大数跨境

كۈزۈمدە لىق ياش 5-قىسىم (ئاۋازلىق خەتلىك )

كۈزۈمدە لىق ياش 5-قىسىم (ئاۋازلىق خەتلىك ) daxxat asar
2026-03-21
2


كۈزۈمدە لىق ياش 5-قىسىم 

6-قىسىم
7-قىسىم

ئاۋازلىق نۇسقىسى

5-قىسىم 




يازما نۇسقىسى

 

5-قىسىم

ـ  شۇنداق قىلىپ  شەخسى دوختۇرخانىدىكى شۇ بىر قېتىملىق تەكشۈرتۈشتىن كېيىن  مەن ئىزچىل ئۆزۈمنى  بالامنىڭ ساق ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ  ، كۆڭلۈم بىر ئىشلارنى تۇيۇپ تۇرسىمۇ ئۆزــ ئۆزۈمنى ئالداپ بالا تۇغۇلىدىغان شۇ كۈننى ساقلاشقا باشلىدىم .ــ  دەپ گەپ باشلىدى ھاۋانىسا ھەدەم بۇ كۈنى، ئۇنىڭغا شەخسى دوختۇرخانىدىكى چەت كىچىك تەكشۈرۈش ئۆيىدىن قايتىپ چىققان ۋاقىتقىچە سۆزلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكىنىمدىن كېيىن. ـ  بىراق، كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دېگەندەك كېلىشمەسلىك ئاخىرى يۈز بەردى. 

 ۋە شۇنىڭدىن كېيىن   بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار  ھاياتىمنى خۇددى   ئاسمان كۆمتۈرۈلۈپ چۈشكەندەك ئاستىن ــ ئۈستۈن قىلىۋەتتى. 

يەنى بۇ قېتىم قورسىقىم يەتتە ئايلىق بولار بولمايلا تولغىقىم باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. 

بالىنىڭ سەۋەبسىزلا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالمايدىغانلىقى بۇنىڭ يەنىمۇ چوڭ خەتەرگە بېرىپ چېتىلىش ئېھتىماللىقىغا قارىماي مەن بۇ قېتىممۇ  دوختۇرخانىغا بارماي ئۆيدە تۇغۇش پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم. 

بىراق   بۇ قېتىملىق   تۇغۇتۇم تۇنجى تۇغۇتۇمغا قارىغاندا   تېخىمۇ تەس بولۇپ مەن ھە دېگەندىلا ئايلىنىپ قېلىپ ئۆيدىكىلەرنى بەكلا قورقۇتىۋەتكەن ئىكەنمەن .  ئاخىرى ئۆيدىكىلەر  مېنى يەنىلا  دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشپتۇ.

  قالغان ئىشلار باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك…  شۇنداق بولدى… بۇ قېتىم ئۆزۈم تۇغالماي ئوپېراتسىيە قىلىندىم.  تېخى تۇغقان بالام دەرۋەقە دوختۇرلارنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك تۇنجى بالامغا ئوخشاشلا بىنورمال، غەيرى بوۋاق ئىكەن.

ئەمما مەن بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمقىدەك يىغلاپ قاقشاپ تەتۈرلۈك قىلىپ دوختۇرخانىنى بېشىمغىمۇ كەيمىدىم. 

يولدىشىم بىلەن ئاپاممۇ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ماڭا كۈچەپ چۈشەندۈرۈپ بۇنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئىكەنلكىنى ئېيتىپمۇ يۈرمىدى نېمە ئۈچۈندۇر ئۇلارنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتكەن ئىدى. 

مەن بولسام قىيىن تۇغۇتنىڭ ئاغرىق ئازابى،   دوختۇرلارنىڭ تاپا ـ تەنىلىرى، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئېغىر ھالسىزلىنىش،  تۇغقان بالامنىڭ يەنىلا بىنورماللىقى ۋە  تۇغۇلۇپلا نەپەستىن قالغانلىقى ،  ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن قېيىن ئاپامدىن كېلىدىغان بېسىم  بۇلارنى ھەر ئويلىغىنىمدا  مەنمۇشۇ بىنورمال بالام بىلەن تەڭلا ئۆلۈپ كەتسەم بولماسمىدى دەپ   ئۈنسىز ياش تۆكۈش بىلەن كۈنلەرنى مىنۇت سېكۇنتلاپ تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزۈۋاتاتتىم.

بىراق كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ دەپ  ھەقىقىي يىغلايدىغان كۈنلىرىمنىڭ تېخى ئالدىمدا ئىكەنلىكىنى نەدىنمۇ بىلەي.

  بۇ ئىش مەن ئوپېراتسىيە قىلىنىپ نەچچە كۈندىن كېيىن يۈز بەردى. 

شۇ كۈنى مەن ھاجەتخانىغا  ئاپامنىڭ سىرتتىن كىرىپ يۆلىشىنى ساقلىمايلا ئۆزۈم تېرەجەپ كۈچەپ مىڭ تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ يالغۇز چىققان ئىدىم.

