大数跨境

كارخانىلار بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتۈشى كېرەك؟(1)

كارخانىلار بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتۈشى كېرەك؟(1) Nepkar
2020-02-05
1
导读:ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى ئىگىلىك تىكلەشتىكى سەرخىل بىلىملەر ماكانى، تېزدىن قوشۇۋېلىڭ!

كارخانىلار بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن قانداق ئۆتۈشى كېرەك؟


يېڭى تىپتىكى ۋىرۇس بورىنىدا جۇڭگودا ئىككى مەيدان ئۇرۇش باشلاندى.

بىرى نۇرلۇق چىراغ ئاستىدىكى ئۇرۇش بولۇپ، ھاياتلىققا مۇناسىۋەتلىك. يەنى بىرىنچى سەپتىكى جەڭچىلەر، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ۋە جان كۆيدۈرۈپ بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقانلار. يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش نۇرلۇق چىراغ سىرتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ مەۋجۇتلۇققا مۇناسىۋەتلىك. باش پېرسوناژلار بولسا ئاشۇ مەسئۇلىيەتچان، تەجرىبىلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك سودا ئاتامانلىرىدۇر. 

بۇ ھالقىلىق پەيتتە، جۇڭگودىكى ئۈلگىلىك 20 نەچچە كارخانانىڭ خوجايىنلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقنى يېڭىش يولىنى ئەسلەپ، تەجرىبە، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. 

بۇ سەمىمىي سۆھبەتتە، بىز جۇڭگونىڭ پارچە سېتىش كەسپىدىكى باشلامچىنىڭ «جەمئىيەتتىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن، ھەر قانچە چوڭ مەنپەئەتنىڭمۇ كارايىتى چاغلىق!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.

بىز دۇنياغا يۈزلەنگەن كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ «دەۋرنىڭ تەرەققىياتىدىن ھالقىش ئارقىلىق، دەۋر پۇرسىتىنى قۇچاقلاش كېرەك!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.

بىز خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يېمەكلىك كارخانىچىلىرىدىن «يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات» ۋە «يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت»نىڭ تاماق ئۈستىلىنى قوغدايدىغان قورالى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.

بىز قەد كۆتۈرگىنىگە ئەمدىلا نەچچە يىل بولغان يېڭى ماركا چاقىرىش سىگنالىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.

بۇ بايراقدارلارنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق، بىز قىيىن ئەھۋالنى بۇزۇپ تاشلايدىغان مەخپىي نومۇرنى يەكۈنلەشكە ئورۇندۇق ھەمدە بۇ جەرياندا ئىشەنچكە تولدۇق: ئاياغ ئاستىمىزدا يول بار، ئالدى تەرەپتە نۇر، باشلامچىنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭدۇر.

1.سىرتقا قارىتا چىڭ تۇرۇشنى، ئىچكى جەھەتتە ئىشەنچنى تەكىتلەش

قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، چىڭ تۇرۇش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش.

ھەممىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، بىز ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى سورىغاندا، بارلىق كارخانىچىلار بىر سۆزنىلا تىلغا ئالدى. ئەمەلىيەتتە، 

«چىڭ تۇرۇش» دېگەن بۇ سۆز ھەر قايسى كارخانىچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىكى ئەھمىيىتى ئوخشىمايدۇ.

بۇ يىل چاغاندا، سۇنىڭدىكى 120 مىڭغا يېقىن ئىشچى-خىزمەتچى مۇلازىمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جۇڭگو زېمىنىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشى سۇنىڭنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىندۇڭنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

جاڭ جىندۇڭنىڭ تونۇشىدا، «چىڭ تۇرۇش» كارخانا مەسئۇلىيىتىدە چىڭ تۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. جاڭ جىندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇنىڭ باشتىن-ئاخىرى ئىجتىمائىي كارخانا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جاپالىق مەزگىلدە، بارلىق سىستېما كاپالەت ۋە ياردەم بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ؛ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىمىز. 

