大数跨境

مۆمىنجان ئابلىكىم ئۇستازنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خوشخەۋەر

مۆمىنجان ئابلىكىم ئۇستازنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن خوشخەۋەر xjmahallam
2024-02-19
1

ئابدۇللا ئۇستاز مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئوپراتسىيەسىنىڭ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتىپ ھەممە ياخشى تىلەكتە بولغان قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىپتۇ

ئاستىدىكى فىلىمنى چىكىپ كۆرۈڭ



مۆمىنجان ئابلىكىم (穆明江·阿不力克木)، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىن، 1976-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان.

مۆمىنجان ئابلىكىم شىنجاڭنىڭ پەخرى سەنئەتكارى، تالانتلىق ناخشىچىسى، شىنجاڭ مودا ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ باشلامچىسى، سەركەردىسى، 4-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى ساداسى» پىروگراممىسىنىڭ يېتەكچىسى ئۇستازى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭ مودا مۇزىكا جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

قىسقىچە تەرجىمىھالى:
مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر مارالبېشىغا (شۇ ۋاقىتتىكى) قاراشلىق تۇمشۇق شەھىرىنىڭ شاقۇر يېزىسىدا مۇزىكانت ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى شاقۇر يېزىسىدا تاماملىغان. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۇمشۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، 1994-يىلى شىنجاڭ داشۆسىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى ئارخېئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.


مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن مۆمىنجان كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە مول بىلىملىك ئائىلىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەن. داشۆدىمۇ ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ، شەرەپلىك ھالدا 5 يىللىق داشۆ ھاياتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان. ئەلۋەتتە مۆمىنجاننىڭ بىر تۇغقان ئاكىسى ئابلەت ئابلكىم (阿不来提·阿不力克木)مۇ، رايونىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتاقلىق كومپوزىتور ھەم سەنئەتكار!

1997-يىلى تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن مۆمىنجان دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، ئاتاقلىق ناخشىچى ھەم كومپوزىتور تاغىسى (يەنى دادىسى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ ئىنىسى) ئابدۇللا ئابدۇرېھىم (阿布都拉·阿不都热依木)نىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئۆزىنىڭ تۇنجى پىلاستىنكىسى «خوش كېتىمەن»نى نەشىردىن چىقىرىپ تارقىتىپ، سەنئەت ھاياتىنى ھەقىقىي باشلىغان، «خوش كېتىمەن» پىلاستىنكىسى شۇ يىللاردىكى ئەڭ بازارلىق پىلاستىنكىغا ئايلانغان.

مۆمىنجان تۇنجى قېتىم شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىدا ئۆزىنىڭ «گۈلدەستە» ناملىق ناخشىسى بىلەن ئېكراندا نامايان بولغان، پەقەتلا ئاۋازىنىلا ئاڭلىغان كۆپىنچە خەلقكە نىسبەتەن بۇ نەۋقىران يىگىتنىڭ چىرايىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ھېسابلىناتتى.

1999-يىلىغا كەلگەندە داشۆنى پۈتتۈرۈش ھارپىلىرىدا ئۆزىنىڭ 2-پىلاستىنكىسى «چۈشۈمدە سەن»نى تارقىتىپ خەلقكە سۇندى، «چۈشۈمدە سەن»نىڭ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىشى، مۆمىنجاننىڭ داشۆنى تاماملاپ «ئوقۇغۇچى ناخشىچى»لىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي سەنئەت بېغىغا قەدەم باسقان رەسمىي ناخشىچىغا ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

2000-يىلى يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ 3-پىلاستىنكىسى «مەلىكەم» تارقىتىلىپ مودا بولدى، «مەلىكەم» پىلاستىنكىسى مۆمىنجاننىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلەت ھالقىپ تەدرىجى ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇلىشىغا ئاساس سالغان پىلاستىنكىسىغا ئايلاندى. 2001-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە ئارقا-ئارقىدىن «ۋىسال ئىشقى»، «چىرايلىق» قاتارلىق پىلاستىنكىلىرى بازارغا سېلىنىپ زور ئالقىشلاندى! «مۇزلىغان يۈرەك» ناملىق كىنودا رول ئېلىپ ئالقىشلىنىپ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ھەقىقىي چولپانغا ئايلاندى!

ئۆزىگە پۇختا ئاساس سالغان مۆمىنجان 2006-يىلىغا كەلگەندە «سېغىنىمەن» ناملىق پىلاستىنكىسىنى بازارغا سېلىپ، سەنئەت ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلغۇدەك زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى! «سېغىنىمەن» پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىشى بىلەنلا مەيلى ياشلار ياكى چوڭلار ئارىسىدا بولسۇن زور ئالقىشقا ئېرىشتى! مۆمىنجان يەنە بىر قېتىم خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى! چۈنكى «سېغىنىمەن» پىلاستىنكىسىدا ئاساسى تېما ناخشا «سېغىنىمەن»، ناھايىتى مۇڭلۇق بولغان «ئۇنتۇش» ۋە ھازىرغىچىمۇ قىلچىلىك مودىدىن قالمىغان «تىللا ئۈزۈك» قاتارلىق ناخشىلار بار ئىدى!

2007-يىلى نەشىردىن چىققان «ئۇنۇتالمايسىز» ناملىق پىلاستىنكىسى تارقىلىش دائىرسى دۆلەتتىن ھالقىپ چەتئەل بازىرىغا بۆسۈپ كىردى، «ئۇنۇتالمايسىز» پىلاستىنكىسىدىكى مودا بولغا ناخشا «مەربىيە» قاتارلىق ناخشىلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولدى شۇنداقلا كۆپ خىل تىللاردا قايتا ئۆزگەرتىلىپ ئېيتىلدى.

