ھازىر توردا قاقتى سوقتى قىلىش دىلولىرى ناھايىتى كۆپىيىپ كەتتى.بەزىلەرگە قاقتى سوقتى قىلىش خەۋەرلىرى ئازلاپ كەتكەندەك،بۇنداق ئالدامچىلار ئازايغاندەك بىلىنگەن بىلەن،ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئۆزگەردى خالاس.
تۆۋەندە بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئوقۇغۇچى باللارنى تالاي قاقشاتقان،ھەتتا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئائىلىسنى ۋەيران قىلۋەتكەن ئالدامچىلىق دىلو مىساللىرىنى تونۇشتۇرمىز.



ئۇلارنىڭ ۋاستىسى مۇنداق باشلىندۇ.
سىزنى بىرسى كىىيۇ كىيۇ ياكى ۋىيشىنغا قاچىلايدۇ.(مەيلى ئۇلارنى سىز قوشقان بولۇڭ ياكى ئۇلار سىزنى قوشقان بولسۇن)ئاندىن سىز بىلەن پاراڭلىشدۇ.
كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاخشىمى ياكى كىچسى پاراڭلىشدۇ.
ئاندىن ناھايىتى ئىچى پۇشۇپ كەتكەنلىكىنى،سىز بىلەن پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى ئىيتىدۇ. ھەم سىزگە بىر ئەپنى يوللاپ شۇيەردىن ئۆزىنىڭ سىن فىلىمنى ياكى بىۋاستە كۆرسىتىشىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدۇ ھەم تەكلىپ قىلىش نومۇرىنى ئەۋەتىپ بىردۇ.سىز شۇ ئەپنى چۈشۈرۈپ تەكلىپ قىلىش نومۇرىنى كىرگۈزگەن ھامان سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرىڭىزنى ئوغۇرلاپ كىتىدۇ.ئالاقىلىشش ئۇچۇرىڭىز،رەسىم ۋە بانكا ئۇچۇرى.....دىگەندەك.
كىينكى قەدەمدە سىز بىلەن سىنلىق پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى ئىيتىدۇ،ھەم ئۆزائارا يالىڭاچ ياكى مەخپى ئورۇنلارنى چىقىرىپ پاراڭلىششنى ئىيتىدۇ.مۇشۇ باسقۇچلارنى بىسىپ ئۆتكەندىن كىيىن سىزتولۇق ئۇلارنىڭ كونتۇرۇللىقىغا كىرگەن بولىسز.ئاندىن ئۇلار سىزگە باياتىن سىنلىق كۆرۈشكەن سىن فىلىمنى ھەم سىزنىڭ ئالاقىلىشش خاتىرڭىزدىكى بارلىق كىشلەرنىڭ تىلفۇن نومۇرىنى يوللاپ،ئەگەر ئۇلار دىگەن پۇلنى ئىتىپ بەرمىسىڭىز بۇ سىن فىلىمنى سىز تۇرۇشلۇق رايۇندىكى بارلىق توپلارغا، سىزنىڭ ئالاقىلىشش خاتىرڭىزدىكى كىشلەرگە،ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بىردىغانلىقىنى ئىيتىپ سىزگە تەھدىت سالىدۇ. سەل قورقىۋاتامسىز؟ ئەلۋەتتە،نورمال ئادەملا بولسىڭىز قورقىسىز.
ئۇلار دەسلەپتە نەچچە مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا پۇل تەلەپ قىلدۇ. ھەم پۇلنى ئىتىپ بەرسىڭىز سىزگە سىن فىلىم يوللاپ تۇرۇپ باياتىنقى فىلىمنى يۇيۋىتىدىغانلىقىنى ئىىيتىدۇ.
نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار،سىزدەك پۇل ئىتىپ بىردىغان ئەخمەقنى تاپقان ئۇ ئالدامچىلار سىزگە داۋاملىق بىسىم ئىشلىتىپ تاكى سىز بەرداشلىق بىرەلمەي قالغانغا قەدەر سىزدىن پۇل تەلەپ قىلدۇ.
كۆپىنچە كىشلەر مەن ئوقۇغۇچى،ياكى بەك نامرات پۇلۇم يوق دىگەندەك...سۆزلەر بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاپ ئۇنىڭ ھىلىقىنى سىننى يۇيۋىتىشنى ئۆتىندۇ.....ھەي......نۇرغۇن ئائىلىنى ئالداپ خانە ۋەيران قىلۋەتكەن شۇ ئالدامچىلار سىزگە ھىسداشلىق قىلارما؟ ئۇلار سىزگە ھىسداشلىق قىلىپ ماقۇل دەپ يۇيۋەتسە ئۇلار نەدىن پۇل تاپىدۇ،ئۇلارغا كىم ھىسداشلىق قىلدۇ؟
يەنە كىلىپ سىز پۇل يوق دىسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىڭىزنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بىرشىنى تەلەپ قىلدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنى يوللاپ بەرسىڭىزلا قىلتاققا تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈپ كىتىسىز.ئۇلار يەنە سىزنى ھەرخىل قەرىز ئىلىش سۇپىلىردىن قەرىز ئىلىپ پۇل ئىتىپ بىرىشقا قىستايدۇ....ئىشقىلىپ ۋاستىسى ناھايىتى نۇرغۇن.
سىز بەلكىم ئۇلارغا ساقچىغا مەلۇم قىلمەن دەپ ئۇلارغا بىسىم ئىشلىتمەن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.توغرا،ئالدامچلىققا ئۇچۇرغاندا چوقۇم ساقچىغا مەلۇم قىلىش كىرەك.لىكىن كۆپىنچە كىشلەر ئۇنداق قىلالمايدۇ.چۈنكى باشقىلار بىلەن يالىڭاچ ھالەتتە سىنلىق پاراڭلاشقانتىم دەپ ساقچىلارغا ئىيتلايدىغانلار كۆپ ئەمەس.يەنەبىر جەھەتتىن بۇ ئالدامچىلار ئاساسى جەھەتتىن چەتئەلدىكى مەلۇم بىر رايۇندا. كۆپىنچىسى بىرمىدا.ئۇلارنى كۆنتورول قىلىش قىيىن. شۇڭا ئالدامچىلارمۇ ئازراق كاللىسىنى ئىشلىتىپ شۇنداق ۋەزىيتى مۇرەككەپ جايلارغا بىرىپ پاناھلىندۇ.
بۇنداق ئالدامچىلارغا ئۇچۇرغاندا قانداق قىلىش كىرەك؟
غ+ت=؟
يەنى بۇنداق ئىشنى قىلماسلىق،باشقىلارغا شەخسى ئۇچۇرىنى ئىيتىپ بەرمەسلىك كىرەك.
2.بىلىپ بىلمەي مۇشۇنداق قىلتاققا دەسسەپ سالسىڭىز ئۇلارنى ئىككىلەنمەيلا يۇيۋىتىڭ.چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى يۇيۋەتكەن ئادەمنىڭ ئۇچۇرىنى يەنە تارقىتىپ ئاۋارە بولمايدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى پۇل ئۈندۈرۈش،سىز ئۇلارنى يۇيۋەتسىڭىز ئۇلارنىڭ داۋاملىق باشقىلارغا ئۇ سىن فىلىمنى يوللاش ئىھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن.يەنە كىلىپ سىز ئالدامچىلار كۈندە ئالداۋاتقانلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى خالاس،ئۇلار يەنە باشقىلارنى ئالدىمىسا بولمايدۇ.ئۆزىڭىزنى ئۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالماڭ.شۇڭا سىزگە داۋاملىق ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ گۇڭ كۆتۈرمەيدۇ.يەنە كىلىپ،ھىلىقى سىن فىلىمنى توپلارغا يوللىۋىتمەن،ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ تىلفۇنىغا ئۇچۇر قىلىپ يوللىۋىتمەن دىيىش پەقەت سىزگە روھى بىسىم ئىشلىتىش خالاس. ئۇلارمۇ ئۇنچە كالۋا ئەمەس ئەگەر راسلا يوللىۋەتسە ساقچىلارغا ئۆزى توغۇرلۇق يىپ ئۇچى تەمىنلەپ،ئۆزىنى ئاشكارلاپ بەرگەنلىك بولمامدۇ.