جاڭ جىندۇڭ بارلىق خادىملاردىن ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىنى ساقلاپ، تېرمىنال مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ ئايلىنىشىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. چاغان مەزگىلىدە، سۇنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدىكى بارلىق مۇلازىمەت تېرمىناللىرىغا ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ سېلىپ، ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى، جاڭ جىندۇڭ «باھانى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي يول قويماسلىق، يەتكۈزۈش ۋاقىت چېكىنى قاتتىق كونترول قىلىش»نى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

جاڭ جىندۇڭنىڭ قارىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، ئالاقە تورى بىلەن بىرىنچى سەپتىكى پارچە سېتىش تېرمىنالىنىڭ بىرلىشىپ قاپلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى، سۇنىڭنىڭ پارچە سېتىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ كۈچلۈك قوللىشى ئىكەن.

جياڭسۇدىكى بىر باشلامچى كارخانا، مەملىكەت بويىچە سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مامۇق چاپان ماركىسى بوستون گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گاۋ دېكاڭغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ 43 ياشلىق كارخانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ چىڭ تۇرۇشى تەرەققىياتى--باشتىن-ئاخىرى تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق، تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش. 

بوستون دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ كىرىزىس 1994-يىلى يۈز بەرگەن. قىلچە بېشارەتسىز، مامۇق چاپاننىڭ سېتىلىشىدا تىك يارنى بويلاپ چۈشۈپ كېتىش كۆرۈلگەن. شۇ يىلى زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان 230 مىڭ مامۇق چاپاندىن ئاران 80 مىڭى سېتىلىپ، 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال ئامباردا بېسىلىپ قالغان. يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن قەرز سۈيلىشى بىلەن، ياش گاۋ دېكاڭ ھەر كۈنى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ، كېچىچە ئۇخلىيالماي بېشى قېتىپ، كارخانىنىڭ ھايات-ماماتلىق ئەندىشىسىنى ھېس قىلغان. 

مەسىلە قەيەردە؟ گاۋ دېكاڭ دەرھال چاڭشۇدىن شەرقىي شىمالغا بېرىپ بازار تەكشۈرۈپ، جاۋاب ئىزدىگەن-- ئۇ ناھايىتى تېزلا ھالقىلىق نۇقتىنىڭ «مەھسۇلات»تا ئىكەنلىكى، مەھسۇلاتتا رەڭ، رەخت، پاسون، شەكلى، ھۈنەر-سەنئەتتىن ئىبارەت بەش چوڭ مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا پۈتۈن كەسىپتە مۇنداق بىر ئورتاق مەسىلە ساقلانغان: مەھسۇلاتنىڭ ئىتېراتسىيەسى كەمچىل، پاسونى كېلەڭسىز بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىش قىيىن ئىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا داڭلىق ماركا، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى زىيادە ئاستىلاپ كەتكەن.

تەڭرى مەلۇم مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەمنى ھەرگىز قۇرۇق قول قويمايدۇ. گاۋ دېكاڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان توپلىغان ئىشەنچ ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىكى قوللاشقا تايىنىپ، 1995-يىلى يازدا ۋاڭفۇجىڭ تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە مامۇق چاپاننىڭ تەتۈر پەسىللىك سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يەنە قىزىل، ئاق، كۆك رەڭلىك بەش بۇرجەكلىك چاپاننى ئۆزى لايىھەلەيدۇ، ئۇنىڭ مودا ھەم كۆرۈش سېزىمىگە بولغان زەربىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ، ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىدراكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلەش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ۋاڭفۇجىڭ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ ئالدى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، كوچىلاردا بوستوننىڭ سىرتىغا ئېسىلغان خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئىستېمالچىلار ئەڭ ياخشى ئېلانغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىردىنلا بوستوننىڭ داڭقى چىقىپ، 7-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئىككى ئايدا 5 مىليون يۈەنلىك سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شېنياڭ جۇڭشىڭمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئالدىن 3 مىليون يۈەن پۇل تۆلەپ بوستون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كارخانا ئاخىرى تىرىلىدۇ.

«مامۇق چاپان سوغۇقتىن ساقلىنىپلا قالماي، يەنە مودا، گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ.» ئۇ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا چوقۇم ئىستېمالچىلارنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق چۈشىنىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. كارخانىلار دەۋردىن ھالقىغان تەرەققىياتقا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلىنالايدۇ. بۇ خىل ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدە، گاۋ دېكاڭ دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، بارلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، رەڭ، رەخت، پاسون، شەكىل، تىۋىت مىقدارى قاتارلىق جەھەتلەردە دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مامۇق كىيىمنىڭ مودا كىيىمگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەيدۇ.