ئۇ ۋاقىتلاردا دوختۇرخانا بۇنداق تەرەققىي قىلمىغان  ھەر بىر بالنىست ياتىقى ئىچىدە بىردىن ھاجەتخانىمۇ يوق ئىدى.   زىيادە ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ چوڭ كىچىك تەرىتىگە بالنىست ياتىقى ئىچىدىلا قاچا تۇتۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كېسەلگە قارىغۇچىلار ئېلىپ چىقىپ ھاجەتخانىغا تۆكەتتى.

سەل ماڭالىغۇدەكلىرى قارىغۇچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھاجەتخانىغا ئۆزى مېڭىپ چىقاتتى. 

ھاجەتخانىنىڭ ئارىلىقىمۇ يىراق بولۇپ ھاجەتخانىغا چىققۇچە سېسترالار پونكىتى ئالدىدىن ئۆتەتتۇق. 

مەن ھاجەتخانىغا ماڭغاچ ئاپامنىڭ بۇ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغىنىمدىن بېرى روھىي ھالىتىنىڭ ئاجايىپ نورمالسىز بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئويلانغاچ ماڭدىم. 

ئاپام بۇ قېتىممۇ ئالدىنقى قېتىملىققا ئوخشاشلا ماڭا قارىسىلا يىغلايتتى. 

بىراق ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق يىغلاشلىرى كىشىنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ ئېزىدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ  ئالدىنقى قېتىمقىدەك كۆزلىرىمگە چوڭقۇر مېھرى بىلەن تىكىلىپ يۈز كۆزلىرىمنى سىلاپ  يىغلىماي ھە دېگەندىلا مەندىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ماڭا تىك قارىيالماي، خۇددى ماڭا دېيەلمەيۋاتقان بىر گېپى باردەك، بىر ئىشلارنى مەندىن يوشۇرۇۋاتقاندەك  بىر ھال شەكىللىنىپ قېلىۋاتاتتى.   ماڭا ئوكۇل چۈشۈۋاتقاندا يېنىمدا ئولتۇرغىنىدىمۇ ئوكۇلۇمنىڭ تۈگىگەن تۈگىمىگەنلىكىنىمۇ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ھاڭۋېقىپ قالاتتى.   سەللا كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلنىشىپ قالغۇدەك بولسا بالنىست ياتىقىدىن چىقىپ دوختۇرخانا گۈللىكىدە يىراقلارغا تىكىلگىنىچە ئەتراپىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىغىمۇ دىققەت قىلماي ئېغىر خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. 

مەن شۇ خىياللار بىلەن  تام تۇتۇپ مېڭىپ سېستىرالار پونكىتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنىمۇ تۇيماپتىمەن بىر چاغدا ئىككى سېستىرانىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ۋە بىر قەدەم كەينىمگە يېنىپ ئۆزۈمنى بىر ئاز دالدىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالدىم.  

ئەللىك سەككىزىنچى كارىۋاتنى دەمسەن؟ــ   دەۋاتاتتى بىر سېستىرا.   بۇ مېنىڭ كارىۋات نومۇرۇم ئىدى. 

ـ ھەئە.ـ  دېدى يەنە بىرسى. 

ــ  يېقىن تۇغقانلار ئۆزـ ئارا توي قىلغان ئىشمىكەن؟ــ  شۇنداق سورىدى ئارقىدىنلا يەنە بىرسى. 

ـ  ھەئە، قۇلىقىڭ گاسمۇ سېنىڭ بايىلا دېدىمغۇ يەنە سورامسەن؟ـ  باشتىكى سېستىرا سەل تېرىككەندەك قىلىپ شۇنداق دېدى. 

ـ ۋاي ئانىمەي!   ئەمىسە ئىككىلا قېتىم غەيرىي بوۋاق تۇغقانلىقى شۇ سەۋەبتىن ئىكەندە؟!…

ـ ھەشۇ…   زادى دېھقان خەق دېگەننىڭ نادانلىقى قارا.  يېقىن تۇغقانلار ئۆزـ ئارا توي قىلسا بولمايدۇ دەپ تۇرسىمۇ يەنە ئادەم چىقمىغاندەك تۇغقانلىرى بىلەن ئېلىپ تېگىشىۋالىدىكەن.   ئەنە قارا، ئۇ ئايالمۇ  ئۆزى نېمجان بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاننى ئاز دەپ، قاراپ تۇرۇپ ئىككى نارسىدىنى بۇ دۇنياغا ساغلام تۇغۇلۇش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قىلدى.  شۇ كۈنى ئۇ ئايال ئوپېراتسىيە قىلىنغاندا، مەن نۆۋەتچى ئىدىم، ۋاي ئانامەي ئۇ بالىغا قارىساڭ يۈرىكىڭ ئېچىشىدۇ.  شۇ بالىنى ئويلىساملا  قورققىنىمدىن ھازىرمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمايمەن…

