تور بەت ئىشلىتىشنىڭ قىسقىچە چۈشەندۇرلىشى
تور بەت نورمال ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن باش بەت يۈزىدە تۈرلەر بۇيىچە ھەممە مۇلازىمەتلەر ئىچىدىكى تەۋسىيەلىك مۇلازىمەتلەر كۆرۈنىدۇ،ئەگەر سىزگە كېرەكلىك مۇلازىمەت باش بەتتە بولمىغان ئەھۋالدا باش بەتنىڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئىزدەش كۆزنىكىگە سىزگە كېرەكلىك مۇلازىمەتنىڭ تۈر نامى، دۇكان نامى،ئاساسلىق سۆز قاتارلىقلاردىن خالىغان بىرىنى كىرگۈزۈپ سىزگە كېرەكلىك مۇلازىمەتنى تاپالايسىز.

مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت تۈرىنى تاپقاندىن كىيىن تاق چىكىش ئارقىلىق مۇلازىمەت تۇنۇشتۇرۇش بەت يۈزىگە كىرەلەيسىز،
تەپسىلات كۆزنىكىدىن دۇكاننىڭ تىجارەت ۋاقتى،ئادرېسى،ئالاقىلىشىش نۇمۇرى،ئۈندىدار قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايسز.

دۇكان ھەققىدە كۆزنىكىدىن مەزكۇر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئورنىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى زىيارەت قىلالايسىز

دۇكاننىڭ رەسىم كۆرۈنۈشلىرى كۆزنىكىدىن مەزكۇر مۇلازىمەت ئورنىنىڭ بارلىق ئالاقىدار سۈرەتلىرى،مال سۆرىتى، تىجارەت ئورنىنىڭ ئىچكى كۆرىنىشى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلالايسىز.
تورىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى كەڭ خەلىق ئاممىسىغا ئەڭ قولايلىق ، ئەڭ ئىشەنچىلىك، ھەقىقى ئۈنۈمدارلىقى بار بولغان تور سودا سۇپىسى قۇرۇپ چىقىش.
بارىلىق تور ئەھلىنىڭ تورمۇشىغا خاتىرجەملىك،خىزمىتىگە ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز...

