
2015-يىلى 37 ياشلىق چىن خەيلۇ بەش كىلوگىراملىق بىر ئوغۇل تۇغۇپ،پۈتۈن تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتا بولغان خەۋىرىنى بەلكىم سىزمۇ كۆرگەن.

37ياش ئاياللارغا نىسبەتەن خەتەرلىك تۇغۇت يېشى ھېسابلانسىمۇ، بىراق چىن خەيلۇ بۇ ياشتا نورمال بوۋاقلاردىن ئېغىر بوۋاق تۇغقانلىقى شۇنداقلا بوۋاقنىڭ كەم-كۈتسىز سالامەت تۇغۇلىشى سەنئەت ساھەسىدە بىر قىززىق نوقتا خەۋىرى بولۇپ تارقالغان.

كېيىن چىن خەيلۇ بىر تېلېۋېزىيە زىيارىتىدە ئائىلىسىدىكى ئېرسىيەت تۈپەيلى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ بوۋاق تۇغقانلىقىنى، جەمەتىدىمۇ بۇرۇن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئادەتتىكى بوۋاقلاردىن پەرقلىق چوڭ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ رىياسەتچىگە ئوغلىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەتراپىمىزدىمۇ شۇنداق چوڭ تۇغۇلغان بوۋاقلار خېلى كۆپقۇ، بەلكىم سەنئەت ساھەسىدە بۇنداق چوڭ تۇغۇلغان بوۋاق گىگانىت بوۋاق دەپ ئاتىلىشى مۇمكىندۇ.
يېقىندا يەنە شۇنداق بىر خەۋەر تارقالدى، يەنى ئامېركىلىق 19ياشلىق بىر قىز گىگانىت بوۋاق تۇغقان.
بۇ قىزنىڭ ئىسمى شارمىن بوي ئىگىزلىكى تەخمىنەن 155 سانتىمېتىر كېلىدۇ.
ئەمما ئۇنىڭ يولدىشى گراھامنىڭ بوي ئېگىزلىكى 190 سانتىمېتىر بولۇپ شارمىندىن 35 سانتىمېتىر ئېگىز.ئىككەيلەن بىرگە تۇرغاندا شارمىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ تۇرۇپمۇ يولدىشىنىڭ مۆرىسىگە كېلىدۇ.

ئەگەر ئاشۇ ئېگىز ئايىقىنى سېلىۋەتسە يولدىشىنىڭ كۆكرىكىگە ئاران كىلىدۇ، شۇڭا ئۇ دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يۈرىدۇ.

دەسلەپتە ئۇلار توي قىلماقچى بولغاندا باشقىلار ئىككىسىنى بوي پەرقى سەۋەپلىك ماس كەلمەيدۇ دەپ ھەر خىل تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن ، ئەمما ئىككەيلەن بىر بىرنى ياخشى كۆرگەچكە ئاخىرى توي قىلىپ بىرگە تورمۇش كەچۈرگەن.
ئىككى يىل ئىلگىرى 19 ياشلىق شارمىن ھامىلدار بولغاندا ئەتراپتىكىلەر بۇ ئىشتىن ئانچە خوشال بولمىغان، لىكىن يېشى كىچىك شارمىن ئاتا-ئانا بولۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا بالىنى تۇغۇشنى قارار قىلغان.شۇنداقلا ھامىلدار بولۇپ 10-ئېيى بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان.
ئويلىمىغان يەردىن ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق بالا تۇغۇش كەچۈرمىشى ئۇنى قاتتىق ئازاپلىغان.
بەلكىم دادىسىنىڭ گېنى زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن، ئوغلىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان چاغدىكى بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 56سانتىمېتىرغا يېتىپ، ئوتتۇرچە سەۋىيەدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.

19 ياشلىق ئانىسى شارمىننىڭ جۇغى كىچىكرەك ، ئەمما تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتىكى بوۋاقلارنىڭكىدىنمۇ ئېگىز بولغانلىقتىن ئۇنىڭ قۇيرۇق ئۇمۇرتقىسىنىڭ داۋاملىق بېسىلىپ ، قۇيرۇق ئۇمۇرتقىسىنىڭ سۇنۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن ئىككى يىلدا ئۇ ئىزچىل ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن.

ھازىر ئوغلى ئىككى يېرىم ياشقا كىردى، ئەھۋالدىن خەۋەرسىز تورداشلار بالىنى 5 ياشقا كىردى دەپ ئويلاپ قالغان، ياش ئانا شارمىننىڭ ئاشكارلىشىچە ئوغلىنىڭ كىيگەن كىيىملىرى 5 ياشلىق بالىنىڭ رازمىسىدىكى كىيىملەر ئىكەن.
تورداشلار :«قۇيرۇق ئۇمۇرتقىسىنىڭ سۇنۇپ كەتمىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن »دېيىشكەن.
سىز ئاڭلىغان بوۋاقلار ئىچىدە ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ئېگىز تۇغۇلغىنى قانچە؟