ــ ۋايجان…  ۋاي بولدى دېمىگىنە…

ـ  ئىشقىلىپ ئويلىساملا بىئارام بولىمەن، ئۇ ئەللىك سەككىزىنچى كارىۋاتچۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان خوتۇنكەن.  ئاڭلىشىمچە ئۇ تۇنجى بالىسىنىمۇ مۇشۇ دوختۇرخانىدا يەڭگىپتىكەن. دوختۇرلار شۇ ۋاقىتتىلا ئىككىنچى بالىنى ئالسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئەسكەرتىپتىكەن، بىراق ئۇ ئايال يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قورساق كۆتۈرۈپتۇ.  بۇ قېتىملىق ئىشتىن كېيىنمۇ دوختۇر ئۇنىڭ ئاپىسىنى چاقىرىپ  بۇ ئىشتىكى مەسۇلىيەتسىزلىكىنى تەنقىدلەپتۇ. 

بىراق، ئاپىسى   ئىككى بالىنىڭ زىنھار تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق.  سىلەر خاتالاشتىڭلار دەپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ. 

ھەي…  ئىش بۇ يەرگە يەتكەندىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تەن ئالماي تۇرۇۋالغىنى ئەمەسمۇـ بۇ؟!

  گەپنىڭ بېشىدىلا يۈرۈكۈم ئېغىزىمغا كەپلىشىپ دېمىم سىقىلىشقا باشلىغان ئىدى، ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆرە تۇرغۇدەكمۇ مادارىم قالماي تامغا يۆلەنگىنىمچە سىيرىلىپ جايىمغىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. 

ئۇنىڭغىچە بۇ كارىدوردىن ئۆتۈپ كېتىشىۋاتقان باشقىلار ئىتتىك كېلىپ مېنى يۆلىدى. 

ـ ۋوي نېم بولدىڭىز؟

بايىقى ئىچىدە ئوكۇل تەڭشەۋاتقاچ پاراڭلىشىۋاتقان ئىككى سېستىرامۇ تېشىدىكى، بۇ قالايمىقانچىلىقتىن   گېپىنى توختىتىپ تېشىغا يۈگۈرۈپ چىقىشتى ۋە مېنى كۆرۈپلا  لەۋلىرىنى چىشلەپ بىرـ بىرىگە  ئوڭايسىز قارىشىپ قالدى.

ـ   بايا نېمە دېدىڭلار؟ـ سورىدىم مەن ئالدىدىراق تۇرغان بىر سېستىرانىڭ كۆزلىرىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ. 

ــ ھېچ…ھېچنىمە  …سىز…  بۇ يەردە بۇنداق ئولتۇرۋالسىڭىز بولمايدۇ كېلىڭ مەن سىزنى يۆلەپ كارۋىتىڭىزغا ئەكىرىپ قوياي. 

ـ تارت   مەينەت قولۇڭنى…ـ  سېستىرانىڭ مېنى يۆلەش ئۈچۈن سوزۇلغان قوللىرىنى كۈچەپ ئىتتىردىم. ۋە  ئاچچىقىمنى باسالماي ۋارقىرىدىم. ـ  سەنلەردە ئىچ ئاغرىتىش ھېسداشلىق  دەيدىغان نەرسە يوقمۇ؟  بالام شۇنداق تۇغۇلۇپ قالدى. بۇنىڭدىن مەن ئازابلانمىدىممۇ؟ بۇ ماڭا ئېغىر كەلمىدىمۇ؟ ئاران تۇرۇۋاتقىنىمدا نېمىشقا بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىسەن؟   كەمتۈك بالا تۇغدى دەپلا مېنى مۇشۇنداق كەمسىتىشسەڭ   ئېغىزىڭغا كەلگەن گەپنى قىلىپ ھاقارەتلەشسەڭ بولامدىكەن.  بۇ زادى قانداق دوختۇرخانا؟   مەن بىلىمەن سەنلەر باشتىلا بالامنىڭ تىنچ ئامان تۇغۇلۇشىنى خالىمايتتىڭ.   باشتىلا يەنە غەيرى تۇغىسەن كەمتۈك تۇغىسەن دەپ مېنى قورقۇتىۋەتكەچكە بۇ  بالاممۇ راستتىنلا شۇنداق  كەمتۈك تۇغۇلۇپ قالدى.   بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ھەممىڭ دوختۇر بولۇشقا سالاھىيىتىڭ توشمايدىغان ساپاسىز نېمىلەر…  سەنلەر دوختۇر بولىمەن دېگۈچە ئاۋۋال ئادەم بولۇش… 