بۇنىڭ بىلەنۈچىرايلىق قۇتۇپ نۇرى رەختىنى رەڭگى ئۆڭمەيدىغان ئىككىلەمچى نۇر رەختىگە ئۆزگەرتىدۇ، ئىچىدىن تىۋىتى چىقىپ كەتمەيدىغان قىلىش بىلەن بىرگە، تەركىبىدىكى تىۋىت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، پۇرلىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. چىرايلىق رەڭ، يۇمشاق رەخت، يارىشىملىق پاسون، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان نۇسخا، نەپىس ھۈنەر-سەنئەت مامۇق چاپاننىڭ كېلەڭسىز ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، مودا، ئازادە مامۇق كىيىمگە ئايلاندۇرىدۇ. كېيىنكى يىلى يىپيېڭى تۈسكە كىرگەن بوستون مامۇق چاپىنى مەيدانغا چىقىپ، بىراقلا ئالقىشقا ئېرىشىپ، سەككىز ھەسسە سېتىلىش مىقدارى بىلەن مەملىكەت بويىچە سېتىلىش مىقدارى بويىچە چېمپىيون بولىدۇ.

2003-يىلى سارس مەزگىلىدە، پۈتكۈل مامۇق كەسپى ئۇچرىغان غايەت زور زەربىگە قارىتا، بوستون پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، باكتېرىيەلىك ئېكولوگىيە تىزگىنلەش تىۋىتىنى بازارغا سېلىپ، بازارنى يېتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كەسىپ كىرىزىسىنى بېسىقتۇرغان.

2. ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭشەپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەۋپ ئىچىدە پۇرسەتنى كۆرۈش

 ئاتالمىش كىرىزىس، خەتەر ئىچىدە بەزىدە «پۇرسەت»مۇ بار، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ فېنجۇڭ تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ نەنچۈن بىلەن يادى توكسىكلىتىنىڭ باش مۇدىرى دۇڭ جىڭگۇينىڭ ئورتاق تونۇشى.

فېنجوڭ تارقىتىش ۋاسىتىسى دەل SARS يامراپ يۈرگەن 2003-يىلى بارلىققا كەلگەن. ئەينى يىللاردىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىش كەچۈرمىشى جياڭ نەنچۈننىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە: SARS تارماق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ لىفىت تاراتقۇ كەسپىنى ئېچىشىغا توسالغۇ بولغان، ئەمما قىيىن ئەھۋالدا بوشاشماي تىرىشىش پۇرسەت ئېلىپ كەلگەن--فېنجۇڭنىڭ SARS مەزگىلىدىكى كېچە-كېچىلەپ جاپالىق جەڭ قىلىشى، شىركەتنىڭ ئۇدۇلىدىكى يۇمشاق بانكا (软银)نى تەسىرلەندۈرگەن. 

2003-يىلى 5-ئايدا، فېنجۇڭ يۇمشاق بانكىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشىپ، 6-ئايدىن كېيىن، فېنجۇڭ ئۇنىڭ «ئالتۇن بەش يىل»ىنى كۈتۈۋالغان.

بۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايە جياڭسۇ توكسىكلىت ماركىسى يادى پەن-تېخنىكىسىدىمۇ يۈز بەرگەن.

دۇڭ جىڭگۇينىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت توكسىكلىت بارلىققا كېلىشكە باشلىغان مەزگىللەر بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى كىشىلەرگە ئاممىۋى قاتناشنىڭ چەكلىمىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، توكسىكلىت ئالدىن تاللايدىغان قاتناش قورالىغا ئايلىنىپ، بىر مەھەل مەھسۇلات ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان. مانا بۇ يادىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان.

