大数跨境

يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرى

يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرى Nepkar
2020-01-31
2
导读:ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى ئىگىلىك تىكلەشتىكى سەرخىل بىلىملەر ماكانى، تېزقوشۇۋېلىڭ!

يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرى


كىرىزىس (危机)، كىرىزىس، خەتەر (危) ھەم پۇرسەت (机) ئىككى خېتىدىن تەركىب تاپقان.

2003-يىلىدىكى SARS يۇقۇمىدىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆتۈرۈلۈش باھارىنى كۈتۈۋالدى.

بۇ قېتىمقى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىقتىساد ۋە كەسىپكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، ئىقتىسادقا زەربە بەرگەندىن باشقا، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ئىقتىساد كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن 2003-يىلىدىكى SARS يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟

جۇڭگو ئىقتىسادىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟


ۋۇخەن يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ ھازىرغىچە ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. بىر مەھەل پۈتكۈل جۇڭگودا يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا قانداق قىلىپ ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا باش تېما ئوتتۇرىغا چىقتى.


ئەسلىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تۇيۇقسىز يولدا، مېترودا، سودا سارايدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا ئادەم ئازلاپ كەتتى. پۈتكۈل جۇڭگو ئىقتىسادىدا بىر ۋاقىتلىق توختاش كۇنۇپكا بېسىلغاندەك قىلىدۇ، بۇنى بىز نۇرغۇن كىشىلەر بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان.

بۇ قېتىمقى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىقتىساد ۋە كەسىپكە بولغان تەسىرىنى بەزى ئىنچىكە سانلىق مەلۇماتلاردىن يۈزەكى ھېس قىلغىلى بولىدۇ:

جۇڭگودىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، ۋانكوۋېرنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدىكى قىسقا مۇددەتلىك ئۆي ئىجارە باھاسى،ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %30 چۈشۈرۈلدى؛


چۈنكى يۇقۇم ئەھۋالىدا يىغىلىش بولمايدۇ، چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى «غالىبىيەتچىنىڭ شان-شەرىپى (王者荣耀)»نىڭ بىر كۈنلۈك پۇل ئېقىمى 2 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشقان؛


تۈرلۈك چاغان پائالىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاچقا، ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن سىن كۆرۈنۈشىنى توردا كۆرگەنلەر 10 مىليوندىن ئاشتى؛

……



مەسلىھەت سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن بىز چاغاندىن ھازىرغىچە ئاساسەن دەم ئېلىپ باقمىدۇق، ھەر كۈنى خېرىدارلار بىلەن تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىساد كەسپىگە بولغان تەسىرى زادى قانچىلىك بولىدۇ؟

بىز 2003-يىلىدىكى سارس يۇقۇمىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى سېلىشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بەزى قىممەتلىك يەكۈنلەرنى چىقاردۇق.


بىرىنچى، بۇ قېتىمقى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە 2003-يىلىدىكى سارسنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟


1. نۇقتىلىق رايونلار ئوخشىمايدۇ

ئەينى چاغدا سارس پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغدا ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون گۇاڭدۇڭ بىلەن بېيجىڭ بولۇپ، بىرى جۇڭگونىڭ ئېكسپورت ئىشلىرىدىكى مۇھىم بازار، يەنە بىرى جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى ئىدى. شۇڭا ئەينى چاغدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرى بۇ قېتىمقى بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ.

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى جۇڭگونىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي بازار، قاتناش تۈگۈنى بولسىمۇ، لېكىن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىقتىسادى مۇھىملىقىنىڭ سالمىقى، ئەينى يىللاردىكى سارس مەزگىلىدىكى بېيجىڭ بىلەن گۇاڭدۇڭنى سېلىشتۇرغاندا، تەسىرى نىسبەتەن چەكلىك.


2. كەسىپ تەسىرى ئوخشىمايدۇ

2003-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تاشقى سودا ئىدى.

لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قوزغىتىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك؛

كەسىپ قۇرۇلمىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ۋۇخەن تېببىي دورىگەرلىك، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، فوتو ئېلېكتىر، ئېلېكتىرون قاتارلىق بىر قانچە كەسىپتە بىر قەدەر ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، قىسقا مۇددەتلىك يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ خام ئەشيا ـ دورا، ئېلېكتىرون قاتارلىق بىر قىسىم يادرولۇق ھالقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ خىل تەسىر باھادىكى داۋالغۇش بولۇپ، تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

ياپونىيەنىڭ ئەينى يىللاردا يەر تەۋرەپ يەر شارى ئېلېكترون كەسپىنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.


