大数跨境

5000يۈەن قەرز ئېلىپ بىر يۈرۈش ئۆي تۆلەپ بەرگەن ئىشنى ئاڭلىغانم

5000يۈەن قەرز  ئېلىپ بىر يۈرۈش ئۆي تۆلەپ بەرگەن ئىشنى ئاڭلىغانم baykalfm
2018-08-03
2
导读:تۇرمۇشتا دائىم «ھىچقانداق كېپىللىك ،رەسمىيەت كەتمەيدۇ

تۇرمۇشتا دائىم  «ھىچقانداق كېپىللىك ،رەسمىيەت كەتمەيدۇ، بىر كۇندىلا قەرز ئالالايسىز » دىگەندەك ئېلان چاپلاقلارن ياكى تېلېفونلار ئۇچراپ تۇرىدۇ ، پۇل جىددى لازىم بولغان بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ قەرز ئېلىپ باققان بولىشىمۇ مۈمكىن. لېكىن ئۇلار شۇنىڭدىن تارتىپ قەرز پاتقىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىدۇ.

يېقىندا مۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلاپ قالدىم. يۈەنجياڭ ئىسىملىك 30 نەچچە ياشلىق بىر يىگىت بولۇپ، كومپيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. كىچىكىدىن ياخشى ئائىلە ياخشى مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا ساددا ھەم قورقۇنچاقراق ئىكەن.  يۈەنجياڭ ئىناۋەت كارتىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىۋېرىپ مەلۇم بىر ئايدا 5000 يۈەن پۇلنى قايتۇرالماي قاپتۇ، تونۇش بىلىشلەردىن پۇل سوراشتىن خىجىل بولۇپ كوچىدا كۆرگەن ئېلان چاپلاقتىكى قەرز بېرىش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ ھەم كەسپى خادىم بىلەن كۆرۈشۈپ قەرز ئالىدىغان ئىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئاخىرىدا قەرز ھۆججىتى يازىدىغان چاغدا كەسپى خادىم ئا ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەنلىك ھۆججەت يازىسەن دەپ تۇرىۋاپتۇ ھەمدە: بۇ بىزنىڭ قائىدىمىز،  سەن ھازىرچە شۇنداق يېزىپ قويۇپ قەرز قايتۇرغاندا 5000 يۈەن بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرساڭلا بولىدۇ ، دەپتۇ ، يۈەنجياڭ بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئۇنىمايدۇ-دە ، ئۇنىڭ يالتىيىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن كەسپى خادىم توساتتىن بۆرە تېرىسىنى كىيىپ ئۇنىڭغا ھۈرپىيىپتۇ، ئەسلى بۇ كەسپى خادىم يالغۇز ئەمەس بولۇپ، ئەتراپتا كۈزىتىپ ئولتۇرغان نەچچە ھەمراھى بار ئىكەن. ئۇلار يۈەنجياڭغا:  ھۆججەتنى مۇشۇنداق يېزىش قائىدىمىز بار، يەنە كېلىپ سەن بىزنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىپ قەرز ئېلىشتىن يالتىيىۋالساڭ كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمىز، دەپ قورقاق ساپتۇ.

يۈەنجياڭغا ھەقىقەتەن پۇل لازىم ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەچچەيلەننىڭ ئەلپازى بەك يامان بولغاچقا ئامالسىز 10 مىڭ يۈەنلىك ھۆججەت يېزىپ بېرىپ پۇلنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتۈپ 5000 يۈەننى قايتۇرىدىغان چاغدا قەرز شىركىتىدىكىلەر ئۇنىڭغا 10 مىڭنىڭ ھەممىنى قايتۇرىسەن دەپ تۇرىۋاپتۇ. يۈەنجياڭدا ئۇنداق كۆپ پۇل نىمىش قىلسۇن، قەرز شىركىتىدىكىلەر ئۇنىڭغا قەرز يېڭىلاپ قەرز قايتۇرساڭ بولىدۇ دەپ ئامال كۆرسىتىپتۇ. يەنى بۇرۇنقى قەرزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ سوممىلىق ھۆججەت يېزىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كەسپى خادىم يەنە باشقا ئىككى كىشىنى چاقىرىپ كەپتۇ .  ئۇلارنىڭ بىرى  ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇرۇپ 10 كۈندىن كېيىن 30 مىڭ يۈەن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، يۈەنجياڭ ئۇ ئىككەيلەننىڭ ھەمراھلىقىدا پۇل ئالغىلى بېرىپتۇ، 10 يۈەننى باشتىكى كەسپى خادىم ئېلىپ كېتىپتۇ. يۈەنجياڭ بولسا 30 مىڭ يۈەنگە قەرز بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن 10 نەچچە قېتىم قەرز ھۆججىتى يېڭىلاپ يۈرۈپ 5000 يۈەن پۇل 20 نەچچە  مىليون بولۇپ كېتىپتۇ ! ئۇ بۇ «قەرز» نى قايتۇرالمىغاچقا دائىم قەرز شىركىتىدىكىلەرنىڭ ئۇرۇپ تىللىشى ، تەھدىد سېلىشى ۋە سولاپ قويۇشىغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئۇلار يەنە تېخى يۈەنجياڭنىڭ ئۆي مۈلۈك كېنىشكىسى ۋە نوپۇسىنى ئېلىۋېلىپ ۋاكالىتەن ئۆي سېتىش گۇۋاھلىقى بېجىرىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى سېتىپ «قەرز» تۆلەتمەكچى بولغان. سوت مەھكىمىسىمۇ قەرز شىركىتىنىڭ ئەرزىنى قوللاپ قانۇنلۇق ھۆججەتتىكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ  3 مىليون يۈەن قايتۇرۇپ بېرىپ بېرىشكە بۇيرىغان، يۈەنجياڭنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيىمۇ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان . كېيىن يۈەنجياڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى يەرلىك ج خ ئورۇنلىرىغان دېلو مەلۇم قىلغان ، يەرلىك ج خ ئىدارىسىمۇ بۇ  ئالدامچىلىقنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان . تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ساختا ھۆججەت ۋە گۇۋاھلىقلار بىردىن بىردىن رەت قىلىنىپ، ھەقىقى ئەھۋال ئېنىقلىنىشقا باشلىغان....

      بۇنىڭدەك ياكى بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ئالدامچىلىقلار تۇرمۇشتا بەك كۆپ ئۇچرايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭغان ئالدىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەپمۇ بانكىلاردىن قەرز ئېلىش رەسمىيىتىنىڭ بەك مۇرەككەپ ، تەستىقلىنىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىكنىڭ سەگەك بولۇشىنى ، ھەقىقەتەن پۇل لازىم بولسا نورمال يول بىلەن بانكىلاردىن قەرز ئېلىشىنى، ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەتمۇ بۇ خىل قەرز ئالدامچىلىقى قارا كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بەرمەكتە ، شۇڭا بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھامان كوچا چاشقىنى ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك بولىدۇ. 




【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 61
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读56
粉丝0
内容61