大数跨境

سەھەردىكى 4 نى قىلىش ، كەچتىكى 4 نى قىلماسلىق

سەھەردىكى 4 نى قىلىش ، كەچتىكى 4 نى قىلماسلىق baykalfm
2020-12-21
2
导读:1. مونچىغا چۈشۈشسەھەردە مۇنچىغا چۈشكەندە ھەقىقەتەن بەد

1. مونچىغا چۈشۈش

سەھەردە مۇنچىغا چۈشكەندە ھەقىقەتەن بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سەھەردە مۇنچىغا چۈشسە كەيپىياتمۇ ئالاھىدە كۆتۈرۈلۈپ ، تېخىمۇ روھلۇق ۋە پاكىز كۆرىنىدۇ .

2. تەرەت قىلىش 

سەھەردە چوڭ تەرەت قىلىشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالسىڭىز ، تەن سالامەتلىكىڭىزگە پايدىسى بار . ئەگەر سىزنىڭ بۇ خىل ئادىتىڭىز بولمىسا بەكمۇ جىددىيلىشىپ كەتمەڭ ، ئالدىرماي يېتىلدۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن يېسىۋىلەك ، تاتلىق ياڭيۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ . 

3. سۇ ئىچىش

سەھەردە قوپۇپ بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇ ئىچىش ياخشى ئادەت ، بىر كېچە ئۇخلاپ قوپۇپ شۇ ئىچمىسە ناھايىتى ئاسانلا سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ ، سەھەردە سۇ ئىچىشنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنى تازلاش رولى بار .

4. ئالدىرماي قوپۇش

سەھەردە ئامال بار دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا قان بېسىمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كۆزنى ئېچىپ بولۇپ بىردەم مىدىرلىماي يېتىش ۋە بەش مىنۇتتىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەت قىلىش كېرەك . ئەگەر ئاسانلىقچە قوپالمىسىڭىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ پۇت قوللىرىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسىڭىز ئويغىنىشىڭىزغا پايدىسى بولىدۇ .

كەچتىكى تۆتنى قىلماسلىق

1. قەھۋە ئىچمەسلىك

ئۇخلاشتىن بۇرۇن قەھۋە ئىچىشكە بولمايدۇ، نۇرغۇن ئادەم قەھۋە تەركىبىدە كوففېئىن بارلىقى ۋە بۇ ماددىنىڭ نېرۋا سېستىمىلىرىنى غىدىقلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قەھۋەنىڭ سۈيدۈكنى ھەيدەش رولى بولغانلىقىنى ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، قەھۋەدىن باشقا چايمۇ شۇنداق .

2. ئاچچىق يېمەسلىك

كەچتە ئاچچىق نەرسە يېيىشمۇ ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. مۇچ، سامساق، پىياز  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ ۋە ھەزىم قىلىشنىڭ بورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

3. ھاۋا تولدۇرۇۋالماسلىق 

بەزى يېمەكلىكلەر ھەزىم بولۇش جەريانىدا كۆپ مىقداردا ھاۋا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ - دە ، قورساق كۆپۈۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىپ ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ . 

شۇنىڭ ئۈچۈن كەچتە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ، يېسىۋېلەك ، باش پىياز ، قۇناق ۋە بانان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك . 

4. ھاراق ئىچمەسلىك 

نۇرغۇن ئادەم ھاراق ئىچكەندە ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ ، لېكىن تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە ، ئۇيقا سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن .

  ساغلاملىق بايقال دورىلىق شور تۇز كىگىز كۆرپىسىدىن باشلانغۇسى......


【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 61
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读56
粉丝0
内容61