شۇڭا ئۇلار سىزگە تەھدىتلا سالالايدۇ خالاس.
3.ئۇلار بىلەن گەپ تالىششقا بولمايدۇ.ئۇلارنى تىللاپ،ھاقارەتلەشكە تىخىمۇ بولمايدۇ.
چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا سىزنىڭ يالىڭاچ سىن فىلىمىڭىز بار.ئەگەر ئۇلار بىلەن جىدەللەشسىڭىز ئۇلار ئاچچىقىدا بىرنەچچە ئۇرۇق تۇغقىنىڭىزغا يوللاپ قويسا يۈزىڭىزنى نەلەردە كۆتۈرۈپ يۈرەرسىز......
شۇڭا ئامال بار يۇيۋىتىڭ،ياكى ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭ.سىز ئۇلارنى قورقىتىپ بولالمايسىز.ئۇلار راسلا قورقسا ئالدامچىلىق قىلمايتتى،ئۇلارنى تۇتۇش ئاسان بولسا ھەرگىزمۇ بۇنچە يامراپ كەتمەيتتى.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئادىرسى ھەممىسى ساختا ئادرىس،ساقچىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئورۇنىنى بىكىتىپ قولغا چۈشۈرۈشى ناھايىتى مۈشكۈل ئىشلار.مەن مۇشۇ خىل ئالدامچىلىققا ئۇچراپ 240مىڭ يۈەن قۇيۇلۇپ كەتكەنلەرنىمۇ ئۇچراتقان.لىكىن نىمە ئامال؟ كومپيۇتېردىكى ئادرىس يالغان،كىيۇكىيۇ نومۇرى يالغان،تىلفۇن ۋاقىتلىق سىگنال مۇنارى ئارقىلىق ئىشلىتىلدۇ ،بانكا ئۇچۇرى قاراڭغۇ بازار ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىندۇ.سىز ساقچىلارنى قانداق قىلىپ ئۇلارنى قولغا چۈشۈرسۇن دەيسىز؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئاساسەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى رايۇنلاردا ھەركەت قىلدۇ.ئىلىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ ئۇ جايلاردا رازۋىتكا قىلىش ۋە دىلو بىجىرىش ھوقۇقى يوق.شۇڭا ئۆزىىڭىزگە پۇختا بولۇڭ،بۇنىڭىسزمۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ قىلدىغان ئىشى نۇرغۇن،ئۇلارمۇ ئامالنىڭ بارىچە دىلونى بىرتەرەپ قىلدۇ.
يەنە كىلىپ ئۇ ئالدامچىلار كۆپىنچىسى ئىلىمىز تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان جىنايەتچىلەر.ئىلىمىزگە قايتىسىلا موما يەيدىغانلىقى ئۆزىگە ئايان،شۇڭا سىرتتا مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق جىننى بىقىۋاتقانلار.
قىسقىسى،ئىھتىيات بىلەن ئىش قىلىڭ.توردىكى قالايمىقان ئۇلانمىلارنى چەكمەڭ.باشقىلارغا دەلىللەش نومۇرىنى يوللاپ بەرمەڭ.
مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچراپ گاڭگىراپ قالغان ياكى باشقا سورايدىغان سۇئاللار بولسا ئايرىم سورىساڭلار بولىدۇ.
ئىلاننى چىكىۋەتسەڭلار،رەھمەت!

