
4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى يەنى بۈگۈن ئەتتىگەندىلا، كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدە پۈتۈن تور ئەھلىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەر ئىزدەش رايۇنىغا چىقتى.

يەنى جاۋ لىيىڭ بىلەن فېڭ شاۋفېڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

جاۋ لىيىڭ ئىشخانىسى بىلەن فېڭ شاۋفېڭ ئىشخانىسى بىرلا ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى ئادەم قول بۆلۈشۈپ توي مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى، ئىككى تەرەپ يېقىندا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىردى، بالىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق باقىدۇ.

بۇ خەۋەر ئاشكارىلىنىشى بىلەن تورداشلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتى. جاۋ لىيىڭ ئورگان تورىدا مۇنداق دېگەن:« ئىككىمىزنىڭ ئىلگىرى ناھايىتى بەختلىك، شېرىن چاغلار بولغانلىقىنى ھەمدە فېڭ شاۋفېڭ بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەنلىكىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئاجرىشىشىنىڭ سىرتتىكى پىتنە-پاساتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمدە ئاجرىشىشمۇ ئۇلارنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئازايتالمايدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپ بالىنى ئورتاق باقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى».

جاۋ لىيىڭ ئىشخانىسىدا يازما ئېلان قىلىپ ئاجراشقانلىق خەۋىرىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، فېڭ شاۋفېڭ مۇنداق دەيدۇ:« كۈنلەر ناھايىتى ئۇزاق، ئۆتمۈش ناھايىتى ياخشى، كەلگۈسى تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى»دەپ يوللاپ قارشى تەرەپنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن تىنچ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

قارىغاندا ئىككىسى راستتىنلا تىنچ ئايرىلىپ كەتكەن، سىزنىڭمۇ ئىشەنگۈڭىز كەلمىدىغۇ دەيمەن، شۇنداق بۇ خەۋەر تارقىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلار سەنئەت ساھەسىدىكى ئامراق ئەر-ئاياللار نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى.

كۆپچىلىككىمۇ ئايان سەنئەت ساھىسىدە ئاجرىشىپتۇ، ئاجراشماقچىكەن دىگەندەك خەۋەرلەر دائىم تارقىلىپ يۈرىدۇ لىكىن ئۇلار ئوخشاشلا بەخىتلىك تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىدۇ،
مەسىلەن: خۇاڭ شياۋمېڭ بىلەن ياڭ يىڭغا ئوخشاش گەرچە ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قېتىم ئاجرىشىش خەۋىرى تارقالغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا بەخىتلىك تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزمەكتە.

ئەمما ھىچقانداق مىش-مىش پاراڭلىرى بولمىغان بىر جۈپنىڭ تۇيۇقسىز ئاجرىشىش خەۋىرىنىڭ تارقىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئۇلار 2016-يىلى قەدىمكى زامان كىنوسى «ئاياللار دۆلىتى» (女儿国)نى ئىشلىگەن جەرياندا بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ قالغان.

ئارقىدىن 2017-يىلى كۆپ قىسىملىق تىياتىر «مىڭلەن ھەققىدە قىسسە» (知否知否应是绿肥红)دە ھەمكارلاشقان ھەمدە مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىق خەۋىرى چىقىشقا باشلىغان، لېكىن ئىككىلى تەرەپ ئېن ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

جاۋ لىيىڭ بىلەن فېڭ شاۋفېڭ 2018-يىلى توي قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە تورداشلارمۇ ئۇلارغا بەخت تىلىگەن


ئەمەلىيەتتە ئىلگىرىكى ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇم بىر پىروگىراممىدا فېڭ شاۋفېڭنىڭ بۇ تويقا ئانچە كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

سىزمۇ ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
سۇڭ جۇڭجى قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سۇڭ خۇيچياۋ بىلەن ئايرىلمايمەن، مەڭگۈ بىللە ئۆتىمەن.

ئىلگىرى لى چېن فەن بىڭبىڭنى ئىزچىل قوغدايمەن دىگەن.

شيې تىڭفېڭ جاڭ بوجى بىلەن ياخشى ئۆتىمەن دېگەن.

ۋېن جاڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: بۇ ئۆمرۈمدە ئەڭ پەخىرلىنىدىغىنىم مايلى.

فېڭ شاۋفېڭ بىلەن جاۋ لىيىڭنىڭ تويى تۇيۇقسىز بولدى، ئاجرىشىشمۇ تۇيۇقسىز بولدى! دۇنيادا ئۆزگىرىش شۇنچە كۆپ، ھەقىقىي مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە، ھەر كۈنى چۈشتە سىزگە خۇشاللىق ۋە ئەڭ يېڭى خەۋەر ئېلىپ
كېلىدىغان،چىپار قىزلار سالونىلا ئۆزگەەرمىدى.


