大数跨境

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتسە

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتسە baykalfm
2018-09-27
0
导读:يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتسە

دۆلەت بايرىمىدىكى يەتتە كۈنلۈك ئۇزۇن دەم ئېلىش كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ يىراقلارغا ساياھەتكە بېرىشى مۇمكىن، بۇ يەردە، كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىققاندا، ئاپتوموبىل چاقىنىڭ ئېتىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل چاقىنىڭ يەل بېسىمىنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى چوقۇم تەكشۈرۈڭ!

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا چاق ئېتىلىپ كەتسە قانچىلىك قورقۇنچلۇق؟


ئەمىسە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، ئاپتوموبىل چاقى تاسادىپىي ئېتىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟


تۆۋەندىكى تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ بېقىڭ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ چارىنى ئىشلىتىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز، پەقەت كۆپچىلىكنىڭ چوقۇم بىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، ئاپتوموبىلنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كېتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، رول تۇيۇقسىز قاتتىق تىترىسە، سىز تەبىئىيلا رولنى چىڭ تۇتۇۋالىسىز، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشكە ئۈلگۈرمەيلا، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ كەينى تەرەپتىن ئاق ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، ئارقىدىنلا «پوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن، ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئالدى تەرىپى قايىدۇ... ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىغان بولسىڭىز، بەلكىم چاق ئىشلىتىش جەريانىدا ئەڭ تۇيۇقسىز، شۇنداقلا ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال – «چاق ئېتىلغان» بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا چاق ئېتىلىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئاقىۋىتى...

چاق ئېتىلغاندا چوقۇم بۇنداق قىلماسلىق كېرەك

چاق ئېتىلغاندا، نۇرغۇن قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپىنچە پايدىسى بار، شۇڭا ئەگەر ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا چاق ئېتىلىپ كەتسە، چوقۇم تۆۋەندىكىدەك قىلماسلىق كېرەك:

مەسىلەن رولنى جىددىي بۇراش، كۈچ بىلەن تورمۇزلاش چوقۇم قوللىنىشقا بولمايدىغان تەدبىرلەردۇر! يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانغا باراۋەر بولىدۇ، چۈنكى چاق ئېتىلغاندىن كېيىن، بۇنداق قىلغاندا ئاپتوموبىل %100 كونتروللۇقنى يوقىتىدۇ، ھەتتا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.

چاق ئېتىلغاندا بىز مۇنداق قىلىشىمىز كېرەك.

رولنى چىڭ تۇتۇش

چاق ئېتىلغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشى چارە بولسا: رولنى چىڭ تۇتۇپ، باشقا ھېچنېمە قىلماسلىق، ئاپتوموبىل تۇراقلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئاستا تورمۇز دەسسەپ، ئاساسىي يول يۈرۈش يولىدىن ئايرىلىش. چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تورمۇز كۈچىنىڭ تەكشى بولماي ئاپتوموبىلنىڭ قېيىپ كېتىشى ياكى ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەرگىز جىددىي تورمۇزلاشقا بولمايدۇ.

ئالدى چاق ئېتىلىپ كەتكەندە:

ئالدى چاق ئاپتوموبىلنىڭ بۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، چاق ئېتىلىپ كەتكەندە ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش لىنىيەسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئالدى چاق ئېتىلىپ كەتكەندە، تۇنجى قىلىدىغان ئىش رولنى چىڭ تۇتۇش، ئاپتوموبىل تۇراقلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئاستا تورمۇز دەسسەپ، ئاساسىي يول يۈرۈش يولىدىن ئايرىلىش كېرەك.

بۇ جەرياندا چوقۇم رولنى قالايمىقان بۇرىماسلىق كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تورمۇزنى جىددىي دەسسىمەسلىك كېرەك، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۈچبۇرجەك ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى قويۇپ، ئىككىلەمچى ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئارقا چاق ئېتىلىپ كەتكەندە:

ئالدى چاق ئېتىلىپ كېتىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئارقا چاقنىڭ ئېتىلىپ كېتىشى ئۇنچىلىك خەتەرلىك ئەمەس. ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى پەقەت رولنى چىڭ تۇتۇۋالسىلا بولىدۇ، ئاندىن تورمۇزنى قايتا-قايتا بىر قېتىم، بىر قېتىمدىن دەسسەش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئالدىغا يۆتكەپ، كۈچنى ئالدى چاققا يۆتكەپ، ئېتىلىپ كەتكەن ئارقا چاق ئۇچرايدىغان كۈچنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، رولنى كۈچ بىلەن بۇراشقا بولمايدۇ.

