«سەن بەك قالتىس » بالىلارغا بېرىلگەن ئەڭ زەھەرلىك دورا
بالىلارنى ئاغزىغا كەلگەنچە ماختاش ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى شېكەت يالىتىلغان زەمبىرەك . بالىلار تەربىيەسى مۇتەخەسىسى لىندا مۇنداق دەيدۇ : جۇڭگولۇق ئاتا ئانىلاردا بالىسىنى كەلسە كەلمەس ماختايدىغان ناھايىتى يامان ئادىتى باركەن. نەچچە كۈن ئاۋۋال ئاشخانىدا 3-4 ياشلىق بىر بالىنىڭ تاماقنى ئۆزى يىگەنلىكى ئۈچۈن ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇنى ماختاپ ئاسمانغا چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. 3-4 ياشلىق بالا ئەلۋەتتە تاماقنى ئۆزى يىيەلىشى كېرەكقۇ ؟
بۇ سۆز ماڭا بەك ياقتى ، ئەلۋەتتە ئۇ ئاتا-ئانىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىمەن، بىزدەك ئەيىپلەش، كەمسۇندۇرۇش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش تەربىيەسىدە چوڭ بولغان بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ماختاشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە بالىلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچى بار ، قورقۇمسىز جەسۇر ئادەم بولۇپ چىقىشىنى بەكمۇ ئۈمىت قىلىمىز .

ئەپسۇسكى، بالىلارنى خالىغانچە ماختاش لىندانىڭ ئېيتقىنىدەك ئۇلاردا ئىشەنچ تۇيغۇسى يېتىلدۈرەلمەيلا قالماستىن ئەكسىچە بالىلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئېڭىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى سەزگۈر، ئاجىز، ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان ، ياخشى سۆزنىلا خالايدىغان، تەنقىدنى قوبۇل قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ .
بىر ئانا قىزىدىن ئاغرىنىپ مۇنداق دەيدۇ: قىزىنى كىچىكىدىن ماختاپ چوڭ قىپتۇ، ئۆيدە يەسلىدە ماختاش ئىچىدە چوڭ بوپتۇ، لېكىن بالا چوڭ بولغانسېرى ئۇ بۇنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپتۇ. قىزى نىمىلا ئىش قىلسا ماختاشنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا قىلىدىكەن ، ئىشنىڭ نەتىجىسى بىلەن كارى يوقكەن. باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە كۈندە« سىز بەك قالتىس» دىگەن سۆزنى ئاڭلىيالمىغاچقا بارا بارا مۇئەللىمى بىلەن ئۆچەكىشىپ قارشىلىشىدىغان ھەتتا مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ .
بۇ بالىدىكى مەسىلە ماختاش ئىچىدە چوڭ بولغان ھەممە بالىدا كۆرۈلىدىغان ئورتاق مەسىلە بولىشى مۈمكىن .
1. كەلسە كەلمەس ماختاش بالىدا قائىدە ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ . ئۇلار نىمىنىڭ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ، مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، ماختاشقا بەك ئاسان ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن توختىماي ئالغا بېسىشقا بولغان ئىنتىلىشى تۆۋەن بولىدۇ.
ئەگەر بالىنى دېلفىنغا ئوخشاتساق ئويۇنچى دېلفونلار سۇ ئۈزەلىگىنى ئۈچۈن مۇكاپات ئالالمايدۇ. پەقەت تۇمشۇقىدا توپ ئېلىپ مېڭىش ، چەمبىرەكتىن شۇڭغۇپ ئۆتۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلىيالىغاندىلا ئاندىن كىچىك بېلىق بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. لېكىن بىز بالىلارنى بالدۇرلا ماختاپ بۇ «كىچىك دېلفىنلارنى» سۇ ئۈزەلىسەملا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئىش قىلىۋەتكەن بولىدىكەنمەن دىگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ-دە تۇمشۇقىدا توپ ئېلىپ مېڭىش ، چەمبىرەكتىن شۇڭغۇپ ئۆتۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئۈگىنىشكە پەقەتلا قىززىقمايدۇ.
2. ھاپىلا شاپىلا ماختاش داۋامىدا ئاتا-ئانا ۋە بالا پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.
ئەتراپىمىزدا بىر تەرەپتىن يانفونىنى كۆرگەچ بالىسىنى سەن بەك قالتىسكەنسەن دەپ ماختاۋاتقان ئاتا-ئانىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ، مەن بىرسىدىن بالىڭىزنىڭ نەرى قالتىس دەپ سورىسام ئۇ بېشىنى كۆتىرىپ بالىسىغا بىر قارىۋېتىپ: ئۇ ئۆزى كىتاپ كۆرىۋېتىپتۇ ،ماڭا يېپىشىۋالمىدى، مۇشۇنىڭ ئۆزى بەك قالتىس ئىش ئەمەسمۇ ؟دىدى . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بالىسى كىتاپخانىنىڭ بالىلار كىتاپى رايونىدا كىتاپ يىرتىپ ئويناۋاتقاچقا دادىسىغا چېپىلىدىغان چولىسى يوق ئىدى.
