
سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتى ۋاڭ شىجۈنگە قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە بۇ جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتماقچى بولغان. بۇندىن بۇرۇن، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ج خ مىنىستىرلىق ۋاڭ شىجۈنگە A دەرىجىلىك قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
ۋاڭ شىجۈن، لەقىمى "ۋاڭ سىسى"، ئەر، خەنزۇ، 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان، ئادرېسى: سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى لىشى رايونى شىشۇبا كوچا باشقارمىسى شاڭئەن يېزىسى 1066-نومۇر. 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، لۈلياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تارقاتقان "ۋاڭ شىجۈن (ۋاڭ سىسى) باشچىلىقىدىكى تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشقا دائىر يىپ ئۇچلىرى" ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، ھازىر، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى چېن ۋېنخەي (جۇ شۈەن)، شۆ جيەنپىڭ (خوۋ شى)، ما ۋېنپىڭ، دۇ يۈ (ۋاڭ شىجۈننىڭ ئايالى)، دۇ توڭپىڭ (ۋاڭ شىجۈننىڭ قېيىن ئۇكىسى) قاتارلىق يىگىرمىدىن ئارتۇق جىنايەت شايكىسى ئەزالىرى قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. باش جىنايەتچى ۋاڭ شىجۈن (ۋاڭ سىسى)نى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، ج خ ئورۇنلىرى چېگرا ھالقىپ قوغلاپ تۇتماقتا.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى، لۈلياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، ج خ ئورۇنلىرى نۆۋەتتە رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرىۋاتقان ۋاڭ شىجۈن (ۋاڭ سىسى)نىڭ قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلىي جىنايەت گۇرۇھى دېلوسىدا زور بۆسۈش كۆرۈلگەن بولۇپ، باش جىنايەت گۇماندارى سۈن شىلىن (لۈلياڭ شەھىرى لىشى رايونى شىشۇبا كوچا باشقارمىسى شاڭئەن يېزىلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى)، چېن چىۋېن (لۈلياڭ شەھىرى لىشى رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن ساقچىلىرى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)، جاڭ يوڭ (لۈلياڭ شەھىرى لىشى رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ساقچىسى)، ما شۈن، چۈ شېڭجيې قاتارلىق جىنايەتكە چېتىشلىق كىشىلەر جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.

