يان تېلېفون ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىر كىشى ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن ئۆي سېتىش، قەرز ئېلىش، بالا تەربىيەلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، مائارىپ تەربىيەسى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ھەر خىل تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇنىڭدىن بىزار بولغان ئەھۋاللارغا چوقۇم ئۇچرىغان. ئۇنداقتا بۇنداق پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنى ئۈزۈل -كېسىل يوقىتىش مۇمكىنمۇ ؟
يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 ئورۇن «پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2018-يىلى 7-ئايدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنى تۈزەش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
سودا -تىجارەت قاتارلىق ئۈچ تۈردىكى پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلار مەخسۇس تۈزىتىلىدۇ
قانداق تېلېفونلار پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلار ھېسابلىنىدۇ؟ ئادەتتە سۇبيېكتىپ ئارزۇيىڭىز بويىچە قوبۇل قىلمىغان، سىزنى ئاۋارە قىلغان تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلار ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىدە سودا -تىجارەت تۈرىدىكى، يامان غەرەزدىكى ۋە قانۇنسىز جىنايى قىلمىش تۈرىدىكى پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلار مەخسۇس تۈزىتىلىدۇ.

پاراكەندىچىلىك سالىدىغان بارلىق تېلېفونلار ئىچىدە سودا -تىجارەت تۈرىدىكى تېلېفونلار ئىنتايىن كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ئادەتتە بۇ خىل تېلېفونلار سۇغۇرتا، سەرمايە يۈرۈشتۈرۈش، ئۆي -مۈلۈك، مائارىپ تەربىيەسى قاتارلىق سېتىش كەسىپلىرىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ.
قىسمەن ئۆي -مۈلۈك، سۇغۇرتا شىركەتلىرى پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرىنى توختىماي ئۇرىدۇ
يېقىندا مۇخبىر مەلۇم بىر ئۆي -مۈلۈك شىركىتى ۋە مەلۇم بىر سۇغۇرتا شىركىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ توختىماي پاراكەندىچىلىك تېلېفونى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
بىر ئادەم بىر كۈندە كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق نەچچە يۈز قېتىم تېلېفون ئۇرىدۇ

بۇ ئۆي -مۈلۈك شىركىتىنىڭ كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، 10غا يېقىن خىزمەت ئورنى بار ئىكەن. تېلېفوندا سېتىش خادىملىرىنىڭ ئالدىدا بىر كومپيۇتېر قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار قۇلىقىغا تىڭشىغۇچنى تاقاپ، توختىماي تېلېفون ئۇرۇپ سۆزلىشىدىكەن. ئۇلار يان تېلېفون ياكى مۇقىم تېلېفون ئىشلەتمەيدىكەن.
مەلۇم ئۆي -مۈلۈك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى :
بىز سىلەر ئويلىغانغا ئوخشاش كۈندە بىر نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرمايمىز، كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق كۈندە نەچچە يۈز تېلېفون ئۇرىمىز.
بۇ شىركەتتە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلار كومپيۇتېر سىستېمىسى ئارقىلىق تېلېفون ئۇرىدىكەن. يان تېلېفون ياكى مۇقىم تېلېفون ئىشلەتمەيدىكەن. شۇڭا بىر ئادەم كۈندە نەچچە يۈز قېتىم تېلېفون ئۇرالايدىكەن.
تېلېفوندا سېتىش خادىملىرى توختىماي تېلېفون ئۇرۇپ ۋە قوبۇل قىلىپ ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ
مۇخبىر تېلېفوندا سۇغۇرتا ساتىدىغان بىر شىركەتكە كەلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تېلېفوندا سۇغۇرتا ساتىدىغان بۇ شىركەتنىڭ خىزمەت رايونى بەش قەۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت قەۋىتى تېلېفوندا سۇغۇرتا سېتىش خىزمەت رايونى ئىكەن.

مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى :
تېلېفون ئۇرۇپ سۇغۇرتا ساتىدىغان خىزمەتچىلەر 600 دىن ئاشىدۇ. بىزنىڭ بۇ يىللىق نىشانىمىز ئۇلارنى 1000غا يەتكۈزۈش.
ۇخبىر كەڭ كەتكەن خىزمەت رايونىدا 100 دىن ئارتۇق سېتىش خادىمىنىڭ تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار قارشى تەرەپ بىلەن ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە پاراڭلىشىدىكەن، قىسمەنلىرى قولىدىكى قەغەزگە قاراپ، يەنە قىسمەنلىرى كومپيۇتېردىكى ماتېرىيالغا قاراپ ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيدىكەن.

تېلېفوندا سېتىش خىزمەتچىسى شياۋليۇ:
ئۈچ سائەتتە 350 تىن 400 گىچە تېلېفون ئۇرىمىز، ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش توختىماي سۆزلەيمىز.
مۇتەخەسسىسلەر :خېرىدارلار قوشۇلغاندىن كېيىن ئاندىن مەھسۇلاتنى تېلېفوندا سېتىش كېرەك
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ناۋادا خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرى قانۇنلۇق يول ۋە مەنبە ئارقىلىق كەلگەن بولسا، مەسىلەن، خېرىدارلار بىلەن ئېلىم - سېتىم مۇناسىۋىتى بار بولسا، خېرىدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قالدۇرۇلغان بولسا تېلېفوندا مەھسۇلات سېتىشقا بولىدۇ. بىراق خېرىدار ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، تېلېفوندا مەھسۇلات سېتىشقا بولمايدۇ.
ئۇنداقتا تېلېفوندا مەھسۇلات ساتىدىغان شىركەتلەر ئېرىشكەن زور بىر تۈركۈم يان تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئۇچۇرى زادى نەدىن كەلگەن؟
تېلېفوندا سۇغۇرتا ساتىدىغان مەلۇم بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى:
بىز ھازىرقى خېرىدار مەنبەسىگە ھەقسىز سۇغۇرتا مەھسۇلاتى سوۋغا قىلىش؛ توردىكى مەلۇم APPكە قالدۇرۇلغان شەخسىي ماتېرىيالدىن ئىبارەت ئىككى خىل يول ئارقىلىق ئېرىشكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم 13 ئورۇن بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىدە قانۇنىي، مەمۇرىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئۇنىۋېرسال قوللىنىلىپ، پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلار مەخسۇس تۈزىتىلىدۇ، ئالاقە مەنبەسىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، مەنبەدىن تۈزەش كۈچەيتىلىدۇ، شەخسىي ئۇچۇرغا قانۇنسىز ئېرىشىش قىلمىشىغا زەربە بېرىلىپ، پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنىڭ مەنپەئەت زەنجىرى بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
تېلېفون، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن پاش قىلىشقا بولىدۇ
ناۋادا سىز پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالسىڭىز، توردىكى ناچار ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش قوبۇللاش مەركىزى ـــــ 12321-010 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا «12321 پاش قىلىش مەركىزى» ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ «پاش قىلىمەن» دېگەن كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ياكى مىكروبلوگدىكى «12321 پاش قىلىش مەركىزى»نىڭ نومۇرىغا شەخسىي خەت يېزىپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئۈندىدار، يان تېلېفوندىكى QQ، چىقىمدان (支付宝)دىكى شەھەر مۇلازىمىتى بېتىگە كىرىپ،«توردىكى ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ياكى يېزىق، ئۈن، سۈرەت ئەۋەتىش ئارقىلىق پاش قىلسىڭىز بولىدۇ.
پاراكەندىچىلىك سالىدىغان تېلېفونلارنى تۈزەش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى !

