大数跨境

دىلرابا «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 چىراي» تىزىملىكىدە 26-بولدى

دىلرابا «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 چىراي» تىزىملىكىدە 26-بولدى xjmahallam
2024-03-05
1


ئامېرىكا كىنو ئوبزورچىلىقى تور بېكىتى TC Candle ھەر يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 چىراي»نى باھالايدىغان بولۇپ، مۇشۇ ھەپتە 2017-يىللىق ئەڭ يېڭى تىزىملىك ئاشكارىلاندى. بىراق جۇڭگولۇق تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى بولسا، ئۆتكەن يىلى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان ليۇ يىفېي، Angelababy، سوڭ خيېكيو قاتارلىق بىر قانچە جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئاسىيالىق «سەنەم»لەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تىزىملىكتىن قالغان بولۇپ، بىراق تۇنجى قېتىم تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان دىلرابا 26-ئورۇنغا تىزىلغان، تورداشلارنىڭ نەزىرىدىكى «4000 يىلدا بىر ئۇچرايدىغان ساھىبجامال» جۈ جىڭيى ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەن.

51-دىن 100-گىچە بولغان نامزاتلار ئىچىدە، بىزگە بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغانلاردىن: تېخى يېقىندىلا «پىلانېتلار ئارا ئالاھىدە خادىم: يۇلتۇز شەھىرى» (星际特工:千星之城)دىكى قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلغان كارا دېلېۋىگنې 100-ئورۇنغا، جاستىن بىيبېرنىڭ قىز دوستى سېلىنا گومېز 56-ئورۇنغا، كورېيەلىك ئايال چولپان سۇزىي 51-ئورۇنغا تىزىلغان.

بۇ قېتىم مالايىسىيادىكى يۇمى ئىسىملىك چولپان تۇنجى قېتىم تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. يۇمى «مالايسىيا نۇسخسىىدىكى Angelababy» دەپ ئاتالغان.

11-دىن 50-غىچە بولغانلار ئىچىدە، ھوللىۋود ئوسكار «كىنو خانىشى» ناتالىي پورتمەن 50-بولۇپ، بۇلتۇر 14-بولغان «سۇ پەرىسى» لىن يۈن 49-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. «ئۆسمۈر قىزلار» ناخشا گۇرۇپپىسىنىڭ باش ناخشىچىسى تايېئونمۇ 19-ئورۇندىن 40-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ئەمىلىيا كىلاركې بولسا 27-بولدى.

بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال چولپان دىلرابا تۇنجى قېتىم بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىپ، 26-بولدى. «ساھىبجامال» ئېمما ۋاتسون بۇلتۇرقى 13-ئورۇندىن 14-ئورۇنغا چۈشۈپ، كورېيە ئاياللار ناخشا ئۆمىكى TWICEئەزاسى سانا 21-بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل «سىرلىق ئايال پالۋان» ناملىق كىنوسى بىلەن نام قازانغان گال گادوت 22-بولدى.

تۆۋەندە بىز ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەن ساھىبجامال بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

10-لىككە ئېرىشكىنى كامىللا بېللې بولۇپ، 1986-يىلى تۇغۇلغان ئامېرىكىلىق ئارتىس، ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ۋەھىمەلىك تېلېفون» (来电惊魂)، «يۇرا دەۋرى باغچىسى 2: ئۈمىدسىزلەنگەن دۇنيا» (侏罗纪公园2:失落的世界) قاتارلىقلار.

9-لىككە ئېرىشكىنى، Golshifteh Farahani بولۇپ، ئىرانلىق ئايال ئارتىس، 1983-يىلى تۇغۇلغان.

8-لىككە ئېرىشكىنى جۈ جىڭيى، جۇڭگولۇق ناخشىچى، ئارتىس، 1994-يىلى تۇغۇلغان. 2014-يىلى SNH48نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 4-لىككە ئېرىشكەن. 2015-يىلى SNH48نىڭ 2-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە 2-بولۇپ، 2016-، 2017-يىللىق مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، تۇنجى قېتىم ئۇدا چېمپىيون بولغان ئەزاغا ئايلانغان. ئۇ يەنە جۇڭگولۇق تورداشلارنىڭ نەزىرىدىكى «4000 يىلدا بىر ئۇچرايدىغان» ساھىبجامالدۇر.

7-لىككە ئېرىشكىنى، Adelaide Kane ئاۋسترالىيەلىك ئارتىس، 1990-يىلى تۇغۇلغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شامالدىكى ئايال شاھ» (风中的女王)

6-لىككە ئېرېشكىنى جوئۇردان دۇن، ئەنگلىيەلىك ئايال مودېل، 1990-يىلى تۇغۇلغان.

5-لىككە ئېرىشكىنى، نانا، كورېيەلىك مودېل، ناخشىچى، 1991-يىلى تۇغۇلغان.

4-لىككە ئېرىشكىنى سارا گادون، كانادالىق ئارتىس، 1987-يىلى تۇغۇلغان.

3-لىككە ئېرىشكىنى كورېيە ئاياللار ناخشا ئۆمىكى TWICE ئەزاسى جوۋ زىيۈ، 1999-يىلى جۇڭگو تەيۋەندە تۇغۇلغان. ئۇ ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 چىراي» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان چولپاندۇر.

2-لىككە ئېرىشكىنى سايلىن بىلوندېئۇ. فىرانسىيەلىك مودېل، ئارتىس، بۇ يىل ئارانلا 16 ياشقا كىردى.

بۇ يىللىق «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 100 چىراي» مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكىنى لىزا سوبېرئانو بولۇپ، فىلىپپىنلىق ئامېرىكا ئارغۇن قىزى، ئارتىس، مودېل. 19 ياشلىق ئۇ بۇلتۇر 2-لىككە ئېرىشىپ، بۇ يىل ئاخىرى چېمپىيون بولدى.



【声明】内容源于网络
0
0
xjmahallam
كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
内容 60
粉丝 0
xjmahallam كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
总阅读39
粉丝0
内容60