大数跨境

قازا قىلغان 7 كۈنلۈك بوۋاقنىڭ ئالقىنىدا بايقالغان ...ھەممىنى ...

قازا قىلغان 7 كۈنلۈك بوۋاقنىڭ ئالقىنىدا بايقالغان ...ھەممىنى ... xjmahallam
2024-01-29
1

قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن يىگىتلەردىنمۇ بەكىرەك بالىلىق بولۇشنى ئارزۇلاپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئەلۋەتتە كەلگۈسىدىكى ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن، بۈگۈن ھېكايىسىنى سۆزلەيدىغان جاڭفاڭ خانىممۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇ ۋە يولدىشى ئىككىلىسى ئائىلىدە يالغۇز پەرزەنىت ئىدى، شۇسەۋەپتىن بولسا كېرەك ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلار ئۇلارنىڭ ھىچ بولمىغاندا 2 پەرزەنىتلىك بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ئۇلار دەرۋەقە توي قىلىپ شىرىن ئاي مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي جاڭفاڭنىڭ بويىدا قالىدۇ.

لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى ئۇ ئالدىن بەلگىلەنگەن تۇغۇتىغا 2 ھەپتە ۋاقىت قالغان مەزگىلدە جاڭفاڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە جىددى بولۇپ، يولدىشى ۋە قېيىن ئاتىسى ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاڭفاڭ بىلەن ھامىلىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بالىنى چوقۇم ئوپىراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭ يولدىشىغا بىرمۇنچە ۋاراقلىق كېلىشملەرگە قول قويغۇزۇپ بولۇپلا جاڭفاڭنى ئوپىراتسىيە بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىدۇ. 

يېرىم سائەتتىن ئوشۇق ئوپىراتسىيەدىن كېيىن بالىمۇ ۋە ئانىسىمۇ ھايات قالغان ئىدى.  ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولغان بولۇپ، بۇ خەۋەردىن ئىككى ئائىلىدىكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئىنتايىن خوشال بولۇشۇپ كەتكەن ۋە بىردەمدىلا يىراق-يىقىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارانلارغا خوشاللىق خەۋىرى تاراپ كەتكەن ئىدى. لېكىن بوۋاق بىر قەدەر بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئايرىم بالنىستتا كۆزىتىلىشى ۋە كۈتۈنىشى كېرەك ئىدى.


بالا تۇغۇلۇپ  3-كۈنى ئايرىم بالنىستتىن ئانىسىنىڭ قېشىغا يۆتكەلدى، لېكىن يەنە 4 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ يەنە ئايرىم بالنىستقا يۆتكىلىدۇ، لېكىن بوۋاق يەنىلا ياخشىلىنىدىغاندەك قىلمايتى، دوختۇرلار بىرقاتار تەكشۈرۈش ۋە شىلانكا كىرگۈزۈش ئارقىلىق بالىنىڭ يەنىلا ھايات قىلىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىچارە ئانا، بىچارە دادا ئوغلىنىڭ بارغانسىرى نەپسىنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىن باشقا چارە قىلالمىغان ئىدى. دوختۇرلار داۋالاش چارە-تەدبىرلىرىدىن كېيىن ئاخىرى ئامالسىز چوڭلارنىڭ بوۋاققا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھەمراھ بولۇۋېلىش پۇرسىتى بەرگەن ئىدى. بوۋاقنى بوۋاي-مومىلىرى ۋە دادىسى بىر قېتىمدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ئانىسىنىڭ باغرىغا بەرگەن ئىدى. ئانىسى بولسا بوۋاقنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى.  دوختۇرلار خېلى ۋاقىتتىن كېيىن جاڭفاڭنى پەسەيتىپ بالىنى ئالدى.

بوۋاق قازا قىلىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، مەسئۇل سېستىرا بوۋاقنىڭ مۇشتىنى چىڭ تۈگىۋالغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېستىرا بوۋاقنىڭ مۇشتىنى ئېچىپ كۆرگەندىن كېيىن ئىختىيارسىز كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىپ كېتىدۇ ۋە قايتىدىن بوۋاقنى ئانىسىغا بېرىدۇ.  بوۋاقنىڭ ئالقىنىدا ئانىسىنىڭ كىيىمىنىڭ تۈگمىسى بار بولۇپ، دەرۋەقە بوۋاق تاكى ئانىسىنىڭ قوينىدىن ئايرىلغۇچە تىنىقتىن قالمىغان ئىكەن،بۇنىڭدىن ئانىسىنىڭ قوينىدا ئۇنىڭغا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىكى كۈچ مەدەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ



【声明】内容源于网络
0
0
xjmahallam
كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
内容 0
粉丝 0
xjmahallam كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
总阅读0
粉丝0
内容0