
1- تاشقى قىياپىتىڭىز ۋە ياسىنىشىڭىزغا چاقچاق قىلىدىغان ئادەم
ھەممىلا ئادەم ئۆز ياقتۇرىشىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ياسىنىشىنى تاللايدۇ. شۇڭا ھېچكىمنىڭ بىر ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىغا باھا بېرىدىغان سالاھىيىتى يوق. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە، ياسىنىشىغا چاقچاق قېلىدىغان ھوقۇقى يوق.


بۇ دۇنيادا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوخشىمايدىغان قىززىقىشى بولىدۇ، سىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى ناتايىن، شۇنداقلا باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى، سىزنىڭ ياخشى كۆرىشىڭىز ناتايىن. شۇڭا، بىز باشقىلارنىڭ قىززىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.
ئادەم بولغانكەنمىز، چوقۇم ئاق كۆڭۈل بولىشىمىز، باشقىلارنىڭ تاشقى قىياپىتى، قىززىقىشى، كەمچىللىكىگە چاقچاق قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، ھەممىلا ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا كەمچىللىكى بولىدۇ، شۇڭا بىز باشقىلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە باھا بەرمەي، ئۆز تۇرمۇشىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئۆتكۈزسەكلا، ھاياتىمىز تېخىمۇ سەرخىل تېخىمۇ رەڭدارلىققا تولىدۇ.