ـ ۋوي  نېم بولۇۋاتىسىز؟  گەپ قىلمىسام گاچىكەن  دەپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟ بۇنداق دوختۇرخانا يارىمىغان بولسا ئىشىك ئەنە. چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. سىزنى باغلاپ تۇتىۋالمىدۇققۇ بۇ يەردە.   يېقىن تۇغقىنىڭىز بىلەن توي قىلىڭ دەپ بىز ئۆگىتىپ قويدۇقمۇ يا سىزگە؟   قانۇن قائىدىگە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ بۇنداق ئاقىۋەتكە قالغان ئۆزىڭىز تۇرۇپ  ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك  ئەيىبنى بىزگە ئارتىپ قويغىلىۋاتامسىز؟  قانداق دېگەن قاملاشمىغان گەپ بۇ؟!ـ  باشتا ئۆزىنى ئېغىر بېسىق تۇتۇشقا تىرىشىپ   مېنى بالنىستقا ئەكىرىۋېتىش ئۈچۈن خېلى كۈچەپ باققان سېستىرا ئاخىرى خۇددى ساراڭلاردەك ئېغىزىمغا كەلگەننى دەۋېرىشلىرىمگە چىدىماي قالدى بولغاي قايناپلا چۈشتى. 

ـ  نېمە ئىش بولدى، نېمە قالايمىقانچىلىق بۇ؟ ـ  ئۇنىڭغىچە يان تەرەپتىن  چىقىپ كەلگەن  دوختۇرنى كۆرۈپ  سېستىرا گەپتىن توختىدى ۋە   تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ، تۇرۇپ مېنى ئىشارەت قىلدى. 

ـ دوختۇر   بۇ ئايال ئېغىزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ بۇ يەردە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ…

ـ  مەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىدىم.  بايا بۇ ئىككى سېستىرا ئىچىدە تۇرۇپ مېنى ھاقارەتلىدى.   مەن توغرۇلۇق ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنى قىلىشتى. ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى دەپ ئۇلارنى دېسە بولىدۇ.   مېنى بىلمەيدۇ دېيىشمە. سەنلەرنىڭ ھەممىڭنىڭ تىلىڭ بىر. نېمە ئىش قىلىشقىنىڭ كۆڭلۈڭگە ئايان.   شۇڭا بۇ يەردە سۆزلىشىمدىن قورقىشىسەن.  شۇڭا مېنى ياتاققا ئەكىرىۋەتمەكچى بولۇشتۇڭ.  ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، بۈگۈن مۇشۇ يەردە ھەممە گەپنى دېيىشىمىز…ـ    ئارانلا تۇرغىنىمدا سېستىرانىڭ گەپلىرى  مېنى ئەقلىمدىن ئازدۇرۇپلا قويغان ئىدى.  نېمە دەۋاتقىنىم گېپىمنىڭ ئوڭ تەتۈرلىكى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي ئىچىمدىكى ئاچچىقىمنى چىقىرىۋېلىشنىلا ئويلاۋاتاتتىم. 

بۇ چاغدا ھېلىقى يان تەرەپتىن چىققان دوختۇر ئىككى سېستىراغا ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كېيىن،    ئېغىزىم بېسىقماي سۆزلەشلىرىمگىمۇ قارىماي مېنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىش ئۈچۈن  يۆلەشكە باشلىدى.  

ــ  تۇرىڭە ئىشخانامغا كىرىپ دېيىشەيلى…

ـ  قويۇۋەت…قويۇۋەت مېنى. ھەممىڭ بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى، ھەممىڭنىڭ تىلىڭ بىر.   قويۇۋەت دەيمەن،  ئاۋۇ ئىككىسى قىلغان گېپىگە ئىگە بولسۇن. كىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپتۇ؟ كىم يېقىن تۇغقىنى بىلەن توي قىلىپتۇ؟   ئۇلار نېمىشقا ئېغىزىغا كەلگەننى دەيدۇ؟     يىپچى خوتۇندەك ئېغىزىغا كەلگەننى دەپ غەيۋەت قىلىشقىنى، قالايمىقان جۆيلىگىنى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالىمامسىلەر،  مەن كىرمەيمەن… ئىشخاناڭغا كىرمەيمەن…ـ  شۇنچە تىركىشىشلىرىم بىكار كەتكەن ئىدى…

بىردەمدىلا ئۆزۈمنى بايىقى دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدا كۆردۈم ۋە ئۇ ئۈستەل ئۈستىگە پاققىدە قويغان بىر ۋاراق قەغەزگە قارىغىنىمچە قورقۇمسىراپ ئولتۇرۇپ قالدىم.

  بېشىم قېيىپ تۇراتتى. قورسىقىم چىدىغۇسىز ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى.   ئېغىر ھاسىرايتتىم.    بىراق بايا قاتتىق غەزەپتىن ھېچنېمىنى تۇيمىغان ئىدىم. شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ بۇ ھالىتىمنى خۇددى بوينى پىچاققا تېرەلگەن باچكىنىڭ جان بېرىش ئالدىدىكى تىركىشىلىرىگە ئوخشىتىۋاتاتتىم. 

سىرتتىن مېنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىشكەن سېستىرالارنىڭ تاماشا كۆرگىلى يىغىلىپ كەتكەنلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان  گاھى قاتتىق، گاھى يۇمشاق گەپلىرى    ئاڭلىنىشتىن توختىغاندىلا دوختۇر گېپىنى باشلىدى. 

