ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ئۆلۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى راك كېسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن بولىۋاتىدۇ ، بۈگۈن ئۇيغۇرچە ساغلاملىق سالونىمىزدا راك كېسىلىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدىغان 10 تۈرلۈك ئۇسۇلنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى
ئاياللار پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بېرىش

ئاياللار ھەركۈنى مۇئاپىق مىقداردا پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بەرگەندە سۈت بېزى راكى ، بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى ، بالياتقۇ بوينى راكى ، مەزى بېزى راكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
پىيىدا يول يۈرۈش

ئېرىنمەي ھەر كۈنى بىر سائەت پىيادە يول مىڭىپ بەرگەندە ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ .
تازلانغان سۇ ئىچىش

ھەر كۈنى ئالتە ئىستاكان (1500 لىتىر ) تازلانغان سۇ ئىچىپ بېرىشنىڭمۇ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى زور بولىدۇ .
تاماققا سامساق قۇشۇش

ھەر ۋاق تاماققا سامساق ۋە پىياز ، غولپىياز يەپ بېرىش ئاشقازان راكى كېسلىگە گېرىپتار بولۇش خەۋپىنى 60 پىرسەنت تۆۋەنىتىدۇ . ئەگەر سامساق يىگەندىن كېيىنكى پۇراقنى ياقتۇرمىسىڭىز سامساق يىگەندىن كىيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىۋەتسىڭىز سامساق پۇرىقى يوقايدۇ .
ئاپتاپقا قاقلىنىش

شارائىتىڭىز يار بەرسە ھەر كۈنى بەش مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىپ بەرسىڭىزمۇ ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كۆرنىرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . لېكىن كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ تېرىنى زەخمىلەندۈرۈپ تېرە راكىغا گېرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
يىشىل چاي ئىچىش

ھەر كۈنى بەش پىيالە يېشىل چاي ئىچىپ بەرسىڭىز ھەر خىل راك كېسەللىكىگە گېرىپتار بولۇش خەۋپى %40 تۆۋەنلەيدۇ .
ھاۋا ئالماشتۇرۇش

ھەركۈنى دەرىزىنى ئەڭ ئاز بولغاندا يېرىم سائەت ئېچىۋېتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭمۇ ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش خەپىنى كۆرنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ .
ياخشى چايناپ يۇتۇش

كونىلاردا ھەر بىر چاينام تاماقنى 30 قىتىم چايناپ يۇتۇش دەپ گەپ بار ، تاماقنى ياخشى يۇمشاق چايناپ يىيىش ئارقىلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇس خەۋپىنى كۆرنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
ئۇيقۇ يىتەرلىك بولۇش

ھەر كۈنى يەتتە سائەت قىنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىگەگېرىپتار بولۇش خەۋپىنى %47 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش

قوي ، كالا قاتارلىق ھايۋانات گۆشلىرى ۋە مايلىرىنى ئازراق ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقمۇ ھەر خىل راك كىسەللىكلىرىگە گېرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرنەرلىك تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .


