大数跨境

دىلرابانىڭ پۇلى قانچىلىك ؟ بىر تال ئىچى كىيمىنىڭ باھاسى مىليۇن

دىلرابانىڭ پۇلى قانچىلىك ؟ بىر تال ئىچى كىيمىنىڭ باھاسى مىليۇن xjmahallam
2024-01-28
1

ئادەتتە دىققەت قىلسىڭىز چولپانلار كىيگەن كىيىملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ داڭلىق ماركىلار ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، ئۇلارنىڭ ئادەتتە كىيىدىغان كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى سېتىۋالغانمۇ ياكى داڭلىق ماركىلار ياردەم قىلغانمۇۋە ياكى ئىجارىگە ئالغانمۇ؟ 

مەسىلەن يېقىنقى بىر يىلدا نامى چىققان بەي لۇنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش كىيىمىنى كۆرۈپ چىقايلى! 


ئەمدىلا نامى چىققان بىر ئارتىسنىڭ بىر قۇر كىيىمىلا 50مىڭدىن ئاشسا ئۇنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا قانچە پۇل كىتىدۇ،بۇنداق زور چىقىمنى قامدىيالامدۇ؟

نەتىجىدە  چولپانلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ بىر قانچە خىل كېلىش مەنبەسى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان: 

بىرىنچى: كۆپىنچىسىنى چولپانلارنىڭ ۋاستىچىلىك شىركىتى تەمىنلىگەن. 


مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدە دىيىلگىنىدە خىزمەت ئىشخانىسى تەمىنلىگەن چاپاننىڭ يانچۇقىدىن بىر ئايرۇپىلان بېلىتى چىققان،دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق ئىلگىرى بۇ چاپاننى خۇاڭ جىڭيۇ كىيگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئىككىنچى: پائالىيەتكە قاتناشقاندا، كۆپ قىسىم چولپانلار كىيىدىغان مۇراسىم كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى ئارىيەتكە ئېلىنغان، ئەلۋەتتە گىرىم ۋە پاسون چىقىرىش ھەققىمۇ قىممەت ئەمەس.يۇقارقىدەك ئىجارىگە ئالغان كىيىملەرنىڭ يانچۇقىدىن ئايرۇپىلان بېلىتى چىقىشى بۇ كىيىملەر قايتۇرۇلغاندىن كىيىن يۇيۇلمايدۇ دىگەن گەپ، شۇڭا بىر چولپانغا يۇمايلا بىۋاستە ئارىيەتكە بېرىپ تۇرىدۇ. 

ئۈچىنچى: داڭلىق ئوبراز يارىتىش ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر خىل شەخسىي كىيىملەرنى ماسلاشتۇرىدۇ. 

تۆتىنچى: سەنئەتكارلار قانچە تۇنۇلغانسىرى داڭلىق ماركا سودىگىرىمۇ بەس بەستە ئۆزىنىڭ ماركىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن چولپانلارغا تەمىنلەپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى سەنئەتكارنىڭ ئورنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 

ئەمما كۆپىنچە چولپانلار تۇرمۇش كىيىملىرىنى ئاساسەن ئۆزى ماسلاشتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ.

تۆۋەندە بىز دىلرابانىڭ ئايرۇپىلان ئىستانىسىدا تارتىۋېلىنغاندا كىيگەن بۇ كىيىملىرىنى كۆرۈپ چىقايلى

دىلرابا يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۇنۇلۇش دەرىجىسى بىراقلا دۆلەت ئىچىدىن دۆلەت سىرتىغا يۈزلەندى، ئەلۋەتتە بۇنداق خەلىقئارالىق چولپانلار ئادەتتىكى كىيىنىشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەگەر ئازراقلا ماسلاشمىغان ياكى بىر قانداق كىيىملەرنى كىيگىنىدە ئاپشاركىلار تەرپىدىن تارتىۋېلىنىپ ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرخىل خەۋەرلەرنى تورغا يوللاشتىن يانمايدۇ.


مەسىلەن ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق رايزا بىر قېتىم ئايىردورومدا ئۇچۇق كىيگەن سۈرىتى ماراقچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ رايزانىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدىغان ھەرخىل خەۋەرلەر شىددەت بىلەن تارقالغان شۇنداقلا رايزانىڭ كىسپى ھاياتىغا ۋە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىېىپتار بولىشىغا بىۋاستە سەۋەپ بولغان.


تۆۋەندە بىز دىلرابانىڭ بۇ يىل يازدىكى كىيىنىش ئۇسلوبىغا ۋە كىيىمىنىڭ باھاسىغا قاراپ باقايلى.

دىلرابانىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش كىيىملىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ ، بەلكىم بۇ كىيىملەرنى ئۆز ماسلاشتۇرۇپ سېتىۋالغاندۇ ۋە ياكى ماركا تەرەپ تەمىنلىگەندۇ ئىشقىلىپ دىلراباغا شۇنچىلىك ياراشقان.


تۆۋەندە بىز بۇ يىل قۇيۇلغان «سەن مىنىڭ شەرىپىم»ناملىق فىلىمدە دىلرابانىڭ كىيىنىش ئۇسلوبىغا قاراپ باقايلى، دىلرابانىڭ فىلىمدىكى بۇ كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى خىزمەت ئىشخانىسى تەمىنلىگەن،ئەمما باھاسى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچىتىدۇ.


تۆۋەندە بىز قىزىل گېلەم خانىشى دەپ قارىغان دىلرابانىڭ كىيىملىرىنى قايسى ماركىلار تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!




رەسىملەرنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى بايقايسىزكى نۇرغۇن كىيىملەر مودىل كىيگەندىن دىلرابا كىيگەندە  تېخىمۇ ياراشقاندەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟


【声明】内容源于网络
0
0
xjmahallam
كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
内容 60
粉丝 0
xjmahallam كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
总阅读39
粉丝0
内容60