ـ  بۇ تەكشۈرۈش ئىسپاتى.   خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئەر ئايال ئىككىڭلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش قارار قىلىنغان ۋە يولدىشىڭىزنىڭ ماقۇل بولۇپ  ئىمزا قويۇشى بىلەن سىلەردىن   ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسى تەكشۈرۈشكە يوللانغان بۇ  شۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى .   بۇ تەكشۈرۈش ئىسپاتىدا ئەر ئايال ئىككىڭلارنىڭ بىۋاستە قانداشلىق مۇناسىۋىتىڭلار بارلىقى ئېنىق يېزىلغان.   ئۆزىڭىز كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.  ئەسلى يېڭىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىڭىز ۋە تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغانلىقىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ نەتىجىنى ۋاقتىنچە سىزگە كۆرسەتمەسلىكنى ئويلاشقان ئىدۇق. بىراق بۈگۈنكى ئەھۋالدىن قارىغاندا  دوختۇرخانىمىزنى ۋە دوختۇر  سېستىرالارنى بەكلا خاتا چۈشۈنۈپ قالغاندەك قىلىسىز…


(6 قىسىم


دوختۇرنىڭ كېيىنكى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى.  ئېغىزىمنى كاماردەك ئاچقىنىمچە، بىردە ئۇنىڭغا، بىردە ئۇ ئالدىمغا ئىتتىرىپ قويغان تەكشۈرۈش ئىسپاتى دېگەن نەرسىگە قارىدىم. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئىمىر چىمىر خەت، سان سىفىر ۋە بەلگىلەرنى مەن چۈشەنمەيتتىم. 

ئىچىمدە بىر دەھشەت ھۆكۈم سۈرەتتى. 

ـ بۇ…بۇ نېمە گەپ… سىز… سىلە  ئەمدى مۇشۇ گەپنى توقۇپ چىقىپ…

ـ  كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ. ئالدىڭىزدا تۇرغان  قانۇنلۇق تەكشۈرۈش ئىسپاتى.   ھەرقايسىڭلارنىڭ كېلىپ چىقىشى،  ئاىلەڭلاردا قانداق ئىشلارنىڭ  بولغانلىقى بىزگە قاراڭغۇ.  بىراق ئالدىڭىزدىكى ئىسپات ئېنىق تۇرۇپتۇ.  ناۋادا ئىشەنمىسىڭىز  يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا بېرىپ ئۆزۈڭلار قايتا تەكشۈرتۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.  بىلىمەن سىزگە ئېغىر كېلىشى مۇمكىن.  بىراق سىزنىڭ يەنە داۋاملىق دوختۇرخانىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئوبرازىمىزغا داغ چۈشۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىۋېرىشىڭىزگە ئەمدى قاراپ تۇرالمايمىز…

ـ بۇ…بۇ…قانداقمۇ…

دوختۇرنىڭ قەتىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قايتا قارىيالمىدىم.   خۇددى بۇ ئىشخانىنىڭ تۆت تېمى ئورنىدىن ئاجراپ مەن تەرەپكە كېلىۋاتقاندەك ھېلىلا مېنى قىستاپ مىجىۋېتىدىغاندەك بىر قورقۇنچ بىلەن   ئىشخانىدىن چىقىپ ئالدىمغا قاراپ نىشانسىزلا  دەلدۈگىنىپ  مېڭىشقا باشلىدىم. 

ـ قىزىم… 

بىر چاغدا كەينىمدىن ئاپامنىڭ  يىغا ئارىلاش  تىترەڭگۈ ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە ئۇ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە مېنى يۆلىۋالدى.  ھاسىراپ كېتىشلىرىدىن مېنى ئىزدەپ خېلى ئاۋارە بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. 

ـ  كېتەيلى ئاپا، ئۆيگە كېتەيلى، ئەمدى بۇ يەردە تۇرمايلى.ـ  دېدىم مەن زەئىپ ئاۋازىمدا. 

ئاپام نەچچە   سىكۇنت جايىدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدى. 

بىردەمدىن كېيىن ئۇ يەنە قەدىمىنى تېزلىتىپ   ئۇنىڭدىن ئازراقلا ئۇزاپ  كەتكەن ماڭا يېتىشىۋالدى ۋە   ئۈن تىنسىزلا مېنى يۆلەپ مېڭىشقا باشلىدى. 

كۆز ياشلىرى بولسا يەنە يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ  لاغىلداپ تىترەۋاتقاندەكمۇ  مەندىن بەتتەر ھالدا ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكمۇ قىلاتتى.

  ئۆيگە كىرىپلا  دادامنىڭ چوڭايتىپ رامكىغا ئېلىنىپ ئۇدۇلدىكى تامغا ئېسىپ قويۇلغان رەڭسىز سۈرىتىگە قارىغىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.

يولدا كەلگۈچە ھەر قىسىما خىياللار كاللامنى قوچۇۋەتكەن ئىدى. 

دوختۇرنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكنى تولىمۇ خالايتتىم.  بىراق ئىچىمدە قانداقتۇر بىر خىل تۇيغۇ  ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىككە ھېچقانداق ئاساسىم يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى ۋە ھەر بىر ئىنچىكە گۇمانلىق نۇقتىلارنى   ئەس خىيالىمغا بىرـ بىرلەپ تىزىپ چىقىۋاتاتتى.

« دوختۇرنىڭ ئۇ نېمە دېگىنى؟   بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار دېگەن گەپ… ئۇنداقتا ئەرـ ئايال ئىككىمىز قېرىنداش دېگەن گەپمۇ؟…»  ھەر قېتىم  مۇشۇ ئاڭ كاللامغا كەلگەندە ئېچىنىش بىلەن كاللامنى كۈچەپ سىلكيىتتىم ۋە كاللامدىن چىققان چىدىغۇسىز بىر ئاغرىق يۈرىكىمگە قادىلاتتى. 

«  قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ… بۇ مۇمكىنمۇ؟  دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟…  ياق، بۇ راست ئەمەس.   بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى راست ئەمەس…  لېكىن ناۋادا راست بولسىچۇ؟!  ئۇنداقتا قانداقسىگە بۇنداق ئىشلار يۈز بەردى؟   ئىلگىرى تونۇشمايدىغان كېيىن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان ئەرـ ئايال ئىككىمىز بۈگۈنگە كەلگەندە قانداقسىگە قېرىنداش بولۇپ قالغۇدەكمىز؟   ياق… بىز ئىلگىرى تونۇشمايدىغان قېرىنداش تۇرۇپ كېيىن قانداقسىگە ئەر ئايال بولۇپ قالىمىز.ئاھ…  قانداقسىگە تېخى بالىلىقمۇ بولىمىز؟… بۇ…بۇ…  نېمە نومۇس؟ نېمە شەرمەندىچىلىك؟…  بۇ…»

   ئېتىلىپ بارغىنىمچە دادامنىڭ تامدىكى سۈرىتىنى ئېلىپ يەرگە كۈچەپ ئاتتىم ۋە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپلا چېقىلغان سۈرەت ئۈستىگە كۈچۈمنىڭ بارىچە ئۇرۇپ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدىم. 

ئەينەك پارچىسى تىلىۋەتكەن مۇشتۇملىرىمدىن قان سىرغىۋاتاتتى. 

  ئاپاممۇ ماڭا ئۆزىنى تاشلاپلا مېنى چېقىلغان سۈرەتتىن يىراقلاشتۇرغاچ ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. 

ـ بۇنداق قىماڭ…بۇنداق قىمماڭ قىزىم…بۇنداق قىمماڭ…

نېمىشقا بۇنداق قىلغىنىمنى شۇ تاپتا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىمنى ئاپامغا دېيەلمەيتتىم.چۈنكى   شۇ تاپتا ئىچىمگە پاتماي قېلىۋاتقان شۇ گەپلەرنىڭ  ئاپامنىڭ كونا يارىسىنى تاتىلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتىم.

  مېنىڭ شۇ چاغدا نېمىلەرنى ئويلىغىنىمنى  ۋە نېمىشقا دادامنىڭ سۈرىتىنى يەرگە ئېتىپ چېقىپ مۇشلاپ ئۇرۇپ كەتكىنىمنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن. ـ  دېدى ھاۋانىسا ھەدەم بىردىنلا گەپتىن توختاپ ماڭا قاراپ. 

مەن ھېچنېمە دېيەلمىدىم، چۈنكى شۇ تاپتا ھاۋانىسا ھەدەمگە قارىغىنىمچە ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپلا قالغانىدىم.  

ـ شۇنداق…   مەن ئەسلى دادامدىن گۇمانلىنىپتىكەنمەن. ـ  دەپ گېپىنى  داۋاملاشتۇردى ھاۋانىسا ھەدەم.

 ـ  دوختۇرنىڭ گەپلىرىنىڭ  زادى راست ياكى يالغان بولۇش  ئېھتىماللىقى ئارىلىقىدا گاڭگىراپ قالغان ئىدىم.  ناۋادا يالغان بولسا  دەپ ئويلاپ باقاتتىم ئارقىدىنلا يەنە ناۋادا راست بولسىچۇ دەپمۇ ئويلاپ باقاتتىم.   ئۇنداقتا دادام… بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى دادام ئىكەن  دەپ چىقارغان ئىدىم شۇ  گەپنىڭ راست بولۇشىنىڭ  خۇلاسىسىنى.  شۇ چاغدا ئېسىمدىن كەچكىنىمۇ شۇ بىرلا ئېھتىماللىق ئىدى.   ناۋادا دوختۇرنىڭ دېگەنلىرى راست بولسا، بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق شەرمەندە ھالەتكە كېلىپ قېلىشىنىڭ چۇقۇم بىر سەۋەبچىسى بولاتتى ئەلۋەتتە .  ۋە مەن شۇ سەۋەبچىنى دەل دادام دەپ ئويلىغان ئىدىم. 

