دادىسى تەرپىدىن خارلىنىپ توت بالىلىق بولغان دادا،كىنو ھەقىقى بولغان ۋەقەدىن ئوزگەرتپ ئىشلەنگەن بىر كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ👇👇👇👇👇👇👇👇👇👇
👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆👆
دىلرابا 7-چېسلا تېڭشۈن ۋىدىئوسىنىڭ 10 يىللىقى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى مۇراسىمىغا قاتناشتى، نەق مەيدانغا نۇرغۇن داڭلىق سەنئەتكارلار كەلدى، شۇ كۈنى دىلرابا كۆك رەڭلىك ئۇزۇن مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، كېيىن يەنە ئاق رەڭلىك يىپەك نەقىشلىك كۆينەك كىيىپ، توراداشلارنى جەلىپ قىلدى.


يولدا تارتىلغان رەسىمىدىن قارىغاندا، كىيىمنىڭ لايىھەلىنىشى دىلراباغا ئىنتايىن ماس كەلگەن، كۆك رەڭ ھەممىلا ئادەمگە ماس كىلىشى ناتايىن ، لېكىن دىلرابا كۆك رەڭنى كىيىپ تېرىسىنىڭ ئاق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن، كۆينىكىنىڭ ئاچىماق لايىھەلىنىشى دىلرابانىڭ ئۇزۇن پۇتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تېخىمۇ ياراشقان.

نۇرغۇن تورداشلار دىلرابانىڭ كۆك رەڭلىك دۇخاۋا ئۇزۇن كۆينىكىنى كىيگەن رەسىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس-بەستە ماختىغان، ماختىغاندىن باشقا يەنە دىلراباغا ھەر قېتىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئوبراز ۋە تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، دەپ باھا بەرگەن. بۇ قېتىم دىلرابا كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىغان.

ئەمما يەنە نۇرغۇن تورداشلار ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلغان، يەنى دىلرابا بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئورۇقلاپ قالغان بولۇپ، تېرىسى سەل بوشاپ قالغان . نۇرغۇن تورداشلار بۇنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دىلرابانى تېزراق سەمىرىپ ئەسلىگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى، چۈنكى ئۇلار دىلرابانى بەك ئورۇق بولۇپ كەتسە گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ دەپ قاراشتى.


ئەمەلىيەتتە دىلرابانىڭ بەش ئەزاسى قاملاشقان، بويىمۇ ئېگىز بولغاچقا، نېمىلا كىيسە يارىشىدۇ، بىراق يۈزىدىكى يىللار قالدۇرغان ئىزلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، بىراق يىللار ئۇنىڭ بەدىنىدە پىشىپ يېتىلگەن ۋە ئاياللارغا خاس پۇراق قالدۇرغان، بۇ دىلرابانىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنى بارغانسېرى سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

دىلرابانىڭ قاڭشارلىق بۇرنى، يوغان كۆزى ۋە گىلاستەك كىچىك ئاغزى كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۆزى چىرايلىق، بويى ئېگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە رول ئېلىش تالانتى بولغاچقا، دىلرابا مۇكەممەل قىياپەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىگە كىرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2017 ـ يىلى قويۇلغان«زاماندىن ھالقىغان رىشتە»(三生三世十里桃花) دا، دىلرابا بەيفېڭجيۇنىڭ رولىنى ئورۇنلاپ، بەييۈلەن مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى يانداش ئايال پىرسوناژ نامزاتىغا ئېرىشكەن، كېيىنكى يىلى ئالتۇن بۈركۈت تېلېۋىزىيە سەنئەت بايرىمىنىڭ 7 ـ قىتىملىق «ئالتۇن بۈركۈت ئايال ئىلاھى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «سىرتقى قىياپىتى بىلەن ئەمەلىي كۈچى تەڭ مەۋجۇت چولپان» دەپ ئاتالغان.

گەرچە ياش تۇرۇپلا ئالتۇن بۈركۈت ئايال ئىلاھ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن دىلرابا بۇنىڭلىق بىلەن قەدىمىنى توختاتمىدى. 2021-يىلى بىزگە يەنە يېڭى ئۈچ ئەسەر ئېلىپ كەلدى، رېن جيالۈن بىلەن ھەمكارلاشقان«驭鲛记之与君初相识» ، ياڭ ياڭ بىلەن ھەمكارلاشقان« 你是我的荣耀» ، شۇنىڭدەك ئالدىنقى مەزگىللەردە قىزغىن تارقالغان« 长歌行» نىڭ ھەر بىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك چوڭ تىياتىرلار بولۇپ، بىزنىڭ كۆرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

« سىز مېنىڭ شەرىپىم» (你是我的荣耀) دىلرابا بىلەن ياڭ ياڭ باش رول ئالغان ھازىرقى زامان فىلىمى بولۇپ، يېقىندا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا ئالدىن مەلۇماتلار بېرىلدى. ئالدىن ئېلان قىلىنغان قىسقا ڧىلىمىنى كۆرۈپ بۇنىڭ ئىنتايىن تاتلىق مۇھەببەت تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ھالقىلىق يېرى دىلرابا بىلەن ياڭ ياڭ ناھايىتى ياخشى ماسلاشقان ئىدى .

بۇ بىر داڭلىق ئايال چولپان بىلەن بىر ئالەم قاتنىشى لايىھىلىگۈچىسىنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى. ياڭ ياڭمۇ قارىماققا سۈرلۈك، ئەمەلىيەتتە رومانتىك رولغا بەك ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ ياڭنىڭ ئاۋازى يېقىملىق بولغاچقا، ئالدىن ئېلان قىلىنغان قىسقا ڧىلىمدە ياڭ ياڭنىڭ ئەسلى ئاۋاز بىلەن سەھنە سۆزى دىيىلگەن. بۇ چىراي ،ئاۋاز، يەنە ۋەقەلىكلەر چوقۇم كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قىزغىن قوغلىشىپ كۆرۈشىگە سەۋەبچى بولالايدۇ.


ئاخىرىدا، دىلرابانىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ، كۆپرەك ئارام ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداق قىلغاندىلا بىزگە تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە دىلرابانىڭ قويۇلۇش ئالدىدىكى يېڭى تىياتىرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.