3. پەرقسىز ۋە تەھلىلسىز ماختاش بالىلاردا باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش خاراكتىرىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ .
ئەگەر ماختاشنى بىر تۈرلۈك تەربىيە دەپ قارىساق ئۇنىڭ نىشانى بالىنى ساغلام ، كەلگۈسىگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان كۈچلۈك ۋە ئىسىل خىسلەتلىك ئادەم قىلىپ چىقىش ئۈچۈندۇر؛ لېكىن ئۇنداق خالىغانچە ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئاغزىغا كەلگەننى ماختايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ مەقسىدى بالىلارنى ۋاقتىنچە تېنچلاندۇرۇش ، گەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈندۇر . بالىلار كىچىك بولغىنى بىلەن ئەقلى كەم ئەمەس، ئۇلار تېزلا نىمىنى قىلىش كېرەكلىكىنى ، قانداق قىلسا ئاتا-ئانىسى خۇش قىلالايدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ماختاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى تاشلاپ ياخشىچاق بولۇشنى ئۈگۈنىدۇ-دە ئالدىڭىزدا بىر خىل، ئارقىڭىزدا بىر خىل ، چىرايى كۈلۈپ تۇرغان بىلەن ئىچىدە باشقا پىلان سوقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ماختاش تەربىيەسىنىڭ ئەۋج ئېلىشى تېز تاماقلىشىشنىڭ مائارىپتىكى ئىپادىسى، ھەممە ئاتا -ئانا كۈندە بالىسىنى 100 قېتىم ماختاپ قويۇپلا ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان بالا تەربىيەلەپ چىقىشنى ئۈمىت قىلىدۇ.

سىزگە دەپ قوياي : بۇ ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس !
ئامېرىكىلىق پىسخولوگ ئانجىلا دوكۋورس مىليونلىغان ئوبىكىتلارنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۇن چىقارغان : بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپەققىيەت قازىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغىنى چىرايلىق چىرايى، چىقىشقاقلىقى، ئەقىللىقلىقى ئەمەس بەلكى قەتئى ئىرادىلىك بولىشى، تەۋرەنمەس روھى، بېسىمغا ۋە ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدۇر .
بالىلارنى ئاغزىغا كەلگەنچە ماغتاپ قويۇش ئۇلاردىكى قەتئى ئىرادىنى يوق قىلىدۇ.
بالىلارنى ئاغزىغا كەلگەنچە ماغتاپ قويىدىغان ئاتا –ئانا بىلەن بالىغا ئاغزىغا كەلگەنچە زەربە بېرىدىغان ئاتا-ئانا ئاساسەن بىر خىل تۈردىكىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كاللا قاتۇرمايدۇ. ئاددى ھەم زوراۋان ، كۈزىتىش ئىقتىدارى يوق، بالا بىلەن چوڭقۇر پىكىرلىشەلمەيدىغان كېلىدۇ.
مەھەللىمىزدە بىر ئانا بولۇپ، بالىسى كىچىك ۋاقتىدا ئىگىزرەك سەكرەپ قويسىمۇ سەن بەك نوچى دەپ ، بالىسى تېزرەك يۈگراپ قويسىمۇ سەن بەك قالتىس بولۇپ كېتىپسەن دەپ ماختايتتى، بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دائىم بالىسىنى سەن نىمانداق دۆت دەپ تىللايدىغانلىقىنى ئاڭلايدىغان بولدۇق.
خالىغانچە ماختاش بەزىدە ئاستا خاراكتىرلىك كاللا يۇيۇش بولۇپ ، بالىسىنى ئاغزىغا كەلگەنچە ماختاۋەرگەن ئاتا-ئانا بارا بارا بالىسىنى باشقىلاردىن يۇقىرى، ئالاھىدە بالا دەپ ئويلاپ قالىدۇ ھەم شۇنىڭغان ئىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىر كۈنلەردە بالا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ياكى باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالسا ئاتا-ئانا بالىسىدىن ئۆتە قوبۇل قىلالماي تۈگىشىىپ كېتىدۇ .
ئاتا –ئانا بولغان ئادەم ھاياتتىكى ئوڭۇشسىزلىقنى توغرا قوبۇل قىلالمىغان يەردە قانداقمۇ بالىدا قەتئى ئىرادە ، تەۋرەنمەس روھ يېتىلدۈرەلىسۇن؟
كىشىلىك ھاياتتا ئەڭ مۇھىمى ياخشى ماڭالىغان چاغدا ماختاشقا ئېرىشىش ئەمەس بەلكى مۆدۈرۈلۈپ كەتكەندە ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشىشتۇر.
