پىسخىكىلىق سىناق:سىز تۇنجى بولۇپ نېمىنى كۆردىڭىز؟
بىر مىنۇت ئىچىدە سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى ئۆلچەپ بىرىدۇ!

A . چىلتار
B بىر ئايالنىڭ چىرايى .
C.ئاسمان
ئاۋۋال تاللاپ بولۇپ ئاندىن جاۋابىنى كۆرۈڭ!!!
A.چىلتار
سىزدە بىر يۇمشاق ، ئاقكۆڭۈل قەلب بار !
سىز پاكىز ، يۈزەكى، لوگىكىسى ئېنىق بولغان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز .
ھەمدە باشتىن - ئاخىر ئامال بار ھەممە ئىشتا پاكىزلىقنى ،ئىزچىللىقنى ساقلايسىز،بۇسىزنىڭ غەيرىتىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
ئۇندىن باشقا، سىز باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان كۆز قارىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلىسىز ، شۇڭا سىز ئىش قىلغاندا ھەر بىر تەشكىلاتقا تىرىشىپ ماسلىشىسىز .
سىزسىزنى ياخشى كۆرىدىغان ھەربىر ئادەمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىسىز ، شۇڭا كۈندىلىك جەريانىدا ، سىز ئامال بار دائىم ئالاقە قىلىش ئۇسۇلنى تاللايسىز .
ئەگەر سىزنىڭ ئىككى دوستىڭىز ماجرالىشىپ قالسا، سىزھەرگىزمۇبىرتەرەپكە ئۆتۋالمايسىز،شۇڭا بۇۋاقىتتا سىزنى باشقىلارئاسانلىقچە تەكەببۇر ئادەم دەپ قارايدۇ.
B . ئايالنىڭ يۈزى
سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس خاراكتېرىڭىز بار !
سىز سىرلىق شەيئىلەرنى ، ئېنىقسىز ۋە جاۋابى يوق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىسىز.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئويلىغانلىرىڭىزنى،نىمە قىلماقچى بولغانلىرىڭىزنى ئېنىق بىلىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىسىز.
بەلكى، سىز كۆپ ھاللاردا بىر مۇكەممەلچىلىك تەرەپدارى بولىشىڭىز مۇمكىن.
سىزنىڭچە سىز ئەڭ ياخشىسى ، بۇ تۈرتكە بىلەن سىز ھەمىشە تىرىشىپ ئىشلەيسىز ھەمدە، دائىم ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىسىز.
ھېسسىيات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، سىز بىر ئاددىي ، ساددا ئادەم ، سىز بۇرۇن سىزگە ئاسىيلىق قىلغان ھەم بىزار قىلغان ئادەملەرنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كىتەلەيسىز .
كىشىلە سىز ئالاقە قىلىشقا ماھىر دەپ قارايدۇ، بىراق سىز ئەمەلىيەتتەئۆزىڭىزنىڭ يالغۇز تۇرمۇشىدىن تېخىمۇ بەك ھۇزۇر ئېلىشنى ياخشى كۆرىسىز .
C . ئاسمان
سىز بىر باغرى يۇمشاق ھەم ئۆتكۈرمىجەزلىك ئادەم .
سىزنىڭ قولىڭىز ئوچۇق،باشقىلارغا دائىم دوستانە ۋە مۇلايىم مۇئامىلە قىلىسىز . ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە راھەت ھېس قىلىدۇرسىز.
شۇڭا ئۇلار ھەمىشە سىزگە تايىنىۋالىدۇ ، سىزگە ئىشىنىدۇ . مەيلى نېمە ئىشلار يۈز بىرىشىدىن قەتتىينەزەر، سىز سوغۇققانلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىسىز، ھەرگىز زىيادە ئىنكاس قايتۇرماتسىز،شۇڭا ھەرقانداق ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىسىز .
ئەمما، سىز بىر ھېسىياتچان ئادەم ، چۈنكى سىزنىڭ يۇمشاق يۈرىڭىز ، ئاسان باشقىلار تەرىپىدىن تەسىرلىنىپ كىتىدۇ .
گەرچە سىزنىڭ مۇستەھكەم تاشقى كۆرۈنۈشىىڭىز بار بولسىمۇ ، ئەمما سىز بىر باغرى يۇمشاق يۈرەكنىڭ ئىگىسى .

