەرگىنىم بولسۇن دەپ يېنىمدا ساقلاۋاتقان پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ بېقىپمۇ ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىغاندىن كېيىن ئاخىرى تامغا يۆلەكلىك تۇرغان ئارىنى ئېلىپلا ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلدىم.
يەنە كەتمىسىڭىز، بۈگۈن مۇشۇ يەردە سىز بىلەن تەڭ تۈگىشىمەن. ھېلىمۇ شۇ چاغدا ئەقىلسىزلىك قىلغىنىم ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىپ ئاران ئاران ياشاۋاتىمەن.
ھازىر مېنىڭ بىر قىزىم بار، مەن ئانا بولدۇم. ئەمدى بۇنداق يولغا ھەرگىز ماڭالمايمەن ھەم قەتىئي ماڭمايمەن. شۇڭا، نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ. يا بولمىسا ئىككىلىمىز ئۆلۈپلا تۈگىشەيلى. مەنمۇ بۇ خورلۇقتىن ئاشۇ ۋىجدان ئازابىدىن ئۆلگەندىلا بىراقلا قۇتۇلىدىغان ئوخشايمەن. دەپ چىڭ تۇردۇم.
ئۇ شۇ چاغدىلا سەل سەگىگەندەك بولدى ۋە تولىمۇ ئەپسۇسلۇق بىر چىراي ئىپادىسىدە، تولىمۇ بىچارە ھالدا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن كەينىگە يېنىپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم.
مەن ئەمدى ھەر ھالدا خاتىرجەم ياشايدىغان ئوخشايمەن دەپتىكەنمەن.
بىراق كىم بىلسۇن دادىڭىزنىڭ تۈزۈلۈپ قېلىشلىرى بىر مەزگىللىكلا بولدى. مېنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىممۇ ئۇزۇنغا بارمىغان ئىدى، سىزنىڭ چوڭ بولۇشىڭىزغا ئەگىشىپ ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە دېگەندەك دادىڭىز يەنە كونا خۇيلىرىنى تېپىۋالدى.
ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ ئەسكىرەپ كەتتى.
بۇ چاغدا مېنىڭ كەينىمگە يانىدىغان يولۇم قالمىغان ئىدى.
كېيىن سىزمۇ ئەقىلگە تولدىڭىز بىر ئىشلارنى بىلگۈدەك چۈشەنگۈدەك بولدىڭىز شۇ چاغدا مەن دادىڭىزنىڭ ماڭا سالغان خورلۇق زۇلۇملىرىنى سىزگە بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ ئامال بولمىدى سىز مېنىڭ ئازابىمغا كۆز ياشلىرىمغا شاھىت بولۇپ يېشىڭىز ئۇلغۇيېشىغا باشلىدى.
كېيىن سىڭلىڭىزغا قورساق كۆتۈردۈم. سىز تۇغۇلغاندا دادىڭىزنىڭ تۈزۈلۈپ كەتكەنلىرىنى ئويلاپ بۇ بالىنىڭمۇ مېھرى ئىسسىق كېلەر ئۇ يەنە تۈزۈلۈپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن چىشىمنى چىشلەپ سىڭلىڭىزنى تۇغدۇم. ئارقىدىنلا ئىنىڭىزنىمۇ تۇغدۇم. بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ تۈزۈلۈپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلغانلىرىم قۇرۇق خام خىياللا بولۇپ قالغانىدى.
ئۇ شۇ پېتىم ئەسكى خۇيلىرىنى پەقەتلا تاشلىغىلى ئۇنىماي ئىنىڭىز سىڭلىڭىزمۇ خېلىلا چوڭ بولۇپ قالدى.
بىلەمسىز قىزىم. ئېرى مەسۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئاىلىدىكى كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان ئايالغا ئاسانلا يات ئەرلەرنىڭ دىققەت نەزىرى مەركەزلىشىپ قالىدۇ.
ئاىلىدە مېھىرسىز قالغان، مېھرى مۇھەببەتكە تەشنا ئازراقلا ئالداپ سىلاپ قويسام ئىندەككە چۈشىدۇ دەپ نىيىتىنى بۇزىشىدۇ. ھېيىقماي سۆز تاشلىشىدۇ. رەت قىلسىڭىز ئېرىڭىز قارىمىسا نېمە قىلىسىز يەنە نوچىلىق قىلىپ پېتىڭىزدىن چۈشمەي دەپ ھاقارەت قىلىشىدۇ. ئېرىڭىزنىڭ ئۆي بىلەن كارى يوقلىقىنى بىلىمەن بۇنى خەجلەپ گېپىمگە كۆنسىڭىز دەپ پۇل تەڭلەپ غورۇرىڭىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقچى بولۇشىدۇ.
