大数跨境

ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟

ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ baykalfm
2018-08-03
0
导读:ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا 2018-يىلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىغا كىرىش سىياس

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۆزىنىڭ ئورگان تورىدا 2018-يىلىدىكى ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىغا كىرىش سىياسىتى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.



بىرىنچى، ئۈچ خىل شەكىلدىكى بېقىنىپ نوپۇسقا ئورۇنلىشىش

1. ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ نوپۇسىغا ئورۇنلىشىش

(1) ئىلتىماس قىلىش شەرتى: ئەر-ئايالدىن بىر تەرەپ مەزكۇر شەھەردە نوپۇسقا ئورۇنلىشىپ بەش يىل توشقان بولۇش ھەمدە توي قىلغان ۋاقتى بەش يىلغا توشقان بولۇش كېرەك.

(2) ئىلتىماس قىلىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

1) ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچىسى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرگەن ۋە تولدۇرغان نوپۇسقا ئورۇنلىشىش جەدۋىلى.

2) ئەر ئايالنىڭ توي خېتى، نوپۇس دەپتىرى، كىملىكلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

3) نوپۇسقا ئورۇنلاشقۇچىنىڭ ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بار-يوقلۇق ئىسپاتى.


2. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ نوپۇسىغا ئورۇنلىشىش

(1) ئىلتىماس قىلىش شەرتى:

1) ئەرلەر 60 ياش، ئاياللار 55 ياشقا توشقان بولۇش.

2) پەرزەنتلەرنىڭ مەزكۇر شەھەردە نوپۇسقا ئورۇنلاشقان ۋاقتى بەش يىلغا توشقان بولۇش.

(2) ئىلتىماس قىلىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

1) ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچىسى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرگەن ۋە تولدۇرغان نوپۇسقا ئورۇنلىشىش جەدۋىلى.

2) ئاتا ياكى ئانىنىڭ پەرزەنتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئىسپاتى (ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگىنى چىقىرىپ بېرەلمىگەنلىرىدە، پەرزەنتى ياكى ئاتا-ئانىنىڭ ئىدارىسى چىقىرىپ بەرگەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئارخىپنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئىدارىنىڭ كادىرلار، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ).

3) ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەرنىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىكلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

4) نوپۇسقا ئورۇنلاشقۇچىنىڭ ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگىنى چىقىرىپ بەرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بار-يوقلۇق ئىسپاتى.


3. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسىغا ئورۇنلىشىش

(1) ئىلتىماس قىلىش شەرتى:

18 ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلەر (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ) ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان مېيىپ پەرزەنتلەر، مەزكۇر شەھەردىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسىغا ئورۇنلىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

(2) ئىلتىماس قىلىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

1) ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچىسى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرگەن ۋە تولدۇرغان نوپۇسقا ئورۇنلىشىش جەدۋىلى.

2) ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ ۋە نوپۇسقا ئورۇنلاشقۇچىنىڭ نوپۇس دەپتىرى، كىملىكلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

3) 16 ياشتىن يۇقىرى پەرزەنتلەر ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بار-يوقلۇق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

4) پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇناسىۋەت ئىسپاتى (تۇغۇلۇش ئىسپاتى، نوپۇسقا ئېلىش ئارخىپى قاتارلىق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار)

5) ئاتا-ئانىسىنىڭ توي خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

6) 18 ياشتىن ئاشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىزاھات:


(1) پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسى (ئۆگەي ئاتا-ئانىسى)نىڭ نوپۇسىغا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدا، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەر ۋەسىيلىرىنىڭ ئىلتىماسى، سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسى ياكى خەلق ئىشلىرى كېلىشىمى قاتارلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ بېقىش ھوقۇقى ئۆزگەرگەن بولسا، سوتنىڭ ھۆكۈم ئۆزگەرتكەن ئىسپاتى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىش ھوقۇقىنى ئۆزگەرتكەنلىك جامائەت گۇۋاھلىق خېتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(2) ئەمگەك ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان (كۆرۈش سېزىمى، پۇت-قولى، ئەقلى ئىقتىدارى، روھىدىن ئىبارەت تۆت خىل مېيىپلار بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مېيىپلىق كىنىشكىسى بولسا ئەمگەك ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇشنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ) مېيىپ پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ نوپۇسىغا ئورۇنلاشسا بولىدۇ.



ئىككىنچى، ئۆي سېتىۋېلىپ نوپۇسقا ئورۇنلىشىش

1. تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش

1) ئىلتىماس قىلىش شەرتى: مەزكۇر شەھەردە 80 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ (80 كىۋادرات مېتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تاۋار ئۆي سېتىۋالغانلار، ئۆزى، جورىسى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلىرىنىڭ (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ) نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2. ئىلتىماس قىلىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

1) ئاھالىلەر كومىتېتى ساقچىسى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرگەن ۋە تولدۇرغان نوپۇسقا ئورۇنلىشىش جەدۋىلى.

2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

3) 16 ياشتىن ئاشقانلار، ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بار-يوقلۇق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

4) ئۆي سېتىۋالغانلىق ئىسپاتى: ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بولغانلار، ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى (سېتىۋېلىش-سېتىش، ئالدىن سېتىش) نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى. ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىغا تېخى ئېرىشمىگەنلەر تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ۋە يەر خېتى باجلىتىش خېتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

5) توي خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

6) 18 ياشتىن ئاشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىزاھات:

1) ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدىكى ب تەرەپ بولىدۇ، ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىدىن كېيىن ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىغا قوشۇلغان ئۆي-مۈلۈك ئورتاق ئىگىدارچىلىقىغا ئىگە بولغانلار، تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا نوپۇسقا ئورۇنلىشىش سىياسىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.

