大数跨境

ئوغۇل بالىغا ئۆي ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ-يوق؟

ئوغۇل بالىغا ئۆي ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ-يوق؟ baykalfm
2018-08-03
1
导读:"ئاتا-ئانا پەرزەنت ئۈچۈن بەك كۆپ ئويلىنىدۇ، پەرزەنت ئا

"ئاتا-ئانا پەرزەنت ئۈچۈن بەك كۆپ ئويلىنىدۇ، پەرزەنت ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن دانىچىلىك ئويلىنىدۇ" بۇ سۆزدىن پەرزەنت شەخسىيەتچى دېگەندەك بىر مەنە چىقىدۇ، پەرزەنت بولغۇچى داۋاملىق ياردەمگە موھتاج ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىنى يادىغا ئالىدۇ، ئەمما ئاتا-ئانىنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن قانچىلىك بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ.

يېقىندا، دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالغان بىر پارچە خەتتە دەل مۇشۇنداق بىر ئىش سۆزلەنگەن. خەتتە بىر ئوغۇل ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىگە ئۆي ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان، ئەمما ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ نەزىرىدە ئۆي خۇددى بالىنىڭ كەلگۈسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزى ھەل قىلىشى، مۇستەقىل بولۇشى كېرەككەن. 

قېنى ئالدى بىلەن بۇ خەتنىڭ تەپسىلاتىغا بىر قاراپ باقايلى:

ئوغلۇم، سەن يەنىلا ئۆزەڭ ئۇچۇشۇڭ كېرەك!

قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمىدىم، شۇڭا خەت يېزىش ئارقىلىق ساڭا كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتماقچى بولدۇم. 

سەن تۇغۇلۇپ مانا ھازىر 26ياشقا كىردىڭ، بۇ 26يىلدا مەن ئۆزەمنى ئىزچىل ناھايىتى بەختلىك ھىس قىلىپ كەلدىم، سىنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىڭ ماڭا چەكسىز خوشاللىق ئاتا قىلدى، لىكىن ئاخىرىدا ئارىمىزدا ئازىراق مەسىلە پەيدا بولدى. 

سەن ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەم ئۆي ئالدى، مەن قىز دوست تاپسام ئۆي لازىم بولىدۇ، ئۆي باھاسى ئىزچىل ئۆسىۋاتىدۇ، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالدىدا ئۆي سېتىۋالساق چوقۇم زىيان تارتمايمىز دەپ، ئاخىرىدا ماڭا خاڭجۇۋ شەھىرى شياۋشەن رايونىدىن ئۆي سېتىۋىلىشنى ئويلاشقىنىڭنى ئېيتىپسەن. 

ئەمما، مىنىڭ نەزىرىمدە 26ياشلىق سەن چوقۇم بىر قىسىم ئىشلارنى مۇستەقىل زىممىنىڭگە ئېلىشىڭ كېرەك، كىچىك ۋاقتىڭغا ئوخشاش بىر يىغلاپ قويۇپ، بىر دەپلا قويۇپ ئۆزەڭ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشسەڭ بولمايدۇ. مىنىڭ نەزىرىمدە سەن يەنىلا بىزنىڭ قوينىمىزدا ئەركىلەپ چوڭ بولماپسەن. 

مەن نىمىشقا سىنى رەت قىلىمەن، چۈنكى سەن يەنىلا ئۆزەڭ ئۇچۇشۇڭ كېرەك،مەن بىلەن داداڭ پەقەت ساڭا مۇستەھكەم ئارقا تىرەك بولالايمىز، ئەمما مەڭگۈ سىنىڭ ئالدىڭغا تۇرۇپ بىرەلمەيمىز.

مەيلى ئۆي، ئارزۇ-ئۈمىد بولسۇن، مەن سىنىڭ ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆزەڭنىڭ كەلگۈسىنى ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزەڭ يارىتىسەن...


بۇ خەتتىكى مەزمۇن كىشىنى ئويغا سالىدۇ. 

خەتتە ئوغۇل ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىگە ئۆي ئېلىپ بېرىشنى ئېيتقان، ئەمما ئانا بولغۇچىنىڭ نەزىرىدە ئۆي خۇددى ئوغلىنىڭ كەلگۈسىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزى قولغا كەلتۈرۈشى، مۇستەقىل بولۇشى، ئىزچىل ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالماسلىقى كېرەككەن. 

بۇنداق قاراشتىكىلەر ئەمەلىيەتتە ئاز ئۇچرىمايدۇ، ئەمما بالىغا ياردەم كېرەك بولسا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار يەنىلا ئامالنىڭ بارىچە ياردەم قىلىشقا تېرىشىدۇ. 

بۇ خەت توردا تارقالغاندىن كىيىن، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، بىر قىسىم تورداشلار  90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ بېسىمى بەك ئېغىر، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئازراق ياردەم بېرىشى كېرەك دەپ قارىدى.

بىر تورداش: 80-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلار بىلەن 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشىمايدۇ، 70-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ نۇرغۇن ئۆيى بار، بۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بالدۇر تۇغۇلغانلىقىدىن بولغان، ئۇلار بالدۇر ئۆي سېتىۋالغانلىقى، شۇنداقلا ئۆي سېتىۋېلىشقا جۈرئىتى بولغانلىقىدىن پايدىغا ئېرىشتى. ھازىر 80-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش قىيىنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىر. بۇنىڭدا تالاش-تارتىش قىلىش كەتمەيدۇ. 

يەنە بىر تورداش خەت يازغان بۇ ئانىنى مەسخىرە قىلىپ: ئوغلىڭىزغا ئۆي ئىلىپ بەرمەي، ئۇنىڭ قىرى بويتاق بولۇشىنى كۈتۈڭ ئەمىسە دەپ يازغان.

بۇ خىل قاراشتىكى تورداشلار، ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئېلىشىپ بەرمىسە، ئۇ چاغدا بالا باشقىلارغا قارىغاندا ئارتۇق جاپا تارتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. 

ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلار جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا تەقدىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىشى، بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قويۇپ، باشقا ئىشلار بىلەن چاتىقى بولماسلىقى كېرەك دەپ قارىغان. 

بىر تورداش مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار بۇ خەتنى ئەستايىدىل كۆرۈپ بېقىشى كېرەك، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى 20-30يىل  ئۆي قەرزى تۆلەش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ؟ ئاخىرىدا يەنە بالىسى ئۈچۈن نەۋرە بېقىشىپ بىرىدۇ، مېنىڭچە ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنى بېقىپ چوڭ قىلسىلا بولدى، ئەجەبا بالىلارنىڭ قول پۇتى يوقمىكەن؟ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بالىسى يەنە نەۋرىسى ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنى قايتىلاپ قىلىدۇ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جاپا تارتىدىغان گەپ، بۇ بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى جاپاغا قويۇشقۇ.

يەنە بىر تورداش مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئانىنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن، مەنمۇ بالىلىق بولدۇم، ئۆزۈمنى بۇ ئانىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاندىم، مېنىڭچە ئاخىرىدا بالام يەنىلا ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى مېڭىشى كېرەك، مېنىڭمۇ ئۆز ئالدىمغا تۇرمۇشۇم بار، بالا ئۈچۈن 20نەچچە يىل جاپا تارتقىنىم يېتەرلىك، ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا مۇستەقىل مېڭىشىنى ئۆگېنىشى كېرەك. 

يەنە بىر تورداش ئۆزىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلىگەن: مەن بىلەن يولدىشىممۇ 80يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان، بالىلىق بولغاندىن كىيىن، بالىغا قاراپ بېرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا مەن خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ ئۆيدە بالىغا قارىدىم، بىزمۇ ئۆزىمىزگە تايىنىپ ئۆي ئالغان، ئۇ چاغدا ئۆي باھاسى ھازىرقىدەك يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ئەمما بىزمۇ ئەمدى خىزمەتكە چىققاچقا كىچىكرەك ئۆيدىن بىرنى سېتىۋالدۇق، ئۆي باھاسى ئۆرلىگەندىن كىيىن بۇ ئۆينى سېتىپ چوڭراقىدىن بىرنى ئالدۇق، مېنىڭچە ئازراق جاپا تارتساق، چىشىمىزنى چىشلىسەكلا ئۆينى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.  

بۇ قاراشتىكى تورداشلار بۇ ئانىنى قوللىغان، بالا ئۆزىگە تايىنىشنى ئۆگىنىشى كېرەك، بېسىم بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ تىرىشقىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. 

ئۇنداقتا ئەگەر سىزنىڭ ئوغۇل پەرزەنتىڭىز بولسا، ئوغلىڭىزغا ئۆي ئېلىپ بېرىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىز بىر ئوغۇل بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۆي سېتىۋېلىشنى ئويلاشتىڭىزمۇ ياكى ئاتا-ئانىڭىزدىن ياردەم سورامسىز؟ 

ئوغۇل بالىغا ئۆي ئېلىپ بېرىش بەرمەسلىك بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر بالا كىچىكىدىن مۇستەقىلراق چوڭ بولغان بولسا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئۆزىگە تايىنىشنى كىچىكىدىن ئۆگەتكەن بولسا، مېنىڭچە بۇنداق تەربىيەدە چوڭ بولغان بالا ھەرگىز ئاتا-ئانىسىدىن ئۆزىگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە،بالىنى ئەركە كۆندۈرۈپ ھەممە ئىشىنى تەل قىلىپ بەرگەندە بالىدا: مەن قىلمىساممۇ ئاتا-ئانام بارغۇ دېگەن ئىدىيە شەكىللىنىشى مۇمكىن. 

بۇرۇن كۆپىنچە كىشىلەر چوقۇم ئۆي سېتىۋېلىش كېرەك دەپ قارايتتى ھەتتا بىر ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جاپا تارتىشقا رازى ئىدى، بولۇپمۇ ئوغۇل پەرزەنتى بار ئائىلە ، بالىنى ئۆي ئوچاقلىق قىلىش ئالدىدا چوقۇم ئۆي ھەققىدە ئويلاشتى، ئەمما ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا چوقۇم ئۆي سېتىۋېلىش كېرەك دەيدىغان قاراش ئازىيىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆي پەقەت قونالغۇلا خالاس، ئىجارە ئالغان ئۆيدىمۇ تۇرمۇشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. 

ئۇنداقتا زادى ئۆي سېتىۋېلىش كېرەكمۇ-يوق؟ قانداق سېتىۋېلىش، ئۆزىگە تايىنىشمۇ ياكى چوڭلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەكمۇ؟ قېنى سىزمۇ بۇ ھەقتە پىكرىڭىزمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ!


【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 0
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读0
粉丝0
内容0