3. ۋاقىت دەۋرى ئوخشىمايدۇ

سارس 2002-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ، پۈتكۈل چاغاندىمۇ كونترول قىلىنمىغان، 2003-يىلى 4-ئايدا ئومۇميۈزلۈك پارتلاپ، 6-ئايدا ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىندى، 7-ئايدا ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىم چاغان مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچىدە 30 دىن ئارتۇق ئۆلكە، شەھەر ئادەم ئېقىمىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويدى.

بىز ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، ۋەقە ئومۇميۈزلۈك ئېغىر بولدى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ، بايرامدىن كېيىنكى يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا ناھايىتى زور ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يۇقۇمنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى 2003ـ يىلىدىكى سارستىن قىسقا بولۇشى مۇمكىن.

4. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى ئوخشىمايدۇ

شۇ يىلى سارس دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم كۆلىمى چوڭ بولغان ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى يۇقۇمچان ئەھۋال ئىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم يۇقۇم ئەھۋالى تېز كېڭىيىشنىڭ ئوتتۇرا، دەسلەپكى باسقۇچىدا شەھەرنى قامال قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇلىدۇ؟ بۇ دەل ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق چىقىرىلغان تەدبىر بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە زور ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلدى.


5. ئىقتىسادىي مىقداردىكى ئوخشاش بولماسلىق

2003-يىلى جۇڭگونىڭ 1-پەسىلدىكى GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %11 ئىدى، 2-پەسىلدە %9كە چۈشۈپ، كېيىنكى يىلى 1-پەسىلدە %11كە چۈشكەن ئىدى. سارس يۇقۇمى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن، پۈتۈن بىر يىللىق GDPنىڭ ئومۇمىي مىقدارىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، يەككە پەسىلدە تەخمىنەن %2-بولۇپ، بۇ پۈتۈن بىر يىلدا تەخمىنەن %0.5-كە يەتكەن. 17 يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي GDP سەۋىيەسى 12 تىرىليون يۈەن بولۇپ، تەخمىنەن 500 ـ 100 مىليارد خەلق پۇلى دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

لېكىن 2020-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى سەۋىيەسى 100 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەينى يىلى بىلەن پۈتۈنلەي بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ. 2019-يىلى 1-پەسىلدە ۋۇخەننىڭ GDP ئومۇمىي مىقدارى 330 مىليارد خەلق پۇلى بولۇپ، %50 تۆۋەنلىگەن تەقدىردىمۇ، تەخمىنەن 150 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا تەسىر كۆرسىتىدۇ. پۈتكۈل خۇبېي ئۆلكىسىنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىدار زىيىنىنى ھېسابلىغاندا، 300 مىليارد يۈەندىن 400 مىليارد يۈەنگىچە زىيان بويىچە ھېسابلىغاندا، ھازىرقى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە بولغان تەسىرى چەكلىك بولىدۇ.

يۇقىرىقى ھۆكۈم ئاساسىدا، ئەگەر دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالى يەنىمۇ يامراپ كەتمىسە ۋە كېڭەيمىسە، ئۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ھازىرقى ئاشكارا ئۇچۇرغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا، گۇمانىي كېسەلدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەلگىچە بولغان ساننىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلىغان، بۇ سىزىقلىق كۆرسەتكۈچنىڭ ئاستىلاشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئاز دېگەندە بىرىنچى نۆۋەتلىك تارقىلىش يۇقىرى پەللىسىنىڭ كونترول قىلىش دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئەگەر كەلگۈسىدە قايتىش يۇقىرى دولقۇنىدا زور ئۆزگىرىش بولمىسا:

1. يۇقۇم ئەھۋالىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىياز پەسلىدە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشى بىلەن قاتلىنىش ئەھۋالى بولمايدۇ؛

2. كۈتۈلمىگەندە دەرىجىدىن تاشقىرى تارقاتقۇچى پەيدا بولمىغاندا، ئالدىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا چوڭ تىپتىكى بىردىن كۆپكە يۇقۇملىنىش كۆرۈلمەيدۇ.



ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، ھەتتا يەر شارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېغىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر يەر شارىدىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو نۇقتىلىق يۇقۇم ئەھۋالى رايونى دەپ ئېنىقلىما بېرىلسە، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالدا، بارلىق سودا، تەمىنلەش زەنجىرى، زاكاز، ئىمپورت-ئېكسپورت، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى ھەتتا ئېنېرگىيە باھاسى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەگەر ۋەزىيەت بۇ دەرىجىگە يەتسە، راستتىنلا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

گەرچە بۇ خىل ئېھتىماللىق ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن يەككە گەۋدە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاقالدى، ياكى سالاھىيەت تىزىملىتىش ۋە ماسكا تاقاپ كىرىش تەلەپ قىلىندى.

يۇقىرىدىكى يەكۈننى يىغىنچاقلىساق، ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە، 2-ئاي ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى، 2-پەسىلدە يۇقۇم ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگەتكىلى بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ماكرولۇق نۇقتىدىن قارىغاندا، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ جۇڭگونىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس. ھازىرقى ھالەتتە، دائىرىلىك ئىقتىسادنىڭ گۇمران بولۇشى، ھەتتا ئىقتىسادىي كىرىزىس قاتارلىق ۋەھىمىلىك سۆزلەر بىلەن كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان سەپسەتىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ھودۇقۇپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمىز.

گەرچە ماكرولۇق قاتلامنىڭ تەسىرى ئۇنچە ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن مىكرو قاتلامدىن قارىغاندا، تەسىرى كىچىك ئەمەس، بولۇپمۇ مۇلازىمەت كەسپى، مەسىلەن، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانساراي، ساياھەت، تور سىرتىدىكى ئىستېمال، تور سىرتىدىكى سودا قاتارلىقلار، ھەتتا ئۈنچە-مەرۋايىت، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بەزى 3 ـ، 4ـ سەپتىكى شەھەرلەردىكى يېمەك-ئىچمەك شىركەتلىرىنىڭ يىللىق پايدىسىنىڭ يېرىمىنىڭ چاغانلىق كوللېكتىپ تاماقتىن كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى زەربە بىر قەدەر ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن سودىگەرلەر چاغانلىق ئىستېمال ئالتۇن ھەپتىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 12ـ ئايدا تۈرلۈك ئىستېمال ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قىلغان، لېكىن بۇ يىل چاغاندا زىيان بىر قەدەر ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.

يەنە مەسىلەن، بەزى سودا ئىشلىرىنى سېتىش ھالقىلىرىدا چاغان مەزگىلىدە ماڭغىلى بولمىغاچقا، كېيىنكى كەسىپلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بەزى ئېكسپورت پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، جۇڭگودىن كەلگەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئىككىنچى قېتىم تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، شۇ ئارقىلىق سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئەڭ تىپىك زەربە بولسا بۇ قېتىمقى چاغان مەزگىلىدە كىنوخانىلاردا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بۇ خىل مىكرو قاتلامنىڭ تەسىرى ھەر تەرەپلىمە بولۇپ، ھەر بىر ئادەم ئۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

بىز 2003-يىلىدىكى سارستىن كېيىنكى كەسىپلەرنىڭ تەسىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، يېمەك ـ ئىچمەك، مېھمانساراي، تور سىرتىدىكى ئىستېمال، تور سىرتىدىكى سودا يۇقۇم ئەھۋالى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئاساسىي جەھەتتىن بىر پەسىل ئەتراپىدا ئەسلىگە كېلىدۇ؛ چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش، چوڭ تىپتىكى يىغىن قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ پەسىل ئەتراپىدا ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ھەتتا نۇرغۇن كەسىپلەر كەسىپ ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن، سودا شەكلى جەھەتتىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن، بۇ خىل تەسىر كەسىپنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئەينى يىللاردىكى سارس ئەھۋالىدا، جىڭدۇڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركەتلىرى قەد كۆتۈرگەندەك.

يۇقۇم ئىستېمال ھەرىكىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئارقىدىنلا سودا ئەندىزىسى، كەسىپ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2003ـ يىلىدىكى سارس مەزگىلىدىكى تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تۈرلۈك قوغداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مەخسۇس تۈر تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىدىكى تەسىرگە ئۇچرىغان ھالقىلارغا تولۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ. بىز ئالدىن ھۆكۈم قىلساق، كەلگۈسىدە تەخمىنەن مۇناسىپ سىياسەت ـ تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.


كەلگۈسىدە قايسى كەسىپلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ؟


بىزنىڭچە بۇ ئۈچ چوڭ جەھەتتە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ: زامانىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش، توردىكى ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى ئېلىش.

