大数跨境

2020-يىلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد: يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد (2)

2020-يىلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد: يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد (2) Nepkar
2020-01-31
0
导读:ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى ئىگىلىك تىكلەشتىكى سەرخىل بىلىملەر ماكانى، تېزقوشۇۋېلىڭ!

2020ـ يىلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۈمىد: يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد (2)


3. ئىككى ئاكتىپ ئۆزگىرىش





2019ـ يىلى يەنە ئىككى ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولدى.

بىرى، كارخانىنىڭ قولىدىكى پۇل ئاشماقتا.

غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئامانەت پۇل ئۆزگىرىشى

كارخانا ئامانەت پۇلىنىڭ كۆپىيىشى ياخشى ئىش، بۇ كارخانا قاتلىمىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل پۇلنىڭ قىسقىراش تەخىرسىزلىكىنى ھەزىم قىلىپ، يېڭى پۇل مۇھىتىدا ياشاشقا ئاستا ـ ئاستا ماسلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كارخانىلارنىڭ پۇلى بولۇپلا ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتمىگەننىڭ پايدىسى يوق، خۇش خەۋەر شۇكى، بۇلتۇر 11 ـ، 12ـ ئايدا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئىككى ئاي شەرەپ بىلەن قۇرۇش سىزىقىغا قايتىپ، %50.2 كە يەتتى.

ئەگەر بۇ يىل 1ـ ئايدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالى بولمىغان بولسا، مېنىڭچە كارخانىلارنىڭ ئامانەت پۇل سانلىق مەلۇماتى داۋاملىق ئاشقان بولاتتى، ئەگەر ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتورى كۆرسەتكۈچىمۇ گۈللىنىش ـ قاغجىراش سىزىقىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان بولسا، ئىقتىسادىمىز 1ـ پەسىلدە مۇقىم بولغان بولاتتى!

ھازىر يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن بىرىنچى پەسىلدە ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار داۋاملىق تۆۋەنلىشى مۇمكىن، بىراق مەسىلە چوڭ ئەمەس. ئەگەر ئىككى ئاي ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالى ھەل قىلىنسا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ. (مېنىڭچە باشقۇرۇش قاتلىمىمۇ سىياسەت چىقىرىپ بىرىنچى پەسىلدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۈملىدىن ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، پۇل سىياسىتى جەھەتتە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، ئاكتىپ مالىيە جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

كۆپچىلىككە 2003-يىلىدىكى سارس مەزگىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتەيلى:

2003ـ يىلى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى (ئايلىق) (كېلىش مەنبەسى: جىخۇ) 

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سارس كېسىلىنىڭ پارتلىشى 3ـ ئاي، يۇقىرى پەللە مەزگىلى 5ـ ئاي، شۇڭا، 4 ـ، 5ـ ئايلاردا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۇدا تۆۋەنلەپ، 5ـ ئايدا ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن، لېكىن سارس كېسىلىنى تۈگىتىپلا ئىجتىمائىي ئىستېمال پارتلاش خاراكتېرلىك ئېشىشقا باشلىغان، 7ـ ئايدا يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

مېنىڭچە بۇ يىل ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلارمۇ سارسنىڭ بازار ئەھۋالىنى نۇسخىلىشى مۇمكىن، 2ـ ئايدا ئەڭ تۆۋەن نۇقتا بولىدۇ، 3ـ ئايدا ئەسلىگە كېلىدۇ، 4ـ ئايدا ئەسلىگە كېلىپ ئۆرلەيدۇ، 5ـ ئايدا يېڭى سەۋىيە يارىتىلىدۇ.

2003ـ يىلىدىن 2019ـ يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسى (مەنبە: WIND) 

رەسىمگە ئاساسلانغاندا، بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە كۆزەتكەندە، يۇقۇمنىڭ ئىستېمالغا بولغان تەسىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك زەربىسى ناھايىتى چوڭ بولغان، لېكىن كەلگۈسىدە ئەسلىگە كېلىشىمۇ ناھايىتى تېز بولغان. شۇڭا، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ 1ـ پەسىلدىكى ئىقتىسادقا بولغان زەربىسى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن 2020ـ يىلى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ، يۇقۇم ئەھۋالىدىن كېيىنكى ئىقتىسادقا نىسبەتەن مەن يەنىلا زور ئۈمىد كۈتىمەن.


4. مائۇس بىلەن سېمونت




2020ـ يىلى ماكرولۇق ئىقتىساد مۇقىم بولسا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك بۆلۈنۈش كۈچىيىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ئىبارەت.

شۇڭا، ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى 2020ـ يىلى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسىنى تولۇقلىيالايدۇ دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر بۇ يىل كۈتۈشكە ئەڭ ئەرزىيدىغىنى 5G كەسپى.