بىرەيلەن مۇنداق دەيدۇ : كىچىك ۋاقتىمدا دادام بەك قاتتىق قول ئىدى. تولۇقسىزغا چىققاندا شەھەر بويىچە ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇدۇم. 1-مەۋسۇمدە سىنىپ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 5-بولۇپ قالدىم، بۇرۇندىن ئەلاچى ئوقۇپ كەلگەن بولغاچقا بۇ ئىش ماڭا بەك ھار كەلدى. لېكىن دادام ماڭا : بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان ، سەندىن ئەلاچى بالىلارمۇ ساماندەك كۆپ ، كېلەر قېتىم ئىمتىھاندا ئارقىدىن سانىغاندا 10- بولالىساڭ يېڭى يانفون ئېلىپ بېرىمەن .دىدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىمدا مەن سىنىپ بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىگە ئۆتتۈم ، 2-يىللىققا چىققاندا سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ قالدىم . مەن ھازىر ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتىمەن. ھەر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا دادامنىڭ شۇ چاغدىكى تەمكىنلىكى ۋە يۇمۇرىستىك سۆزىنى ئەسلەيمەن، ماڭا نىسبەتەن ھەر قانداق دەبدەبىلىك ماختاشمۇ ئاشۇ يامان ئەھۋالدا قالغان ۋاقتىمدا دادامنىڭ تەمكىن ۋە يۇمۇرلۇق سۆزىگە يەتمەيدۇ . دادام ماڭا ھايات يولىنىڭ ئۇزۇن مۇساپە ئىكەنلىكىنى ، بىرەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەسلىك، قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىنىڭ نەتىجە ۋە شان شەرەپتىن مۇھىم ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
ھەقىقى مۇئەييەنلەشتۇرۇش تەربىيىسى ھەرگىزمۇ ئاددى ھالدىكى سەن بەك قالتىس دىگەنلىك بولماستىن، بەلكى ئاتا –ئانىنىڭ ئىنچىكىلىكىنى، سەۋرچانلىقىنى، ۋە ئەقىل پاراسىتىنى سىنايدىغان چوڭ قۇرۇلۇش. بۇ يەردە ياش ئاتا-ئانىلارغا بىرقانچە تەكلىپ بېرىمەن.
1. سەن بەك قالتىس دىگەندىن كۆرە بالىغا بۇ قېتىم قايسى ئىشنى ياخشى قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئەلا . تاماقنى ياخشى يىيىش، تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلەش، ۋاقتىدا ئۇخلاش، ئۆزىنىڭ ھوجرىسىنى يۇغۇشتۇرۇش قاتارلىقلار بالىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ماختاش كېرەك.
2.بالا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ مەلۇم ئىشنى تاماملىغان چاغدا ئۇنى بەك قالتىسكەنسەن دەپ ماختىغاندىن باشقا يەنە قانداق قىلىپ مۇنداق ياخشى قىلالىدىڭ دەپ سوراڭ . بالا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى بىر قېتىم خۇلاسىلەپ چىقسۇن ، ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىلگىرلىگەنلىكىنى بىلىپ يەتسۇن ،بۇنداق بولغاندا كېيىنكى قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ۋاز كەچمەيدىغان بولىدۇ. بۇ نۇقتا بالىنىڭ قەتئى ئىرادىسىنى تاۋلاشتا بەك مۇھىم.
3.بالا مۇۋەپەققىيەت قازانغاندا ئۇنى قۇچاقلاش، مەغلۇپ بولغاندا ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش كېرەك. مەغلۇبىيەتنىڭ ئەھمىيىتى بىزنى يىغلىتىش ئەمەس بەلكى دەس تۇرۇپ باشقا يول بىلەن مۇۋەپەققىيەتكە قاراپ مېڭىشتۇر. ئاتا-ئانىنىڭ پوزىتسىيەسى بالىنىڭ مەغلۇبىيەتنى يېڭىپ كىشىلىك ھاياتنى ئۇزۇن مۇساپىگە ئايلاندۇرالايدىغان ياكى ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
بالىلارنى ئاغزىغا كەلگەنچە ماختاش ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك . ئاتا- ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە تىركىشىشلەرنى ھەر ۋاقىت ھىس قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ياخشى بولساڭ ماختاشقا ئېرىشەلەيسەن ئەمەس، بەلكى قانداق بولۇشۇڭدىن قەتئى نەزەر سېىنى چۈشىنىمەن ، ساڭا ياردەم قىلىمەن دىيىش كېرەك. مانا بۇ ئەڭ گۈزەل ماختاش.

