大数跨境

ئەسكەرتىش!بۇ قەغەزنى يىتتۈرۈۋەتمەڭ، بولمىسا پىراۋىڭىز ئىناۋەتسىز

ئەسكەرتىش!بۇ قەغەزنى يىتتۈرۈۋەتمەڭ، بولمىسا پىراۋىڭىز ئىناۋەتسىز baykalfm
2018-08-27
0
导读:ماشىنا ھەيدەيدىغان دوستلار ئادەتتە پىراۋىسىنى چوقۇم يې

ماشىنا ھەيدەيدىغان دوستلار ئادەتتە پىراۋىسىنى چوقۇم يېنىدا ساقلىشىدۇ. ئەمما، پىراۋىنىڭ قوشۇمچە بېتى سولياۋ بىلەن قاپلانمىغان بولغاچقا، ئاسانلا يىتتۈرۈپ قويىدۇ. «بۇ قوشۇمچە بەتنىڭ قانداق رولى بار؟» بۇ مەسىلە ھازىرغا قەدەر يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرگە قاراڭغۇ بولۇشى مۇمكىن.

شۇنداق ئەسكەرتىمىزكى، بۇ قوشۇمچە بەت كۆزگە ئانچە بەك چېلىقمىغىنى بىلەن، ئۇ پىراۋىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش بولماسلىقىغا تاقىلىدۇ، ئۇنى ھەرگىز يىتتۈرۈپ قويماڭ.

ماشىنا ھەيدەيدىغان دوستلار ئادەتتە پىراۋىسىنى چوقۇم يېنىدا ساقلىشىدۇ. ئەمما، پىراۋىنىڭ قوشۇمچە بېتى سولياۋ بىلەن قاپلانمىغان بولغاچقا، ئاسانلا يىتتۈرۈپ قويىدۇ. «بۇ قوشۇمچە بەتنىڭ قانداق رولى بار؟» بۇ مەسىلە ھازىرغا قەدەر يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرگە قاراڭغۇ بولۇشى مۇمكىن.

شۇنداق ئەسكەرتىمىزكى، بۇ قوشۇمچە بەت كۆزگە ئانچە بەك چېلىقمىغىنى بىلەن، ئۇ پىراۋىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش بولماسلىقىغا تاقىلىدۇ، ئۇنى ھەرگىز يىتتۈرۈپ قويماڭ.


قوشۇمچە بەتنىڭ قانداق رولى بار؟



«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى قوشۇمچە بېتى»دىن تۈزۈلىدۇ، بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.

پىراۋا ئاساسىي بېتىنىڭ رولى ئۈستىدە ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، قوشۇمچە بەتنىڭ رولى بولسا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ پىراۋا ئارخىپى رەت نومۇرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىشلارنى خاتىرىلىشىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. پىراۋىڭىزنىڭ قوشۇمچە بېتى يوقلىقى پىراۋىڭىزنىڭ ئۈنۈمىنى يوقاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىز ماشىنا ھەيدىسىڭىز، قاتناش ساقچىلىرى قانۇن بويىچە ماشىنىڭىزنى تۇتۇپ قالىدۇ.

قوشۇمچە بېتى يوق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى (ئاساسىي بەت) ئۈنۈمىنى يوقاتقان ھېسابلىنىدۇ، ھەم قوشۇمچە بەت بار ئەمما موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى (ئاساسىي بەت) يوق بولۇشمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈمسىز قارىلىدۇ.


پىراۋا قوشۇمچە بېتىدىكى ئارخىپ رەت نومۇرىنىڭ قانداق رولى بار؟



ئارخىپ رەت نومۇرى ئادەتتە 12 خانىلىق ساندىن تۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدا،ئالدىنقى ئىككى خانە ئۆلكە كود نومۇرى، 3-، 4-خانىسى بولسا شۇ پىراۋا قاراشلىق شەھەرنىڭ كود نومۇرى؛ كېيىنكى سەككىز خانىسى بولسا شۇ پىراۋىنىڭ تەرتىپ نومۇرى بولۇپ، جايلاردىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ئۆز ئالدىغا بۆلەكلەرگە ئايرىپ تۈزىدۇ.


پىراۋىنىڭ پىراكتىكا ۋاقتى توشقاندا قوشۇمچە بەتنى ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟



A، B تۈردىكى پىراۋىغا ئېرىشكەن ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر پىراكتىكا ۋاقتى توشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملار، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە ئاپتوموبىلنى مەدەنىي ھەيدەش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار ساۋاتلار ئىمتىھانى (پىراكتىكا ۋاقتى توشقاندىن كېيىنكى ئىمتىھان)غا قاتنىشىشى كېرەك.

ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى قاتناشقۇچىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پىراۋىنىڭ قوشۇمچە بېتىگە پىراكتىكا ۋاقتى توشقاندىن كېيىنكى ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى بىۋاسىتە ئەسكەرتىپ قويىدۇ، شۇڭا قوشۇمچە بەتنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.


دىققەت! پىراۋىنىڭ قوشۇمچە بېتىنى سولياۋ بىلەن قاپلىتىشقا بولمايدۇ


بەزى ھەيدىگۈچىلەر پىراۋىنى ئالغاندىن كېيىن، قوشۇمچە بەتنىڭ ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاسانلا كونىراپ يىرتىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرى سولياۋ بىلەن قاپلىتىۋالىدۇ. قاتناش ساقچىلىرى شۇنداق ئەسكەرتىدۇكى، قوشۇمچە بەتنى سولياۋ بىلەن قاپلىتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى پىراۋىنىڭ ئاساسىي بېتى بىلەن قوشۇمچە بېتىنىڭ رولى ئوخشاش ئەمەس.

ئاساسىي بەتنىڭ رولى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇ ھەيدىمەكچى بولغان ئاپتوموبىلنىڭ تىپى قاتارلىق مەزمۇنلارنى خاتىرىلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئاساسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكىنى كۆزلەپ ئاساسىي بەتنى سولياۋ بىلەن قاپلىتىۋېلىشقا بولىدۇ.

قوشۇمچە بەتنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا ئەسكەرتىلىدىغان ئىشلارنى خاتىرىلەش ھەمدە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى خاتىرىلەپ ئەسكەرتىش ئېھتىياجىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنى سولياۋ بىلەن قاپلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.



ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 139-نومۇرلۇق بۇيرۇقى ۋە «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتى بىر يىلغا توشمىغان بولسا ئۇنى نورمال ئالماشتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ؛ 

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان، كىنىشكا ئالماشتۇرۇلمىغان بولسا، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى تىزىمدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ؛

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان، كىنىشكا تېخى ئالماشتۇرۇلمىغان، كېنىشكىنىڭ تىزىمدىن چىقىرىۋېتىلگەن ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا، بىرىنچى تۈر ئىمتىھانى ئارقىلىق كىنىشكىنى نورمال ھالىتىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ؛

ناۋادا، تىزىمدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئوخشاشلا، پىراۋا ئېلىش ئىمتىھانىنى يېڭىباشتىن بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.



【声明】内容源于网络
0
0
baykalfm
生活家居,数码百货
内容 61
粉丝 0
baykalfm 生活家居,数码百货
总阅读56
粉丝0
内容61