大数跨境

بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا كىملىك ئېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق

بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا كىملىك ئېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق baykalfm
2018-06-09
2
导读:سىز ئۇنى كىملىكنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ!

چوڭ خوش خەۋەر

 تۈنۈگۈن گۇاڭجوۋ شەھىرى نەنشا رايونىدا، مەملىكەتلىك بويىچە 

تۇنجى ”ئۈندىدار كىملىكى“ تارقىتىلدى!

سۈرەت: ياڭچېڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى تاڭ مىڭمىڭ فوتوسى

بۇ ئەمدى قانداق نەرسىدۇ؟ 

سىز ئۇنى كىملىكنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ!

ئۇنى ئەمەلىي كىملىككە ئوخشاش ھەرقانداق جايدا كۆرسەتكىلى بولىدۇ! قولىڭىزدا بۇ نەرسە بولسا، ئەمەلىي كىملىكىڭىزنى ئالمايمۇ خالىغان يەرلەرگە بارالايسىز! كىملىك كۆرسىتىشكە تېگىشلىك ئەھۋاللارغا يولۇققىنىڭىزدا،يانفونىڭىزنى چىقىرىپ، ”تور كىملىك“ىڭىزنى كۆرسەتسىڭىزلا بولدى!

سۈرەت: ياخشىمۇ سىز، كىملىكىڭىزنى ئىسپاتلاپ بەرسىڭىز

نۆۋەتتە كىملىكنىڭ تور نۇسخىسى پەقەت گۇۋاڭجۇۋدىلا سىناق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كىلەر يىلى 1-ئايدا پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشتۇرۇش باشلىنىدىكەن.


01


كىملىكنىڭ تور نۇسخىسى بولسا، كىملىكىڭىزنى ئىتتىكلا ئىسپاتلىيالايسىز

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كىملىكنىڭ تور نۇسخىسى ”ئاھالىلەر سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى“نى ئاساس قىلغان بولۇپ، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساس قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ”ئىنتېرنېت + ئىناۋەتلىك كىملىك گۇۋاھلىقى سۇپىسى“ ئارقىلىق تارقىتىلىدىكەن، تور نۇسخىسىدىكى كىملىك بىلەن ئەمەلىي كىملىك ئۈزىكى بىربىرىنىڭ بىردىنبىر سايىسى ئىكەن.

ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇنىڭدا يانفون تورى ئارقىلىق ئەمەلىي كىملىكنىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى دەلىللىگىلى بولىدىكەن ھەمدە دەلىللەش جەريانىدا پۇقرانىڭ مەخپىيەتلىكى ھەقىقىي قوغداشقا ئېرىشىدىكەن.خېرىداردىن ھەقىقىي ئىسمىنى تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىدىغان ئەشيا ئوبوروتى، سودا-سانائەت بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش قاتارلىقلاردا، يەنە كىملىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ بېرىدىكەن.

كەلگۈسىدە، ھەتتا كىملىكنىڭ تور نۇسخىسى ئارقىلىق پويىز بېلىتى ئالغىلى بولۇشى مۇمكىن!

شۇنداق قالتىسمىكەن                  ئەلۋەتتە!


02


كىملىكنىڭ تور نۇسخىسى قانداق بېجىرىلىدۇ

ئۈندىدارنىڭ كىچىك پروگراممىسى ئارقىلىق ”تور كىملىك“ (网证)نى ئىزدەپ، چىرايىڭىزنى سايىلەپ بەرسىڭىزلا توردىن رەڭسىز ئاددىي نۇسخىدىكى ”توردىكى كىملىك گۇۋاھنامىسى“غا ئېرىشەلەيسىز.


2. مىكرو ساقچى گۇۋاھلىقى (微警认证) ئەپى ئارقىلىق ئىناۋەتلىك تېرمىنال بېىتى (可信终端)گە كىرىپ، ئىناۋەتلىك تېرمىنال ئۈسكۈنىسىدىكى ئىككىلىك كودىنى سايىلەپ، كىملىك مەخپىي نومۇرىڭىزنى (سەككىز خانىلىق)نى بېكىتىسىز، ئاندىن كىملىكىڭىزنى سۈركەيسىز، بۇنىڭ بىلەن رەڭلىك ”دەرىجىسى يوقىرى كۆتۈرۈلگەن“  ”تور كىملىكى“گە ئېرىشەلەيسىز.

ھازىرچە پەقەت مۇشۇ ئىككى خىللا ئۇسۇل بار. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان يەرلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئاددىي نۇسخىسى ئادەتتىكى ئەھۋاللارغا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن مېھمانخانىدا ياتاققا تىزىملىتىش، تورخانىغا كىرىش دېگەندەك؛ دەرىجىسى يوقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى بولسا سالاھىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدىغان سورۇنلارغا ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن سودا-سانائەت ئىشلىرى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش دېگەندەك.


03


”تور كىملىكى“ كېلەر ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىنىدۇ

كىملىكنىڭ ”تور نۇسخىسى“ ئالدى بىلەن گۇاڭجۇۋدا سىناق قىلىنغان بولۇپ، مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا كىلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش باشلىنىدىكەن.



سۈرەت: گۇاڭجوۋ گېزىتى مۇخبىرى سۇ جۈنجيې فوتوسى


ئەمدى ئىش بېجىرگىلى بارغىنىڭىزدا، 

كىملىكنى يېنىڭىزدا كۆتۈرۈپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدىكەن، 

ياكى كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى ئېلىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدىكەن. 

ئالاقىدار سىناق كەسىپلەرنى بىۋاسىتە بېجىرەلەيسىزكەن! قالتىس قولاي بولۇپ كەتتىمۇ قانداق.


ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولغانىدى


【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 0
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读0
粉丝0
内容0