مانا مەنمۇ شۇنداق كۈنلەرنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن. بىراق، ئىشىنىڭ قىزىم. مەن رۇستەمجاننىڭ دادىسى بىلەن شۇ بىر قېتىم ئېزىپ قالغانچە شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى بۇنداق يولغا قەتىي مېڭىپ باقمىدىم. ھەرقانچە قىينالساممۇ، دەرت ئەلەم ئىچىمنى ئۆرتەپ كۈل قىلىۋەتسىمۇ، دادىڭىزغا چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچلۈكۈم كەلسىمۇ، مېنى ھەر كويلارغا سالغان تەقدىر قىسمەتتىن زار ـ زار قاقشىساممۇ ئۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قەتىي قىلىپ باقمىدىم.
چۈنكى مەن ئۇ چاغدا ئانا ئىدىم جېنىم قىزىم. ئانىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس سالاھىيەتنىڭ يۈزىگە ئاياغ قويسام بولمايدىغانلىقىنى بەك بەك ئېنىق بىلەتتىم.
سىلەر ئۈچۈن ئوت سۇغا كىرىشتىنمۇ يانمايتتىم. سىلەرگە كۈلۈپ قارايدىغان يۈزۈمنى، سىلەرگە يېمەكلىك سۇنىدىغان يۈز كۆزلىرىڭلارنى سىلايدىغان قولۇمنى، سىلەر ئۈچۈن يۈگرەيدىغان پۇتۇمنى، سىلەر ئانىلىق مېھرىنى ھېس قىلىدىغان ۋۇجۇدۇمنى سىلەر ئۈچۈن پاك تۇتمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھەر قاچان ئېسىمدە مەھكەم تۇتاتتىم.
بىراق تولىمۇ ئەپسۇس، تەقدىر مېنىڭ شۇ بىر قېتىملىق خاتالىقىمنى كەچۈرۈۋېتەلمىدى، شۇنىڭدىن كېيىن كۆرسەتكەن شۇنچە تىرىشچانلىقلىرىمغا كۆز يۇمدى. مېنى بەك قاتتىق، بەك قاتتىق جازالىدى.
جېنىمدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدىغان پەرزەنتىمنىڭ بەختسىزلىكىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولامدۇ ماڭا.
يەنە كېلىپ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق، مۇشۇنداق نومۇسلۇق، مۇشۇنداق شەرمەندىلەرچە بىر ھالدا…ھۈ…ھۈ…ھۈ…
مەن ئەينى چاغدا بىر قاراپلا رۇستەمجاننىڭ، ئاشۇ ئادەمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە تويىڭىزغا شۇڭا قارشى تۇرغان ئىدىم جېنىم قىزىم.
ئاشۇ بىر قېتىملىق خىيانىتىمنىڭ يىللار ئۆتۈپ يەنە قايتا بىر قېتىم ئاىلىمىزگە سوغۇق سايە تاشلىشىدىن قورقۇپ قوشۇلمىغان ئىدىم. بىراق ئويلىغانكەنمەن… پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن… سىلەرنىڭ…سىلەرنىڭ…ھۈ…ھۈ…ھۈ…
ئاپامنىڭ يېنىدىن ئاستا تۇرۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى ئېچىۋەتكۈدەك ھۆركىرەپ يىغلاشلىرىمۇ شۇ تاپتا قۇلىقىمغا كىرمەيتتى.
مەڭزىمدە قېتىپ قالغان ياشلىرىمنى مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىم بىلەن سۈرتىۋېتىپ ھويلىغا چىقتىم ۋە ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغىلا ئۆزۈمنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ، چەكسىز كەتكەن ئاسمانغا تىكىلدىم.
شۇ ھالدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن.
بىر چاغدا سىڭلىم ھويلىغا كىردى ۋە يېنىمغا كېلىپ مەندىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدى.
مەن ئۈندىمىدىم. مەندىن جاۋاب ئالالماي، ئۇ ئاپامدىن سوراپ باقاي دېدى بولغاي ئىلدام قەدەملىرىنى ئۆي تامان سىلجىتتى.
ـ ئاپا! ئاپا!…ـ بىر كەمدە ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازىدىن يۈرۈكۈم قارىتلا قىپ قالدى ۋە مەنمۇ يىقىلىپ قوپۇپ ئۆيگە يۈگۈردۈم.
نە كۆز بىلەن كۆرەيكى بايىلا ھۆركىرەپ يىغلىغىنىچە بۇيەردە قېپ قالغان ئاپام شۇ تاپتا مىلىچچىدە قان ئىچىدە ياتاتتى.
ـ ئاپا!!!…ـ ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى ئاتتىم كېسىلگەن قان ئۇيۇپ قالغان قول بېغىشلىرىنى مەڭزىمگە ياقتىم. يىغلايتتىم ئۆزۈمنى كاچاتلايتتىم. ئاپامنىڭ كۆزىنى ئېچىشىنى ماڭا بىر قارىشىنى ئۆتۈنۈپ نىدا قىلاتتىم. بىراق ئاپام ئۈن تىۋىشسىز ئىدى.
شۇنداق، قىلىپ ئاپام ئۆلۈپ كەتتى، بۇ كۈنى بىز ئۈچىمىز بىراقلا قارا يېتىملىق كوچىسىغا قەدەم قويدۇق.
ئاپامغا زار يىغلاپ ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ، ئىنىم بىلەن سىڭلىمنى باغرىمغا بېسىپ ئولتۇرغىنىمدا بۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك بىر خەۋەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
يەنى ئاپامنىڭ، جان ئۈزۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئىشلارغا قاراشقىلى كىرگەن ، رۇستەم بىلەن ھازىر ئوتتۇرىمىزدا ئاجايىپ قالايمىقان بىر مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىز قوشنىلار رۇستەم ۋە ئۆيىدىكىلەرگە ئاپامنىڭ جان ئۈزۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بېرىشقان ئىكەن.
ئويلىمىغان يەردىن بارغانلار ئۇ يەردىمۇ يەنە بىر ئۆلۈمنىڭ ئۈستىگىلا بېرىپتۇ.
بۇنىڭدىن خەۋەرسىز بېرىپ قالغان قوشنىلار خەۋەر يەتكۈزگىلى بېرىشقانلىرىغىمۇ مىڭ پۇشايمان قىلىپ، كىرەي دېسە يەر قاتتىق چىقاي دېسە ئاسمان يىراق بىر ھالدا قايتىپ كېلىشىپ بولغۇچە قېيىن ئاپاممۇ مېنى يەۋەتسە دەردى يوق بىر ھالدا ئالدىمغا كېلىپ ماڭا بۇ ئىشنى يەتكۈزۈپ بولدى.…
ئۇنىڭ قولىدا بىر پارچە قەغەز پۇلاڭلاپ تۇراتتى.
قار يامغۇر يىغا زارە بىلەن كىرگەن قېيىن ئاپام قولىدىكى شۇ قەغەزنى يۈزۈمگىلا ئاتتى.
… ۋاي جېنىم ئوغلۇم! ۋاي، بىر دانەم يىگانە ئوغلۇم. بۇ يېشىمدا مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، ئۆز جېنىغا ئۆزى قەست قىلغان ئوغلۇم. مېنى قايسى كۆزى بىلەن شۇ ھالىڭنى كۆرسۇن دېگەنسەن ئوغلۇم؟ ئاشۇ چىرايلىق بويۇنلىرىڭنى ئاسقان ئارغامچىغا مېنى ئاسساڭچۇ ئوغلۇم. ئون قېتىم، يۈز قېتىم ئاسساڭچۇ ئوغلۇم. نېمە بولسام مەن بولسام سەن ھايات قالساڭچۇ ئوغلۇم. ئۆزجېنىڭغا ئۆزۈڭ ئۇنچە رەھىمسىزلەرچە قەست قىلمىساڭچۇ ئوغلۇم. نېمە دەرت كەلگەن ئىدى بۇنچە. ماڭا دېسەڭ بولماسمىدى ئوغلۇم. سېنى شۇ كويغا سالغانلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيتۇم ئەمەسمۇ ئوغلۇم. ۋاي ئوغلىمەي…ۋاي ياش كەتكەن ئوغلۇم… كۆزى ئوچۇق ئارماندا كەتكەن ئوغلۇم. مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن.… مېنى قانداق قىلسۇن دەيسەن ئوغلۇم؟!ھۈ…ھۈ…ھۈ…
بۇ ئەھۋالنى قاي كۆزۈم بىلەن كۆرەي بۇ گەپلەرنى قاي قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاي ئاپامغا يىغلاپ ئاران قالغاندا بىردەمدىلا بولۇپ كەتكەن بۇ ئىشلاردىن مەڭدەپلا قالغانىدىم.
ئاخىرى قېيىن ئاپامنىڭ گەپلىرىنىڭ تېگىگە بىر يېتىپ بىر يەتمەيلا تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن، بايا قېيىن ئاپام يۈزۈمگە ئاتقان قەغەزنى ئېلىپ ئۈستىدىكى خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