ئەلۋەتتە، «كىرىزىس» تىكى «پۇرسەت» ئاساسسىز كەلمەيدۇ. ئۇ «تونۇش»قا، «ئىزدەش»كە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىشكە، ھەر تەرەپلىمە ئويلىنىشقا موھتاج. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن، 2003-يىلى توكسىكلىت كەسپىنىڭ پۇرسىتى يېتىپ كەلگەندە، نۇرغۇن كارخانىلار يادىغا ئوخشاش قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىشى قوپال، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن، ماركا ۋە مەھسۇلات ئېڭى تۆۋەن، مانا مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن كارخانىلار ياخشى ۋەزىيەتتىن مەھرۇم قالغان. 

بازار ناھايىتى قىزىق بولسىمۇ، ئەمما يادى ناھايىتى سوغۇققان بولغان، ئۇ «پۇرسەت قانچە كۆپ بولسا، مەسىلە شۇنچە كۆپ بولىدۇ.» دېگەن كەسىپنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامىنى ئۇنتۇپ قالماي، سۈپەتنى تۇتۇشنى تاللىغان. يادى ئىستېمالچىلارغا چىن كۆڭلىدىن ياخشى بولسۇن دېگەنلىكى ئۈچۈن يېڭىپ چىقتى. 

3 بوران-چاپقۇن ئىچىدە، «ئىستېمال ھالىتى»نىڭ ئۆزگىرىشىنى چىڭ تۇتۇش

 كارخانىچىلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر مەسىلە شۇكى: يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىستېمال زور دەرىجىدە ئېشىشنى كۈتۈۋالامدۇ-يوق؟

بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى مۇقەررەردۇر. 

نۇرغۇن كارخانىچىلارنىڭ جاۋابى «ئىستېمال شەكلىدە ئۆزگىرىش» بولىدۇ دېگەن سۆزگە قارىتىلغان. ئەمما ئوخشىمىغان كەسىپتىكى ھوقۇق تۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش يۆنىلىشى ئوخشىمايدۇ.

لىيۇ لىيۇمېينىڭ باش مۇدىرى ياڭ فەن مۇنداق دەيدۇ: بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا، تور سىرتىدا ئادەملەر ئازايغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارنى ئۈستىگە ئالغان.

مەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋۇخەندىكى دوختۇرخانىغا قاچىلىق تاماق ئاپىرىپ بېرىدىغان بىر خوجايىننى زىيارەت قىلدىم، خوجايىن ئۇنىڭ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تونۇشتۇرغاندا، ھەممىسىنى جۇڭبەي تاللا بازىرىدىن سېتىۋالغان دېدى. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ تاللا بازىرىدىن سېتىۋېلىش خاتىرجەملىككە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تاللا بازارلىرى خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى، ئادەتتە تاللا بازىرىغا ئانچە بارمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر يەنە قايتىدىن تاللا بازىرىغا باردى. پۇقرالار تاللا بازىرىغا نىسبەتەن يەنە يېڭى قىزىقىشقا، يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى، بىزمۇ بۇ تونۇشلاردىن نەپكە ئېرىشىمىز.

مېنىڭچە، بۇ قېتىممۇ ئوخشاش-ـ ئىشەنچ بولسىلا، مەھسۇلات قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىسە، سېتىش تورى مۇكەممەل بولسىلا، ئىستېمال دولقۇنى قايتىپ كېلىدۇ.

  داۋامى بار…

مەنبە: جېڭخېداۋ ئۈندىدار سالونى

ئىلقۇت ئىلىمكانى سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزمۇندا قىسقارتىش بار، ماقالە مەزمۇنى ئىلقۇت ئىلىمكانىنىڭ كۆزقارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ!



نادىر مەزمۇنلار

1. روكفېللېر: ئىستىقبالى ئۈچۈن رەنىگە قويۇش

2. مەخپىيەتلىك: كۆڭۈلدىكى ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقىرىش سىرى

3. خارۋارد سودا  ئوبزورى: سىز نېمىشقا ئۇتۇق قازانمىدىڭىز؟ 1-بۆلەك

4. ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇپ، گەدەنگىچە قەرز بولغاندا......

5. ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغاندا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇيسىز

6. بىل گايتىسنىڭ جەمەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلەمسىز؟

7. ئۆزىڭىزگە بىر سائەتلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىڭىزنى سېتىپ بېرىڭ

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408