بىرىنچى تەسىرى: 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار كەسىپلەر توغرىسىدا كەلگۈسىدە چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ.

1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە بىخەتەر، ساغلام تۇرمۇشىنى قانداق ياخشى باشقۇرۇش كېرەك؟ بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان تېما. كەلگۈسىدە، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە، قانداق قىلغاندا 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ بىر قاتار كەسىپ پۇرسىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق بولىدۇ: ئامېرىكا گەرچە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تىرامپنىڭ 200 مىليون نوپۇسنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئويلىشىش مەسىلىسى، جۇڭگودا بۇ پەقەت خېنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن؛ تىرامپ پەقەت 200 مىليون نوپۇسنىڭ سەپەرگە چىقىش مەسىلىسىنى ئويلاشسىلا بولىدۇ، جۇڭگودا بولسا بۇ پەقەت قاتناش مىنىستىرلىقى بىر چاغانلىق دەم ئېلىشتا ھەل قىلىدىغان مەسىلە.

شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە جۇڭگودا يەنىلا غايەت زور كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتى بار.

كەسىپ جەھەتتە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، قاتناش باشقۇرۇش، داۋالاش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك كەسىپ تەمىنلەش زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى، ئۇچۇر مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ؛

كەسىپ زەنجىرى جەھەتتە، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ تېخىمۇ ئەتراپلىق سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك سىستېما سۇپىسى، ھەتتا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئاپەت تەييارلىق مۆلچەرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈرلۈك يېڭىچە پەن-تېخنىكا كۈچلىرى قانداق قىلغاندا 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدىغان زامانىۋى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز قوللىنىلىدۇ.

ھەتتا ئىزچىل مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان داۋالاش يۈرۈشلۈك سىستېمىسى مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىدا، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىلدى، جۇڭگونىڭ چەكلىك داۋالاش بايلىقىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەقسىملىگىلى بولىدۇ، بۇ زور تېما.

بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزچە، نەچچە مىڭ گۇمانلىق بىمار ئىچىدە، يېنىك دەرىجىدىكى بىمارلار كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە ئۆلۈپ كېتىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆيىدە ئۆزىنى ئايرىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە دىققەت قىلسىلا بولىدىكەن. لېكىن ۋەھىمە سەۋەبىدىن، ھەممە ئادەم ئەڭ ياخشى داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغاچقا، بىر قانچە ئاز ساندىكى دوختۇرخانىغا يوپۇرۇلۇپ كەلگەنلىكتىن، بۇ ئىككى مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى:

1. ھەقىقىي ئېغىر كېسەللەر ۋاقتىدا داۋالىتىلمىغان بولۇشى مۇمكىن؛

2. بۇ نەچچە مىڭ ئادەم ئىچىدە، نۇرغۇن يېنىك دەرىجىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ھەتتا گۇمانىي يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش ۋە تەكرار يۇقۇملىنىش مەسىلىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.



دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئىچىدە ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە، بۇ ھەر تۈرلۈك يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە چېتىلىدۇ، جۈملىدىن داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، داۋالاش سانلىق مەلۇماتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ساغلاملىق ئارخىپىنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە بۇلۇت تېرمىناللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر، ھەتتا كەلگۈسىدە يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئالاھىدە ماشىنا ئادەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىسى،ۋاكسىنا، دورا قاتارلىق ساھەلەردە ھەممىسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان كەسىپ پۇرسىتى.


ئىككىنچى تەسىرى: تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدا

بىز چەتئەلنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە يېمەكلىك، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP دىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسىي ئامىلدىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى، تەنتەربىيە چېنىقىشى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسۇلى، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىدۇ.

بىز سۈنئىي گۆشنىڭ كەلگۈسىدىكى جۇڭگودىكى كەسىپ پۇرسىتىگە ئېغىر دەرىجىدە ئىشىنىمىز.


