«سەن ھەمراھ» — ئۆمۈرلۈك بەختىڭىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
بىز ھەققىدە:
ھايات بىر ئۇزۇن سەپەر. بۇ سەپەردە ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىمى — سىزنى چۈشىنىدىغان، جاپا-مۇشەققەتتە يۆلەك بولىدىغان، خۇشاللىقتا تەڭ كۈلىدىغان بىر «ھەمراھ». «سەن ھەمراھ» لايىق تونۇشتۇرۇش مەركىزى دەل مۇشۇ ئېھتىياج ئۈچۈن قۇرۇلغان. بىز پەقەت ئىككى ئادەمنى تونۇشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىككى قەلبنى، ئىككى ئائىلىنى ۋە كەلگۈسىدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى قۇرۇپ چىقىشقا ياردەم بېرىدىغان كەسپىي سۇپا.
ئۇچۇرنى قانداق چىقىرىمىز؟
مۇشۇ فىلىمنى تەپسىلىي كۆرسىڭىز چۈشىنەلەيسىز.
بىزنىڭ پرىنسىپىمىز:
سەمىمىيلىك، مەخپىيەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈم ۋە ھەقىقىي نەتىجە.
نېمىشقا «سەن ھەمراھ» نى تاللايسىز؟
1.ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقىيلىكىگە كاپالەت:بىزگە تىزىملاتقان ھەر بىر ئەزانىڭ سالاھىيىتى، خىزمىتى، ئائىلە ئەھۋالى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. يالغان ئۇچۇر، ئالداش قىلمىشلىرىغا ئورۇن يوق.
2.شەخسىي سىرلار قاتتىق قوغدىلىدۇ: سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىز بىز ئۈچۈن ئامانەت. رۇخسىتىڭىزسىز ھېچكىمگە ئاشكارىلانمايدۇ.
3. كەسپىي مۇلازىمەت ئەترىتى: تەجرىبىلىك «ئارىچى» (مەسلىھەتچى)لىرىمىز سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئىنچىكە ئانالىز قىلىپ، سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان نامزاتنى تېپىپ بېرىدۇ.
مۇلازىمەت تۈرلىرىمىز:
بىز ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجىغا قاراپ، تۆۋەندىكىدەك كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەتلەرنى سۇنىمىز:
1. ئۆلچەملىك ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى (ئاساسىي مۇلازىمەت):
بۇ مۇلازىمىتىمىزدە، سىز تەمىنلىگەن ياش، بوي ئېگىزلىكى، خىزمەت، كىرىم ۋە باشقا ئاساسىي تەلەپلەرگە ئاساسەن، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىمىزدىن سىزگە ماس كېلىدىغان نامزاتلارنى سۈزۈپ، سىزگە تەۋسىيە قىلىمىز.
2. تورسىز ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرى:
پەقەت رەسىم كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايمىز. بىز پات-پات ئازادە، مەدەنىي مۇھىتتا كىچىك تىپتىكى چاي يىغىلىشى ياكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىمىز. بۇ ئارقىلىق سىز نامزاتلار بىلەن تەبىئىي مۇھىتتا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، بىر-بىرىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىسىز.
3. ئاتا-ئانىلار مەسلىھەتچىلىكى:
پەرزەنتىنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس مۇلازىمىتىمىز بار. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلىپى ۋە پەرزەنتىنىڭ ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك لايىق تېپىشقا كۈچ چىقىرىمىز.
خۇلاسە:
مۇھەببەت ۋە توي — ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ قارار. بۇ قارارنى چىقىرىشتا يالغۇز قالماڭ. «سەن ھەمراھ» سىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ياردەمچىڭىز بولسۇن.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
ئادرېسىمىز:
ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ(شىمگۇ)رايونى جىياڭسۇ داسا Aبىنا 3101ئىشخانا
ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
13201340300
ئاستىدىكى رەسىمنى باسسىڭىزلا توربىكەتكە كىرەلەيسىز!

