سىزنىڭ تۇرىۋاتقان يېرىڭىزدە بەلكىم پىچاق سوۋغا قىلىشنىڭ باشقىچە مەنىسى يوق بولىشى مۈمكىن. لىكىن بەزى جايلار بار، بىر قىزغا پىچاق سوۋغا قىلدىڭىز دىگەنلىك ئۇنى ئەمىرىڭىزگە ئالىدىغىنىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ فىلىمدە ماراتا دۆلىتىنىڭ پىشۋاسى باجىراۋ قوشنا دۆلەتنىڭ تەكلىپى بويىچە قوشۇن باشلاپ ياردەمگە بارىدۇ. قوشنا دۆلىتىنىڭ باتۇر مەلىكىسى ماستانى بىلەن تونۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا دۈشمەن تەرەپتىن كەلگەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم مەلىكىنى يارلاندۇرىدۇ، ھەم باجىراۋنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچار بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەلىكە ماستانى تېز ئىنكاس بىلەن باجىراۋنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ.

مەلىكىنىڭ گۈزەل ھۆسنى، باتۇرلىقى، قېلىچ ماھارىتى قاتارلىقلاردىن پۈتۈنلەي قايىل بولۇپ ، مەلىكە ماستانىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان باجىراۋ ئۆز دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن مەلىكىگە ئۆز يېنىدا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كىلىۋاتقان كىچىك شەمشىرىنى يادىكار قىلىپ سوغا قىلىدۇ.

لىكىن ئويلىمىغان يەردىن مەلىكىنىڭ دۆلىتىنىڭ ئۆرپ ئادىتىدە بولسا، بۇ نىكاھنىڭ بەلگىسى بولۇپ، مەلىكە ماستانى ئۆزى دەسلىپىدىلا بىر كۆرۈپ ياختۇرۇپ قالغان ئەردىن كەلگەن بۇ توي تەكلىپىنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ.

ئىكراندىكى بۇ قاملاشقان بىر جۈپلەر دەپ بوللىيۋۇد داڭلىق كىنو چولپانلىرى رانۋېر سىڭ بىلەن دىپىكا پادكونى



ئۇلارنىڭ ئىكراندىكى رومانتىك ھىكايىسى رېئاللىققا ئايلىنىپ، يېقىندا كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


توي كۈنى ھەر ئىككىيلەن قەۋەتلا خوشال كۆرىنەتتى.


رانۋېر سىڭ گۈزەل جۈپتى دىپىكاغا زوقلۇنۇپ قارايتى، مۇخپىرلار رانۋېردىن دىپىكانىڭ نەرىنى ئەڭ ياختۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇنىڭ مىھرىبانلىقى ۋە راستچىللىقى مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدۇ دەيتى.

دىپىكا پادكونى، 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى دانىيەدە تۇغۇلغان. بويىنىڭ ئىگىزلىكى 174 سانتىمىتىر. ھازىرقى كەسپى ئاكتىيور ھەم مودىل. ئۇ ئەسلىدە تېننىس توپ تەنھەركەتچىسى بولۇپ، 2007-يىلى رول ئېلىش ھاياتىنى باشلىغان. شۇ يىللىق فىلىم Om Shanti Om دا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان بوللىيۋود شاھى شارىلخان بىلەن رول ئېلىپ بىراقلا داڭق چىقىرىپ كەتكەن. فىلىمدە ئۇنىڭ ئۆزگىچە لاتاپىتى، گۈزەللىكى پۈتۈن فىلىمنى ئاجايىپ سېھىرلىك تۈسكە ئېلىپ كىرگەن.


ھىندىستان كىنوچىلىقىدا ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشتىن باشقا، مىللىچە ئۇسۇل ئويناشقا قويۇلغان تەلىپى بەك يۇقۇرى بولغاچقا، دىپىكا تەنھەركەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇسۇل كەسپىدە مەخسۇس تەربىيلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، دەسلەپتە ئۇ كۆپ جاپا تاتقان. ئەمما ئىزچىل تىرىشچانلىقى، مەشىق قىلىش بىلەن مىللىي پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان چوڭ پەدىلىك ئۇسۇللارنى ئاجايىپ نەپىس ئورۇنداپ، ئاياللىق نازاكىتىنى تولىمۇ گۈزەل نامايەن قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھىندىستان كىنو مەستانىلىرىنىڭ تولىمۇ ياختۇرىشىغا، قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ياپونىيە ۋە كورىيەدىكى فىلىم مەستانىلىرىمۇ ماختىشىپ، ئۇ ھەقىقىي ئايال ئىلاھ ئىكەن دەپ تەرىپلەشكەن.
دىپىكا ئۆزگىچە سالاپىتى، گۈزەل ھۆسنى ،كەسپتىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى زور ئۇتۇقلىرى بىلەن دۇنيادىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك زاتلار قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ خۇددى دۇنيا گۈزىلى ئايىشۋاريا راي باچچانغا ئوخشاش، ئۆز دۆلىتىنىڭ گۆھىرى ھىساپلىنىدۇ.



ئۇ نۇرغۇن دۇنياۋىي ماركىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ تەكلىپ قىلىنغان، شۇڭلاشقا دۆلىتىمىزدىكى چوڭ سودا شەھەرچىلىرىدە ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ ئېلان تاختىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز



رانۋېر سىڭ، ھىندىستان داڭلىق كىنو ئارتىسى، 1985-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 178 سانتىمىتىر. ئۇ ئەدەبىيات يېزىقچىلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بىر مەزگىل يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئارزۇسى رول ئېلىش بولۇپ، 2010-يىلى فىلىم ساھەسىگە كىرگەن. ۋە شۇ يىللىق فىلىمدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

رانۋېر سىڭنىڭ تاشقى قىياپىتىدە، مىللىيچە ئوبراز يارىتىش ئەۋزەللىكى يۇقۇرى بولۇپ، ئەركەكلەرگە خاس قويۇق قاشلىرى،ئىگىز قاڭشارلىرى، چوڭقۇر كۆزلىرى بىلەن ئۇ ياراتقان ھەر بىر ئوبرازدا بىرخىل سېھرىي كۈچ بار بولۇپ، ئۇ بەئەينى قەدىمكى زاماندىكى پادىشاھلارغا ئوخشايتى.

دىمەك ئۇ ئاخىرى ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان خانىشىنى تاپتى.

بىز ئاخىردا «شەمشەر» دىن باشلانغان بۇ نىكاھقا بەخىت تىلەيمىز.ھەم سەنئەتبېغىدىكى بۇ بىرجۈپلەرنىڭ كەسپىي ھاياتىغا تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.