1ـ ئاينىڭ 29ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خۇيلۇڭگۈەن ۋۇمېي تاللا بازىرى شەھەر ئاھالىلىرى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كۆكتاتلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەكتە


ئۈچىنچى تەسىرى: توردىكى ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى ئېلىش، يەنى توردىكى كۆرۈنۈشنىڭ تور سىرتىدىكى كۆرۈنۈشنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى تېزلىتىشى

بۇ قېتىمقى «بىتەلەي ئانا (囧妈)» كىنوسىنىڭ ھەقسىز قويۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە بىر چوڭ ئىش. بۇ كىنو چاغانلىق ئارخىپتىن چېكىنىپ چىقتى ھەمدە تۇۋتىياۋ (字节跳动) بىلەن توختام ئىمزالاپ توردا ھەقسىز تارقىتىلدى، ئۇ پۈتكۈل توردا كۆڭۈل ئېچىشنىڭ تور سىرتىدىكى كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، «بىتەلەي ئانا (囧妈)» تور سىرتىدىكى كىنوخانىلار ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرىدا كىنوخانا لىنىيەسىدە پەقەت ئاساسىي ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجىلا قېلىشى مۇمكىن، كەلگۈسىدە چوڭ تىپتىكى كىنولارنىڭ تۇنجى تارقىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ توردا قانات يايدۇرۇلۇشى مۇمكىن. كەلگۈسىدە 4K ئېنىقلىقى بىلەن 5G دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى لىنىيە ئاستىدىكى كىنوخانا لىنىيەسى بارغانسېرى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

يەنە مەسىلەن، بىز ئىزچىل سىن يىغىنى ساھەسىگە ياخشى قاراپ كەلدۇق. ئىلگىرى جۇڭگودا ئاساسلىقى تېرمىنال ئىشلىتىلەتتى، سېتىۋالغۇچىلار ئاساسلىقى ھۆكۈمەت بىلەن مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلار ئىدى، ئەمما بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سىنلىق يىغىن ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىشى مۇمكىن. يۇقۇم ئەھۋالى مۇھىتىدا، سىنلىق يىغىن يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىدى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى بۇ كەسىپنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن.

يەنە مەسىلەن، توردا ئىش بېجىرىش، كۆپ ئادەم ھەمكارلىشىپ ۋەزىپە باشقۇرۇش قورالى، توردا كەسىپ تەرتىپىنى باشقۇرۇش، تور مائارىپى قاتارلىق ساھەلەر بۇ كەسىپلەر ئەسلىدە تور سىرتىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تورغا يۆتكىلىشىنى يەنىمۇ تېزلىتىشى مۇمكىن. ئەڭ دەسلەپكى پۇرسەت يۇقۇمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بولۇشى مۇمكىن، پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، بۇنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۇسۇلى ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ. خۇددى ئەينى يىللاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودىغا ئوخشاش، دەسلەپتە سارس سەۋەبىدىن مال سېتىۋالغىلى بولمايتتى، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇنىڭ ھەقىقەتەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولايلىق ھەرىكەت ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئاستا ـ ئاستا تىرىليون دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ 20 يىللىق ئالتۇن تەرەققىيات مەزگىلىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدۇق.

توردا ئورنىنى ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر. ئۇزاق مەزگىل نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ھەتتا كەلگۈسىدىكى جۇڭگو كەسىپ ئالاقە تورى مۇساپىسىگە، جۇڭگونىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ تارقىلىشى، ئۆي ـ زېمىن كەسپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىزنىڭچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن، بىزنىڭ كەلگۈسىنى كۈتۈشكە ئاساسىمىز بار!

بۇ قېتىمقى يۇقۇم 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇردى.

ئىشىنىمىزكى، يۇقۇم ئەھۋالى چوقۇم ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىمىز. كەلگۈسىدە بىزنى كۈتىۋاتقىنى جۇڭگونىڭ كېيىنكى ئون يىللىق كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئۆسۈپ يېتىلىشى.

تەڭرى جۇڭخۇانى قوغدايدۇ!

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر ماقالە ئاپتورنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولۇپ، ئىلقۇت ئىلىمكان سالونىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

مەنبە: جېڭخېداۋ ئۈندىدار سالونى

ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى

نادىر مەزمۇنلار

1. ئۇچۇردىن پايدىلانغاندىلا تېز سۈرئەتتە ئالدىدا ماڭغىلى بولىدۇ

2. روكفېللىر: پەقەت ئۆزۈڭگىلا ئىشىنىشىڭ كېرەك

3. دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق كۈچى: 1-چۈمىلىنىڭ پىلنى يەۋېتىشى

4. يۈ مىنخۇڭ: ئەپسۇسلۇق بولسا، تېخىمۇ ئىلگىرىلەش كېرەك

5. بىلمىسىڭىز بولمايدىغان بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوند ساۋاتى

6. كېيىنكى ئون يىلدا ئەڭ چوڭ كەسىپ مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن

7. ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغاندا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇيسىز

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0