大数跨境

ئالوي پۇتۈن بەدەننىڭ گۆھىرى، سىز ئۆيىڭىزدە ئۆستۈردىڭىزمۇ، ۋاھ

ئالوي پۇتۈن بەدەننىڭ گۆھىرى، سىز ئۆيىڭىزدە ئۆستۈردىڭىزمۇ، ۋاھ baykalfm
2018-09-27
2
导读:ئالوي پۇتۈن بەدەننىڭ گۆھىرى، سىز ئۆيىڭىزدە ئۆستۈردىڭىزمۇ، ۋاھ

كۆپلىگەن دوستلار ئالوينىڭ ئاقارتىش، داغ-سەپكۈنلەرنى يوقىتىش، كۈن نۇرىدىن ساقلاش رولى بارلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن روللىرىنى بىلمەيدۇ.ئالوينىڭ ھەممە يېرىنى گۆھەر دىيىشكە بولىدۇ، ئۇ يەنە يۇقىرى قان بېسىم، قەۋزىيەت، ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ، تۆۋەندە قانداق قىلىپ ئالويدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ كىسەل داۋالايدىغانلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1. باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى 


ئالوي تىنىكتۇرىسى بولسا باكتىرىيىگە كۈچلۈك قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، كۆكىرىك زەمبۇرۇغى، يېپىشقاق زەمبىرۇغ، ۋېروس قاتارلىقلارنى چەكلەش ۋە يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.


2. ياللۇغقا قارشى تۇرۇش


ئالوي برادىكىنىن فېرمېنت ۋە قان تومۇ جىددىي توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئالوي پولىساخارىد تۇرىدىكى قەنتلەرنى كۈچەيتىپ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

3. ھۆسىن تۈزەش رولى


ئالوي تەركىبىدىكى پولىساخارىد ۋە ۋېتامىن ئادەم بەدىنىدىكى تېرىنى ياخشى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ، ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ. باشنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان دانىخورەكنى يوقىتىشقا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئانتراكۇينون گلىكوزىد ماددىسىغا تەۋە بولغان ئالوي-ئېمودىن قاتارلىقلار، چاچنى بۈدرە قىلالايدۇ، يۇمشاق ھەم پارقىراق، ئازادە، راھەت ھىس قىلدۇرىدۇ، كېپەكنى يوقىتىدۇ.

4. ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ


ئالوي تەركىبىدە ئالوي-ئېمودىن گلۇكوزىد، ئالوي-ئېمودىن قاتارلىقلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، چوڭ ئۈچەينىڭ چىقىرىش رولىنى كۈچەيتىدۇ.


5. يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈپ، قاننى جانلاندۇرۇش رولى بار


ئالوي تەركىبىدىكى كالتىسىي يۈرەكتىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، خولىستىرىننىڭ مىقدارنى تۆۋەنلىتىپ قىل-قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولى بار. بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ قان ئۇيۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، قان بېسىمنى نورماللاشتۇرۇپ، قان تازىلاش جەريانىدا زەھەرلىك ئىلىمىنتلارنى تاشلاپ چىقىرىدۇ.


6. ئىممۇنىتېت ۋە قايتا ھاسىل قىلىش رولى


ئالويAئېلىمىنتى ۋە مانتېتول قاتارلىق ۋىروسقا قارشى پېپتىد يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىن ئېلىپ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ياللۇغنى قايتۇرۇپ مېكروبنى ئۆلتۈرۈش؛ ئسسىقنى تازىلاپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش؛ تېرىنى يۇمشىتىش، ھۈجەيرە ھاياتىي كۈچىنىڭ ئىقتىدارنى ساقلاش، سرتقى زەخمىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغا يارا ئىزى قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.


7. ئىممۇنىتېتلىق ۋە ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش رولى


ئالوي تەركىبىدىكى يېپىشقاق پولىساخارىد تۈرىدىكى ماددىلار ئىممۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەيدۇ. غەيرىي ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېسەلگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


8. زەھەرنى قايتۇرۇش رولى


ئالوي قاتتىق سوغۇق بولغاچقا، ئىسسىقنى زىيادە ياندۇرىدۇ. ئىممۇنولوگىيىلىك رىئاكسىيە يۇتقۇچى ھۈجەيرىسى يۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ تورمۇزلاش رولى بولغاچقا، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازلايدۇ.


9. قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى 


ئالوي تەركىبىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق، شىلىمشىق ماددا ھۈجەيرىنىڭ قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالايدۇ. ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇسكۇل ۋە شىللىق پەردە ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىش، كونىراپ ھەم قاتمال بولۇپ كەتكەن ئورۇنلارنىڭ قېرشىنى كېچىكتۈرىدۇ.


10. ئاغرىقنى پەسەيتىش، توختىتىش رولى


بارلاقلار ئىششىپ ئاغرىش، چىش ئاغرىش قاتارلىقلارغا چىدىماق تەس. ئالوي يوپۇرمىقىنى ئاغرىغان قىسىمغا كۆمتۈرۈپ چاپلاپ قويساق، نېرۋا خارەكتىرلىك ئاغرىش، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، مۇسكۇل ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.


11. كۈن نۇرىدىن ساقلاش رولى


ئالوي تەركىبىدىكى تەبىئىي ئانتراكۇينون گلىكوزىد ياكى ئاتراخىنون تۇغۇندىلىرى ئولتىرا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈپ، تېرىگە قىزىل، قۇڭۇر داغ پەيدا بولۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


12. قۇرت چۈشۈشنىڭ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى


ئالوي شىرنىسىنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ياخشى دېزىنغىكسىيە قىلىدۇ. ياز كۈنلىرى تېرىگە سۈركەپ بەرسە پاشا چىشلىمەيدۇ. ئىشىك دېرىزە ۋە ئۆي ئىچىگە چىچىپ بەرسەك چىۋىنلارنىڭ ئۆي ئىچىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


13. سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ


ئالوي بىر قىسىم ھۆسۈن تۈزەش، ساقلىقنى ساقلاش، يىمەكلىك ۋە مەنزىرە بىر گەۋدە قىلىنغان ساپ تەبىئىي يېشىل دورىلىق يىمەكلىك بولۇپ قىممىتى ۋە رولى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان بولۇپ كەڭ كۆلەمدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، يېڭى ئالوينىڭ مىكرۇب ئۆلتۈرۈش، ياللۇغنى ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى بار. ئالوي، ھۈجەيرە ئىممۇنىتىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى ياندۇررىدۇ، كۈيۈك يارىسىغا، گېمورروي، قىچىشقاق، غەلۋىرەك ئىششىقى قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ.


【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 0
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读0
粉丝0
内容0