大数跨境

سىزنىڭ تېلفۇن تۇتقان ھالىتىڭىز، خاراكتېرىڭىزنى ئاشكارىلايدۇ

سىزنىڭ تېلفۇن تۇتقان ھالىتىڭىز، خاراكتېرىڭىزنى ئاشكارىلايدۇ baykalfm
2020-12-21
1
导读:ھازىر ھەربىرىمىزنىڭ قولىدىن ئاساسىي جەھەتتىن تېلفۇن چۈ

ھازىر ھەربىرىمىزنىڭ قولىدىن ئاساسىي جەھەتتىن تېلفۇن چۈشمەيدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك تېلفۇن تۇتۇش ئادىتى بىزنىڭ قانداق خاراكتېردە ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ تۆت خىل تېلفۇن تۇتۇش شەكلىنىڭ قايسىسىغا تەۋە ئىكەنسىز؟ تاللاپ بولغان بولسىڭىز بىرلىكتە خاراكتېرىڭىزنى تەتقىق قىلىپ باقايلى.

شەكىلA

ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان، كۈچى كۈچلۈك.

ياخشى كۆرىدىغىنىدىن ۋاز كېچىشى تەس بولغان ، ئازراق سىرلىققا ئىگە.

خىزمەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، غايىگە تولغان، جانلىق، ھوشيار. تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئىجادىيىتى كۆپ، ئالاھىدە سېھرىي كۈچى بار، دوست تۇتۇش دائىرىسى كەڭ تىپتۇر. 

مىجەز خاراكتېرى:

سىز ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بىلىسىز، مۇھەببەت - نەپرىتىڭىز ئېنىق. بەزىدە ئاغزىڭىز ئىتتىك، كۆڭلىڭىزدە ئۇنداق يامانلىقىڭىز يوق . سىز دۇنيانىڭ گۈزەل بولۇشىنى، ھەممە ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز .

مۇھەببەت خاراكتېرى: 

ئۆزىڭىزنى قوغداش ئىستىكىڭىز بەك كۈچلۈك، ئەگەر بىر قېتىم قەلبىڭىز يارىلانسا، يەنە ئوخشاش يارىلىنىشقا قەتئىي يول قويمايسىز، يەنە ئىشىنىشىڭىز تەسكە توختايدۇ. سىز ھېسسىياتقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىسىز، پەقەت ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىزلا، قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلىشقىمۇ باش تارتمايسىز. 

شەكىلB

سەزگۈر، تەسەۋۋۇرى كۈچلۈك، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ. قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار بىلەن كارى بولمايدۇ، سەل ئالدىراقسان. ئەمما، زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بىلىم ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك.

مىجەز خاراكتېرى: 

قوغدىلىشقا، سەمىمىي مۇئامىلىگە، ئېتىراپ قىلىنىش ۋە قوبۇل قىلىنىش تۇيغۇسىغا تەشنا. بەزىدە سىز قاتتىق قول بولالمايسىز. دائىم باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىسىز، پەقەت قارشى تەرەپ سەمىمىي  بولسىلا قالغىنىغا مەيلى دەيسىز. ئەمەلىيەتتە سىز كىمنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بىلىسىز، مۇھەببەت - نەپرىتىڭىز ئېنىق. 

مۇھەببەت خاراكتېرى : 

سىز ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس، ھېسسىياتنىڭ ئىپادىلىنىشىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىسىز.

سىز ئادەت خاراكتېرلىك باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز، ئەزەلدىن شەخسىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز. 

شەكىلC

تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئىجادىيىتى كۆپ، ئالاھىدە سېھرىي كۈچى بار، دوست تۇتۇشقا ماھىر. سېخىي، زېرەك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ھەم كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغان ئالاھىدە سېھرىي كۈچكە ئىگە، غۇرۇرى كۈچلۈك.

خىزمەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، غايىگە تولغان، جانلىق، ھوشيار. 

مىجەز خاراكتېرى: 

قەلبىڭىز ئاجىز، ئەمەلىيەتتە شۇنداق مۇھەببەتلەشكۈڭىز بار، لېكىن ئازار يەپ قېلىشتىن قورقىسىز. ئۈمىدۋار، لېكىن چۈشكۈنلىشىپ  كېتىشتىن قورقىسىز. 

ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىز ئەمەلىيەتتە كۆپ ئەمەس، پەقەت سىزنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان، چىن كۆڭلىدىن سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولسىلا كۇپايە.

مۇھەببەت خاراكتېرى: 

يوقىلاڭ خىياللارغا بېرىلىپ، ئۆتمۈشتىكى قايغۇ - ھەسرەتنى ئۇنتۇيالمايسىز. سىز دائىم ئىككىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىسىز.

قارشى تەرەپنى بەك ياخشى كۆرىسىزيۇ، ئۇنى بىزار قىلغۇم يوق دەپ، كارىڭىز يوق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن راستىنلا ئايرىلىپ قالىسىز. ئاخىرىدا قاتتىق پۇشايمان قىلىسىز.


شەكىلD

ئىجادچانلىقى كۈچلۈك، زېرەك، تەپەككۇرى ئۆتكۈر، ئىنكاسى تېز. باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر،  پىكىر يولى زېرەك.

مىجەز خاراكتېرى: 

نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سىز پەقەت سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىڭىز، لېكىن ئۇ سىزنىڭ مۇلايىملىقىڭىز، سىز قۇربان بېرىشكە رازىكى، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئازار يېيىشىنى خالىمايسىز.

بەزىدە ئاغزىڭىز ئىتتىك، كۆڭلىڭىزدە يامانلىق ئويلىمايسىز. سىز دۇنيانىڭ گۈزەل بولۇشىنى، ھەممە ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز. ئەمەلىيەتتە سىزنى ئازراقمۇ چۈشەنمەك تەس ئەمەس، پەقەت سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەم بولسىلا كۇپايە. 

مۇھەببەت خاراكتېرى : 

سىز  ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشنى ياخشى كۆرمەيسىز. 

سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىڭىز كۆڭلى يۇمشاقلىق، ھەرقانچە چوڭ زەربىگە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، قارشى تەرەپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كەچۈرۈم سورىسىلا، سىز ئۆزىڭىزنى تۇتالماي ھېچقىسى يوق دەيسىز. 

 سىز قايسى خىلغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ 

【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 61
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读56
粉丝0
内容61