بۇ يىل 5G يان تېلېفونىدا تۇنجى يانفون ئالماشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ يانفون ئالماشتۇرۇش دولقۇنى ئاساسلىقى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ۋە ئۆلكە مەركىزىدىكى مەركىزىي شەھەرلەردە پارتلايدۇ.

خۇاۋېي بۇ 5G يان تېلېفون دولقۇنىدىكى ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچى بولۇپ قالىدۇ.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن جۇڭگودا ھەر ئۈچ دانە 5G يان تېلېفون سېتىلسا ئىككىسى خۇاۋېي يان تېلېفونى ئىكەن.

دەرەخ چوڭ بولسا ئاسان شامال سوقىدۇ، خۇاۋېينىڭ بۇ يىلقى ھەق ـ ناھەق ئىشلىرىمۇ ئاز ئەمەس.

بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، 5G يانفونى يىغىلىپ مەلۇم سانغا يەتكەندىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G يانفون ئەپ دېتالى ھەمدە ئويۇن بارلىققا كېلىدۇ.

5G نىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل بۇلۇت بازىرى پارتلايدۇ، كارخانىلاردا بۇلۇت بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا بۇلۇت تەدرىجىي ئېقىمغا ئايلىنىدۇ، شەخسلەر بۇلۇت كەسپىمۇ گۈللىنىدۇ.

بۇلۇت بازىرىنىڭ پارتلىشى قاتتىق دىسكا بازىرىنى بارا ـ بارا قۇرۇتىۋېتىدۇ، خۇددى ئەينى يىللاردىكى رەقەملىك بازارنىڭ دىسكىسى قۇرۇپ كەتكەنگە ئوخشاش.

سانائەت ئالاقە تورى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى بىرلەشتۈرۈش تەڭداشسىز كۈچ ـ قۇدرەت يارىتىدۇ،

كۆپلەپ باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئەڭ ياخشى ئىسپات ـ خۇسۇسىي زاكاز قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش تەدرىجىي ئېقىمغا ئايلىنىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئەنئەنىۋى لىنىيە ئاستىدىكى سېتىش يوللىرى بوشلۇقىنى داۋاملىق تارايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈنئىي ئىدراكمۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا داۋاملىق سىڭىپ كىرىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ تېخىمۇ كەڭ قوللىنىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى كەلگۈسىدە ئالاقە تورى ئىقتىسادىدا بىر قەدەر زور تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

ۋۇخەن شەھىرىدە، تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان 100 مىڭ بىمار ساراسىمىگە چۈشۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت پۈتۈن مەملىكەتتىن دوختۇر يۆتكىدى.

ئەگەر ناھايىتى كەڭ بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش سىستېمىسى بولسا، كەلگۈسىدە ئادەتتىكى بىمارلارغا قارىتا يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ.

بىزنىڭ بىرىنچى سەپتىكى دوختۇرخانىلىرىمىز بۇنداق چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلمەيدۇ، شۇنداقلا بۇنداق كۆپ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ (ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ %58 ى دوختۇرخانىدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىدۇ).

كەلگۈسىدە بىر قەدەر چوڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا يولۇققاندا ئۆز جايىمىزدىكى دوختۇرخانىلار ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىدۇ، باشقا جايدىكى دوختۇرخانىلار يىراقتىن داۋالاش، قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىنى بىۋاستە يولغا قويىدۇ، شۇڭا يۇقۇم ئەھۋالى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، بىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش ئىشلىرىمىز تۇنجى بولۇپ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان ئەمەلىي بۆلەككە ئايلىنىدۇ.

يۇقۇم ئەھۋالى ئوخشاشلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش، سانائەت ئالاقە تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىنى كاتالىزلايدۇ.

چۈنكى يۇقۇم ئەھۋالى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاشنى كېچىكتۈرۈشى، زاۋۇتلارنىڭ ئىش باشلاشنى كېچىكتۈرۈشى ـ بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر توپى توپلىشىپ يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەگەر كەلگۈسىدە زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى سانائەت ئالاقە تورى + ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم مەشغۇلاتى بولسا بۇ مەسىلە مەۋجۇت بولمايدۇ.

ئوخشاشلا، مەكتەپلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇشىمۇ ئوقۇش باشلاشنى كېچىكتۈرۈش سەۋەبلىك ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەزى مەكتەپلەر يەنە بۇ يىراق مۇساپىلىك مائارىپ سىستېمىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلدىكى ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتسا بولىدۇ.

يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن ماس كېلىدىغىنى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى. ئاساسىي قۇرۇلۇش، خىمىيە سانائىتى، پولات ـ تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق قوپال يىرىك كەسىپلەرنىڭ ئىستىقبالى غۇۋا، بىردىنبىر ئۈمىد بىر بەلباغ، بىر يول ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ بازار ئىزدەش.

ئەگەر بىز يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادنى ئاددىي ھالدا مائۇسقا، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنى سېمونتقا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا، بۇ يىلدىن باشلاپ، مەيلى سىز كەسىپ ياكى مەبلەغ سېلىڭ، بىر چوڭ يۆنىلىشتە خاتالاشسىڭىز بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ: مائۇسنى قۇچاقلاپ، سېمونتتىن ۋاز كېچىش!


5. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش




بۇ يىلقى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا شۇكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ.

جۇڭگو كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى، يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىشى كېرەك.

بۇ يىل ئىمزالانغان جۇڭگو ـ ئامېرىكا سودا كېلىشىمىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا ناھايىتى چوڭ بىر باب بار، بۇ كېلىشىم بىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مۇساپىمىزنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كېلىشىم نۇسخىسىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداش سالمىقى ناھايىتى زور، يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا بۇمۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز.

ئەلۋەتتە قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، چوقۇم تولغاق كېلىدۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن بولىدۇ.

بىرىنچى، ئىسپات كۆرسىتىش ئاستىن ـ ئۈستۈن بولۇپ كېتىش.

ئىلگىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى (سودا مەخپىيەتلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا بولغان ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشى قانۇندىكى تەلەپ بويىچە كىم تەشەببۇس قىلسا شۇ دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش، يەنى ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىنغۇچى تەرەپ دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى.

ھازىر تېكىست كېلىشىمىدە دەۋا قىلىنغان ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغۇچى دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغۇچى دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۇ ئىسپات كۆرسىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش شەرتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش جىنايى جاۋابكارلىق شەرتى تۆۋەنلىتىلدى.

بۇ ئوغرىلىقچە نەشر قىلىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنىڭ كەلگۈسىدە جەرىمانە قويۇش بولماستىن، بەلكى تۈرمىدە يېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ!

ئاخىرىدا، كېلىشىم نۇسخىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىنكى 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى.

قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، بىزنىڭ تاغتورا مەھسۇلاتلىرى، ئويۇن ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆچۈرۈش، دورا تەقلىد قىلىپ ياساش قاتارلىق ساھەلىرىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، زەربە بېرىشتىكى ئېغىر ئاپەت رايونىغا ئايلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل بىر تۈركۈم تىپلار تۇتۇلىدىكەن، ھەتتا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش سەۋەبىدىن تۈرمىدە يېتىش دېلولىرى كۆرۈلىدىكەن.

كۆپچىلىك ئادەتتە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا سۆز قىلغاندىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك، كارخانا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى خالىغانچە ئاپتاپقا سالماسلىقى كېرەك، بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا كىرىدۇ، كارخانا ئەگەر ئەستايىدىل ئەرز قىلسا، بۇ قانۇن ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

يەنە تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىغىمۇ قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ.

شۇڭا، 2020ـ يىلىدىن باشلاپ، بەزى ناتوغرا يوللارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك كېرەك، سەمىمىي، پۇختا ئىش قىلىش توغرا يول.

قىسقىسى، 2020ـ يىلى باشلىنىش ئانچە ياخشى بولمايدۇ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان قىسقا مۇددەتلىك زەربىسى بىر قەدەر زور، ئەمما ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى يوقاتساقلا، بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ئىستىقبال يەنىلا كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ.


ئەسكەرتىش:

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئاپتورنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولۇپ، ئىلقۇت ئىلىمكان سالونىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

مەنبە: مۈشۈك ئاكىنىڭ كۆزىتىش دۇنياسى ئۈندىدار سالونى

ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى. 

نادىر مەزمۇنلار

1. ئۇچۇردىن پايدىلانغاندىلا تېز سۈرئەتتە ئالدىدا ماڭغىلى بولىدۇ

2. روكفېللىر: پەقەت ئۆزۈڭگىلا ئىشىنىشىڭ كېرەك

3. دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق كۈچى: 1-چۈمىلىنىڭ پىلنى يەۋېتىشى

4. يۈ مىنخۇڭ: ئەپسۇسلۇق بولسا، تېخىمۇ ئىلگىرىلەش كېرەك

5. بىلمىسىڭىز بولمايدىغان بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوند ساۋاتى

6. كېيىنكى ئون يىلدا ئەڭ چوڭ كەسىپ مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن

7. ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغاندا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇيسىز



【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408