2) 80 كىۋادرات مېتىرغا يەتمىگەن تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋالغاندا، نىمكەش ئۆيلەرنى سېتىۋالغان شەرت بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.


2. مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق ئورنى بولغانلار

1) ئىلتىماس قىلىش شەرتى:

مەزكۇر شەھەردە مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق ئورنى بولغانلار ھەمدە ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكىلى بەش يىلغا توشقانلاردىن تۆۋەندىكى شەرتلەردىن بىرىنى ھازىرلىغانلار، ئۆزى، جۆرىسى ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلىرىنىڭ (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ) نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

(1) ئۆزى ۋە جورىسى مەزكۇر شەھەردە بەش يىلدىن ئارتۇق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغانلار.

(2) ئۆزى ۋە جورىسى ئاپتونوم رايون (ئۆلكە)، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەر.

(3) ئۆزى ۋە جورىسى كاندىدات ئالىي ئۇنۋان دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر.

2) ئىلتىماس قىلىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

(1) نوپۇسقا ئورۇنلىشىشقا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى.

(2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسى ۋە كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

(3) تۇرالغۇ ئىسپاتى: ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ۋە يەر خېتى باجلىتىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

(4) نوپۇسقا ئورۇنلاشقۇچىلاردىن 16 ياشتىن ئاشقانلار، ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بار-يوقلۇق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(5) ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تالونى.

(6) شەرەپ گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.

(7) ئۇنۋان كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئۇنۋان كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەدۋىلىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئورۇننىڭ تامغىسىنى بېسىپ تەمىنلەيدۇ.

(8) 18 ياشتىن ئاشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىزاھات:

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش يىل چېكى مەزكۇر شەھەردىكى تاپشۇرغان يىلنى كۆرسىتىدۇ، باشقا ئورۇندا تاپشۇرغان ۋە تولۇقلاپ تاپشۇرغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.


ئۈچىنچى، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ نوپۇسقا ئورۇنلىشىش.

1. ئىلتىماس قىلىش شەرتى:

ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنى (پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر) پۈتتۈرگەنلەردىن مەزكۇر شەھەردىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بىر يىلدىن ئارتۇق قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر ھەمدە مەزكۇر شەھەردە قانۇنلۇق مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى بولغانلار، شۇنداقلا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغانلار.

2. ئىلتىماس قىلىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

(1) نوپۇسقا ئورۇنلىشىشقا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى (ئىككى نۇسخا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىشلەۋاتقان ئورۇن تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مەھەللە ساقچىسى ئىشلەۋاتقان ئورۇن ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ھەم ئولتۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مەھەللە ساقچىسى تۇرالغۇ ئۆي ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىمزا قويىدۇ).

(2) ئەمگەك توختامى (نوپۇسقا ئورۇنلىشىشنى بېجىرگەندە ئەمگەك توختامى ئۈنۈملۈك ۋاقىت ئىچىدە بولۇشى كېرەك)، تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئورۇن ئىسپاتى، ئورۇننىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، تەشكىلىي ئاپپارات ۋاكالەت نومۇرى كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت ۋاكالەت نومۇرى كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ھەمدە ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.

(3) نوپۇس دەپتىرى، كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، مەزكۇر شەھەردە قانۇنلۇق ئولتۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ ئۆي-مۈلۈك رەسمىيىتى.

(4) ئەسلى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ج خ ئورگانلىرى چىقىرىپ بەرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بار-يوقلۇق ئىسپاتى.

(5) مەكتەپ پۈتتۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، مەزكۇر شەھەردە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى (ئۈچ يىلدىن يۇقىرى).


تۆتىنچى، مەبلەغ سېلىپ نوپۇسقا ئورۇنلىشىش

1. ئىلتىماس قىلىش شەرتى:

(1) بىر قېتىمدا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، بەش مىليون يۈەندىن تۆۋەن مەبلەغ سالغانلار، كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەبلەغ سالغۇچى ۋە جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

(2) بىر قېتىمدا بەش مىليون يۈەندىن يۇقىرى مەبلەغ سالغانلار، كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، مەبلەغ سالغۇچى، پايچىكلار ۋە جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2. ئىلتىماس قىلىشتا كېرەكلىك ماتېرىياللار:

(1) كارخانا تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانىنىڭ مەھەللە ساقچىسى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرگەن ۋە تولدۇرغان نوپۇسقا ئورۇنلىشىشقا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى.

(2) كارخانا تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، كارخانا ئىسپاتى.

(3) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بار-يوقلۇق ئىسپاتى (16 ياشتىن يۇقىرى بولغانلار تەمىنلەيدۇ)

(4)«رايون (شەھەر)نىڭ مەبلەغ سالغان كارخانىلار بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەر كىنىشكىسى»گە ئېرىشكەن كارخانىلار، مەزكۇر كىنىشكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛«رايون (شەھەر)نىڭ مەبلەغ سالغان كارخانىلار بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەر كىنىشكىسى»گە ئېرىشمىگەن كارخانىلار، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئېتىبار سىياسەتلەردىكى باج كەچۈرۈشتىن بەھرىمەن بولغانلار، مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ).

(5) مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى (مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى بولمىغانلار، مەبلەغ سالغان تۈرنى تىزىملىتىش ئارخىپ كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ).

(6) ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ياكى ئۆي سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ۋە يەر خېتى بېجى تالونى.



【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 0
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读0
粉丝0
内容0