大数跨境

چەتئەلدىن قۇمۇلغا قايتىپ «دېھقان» بولغان قىز

چەتئەلدىن قۇمۇلغا قايتىپ «دېھقان» بولغان قىز baykalfm
2018-08-03
0
导读:26 ياشلىق روڭ مىڭيا ئەنگلىيەدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ قۇم


26 ياشلىق روڭ مىڭيا ئەنگلىيەدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان «ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانى» سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاتا-ئانىسىغا ياردەم قىلىپلا قالماي ئەڭ مۇھىمى تېخىمۇ كۆپ دېھقانلار يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلاردىن بەھرىمەن بولالايتتى ، بۇلارنى ئويلىسا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولاتتى. 

2015-يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيە لانكاستىر داشۆسىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن روڭ مىڭيا بىر نەچچە كارخانىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى،  شۇ كارخانىلارنىڭ بىرىدە ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتقان كۈنلەردە روڭ مىڭيا دادىسى بىلەن يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىدە ئايلىنىۋاتقاندا كىچىك، ئەپلىك «ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانى» ئۇ ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. 

 روڭ مىڭيا مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىنى چەتئەلدە كۆرگەن، بىراق دۆلىتىمىزدە بولۇپمۇ شىنجاڭدا بۇ ماشىنا ئانچە كۆلەملەشمىگەنىدى، دادام بۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ« بۇندىن كېيىنكى يېزا-ئىگىلىك تەرەققىياتى مۇشۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەسۋابنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى باشقا ئادەتتىكى دېھقانچىلىق ئەسۋاپلىرىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى، شىنجاڭدا بۇنداق ئۈسكۈنە بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش ۋە دورا چېچىش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەسلىھەتلىشىپ، سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسىنى سېتىۋالدۇق. بىراق بۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيتتۇق، شۇنداق قىلىپ مەن ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشنى مەخسۇس ئۆگىنىپ كەلدىم. كېيىنكى قەدەمدە بىز دورا بىلەن سۇنى قانچىلىك مىقداردا ئىشلىتىش، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۈسكۈنىسىدىن قانداق پەرقى بار دېگەنلەرنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يېرىنى بىر قانچىگە بۆلۈپ تەجرىبە قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولدى. چۈنكى دېھقانچىلىقتا ۋاقىتقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زىرائەتلەرگە چۈشكەن قۇرۇتلارنى تازىلاش ، يوقىتىش ئەڭ مۇھىم. بۇ ئۈسكۈنە دەل مۇشۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلالايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى قوشنىلار بىزنى شۇ ئۈسكۈنە بىلەن ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىگە دورا چېچىپ بېرىشكە چاقىردى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭ ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايقاپ شىركەت قۇردۇق. 

 2016-يىلى 7-ئايدا، روڭ مىڭيا بىلەن ئاكىسى بىرلىكتە «شىنجاڭ لوڭخاڭ يېزا-ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نى قۇرۇپ ئەتراپتىكى ئېھتىياجلىق پاختىكارلارنى تېز سۈرئەتتە دورا چېچىپ قۇرۇت ئۆلتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ يىلىلا ئۇلار ئىۋىرغول رايونى ئەتراپىدا 70مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە دورا چېچىپ 560مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلىدۇ. 

ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشىدە ئۇنىڭ مۇنداق بىر نەچچە ئارتۇقچىلىق بار: 

1.تىراكتوردا زىرائەتلەرگە دورا چېچىش ئۈچۈن بىر مو يەرگە 4يۈەن كېتىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىدا 8يۈەن كېتىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈمى تراكتورنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. بىر تىراكتوردا 100 مو يەرگە دورا چېچىش ئۈچۈن بىر كۈن كېتىدۇ، بىراق ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىدا پەقەت 2 سائەتلا كېتىدۇ. 

 2. ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانى ۋاقىت تېجىگەندىن باشقا يەنە سۇ تېجەيدۇ، تىراكتوردا دورا چاچقاندا بىر مو يەرگە 500 كىلوگرام سۇ كېتىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىغا بولسا 100 كىلوگراملا سۇ كېتىدۇ.

روڭ مىڭيانىڭ دېيىشىچە ھازىر شىنجاڭدىكى كۆپىنچە كېۋەزلىككە دورا چېچىش ئىشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆسۈملۈك ئاسراش ئەترەتلىرى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يەرلىكتىكى ئۆسۈملۈك ئاسراش ئەترىتى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بولغانلىقى ئۈچۈن، 2017-يىلى 5-ئايدا روڭ مىڭيا ئاكا-سىڭىل ئىككىيلەن «داجاڭ يېزا-ئىگىلىكى» نىڭ شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچى سودىگىرى بولغان، شۇندىن كېيىن روڭ مىڭيانىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دورا چېچىش بىرىنچى سېپىدىن سېتىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت،  ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىنىڭ مەشغۇلاتچىسىنى تەربىيەلەشكە ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىنىڭ سانى بىردىن ئالتىگە كۆپىيىپ، 150مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە دورا چېچىپ بولغان. 

روڭ مىڭيانىڭ ئېيتىشىچە «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا يېزىنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانى بولسا ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەن. ئاخىرىدا ئۇ ئۇچقۇچىسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ئايروپىلانىنىڭ تېزراق يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 


【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 0
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读0
粉丝0
内容0