大数跨境

بىلمىسىڭىز بولمايدىغان بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوند ساۋاتى

بىلمىسىڭىز بولمايدىغان بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوند ساۋاتى Nepkar
2020-01-19
1
导读:ئىلىمكان سالونى سەرخىل ئىلىملەر ماكانى

بىلمىسىڭىز بولمايدىغان  بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل فوند ساۋاتى(1)

بەش خىل سۇغۇرتا ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق  سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە  يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بىر خىل ڧوند بولسا تۇرالغۇ ئۆي جامائەت ڧوندىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىق بۇ ئۈچ خىل سۇغۇرتىنى كارخانا ۋە شەخىس ئورتاق تاپشۇرىدۇ، قالغان ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئىككى خىل سۇغۇرتىنى پۈتۈنلەي كارخانا تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخىس تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى بەش خىل سۇغۇرتا قانۇندا بەلگىلەنگەن، بىر خىل ڧوند بولسا قانۇندا بەلگىلەنمىگەن.

بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل ڧوندنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى

ھەرقايسى جايلاردا بەش خىل سۇغۇرتا بىر خىل ڧوندنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە  ئىش ھەققىنىڭ ئومومىي سوممىسىنى ئاساس قىلىنىدۇ. بەزى كارخانىلار ئاساسى ئىش ھەققىگە قوشۇمچە پۇل قوشۇش شەكلىدە تاپشۇرىدۇ، يەنە بەزى كارخانىلار بولسا پەقەت ئاساسى مۇئاشنىلا ئاساس قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال قانۇنغا خىلاپ. كونكرېت نىسبەتنى يەرلىكنىڭ ئەمگەك بۆلۈمىدىن سوراش كېرەك، چۈنكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ئوخشىمايدۇ.

ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى

نۆۋەتتە بېيجىڭنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى: ئورگاننىڭ %21 (ھەممىسى بىر تۇتاش پېلانلانغان ڧوندىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىلىدۇ)، شەخىسنىڭ %8 (ھەممىسى شەخسىي ھېساباتقا كىرگۈزىلىدۇ)

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى: ئورگاننىڭ %10، شەخىسنىڭ  %2+10.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى: ئورگاننىڭ %1.5، شەخىسنىڭ %0.2؛

ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى

ئورگان ھەر بىر ئايدا سىز ئۈچۈن %.05 نى تاپشۇرىدۇ، سىز ئۆزىڭىز بىر پۇڭمۇ تۆلىمەيسىز؛ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئورگانغا ئاساسەن بۆلۈنگەن كەسپىي ساھەنىڭ دائىرىسىگە ئاساسەن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش نىسبىتىنى بەلگىلەيدۇ، ئادەتتە %0.5~%2 ئارىسىدا بولىدۇ.

تۇغۇت سۇغۇرتىسى

ئورگان ھەر ئايدا سىز ئۈچۈن %0.8 نى تاپشۇرىدۇ، سىز ئۆزىڭىز بىر پۇڭمۇ تۆلىمەيسىز؛

تۇرالغۇ-ئۆي جامائەت ڧوندى

جامائەت ڧوندى تاپشۇرۇش نىسبىتى: جامائەت ڧوندىنىڭ ھەق ئېلىش نىسبىتى كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىنىدۇ. لېكىن پىرىنسىپ جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى نىسبەت بېيجىڭ شەھرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۇئاشىنىڭ %10 تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ پۈتۈن بېيجىڭ شەھىرى بىر تۇتاش بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇئاشىنىڭ %7 تىنى جامائەت ڧوندىغا تاپشۇرۇشى كېرەك دەپ بەلگىلىدى. خىزمەت ئورنى ۋە شەخىس ئوخشاشلا مۇئاشنىڭ %7 تى.


نادىر مەزمۇنلار

1. ھاياتلىقنىڭ تەرەققىيات كاپالىتى: ئىقتىساد، ئىگىلىك، سودا…

2. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۈزۈلۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

3. رىقابەتلىك كەسىپ چەكلىمىسى دېگەننى چۈشىنەمسىز؟

4. ماسكنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا-سىڭىلنىڭ ھەممىسى تالانت ئىگىسى

5. نېمە ئۈچۈن يانكىتاب؟ يانكىتابنىڭ كىچىك ھېكايىسى

6. ستېۋ جوبس قانۇنىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

7. كاپىتال بازىرىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟


【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 0
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读0
粉丝0
内容0