


شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ
ئاگاھلاندۇرۇشى: بۇ ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 12 APPنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋېتىڭ

شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى دېيىلىدۇ) يېقىندا دېلو ئارقىلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 12 APP نى رەتلەپ تاللاپ چىقىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشىنى ھەمدە ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئالدامچىلىققا چېتىشلىق بۇ APP لەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا: شيېچېڭ تېز سۈرئەت نۇسخىسى، تاۋخۇادا ئۇچرىشىش، كارخانا ئالاقىسى، كۈەيشياڭباۋ، خەلقئارالىق يۇقىرى تېخنىكا، بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى، يۆبا، ئۆيباقار ئەرلەرنىڭ مەخپىيىتى، ۋاڭجې جۇڭشىن ئاممىۋى پاراۋانلىقى، ئۆيباقار ئەر-ئايال، كىچىك چەمبەر، يى خۇي 3.0 دىن ئىبارەت.
涉诈APP分别为:携程急速版、遇见桃花、企业通讯、快享宝、高科国际、安全防护、约叭、宅男秘籍、王者中信公益、宅男女、拼小圈、易惠3.0。

شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ناتونۇش ئۈندىدار توپىغا كىرىپ APP نى چۈشۈرۈپ مەدھىيەلەش، ھېسابات قىلىشقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق؛ ئومۇمەن توردا قەرز ئېلىش رەسمىيەت ھەققى، مەبلەغ تەكشۈرۈش ھەققى، كاپالەت پۇلى ئالغاندا، ئالدى بىلەن پۇل ئۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق؛ ئومۇمەن ناتونۇش كىشىلەر ئىچكى ئەھۋال، يول بار، تۆۋەن سېلىنما، يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش، لاتارىيە دەپ جار سالسا ھەممىسى ئالدامچىلىق.

ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالغان ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇققاندا، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىش، دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش ياكى شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى:7654321-0991 غاتېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراش كېرەك.
مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، خەلق تورى
تەھرىر: ھۈسەنجان
مەسئۇل مۇھەررىر: ئاينۇر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەخمەتجان
نازارەتچى: يۈسۈپجان
مەزمۇنلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستلار چەمبىرىكىدە بەھىرلىنىشنى، دوستلار توپىڭىزغا يوللاپ قويۇڭ