ئەينى چاغدا  دادامنىڭ ئاپامنى قاقشىتىپ   تالاغا قاراپ يۈرگەنلىرى  كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ باراتتى.  «  دادامنى ئازدۇرۇپ   ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئۇ ئايال  قېيىن ئاپام ئوخشىمامدۇ ئۇنداقتا.» دېگەن دەھشەتلىك بىر خىيال كاللامدا   چاقماق چاققاندەك قايتا ـ قايتا  ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. 

ـ شۇنداق…  ئۇ دادامنىڭ بالىسىكەن.  ئۇ دادام تالاغا قارىغان ۋاقىتتا سىرتتىن تاپقان بالىسىكەن.  ھا…ھا…ھا…  ئۇ…  ئۇ مېنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئاكامكەن…  مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟…دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ نومۇسلۇق ئىش بولامدۇ؟ھا…ھا…ھا…ھۈ…ھۈ…ھۈ…  مەن نېمىشقا دادامنىڭ تالادىن تاپقان بالىسى بىلەن  ئەر خوتۇن بولۇپ قالىمەن؟…ــــ ئېلىشىپ قالايلا دېگەن ئىكەنمەن.   قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ خىيال ياكى ئېغىزىمدىن چىقىۋاتقان ئەمەلىي گەپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەپتىكەنمەن شۇ چاغدا.  ئاپامغا بىلدۈرمەيمەن،  كونا يارىسىنى تاتىلىمايمەن  دەپ تۇرۇپ  بىلىپ بىلمەيلا خىيالىمدا ئۆزـ ئۆزۈمگە سۆزلىگەندەك دېگەن شۇ گەپلەر ئېغىزىمدىن چىقىپ كېتىپتۇ. 

بىر چاغدا ئاپامنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھۆركىرەپ يىغلىشىدىن ئېسىمگە كېلىپ ئاپامغا قارىدىم. 

ئاپام ئۆز ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلاۋاتقان بولۇپ،  ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىكمۇ قاتتىق ئۇرۇۋاتقان ئىدىكى    ھەتتا جاۋغىيىدىن قان سىرغىپ چىققان بولسىمۇ  ئۆزىنى ئۇرۇشتىن  توختىمايۋاتاتتى.

ـ   ئاپا… ئاپا نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ ئاپا… جېنىم ئاپا بۇنداق قىماڭ…ـ  مەن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ دەردىنى قويۇپ   ئاپامغا تاشلىنىپ  ئۇنىڭ ئۆزىنى كاچاتلاۋاتقان قوللىرىدىن چىڭ قۇچاقلاپ تۇرىۋالدىم.

ـ دادىڭىز ئەمەس…مەن…  ھۈ…ھۈ…ھۈ…  بۇ شەرمەندىچىلىكنىڭ سەۋەبچىسى مەن جېنىم قىزىم.  مەن ئادەم ئەمەس… مەن شەرمەندە… مەن بۇزۇق…ھۈ…ھۈ…ھۈ…  ئۆز ئۆزۈمنى ئۆلگىچە ئۇرساممۇ ماڭا ئاز…   بەش ئاتقا باغلاپ سۆرىتىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتسە  بولىدىغان خوتۇن مەن…ھۈ…ھۈ…ھۈ…

  ئاپامنى قۇچاقلاپ تۇرغان قوللىرىم ئاستا ـ ئاستا پەسكە سىيرىلىپ چۈشتى. 

ـ نېمە دەۋاتىسىز ئاپا؟…ـ  دېيەلىدىم ئارانلا. 

ـ مەن…  مەن تويۇڭلارغا شۇڭا قوشۇلمىغان.ــ  ھېقىقدىغىنىچە  سۆزلەشكە باشلىدى ئاپام.ــ  بىراق مەن ئۇ چاغدا ئىككىڭلارنىڭ ئاكا سىڭىل چىقىپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.  مەن…مەن پەقەت…  ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بىر…بىر قېتىملىق   سەپەردە…شۇنداق…شۇنداق نۇمۇسلۇق ئىش قىلىپ…  دادىڭىزغا بىر قېتىم خىيانەت قىلغىنىم ئۈچۈن…شۇڭا…   كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ ئادەمنىڭ ئوغلىنىڭ سىزگە ئەلچى قويۇشىنى سىزنى ئالىمەن دەپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.   قاچقاننى قوغلىغان دېگەن مۇشۇ ـ دە!  مەن شۇ بىر قېتىملىق خىيانىتىمدىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان.   ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە شۇنچىلىك تىرىشىپ ياشىغان. لىكىن…لىكىن   تەقدىر مېنى بوش قويۇۋەتمىدى.   شۇ خىجىلچىلىقنى نەچچە يىللاردىن كېيىن ئالدىمغا يەنە بىر قېتىم توغرا تۇرغۇزدى.  مەن شۇڭا تويۇڭلارغا قوشۇلمىغان جېنىم قىزىم.   بەلكىم… بەلكىم شۇچاغدا  ئۇنىڭ دادىسى ھايات بولغان بولسىمۇ  بۇ تويغا قوشۇلمىغان ئوغلىنى بىر ئامال قىلىپ گەپكە كىرگۈزۈپ، بۇ توي ئىشىدىن يالتايغۇزغان بولار ئىدى.   بىراق ئۇنىڭ دادىسى شۇ چاغدا تۈگەپ كېتىپ بوپتىكەن.   ئۇ ئاپىسىنى قايىل قىلىپ سىزنى ئالىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ.   مەن قارشى تۇردۇم.  سەۋەبى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز، ئۇ كۆز ئالدىمدا دائىم پەيدا بولۇپ تۇراتتى. بۇنداق بولغاندا مېنىڭ  ئۇنىڭ دادىسى بىلەن قىلىپ سالغان شۇ بىر قېتىملىق نومۇسلۇق ئىشىم دادىڭىزغا قىلغان خىيانىتىم   ئۇنتۇلۇش تۈگۈل، شۇ نومۇسلۇق كەچمىش تېخىمۇ ئېنىق  تېخىمۇ نومۇسلۇق سېزىمدە …

