نۆۋەتتەئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇمىيۈزلۈك باشلىنىپ كەتتى، ياشلار ۋەئاتا-ئانىلارنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تولۇق چۈشىنىشىئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئالاقىدار سىياسەتلەرنىشەرھىلەپ ئۆتتى .
1.ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى :
بۇ يىل ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىككى تۈركۈمگەبۆلۈنىدۇ، مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورىدا تىزىملىنىدۇ . بىرىنچى تۈركۈمىئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىش بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر قايسى ئالىيمەكتەپلەردىكى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ ،3-ئايدىن باشلاپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلدى، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپلەرنىتەتىل قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپبېرىلدى، يەنە بىر تۈركۈمى بولسا جەمئىيەتتىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش ، ئاساسلىقئوبېكتى تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشلار بولۇپ،8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە تىزىملىنىدۇ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋەسىياسىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىرتتا ئوقۇۋاتقان ئۈرۈمچى نوپۇسىدىكى ئالىيمەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇشۇقېتىملىق تىزىملاش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپئوقۇغۇچىلىرى ئالدىن تىزىملىنىش ،ئالدىن تەكشۈرتۈش ئالدىن قوبۇل قىلىنىش قاتارلىقئېتىبارلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ.
ئايالئەسكەر قوبۇل قىلىش جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ،تىزىملاتماقچى بولغان ياشلار 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇلقىلىش تورىدا تىزىملىتىشى كېرەك. قالغان كونكرت خىزمەتلەرنى شەھەرلىك ئەسكەر قوبۇلقىلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
2.ئەسكەر قوبۇل قىلىش دائىرىسى ۋە شەرتى :
تولۇق ئوتتۇرا ( ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپى تولۇقئوتتۇرا ، ئىشچىلار تېخنىكومى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى پۈتتۈرگەن ياكىئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئەر ياشلار ، ئالىي مەكتەپتەئوقۇۋاتقان ، يېشى 17 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (يەنى1996-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار)؛ ئالىي تېخنىكوم ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەتسەۋىيەسىگە ئىگە مەكتەپ پۈتتۈرۇپ بولغان ئوغۇللار 17 ياشتىن 24 ياشقىچە بولسابولىدۇ.
ئايال ياشلار ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىنىپۈتتۈرگەن، ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى بۇ يىلپۈتتۈرگەن ، يېشى 17 ياشتىن 22 ياشقىچە بولسا بولىدۇ.
ئەسكەر قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىتىزىملىتىدىغان چاغدا مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورىدا تەكشۈرىلىدۇ. سىياسىيتەكشۈرۈش بولسا ج خ مىنىستىرلىك قاتارلىقلار ئېلان قىلغان «ئەسكەر قوبۇل قىلىشسىياسى تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سالامەتلىكشەرتى بولسا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ «ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغانگىراژدانلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى» ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ .
3. دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكەرلىككەقوبۇل قىلىنغانلارغا يولغا قويغان ئېتىبار سىياسەتلىرى :
دۆلەت مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلىككە قوبۇلقىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇناسىپ ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى ۋە دۆلەتئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرزىنى تۆلەپ بېرىدۇ، ھەر بىر ئوقۇش يىلىدا ئەڭ كۆپبولغاندا 8000 يۈەن بولىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەجبۇرىيەتئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر ئەسكەرلىكتىن قايتقاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىكتىكلۈگىچىلەرگە 34 مىڭ يۈەن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىدۇ.ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەردىن نوپۇسى ئۈرۈمچىدەبولغان ياشلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە باشقا ئۆلكىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوقۇغانئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ھەر يىلى13 مىڭ يۈەن ئېتىبار پۇلىبېرىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەسكەرلىككە بارسا تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا5000 يۈەن ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغا 2000 يۈيەن مۇكاپات بېرىدۇ .ئىككى يىلمەجبۇرىيەت ئوتىگۈچى ئەسكەر بولسا ھەر خىل تولۇقلىما مۇكاپاتلار قوشۇلۇپ 120 مىڭ يۈەنگەبارىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دوختۇرخانا ، پويىز ئىستانسىسى، گەرەژ قاتارلىقئورۇنلاردىمۇ ھەربىيلەر كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان ، ساياھەت ئورۇنلىرى ھەقسىز ،ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ. ئەسكەرلىكتىن قايتقانلار شەخسىتىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە ئاز سوممىلىقكاپالەتلىك قەرز بېرىلىدۇ. 3 يىلغىچە تىزىملاش ھەققى ، كېنىشكە ھەققى قاتارلىقمەمۇرىي خاراكتىردىكى ھەقلەردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالىي مەكتەپئوقۇغۇچىلىرى ئەسكەرلىككە بارسا يەنە «ئالدىن قوبۇل قىلىنىش، ئالدىن ئۆستۈرۈلۈش،مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن ئوقۇۋاتقان كەسىپىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىش ،ئىشقا ئورۇنلارشتۇرۇشتا ئېتىبار بېرىش »قاتارلىقلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ.
4. ئۈرۈمچىدىكىياشلار قەيەردە تىزىملىنىدۇ :
بارلىق تىزىملارش مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇلقىلىش تورىدا تىزىملىنىدۇ. توردا تەكشۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لىك قوراللىق ساقچى قىسىم سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي تەكشۈرۈشكەئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئېنىق بىلەلمىگەن مەسىلىلەر بولسا ئەسكەر قوبۇلقىلىش ئورگانلىرىغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.

