مەلۇم تېتىتقۇ شىركىتى ياپونىيە بىلەن شېرىكلەشكەن بىر كارخانا بولۇپ، شىركەت نۇرغۇن تەرەپلەرنى ياپونىيەدىن ئۆگىنەتتى، ماشىنىسى يوق بولغاچقا، مەخسۇس شىركەتلەر ئۈچۈن ماشىنا ئىجارە بېرىدىغان بىر شىركەت بىلەن ئىجارە بېرىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، ئىشلىتىدىغان ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ شىركەتتىن ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتەتتى. شىياۋچىيۇ بولسا تېتىتقۇ شىركىتىنىڭ كەسىپىي خادىمى بولۇپ، يېڭىلا مپىراۋا ئالغان بولغاچقا ماشىنىنى كۆرسىلا قولى قىچىشاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغرىلىقچە بىر تال ماشىنا ئاچقۇچى سەپلەپ، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتە شوپۇرنىڭ يوقلىغىندىن پايدىلىنىپ، كەسىپدىشى بىلەن بىرلىكتە ماشىنىنى ھەيدەپ سىرتتقا چىققان، بۇ ئىشنى شىركەت رەھبەرلىرى بايقاپ قېلىپ، شىياۋچىيۇ بىلەن بىللە چىققان كەسىپدىشىغا جەرىمانە قويغان. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، شىياۋچىيۇ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدەش ھەۋىسى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، دائىم يەنە بىر ھەيدەپ خۇماردىن چىقىشنى ئويلايتتى. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇ يەنە شىركەت ئىجارە ئالغان ماشىنىنى ھەيدەپ قىز دوستى بىلەن سەيلە قىلىشقا چىقىپ، قايتىپ كېلىش يولىدا شىياۋچىيۇ شىركەتكە بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن باكتىكى بېنزىننى لىقلاپ قويغان. شىياۋچىيۇ ئۆزىچە قىلغانلىرىم مۇكەممەل بولدى دەپ قارىغان، تەقدىر-پېشانىگە پۈتۈلگەننى ھېچكىممۇ بىلمەيدۇ دە، نەس باسقاندەك، ئۇ ئوغرىلىقچە ماشىنىنى ئىشلەيدىغان ئورۇنغا قايتۇرۇپ كەلگەندە دەل شىركەتنىڭ كۈندىلىك باشقۇرغۇچى خادىمغا ئۇچراپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن سۇيىقەستى ئاشكارىلىنىپ، شىركەت شىياۋچىيۇنى شىركەت ئىشلىتىدىغان ماشىنىنى ئوغرىلىقچە ھەيدىدى، تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىدى، ساختىپەزلىك قىلدى دېگەننى سەۋەب قىلىپ، شىياچىيۇ بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان. شىياۋچىيۇ بۇنىڭغا قارىتا نارازى بولۇپ، شىركەت ئەزەلدىن بۇنداق قائىدە-تۈزۈملەرنى تەشۋىق قىلىپ باقمىغان، بۇنداق بىر تەرەپ قىلىشى ئېشىپ كەتتى دېگەننى سەۋەب قىلىپ، كېسىم چىقىرىش ھەيئىتىگە ئەرز سۇنغان.

شىركەت ئۆزىنى ئاقلاپ: بىز بىر شېرىكلەشكەن كارخانا، قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىمىز بار، ئەمگەك توختامىدىن سىرت يەنە <كەسىپ بەلگىلىمىسى> بار. شىركەتكە تەربىيەلەشكە كىرگەن ۋاقىتتا ئېنىق ئېيتقاندىن سىرت، ئادەتتىمۇ ھەر بىر ئىشچىغا شوپۇر خادىمى ئەمەسلەر شىركەت ئىشلىتىدىغان ماشىنىنى ھەيدەشكە بولمايدۇ دەپ ئەستايىدىل ئاگاھلاندۇرىمىز. بىراق شىياۋچىيۇ بۇنىڭغا قارىتا ئاڭلىماسلىققا سېلىپ تەكرار خىلاپلىق قىلدى. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى>نىڭ 25-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن،بىز ئەمگەك توختامى بىكار قىلدۇق دېدى.
شىياۋچىيۇ ئۆزى شەخسىي ھالدا شىركەت ئىشلىتىدىغان ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ياسىتىۋېلىپ، باشقۇرغۇچى خادىملار بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ماشىنىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقىپ شەخسى ئىشىنى بېجىرگەن قىلمىشى بولسا ھەر قانداق بىر ئۇرۇندا يول قويۇلمايدۇ، ئەمگەك تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان دېيىشتە مەسىلە يوق. بىراق بۇ خىل ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتى چوقۇم ئەمگەك توختامنى بىكار قىلىشتەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ-يوق؟ بۇ شىركەتنىڭ بۇ خىل جازالاش ھەرىكىتىدە ئىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى بۇ خىل قىلمىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن بولغان جازالاش ھەرىكىتىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۇقتۇرۇش كېرەك. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <ئەمگەك ماجىرالىرى دېلوسىغا قاراپ چىقىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلىلەر ئىزاھاتى> (قانۇنى ئىزاھات [2001] نومۇرلۇق) 19-ماددىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن <ئەمگەك قانۇنى>نىڭ 4-ماددىسىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دېموكراتىك تەرتىپتىن ئۆتۈپ تۈزۈلگەن قائىدە-تۈزۈملەر دۆلەتنىڭ قانۇنى، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملار ۋە سىياسىي بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق بولمايدۇ، ھەمدە ئەمگەكچىگە ئېلان قىلغىنىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمگەك ماجىرالىرى دېلوسىغا قاراپ چىقىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا <ئەمگەك توختام قانۇنى>دا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن ئەمگەكچىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان قائىدە-تۈزۈم ۋە چوڭ ئىشلىرىنى قارار قىلغاندا چوقۇم ئېلان قىلىش كېرەك ياكى ئەمگەكچىگە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى ئېلان قىلىش تەرتىپى يۈرگۈزدىمۇ يوق دېگەن مەسىلە بۇ دېلونىڭ تالاش-تارتىش قىلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. شىركەت يەككە تەرەپنىڭ ئىلگىرى شىياۋچىيۇغا ئېنىق بىلدۈرگەندىن كىيىن ماشىنىنى شەخسىي ھەيدىسە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش بەلگىلىمىلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى يوق. شۇڭا شىركەت شىياۋچىيۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشتا ئېنىق كۆرسىتىش تەرتىپى كەمچىل، ئالاقىدار ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشكە خىلاپلىق قىلغان. شۇڭا شىركەت بۇ قېتىمقى دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغان

نادىر مەزمۇنلار
1. روكفېللېر: باشلىنىش نۇقتىسى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى بەلگىلىمەيدۇ
3. ئادەم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ماشىنا تەپەككۇرىدا توختاپ قالماڭ
5. كارخانا مەدەنىيىتىدە چوقۇم مۇھەببەت روھىي بولۇشى كېرەكمۇ؟
6. ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇپ، گەدەنگىچە قەرز بولغاندا......