بۇنداق بولغاندا مېنىڭ ئۇنىڭ دادىسى بىلەن قىلىپ سالغان شۇ بىر قېتىملىق نومۇسلۇق ئىشىم، دادىڭىزغا قىلغان شۇ بىر قېتىملىق خىيانىتىم ئۇنتۇلۇش تۈگۈل تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ نومۇسلۇق سېزىمدە ھەر قاچان يۈرىكىمگە ئۆتكۈر پىچاقتەك قادىلىپ مېنى توختىماي بىئارام قىلىپ تۇراتتى.  

  بىراق… بىراق مېنىڭ سىلەرنىڭ تويۇڭلارنى توسۇش ئۈچۈن شۇنچە ئۇرۇنۇشلىرىم پۈتۈنلەي بىكار كەتتى.   دادىڭىز بىر ئوبدان بالا تۇرسا قىزىڭنى نېمە دەپ بەرمەيتتىڭ دەپ مېنى بېسىم ئاستىغا ئالدى.   شۇ چاغدا بولدى ھەممىنى دەۋېتەي.   ھەممىنى دەۋېتىپ ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ،  مېنى تىنىمسىز قىيناۋاتقان مۇشۇ ۋىجدان ئازابىدىن بىر قۇتۇلاي   دەپمۇ ئويلاپ باققان ئىدىم. 

بىراق، بۇنىڭغىچە سىز رۇستەمجان  بىلەن قېچىپ كەتتىڭىز. ھۈ…ھۈ…ھۈ…  قايتىپ كەلگىنىڭلاردىن كېيىن تويۇڭلارنى قىلىپ قويماي باشقا ئامال يوق ئىدى.   مەنمۇ ئۇ چاغدا تەقدىرگە تەن بەردىم دەپتىمەن.   بۇمۇ تەقدىرنىڭ ماڭا بەرگەن ئېغىر بىر جازاسى ئوخشايدۇ. مېنى تېخىمۇ قىينالسۇن. ۋىجدان ئازابىدا تېخىمۇ ئۆرتەنسۇن دەپ ئىككى بالىنى مۇشۇنداق تېپىشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، بىراق شۇ چاغدىمۇ سىلەرنىڭ ئاكا سىڭىل  ئىكەنلىكىڭلار خىيالىمغا كىرىپ چىقمىغان جېنىم  قىزىم، چۈنكى… چۈنكى  سىز تۇغۇلغاندىن كېيىن   قان تەكشۈرۈش ئىسپاتىدا  قان تىپىڭىز دادىڭىزنىڭكىگە   ئوپمۇ ئوخشاش چىققان.   دادىڭىز O قان تىپلىق سىزمۇ O قان تىپلىق.  شۇڭا مەن گەرچە سىز تۇغۇلغىچە گۇمان قىلغان بولساممۇ، بىراق سىز تۇغۇلغاندىن كېيىن سىزنى دادىڭىزنىڭ قىزى ئەمەس دەپ قەتئيلا گۇمان قىلىپ باقمىغان جېنىم قىزىم…ھۈ…ھۈ…ھۈ…

ئاپامنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئۇنىڭ قان تىپىنىڭمۇ  O ئىكەنلىكىنى ۋە  بىر چاغدا ئۇنىڭ   دادامنىڭ قان تىپىمۇ Oئىدى   دېگەن گېپىنى ئېسىمگە ئالدىم    ۋە ئاپامغا قاراپ ئېچىنىشلىق چىقىرىۋەتتىم.

ـ ئااااااااا! بۇ  قانداق گەپ؟ زادى نېمە ئىشلار بۇ؟!!!


【声明】内容源于网络
0
0
daxxat asar
katran,alwastibigim
内容 224
粉丝 0
daxxat asar katran,alwastibigim
总阅读38
粉丝0
内容224