ئۇ بۇ نەتىجىلەر تۈرتكىسىدە 2008-يىلى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇردى، چەتئەلدىكى ئوقۇش ھاياتى تۈرتكىسدە روياپقا چىققان «پات ئارىدا بارىمەن ئانا»، «ئەلەملىك دۇنيا» ۋە «سۆيگەن گۈزەلدۇر» قاتارلىق نادىر كۈيلىرى بىلەن 2009-يىللىق ناخشا كېچىلىكىنى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزدى!

2010-يىلى ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسەن ئاكىسى ئابدۇسەمى ئابلىكىم (阿不都色米·阿不力克木) بىلەن بىرلىكتە سەنئەت، تىل ۋە مەدەنىيەت تەربىيەلەش بىر گەۋدىلەشكەن شىنجاڭ سابا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى (新疆萨巴文化传播有限公司)نى قۇرۇپ چىقتى! 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، مېھنەتسىز كۈچ چىقىرىۋاتقان مائارىپ قوشۇنىدىكىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەييارلانغان ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى.

2011-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، سەنئەت بېغىدا تىنىمسىز خىزمەت قىلىپ «ئىنتىزارمەن»، «ئەركەك يىغلايدۇ» قاتارلىق پىلاستىكىلارنى خەلقكە سۇندى، «ئىنتىزارمەن» پىلاستىنكىسسى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تارقىتىلدى، «ئىنتىزارمەن» پىلاستىنكىسىدىكى «قەيەردە سەن ئەزىزىم» ناملىق ناخشا خەلقئارادىمۇ زور ئالقىشلاندى، 2014-يىلى 9-ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن پىلاستىنكىدىكى ناخشىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىگە ياڭراتتى!

2018-يىلى چاغاندا ئاتاقلىق كۈلكە ئارتىسى ۋاڭ ياڭ (王洋) بىلەن بىرلىكتە ئورۇندالغان «ئاداش» (阿达西) ناملىق ناخشىسى تارقىتىلدى!

2018-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر يەنە «ئاتا-ئانام ئامان بولسۇن» «گۈزەل ئەسلىمە»، «كۆزلىرىمنىڭ قارىسى دادام»، «گۈل سەدەف»، «يەتمەيدۇ ئۆمۈرۈم»، «چىھراي»، «كۆڭۈل زارى»، «ئادەملەر»، «مەن بار دائىم»، «ئاق بايان»، «كېرەك»، «ئاشۇ چاغ»، «يۈرەگىمدە سەن»، «لالە گۈل»، «ۋىسالسىز ئىشىق»، «پەرزەنت تىلىكى»، «مەلىكەم»، «لالە»، «سەنسىز گۈلۈم»، «سەندىن گۈزەل يوق»، «مۇھەببەت»، «يۈرەك»، «سىز كېرەك»، «خەيرى مۇھەببەت» ۋە «خۇمار يارىم» قاتارلىق كۆپلىگەن نادىر ناخشىلارنى خەلق ئاممىسىغا تەقدىم ئەتتى!
لېكىن....

ھاياتىدا 200دىن ئارتۇق ناخشىنى ئېيتىپ خەلق ئاممىسىغا سۇنغان بۇ نەۋقىران يىگىتنىڭ ناخشا ئېيتىپ خەلق ئاممىسىغا سۇنۇشى بۇنداق ئاسانغا توختىمىغان ئىدى، پەردە ئارقىسىدا ئاممىغا ئاشكارلانمىغان ھېكايىلەر يوشۇرۇنغان ئىدى.

چۈنكى مۆمىنجان ئابلىكىم 2004-يىلى «چىرايلىق» پىلاستىنكىسىنى خەلق ئاممىسىغا سۇنغاندىن كېيىنلا بۆرەك شارچىسى مەنبەلىك بۆرەك ياللۇغى (肾小球性肾炎) كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان ئىدى.


19 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ گىرىپتار ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﻏﻼﻥ شۇندىن بېرى كېسەلگە قارىتا داۋالىنىش، ئۆزىنى كۈتۈش، قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ شۇنىڭغا قارىتا داۋالىنىپ ۋە سەۋەپ قىلىپ كېسىلىگە قارىتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ھېچقاچان مەيۈسلىنىپ ئۈمىدسىز قالماي، غەيرەتلىك بولۇپ، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺳﺎﮪﻪﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ئىزچىل تىرىشىپ كەلدى.

ئۇ ئىزچىل داۋالىنىشنى توختاتمىدى، كەسىپنى ۋە مەستانىلىرىنى چىن دىلدىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن كېسىلى سەۋەبلىك سەنئەت ساھەسىدىن چېكىنىشنىمۇ قىلچىلىق ئويلىماي توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلىگەن ئىدى!

لېكىن مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان كېسىلى سەل ئېغىرلىشىپ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش يەنى بۆرەك ئالماشتۇرۇش باسقۇچىغا كەلگەن بولۇپ، ھازىر مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.

ئۇ يىگىت شۇنداق يىگىتكى، 19 يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ قېيىنچىلىق ئەھۋالىنى قىلچىلىكمۇ خەلق ئاممىسىغا تىنماستىن، ئۆز كەسپىي ھاياتىنى باتۇرلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرغان ئىدى، تاكى يېقىندا سەھنىگە چىقىپ سالامەتلىكى يار بەرمەي، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ناخشىسىنى تاماملاپ، ئۆز ئەھۋالىنى ئاشكارلىغۇچە مۆمىنجاننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تېخى تورداشلار بىلمىگەن ئىدى.


ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولغاي!



【声明】内容源于网络
0
0
xjmahallam
كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
内容 0
粉丝 0
xjmahallam كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
总阅读0
粉丝0
内容0