大数跨境

سىزلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىدۇق

سىزلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىدۇق baykalfm
2020-12-21
0
导读:يۆتەلگە شىپا قىلىدىغان بىر قانچە رېتسېپلار - چۇقۇم سا


 يۆتەلگە شىپا قىلىدىغان بىر قانچە رېتسېپلار - چۇقۇم ساقلىۋېلىڭ 

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

 يۆتەلگە شىپا قىلىدىغان بىر قانچە رېتسېپلار - چۇقۇم ساقلىۋېلىڭ 


1. پۇرچاق، تۇخۇم، ئاق شېكەر، تۆز- ئارا ماسلاشتۇرۇلسا، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .

تۇخۇم بىر دانە، ئاق مور بەش گرام، پۇرچاق قىيامى 500 گرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا، ئاۋۋال پۇرچاق قىيامى بىلەن ئاق مورنى پىشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇخۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا شېكەرنى قوشۇپ، كۈندە بىر- ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .

2. سامساق گۈل، يەر ياڭىقى ۋە ناۋاتنى ئۆز- ئارا ماسلاشتۇرسا، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

سامساق گۈل، يەر ياڭىقى مېغىزىنىڭ ھەر بىردىن 20 گرامدىن ئېلىپ، 300 مىللىلېتىر سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە 50 گرام ناۋات، سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىنسا، يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

3. زەنجىۋېل، غولپىياز ۋە گۈرۈچنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا  ماسلاشتۇرۇلسا، يۆتەلگە داۋا بولىدۇ .

غولپىياز 20 گرام، زەنجىۋىل 10 گرامدىن، گۈرۈچ 70 گرام، تۇز ئاز مىقداردا، غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ توغراپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە گۈرۈچ سېلىپ، گۈرۈچ يۇمشاق پىشقاندا تۇز تەمىنى تەڭشەپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنسا يۆتەلگە داۋا بولىدۇ .

4. چامغۇر بىلەن شېكەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا يۆتەلنى ياخشىلايدۇ .

چامغۇر 250 گرام، شېكەر 100 گرام، چامغۇرنى ئاقلاپ ، پاكىزە يۇيۇپ توغرىغاندىن كېيىن مۇۋاپىق سۇدا ئىزىلگۈچە قاينىتىپ، شىكەر ئارلاشتۇۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچلىكى 50~100 گىرامغىچە ئىستىمال قىلىنسا، يۆتەلنى ياخشىلايدۇ.

  

5. نوقۇت، كۈنجۈت، ئۆرۈك مېغىزى ۋە قارا شېكەرنى ئۆز- ئارا ماسلاشتۇرسا، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .

كۈنجۈت 20 گرام، ئۆرۈك مېغىزى 10 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 10 گىرام، نۇقۇت 80 گرام، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا، چۈچۈك بۇيا يىلتىزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ تەمى ئېلىنىدۇ. سۈيىگە ئېزىلگەن كۈنجۈت، ئۆرۈك مېغىزى، نۇقۇتلار سېلىنىپ، پەس ئوتتا 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، قارا شېكەر سېلىپ، ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى- ئۈچ قېتىمغىچە ئىستېمال قىلسا، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ، 5 كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ .

6. قوناق بىلەن ئۆرۈك مېغىزىنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .

ئۆرەك مېغىزى 15 گرام، قوناق يامىسى 60 گرام، ئۆرۈك مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋېتىپ، قوناق ئۇنى يامىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىسسىق سۇغا ئىككى سائەت ئەتراپىدا چىلاپ تۇرغۇزۇپ، ئارقىدىن سۇس ئوتتا قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە ناشتىلىقىدا ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلسا، يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .

باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ





【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 61
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读56
粉丝0
内容61