大数跨境

تېما: 2-ئەۋلاد ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى چىقتى! تېز كۆرۈڭ

تېما: 2-ئەۋلاد ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى چىقتى! تېز كۆرۈڭ Nepkar
2020-01-20
2
导读:يېڭى خەۋەر




تېما: 2-ئەۋلاد ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى چىقتى! تېز كۆرۈڭ




2-ئەۋلاد ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزى جەمئىيەتتىكى ئامما ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى 2-ئەۋلاد ئۆلچەملىك ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2-ئەۋلاد شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىغا سىز ۋە بىزگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى. 

قېنى قاراپ بېقىڭ، قايسى مەزمۇنلار بار ئىكەن

سۇ، توك پۇلى ئۇچۇرى تېخى كىرگۈزۈلمىدى


ئىلگىرى سۇ، توك پۇلى تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ شەخسىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، بۇنىڭغا قارىتا مەركىزىي بانكا ئىناۋەت گۇۋاھلىقى مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2-ئەۋلاد ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى شەخسلەرنىڭ سۇ، توك پۇلى تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنى تېخى يىغمىدى. 19-چېسلادىن باشلاپ، ئەگەر سىز شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرسىڭىز، دوكلاتتا سۇ، توك ھەققى تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنىڭ ئورنىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن.

بۇنىڭدىن جىددىيلەشمەڭ! بۇ پەقەت ئالدىن قالدۇرۇلغان ئورۇن خالاس. ئەمما بۇمۇ كەلگۈسىدە، توك، سۇ ھەققى تاپشۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

بەش يىللىق قەرز قايتۇرۇش خاتىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ


ئەمەلىيەتتە، 1-ئەۋلاد شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىدىمۇ شەخسلەرنىڭ بەش يىللىق قەرز قايتۇرۇش خاتىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى، بۇنىڭدا پەقەت نامايان قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.

1-ئەۋلاد شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 ئايلىق قەرز قايتۇرۇش خاتىرىسى ۋە يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش خاتىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى؛ 2-ئەۋلاد شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدا، ئوخشاشلا «يېقىنقى 24 ئايدا قەرز قايتۇرۇش خاتىرىسى ۋە يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش خاتىرىسى»نىڭ ئۇچۇرىنى كۆرسەتكەندىن سىرت، يېقىنقى ئىككى يىلدىكى قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش سوممىسىنى كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان. 

بۇ شەخسنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق قەرز قايتۇرۇش ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ، شەخسنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.


«ئورتاق قەرز ئېلىش» ئۇچۇرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ


«ئورتاق قەرز ئېلىش» بىر قەرزنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەرز ئالغۇچى چاتما قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان قەرزنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «ئورتاق قەرز ئېلىش» ئۇچۇرى دەرھال تورغا چىقمايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سانلىق مەلۇماتلارنى 2-ئەۋلاد شەكلىدە يوللىغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورتاق قەرز ئېلىش ئۇچۇرىمۇ ۋاقتىدا يېڭىلىنىدۇ.

مىسال: ئەگەر كېيىنچە ئورتاق قەرز ئېلىش كېلىشىمى بىكار قىلىنسا، 2-ئەۋلاد ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات يوللاش مېخانىزمى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورتاق قەرز ئېلىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ئۇچۇرىنى يوللىشىنى قوللايدۇ؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا يېڭىلاش ئۇچۇرىنى يوللىغاندىن كېيىن، قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىغان قەرز ئالغۇچىنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىدا بۇ قەرز ئۇچۇرى قايتا كۆرۈلمەيدۇ.


يەنە يېڭىدىن قوشۇلغان قانداق مەزمۇنلار بار؟

شەخسىي ئۇچۇردا يەنە شەخسلەر كارخانىلارغا كېپىل بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، دۆلەت تەۋەلىكى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆپەيتىلدى. 

يەنە شەخسلەرنىڭ «ئايلانما قەرز ئېلىشى»، «ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ كۆپ سوممىلىق مەخسۇس تۈرىنى مۇددەتكە بۆلۈش»، «ئىناۋەت كېلىشىمى ئۇچۇرى» قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆپەيدى، لېكىن بۇ بىر قانچە تۈر كېيىنكى قەدەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سانلىق مەلۇماتلارنى 2-ئەۋلاد شەكلىدە يوللىغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. 

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدا نامايان قىلىنغان ئۇچۇرلار تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھەم توغرا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2-ئەۋلاد ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىق سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىمۇ ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىق ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكى يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. 

كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ئىناۋەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، ھەرگىزمۇ ھەددىدىن زىيادە قەرزدار بولۇپ كەتمەي، قەرزنى ۋاقتىدا تولۇق قايتۇرۇپ، ياخشى ئىناۋەت خاتىرىسىنى قوغدىشى كېرەك.

مەنبە: جۇڭگو كارخانچىلار ژۇرنىلى سالونى

ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى


نادىر مەزمۇنلار

1. روكفېللېرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى 1-بۆلەك

2. نۇرجاھان: دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش جاسارىتىمنى مەڭگۈ يوقاتقۇم يوق

3. يوقنى ئەزىزلەپ، بارنى قەدىرلىمەسلىك ئاقىلانىلىك ئەمەس

4. مائارىپ ئادەمنى بەختلىك قىلىدۇ، بەخت ئاڭلىق تەپەككۇرغا باغلىق

5. ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىشنىڭ مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

6. ھاياتلىقنىڭ تەرەققىيات كاپالىتى: ئىقتىساد، ئىگىلىك، سودا…

7. ماسكنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا-سىڭىلنىڭ ھەممىسى تالانت ئىگىسى


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0