تەكشى ئورۇندا چاق ئالماشتۇرۇش، قوش سەكرىمە نۇرلۇق چىراغنى ياندۇرۇپ ئاستا ھەيدەش كېرەك

ئەگەر زاپاس چاق بولمىسا، ھەمدە ئەتراپتا رېمونت قىلىدىغان جايمۇ بولمىسا، قوش سەكرىمە نۇرلۇق چىراغنى ياندۇرۇپ، رېمونت ئورنىغا ئاستا ھەيدەپ بېرىش كېرەك، ياكى قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش كېرەك. ئەگەر زاپاس چاق بولسا، چوقۇم تەكشى بولغان قاتتىق ئورۇندا ئالماشتۇرۇش كېرەك، دامگىراتنىڭ سىيرىلىپ كېتىپ ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر يانتۇ ئورۇندا چاق ئالماشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

چاق ئېتىلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

ئادەتتە چاق بېسىمىنى كۆپرەك تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرۈش كېرەك


چاق بىخەتەرلىكىگە بولغان تونۇشنى يۇقىرىلىتىش، ئادەتتە چاقنى كۆپرەك تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەك، چاق بېسىمىدىن سىرت، يەنە چاقنىڭ يان يۈزىدە يېرىقنىڭ بار-يوقلۇقىنى، چاق يۈزىنىڭ ئۇپراش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


ئەڭ ياخشىسى چاق بېسىمىنى ئۆلچەش سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك


ئاپتوموبىل چاق بېسىمىنى ئۆلچەش بولسا بىر يۈرۈش ئاددىي سىستېما بولۇپ، تۆت دانە كەسپىي چاق ۋېنتىل ئۆزىكى ۋە بىر دانە كۆرسىتىش ئېكرانىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئورناتقاندا چاقنىڭ ئەسلىدىكى تۆت دانە ۋېنتىل ئۆزىكىنى ئالماشتۇرۇپ، كۆرسىتىش ئېكرانىنى ئاپتوموبىل ئىچىگە قويۇپ قويسىلا بولىدۇ. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، ئېكراندا تۆت چاقنىڭ چاق بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنىدۇ، ئەگەر چاق بېسىمى، چاق تېمپراتۇرىسىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەندە، بۇ ئەسۋاب ئۆزلۈكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، چاق ئېتىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


شارائىتى بولغاندا سانجىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشغۇلاتى قىلىش كېرەك


ئاپتوموبىل چاقىغا سانجىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشغۇلاتى بولسا، چاقنىڭ ئىچكى دىۋارىغا بىر خىل قوغداش پەردىسى سۈركەش بولۇپ، چاق ئۇچلۇق نەرسىلەرگە ئۇچرىغاندا، ھىم ئورىۋېلىپ، چاقتىن يەل قېچىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە، چاقنىڭ ئىچكى دىۋارىغا 3~5 مىللىمېتىر قوغداش پەردىسى سۈركىگەندە، 6 مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولغان ئۇچلۇق نەرسىلەرنىڭ زەخمىسىگە قارشى تۇرالايدۇ. ھازىر بازاردىكى ھەممە چاقلارغا بۇ خىل سانجىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

قەرەللىك ھالدا چاق ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش

قەرەللىك ھالدا چاق ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بولسا چاقنىڭ ئېتىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى چارە بولۇپ، بىر ئاپتوموبىلنىڭ چاقلىرىنىڭ ئۇپراش ھالىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. چاقنىڭ بىنورمال ئۇپراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئادەتتە 5000 كىلومېتىر يول يۈرگەندە بىر قېتىم چاق ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، 5000~10000 كىلومېتىر يول يۈرگەندە بىر قېتىم تۆت چاقنىڭ ئورنىنى بەلگىلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئوخشاش بىر ئوققا ئوخشىمىغان تىپتىكى، ياكى كونا-يېڭىلىق پەرقى چوڭ بولغان چاقنى ئورناتماسلىق كېرەك.

قەرەللىك ھالدا چاق تەڭپۇڭلۇقىنى تۈزىتىش كېرەك

ئاپتوموبىل چاقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدىگەندە يۇقىرى چاستوتىدىكى تەۋرىنىش ھاسىل بولۇپ، چاقنىڭ يان تەرىپىنىڭ ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىخەتەرلىككە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، چاقنى رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆلچەپ تەڭشەش كېرەك.


【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 0
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读0
粉丝0
内容0