

تارىخى ھەمىشە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئوخشاش بولۇشنى رەت قىلىدۇ. ۋۇخەندە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر تۇنجى بولۇپ سارسنى ئەسكە ئالدى. چۈنكى ئۇلار بەك ئوخشىشىپ كېتەتتى! 17 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىپ، ئالاقە تورى دەۋرى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىپ، نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار تارىخ تەرىپىدىن بالدۇرلا بېكىتىلدى: تور 2Gدىن 5Gغا، خەۋەرلىشىش ئادەتتىكى سۆزلىشىش تېلېفونىدىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ئىلغارلاشتۇرۇلدى، ئۇنىۋېرسال تور بېتىنىڭ ئورنى ئالاقە تورى ماگناتى تەرىپىدىن ئىگىلەندى. 2003-يىلى بارلىققا كەلگەن ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالاقە تورى كارخانىسىدىن ئەلى تاۋباۋ، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى، شېچىڭ، ھەتتا تېڭشۈن، بەيدۇ، خۇاۋېي قاتارلىقلار بۈگۈنكى كۈندە يېڭىچە ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشتا تەڭداشسىز رول ئوينىماقتا.
ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئالاقە تورى كارخانىلىرى بەس-بەستە ھەرىكەتكە كەلدى.
ئالىپاينىڭ مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئەمەلىي كۆرسىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 30-يانۋار سائەت 16:30 غىچە، يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىمار 7826غا، گۇمانىي بىمار 12167گە، جەمئىي قازا قىلغان بىمار 170 نەپەر، جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار 134 نەپەرگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. «ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇنجى قېتىم يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ سانى قىسقىغىنە 30 كۈن ئىچىدە، ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئادەم سانى 2003-يىلى سارس كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلار سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.
يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا قارىتا، يېقىندا ھەرقايسى ئالاقە تورى شىركەتلىرى بەس-بەستە تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قوللاندى. پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇم رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۈچىنىڭ بارىچە نورمال مۇلازىمەت قىلدى.

1-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاڭيى يەنشۈەن 30 مىڭ دانە 3D مۇداپىئە ماسكىسىنى مەخسۇس خۇبېي ئۆلكىسىگە تەمىنلىدى.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى شېچېڭ 100 مىليون يۈەنلىك زور ئاپەت كاپالەت پۇلى تەسىس قىلىپ، پانۇس بايرىمىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە زاكازنى ھەقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشنى يولغا قويدى.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى 300 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.
1-ئاينىڭ 24-كۈنى جىڭدوڭ بىر مىليون تال داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ۋە 60 مىڭ دانە داۋالاش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى.
1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەلى بابا بىر مىليارد يۈەنلىك داۋالاش ماددىي ئەشياسى بىلەن تەمىنلەش مەخسۇس فوندى تەسىس قىلدى.
1-ئاينىڭ 26-كۈنى خۇاۋېي ۋۇخەنگە 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.
1-ئاينىڭ 26-كۈنى بەيدۇ 300 مىليون يۈەنلىك مەخسۇس فوند تەسىس قىلدى.
1-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى خۇبېيغا 50 مىليون يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلدى.
1-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو تېلېگرافى خۇبېيغا 40 مىليون يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلدى.
1-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى خۇبېيغا 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى ......
تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى 300 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، 1-قارارلىق يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش فوندى تەسىس قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىئانە ئاساسلىقى ۋۇخەن قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى يۇقۇم رايونلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش ھەمدە بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىغا ياردەم بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
28-چېسلا، تېڭشۈن جىددىي بىر پىدائىيلارنى ئىچكى قىسىمدا قوبۇل قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، پۈتۈن شىركەتكە قارىتا تۇنجى تۈركۈمدىكى تېخنىكا پىدائىيلىرىنى جىددىي قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش تۈر گۇرۇپپىسىغا يەنىمۇ ياردەم بەردى.
قوبۇل قىلىنغان خادىملار يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تېڭشۈن ساغلاملىقى، تېڭشۈن تېبابىتى قامۇسى، تېڭشۈن مىجۆ قاتارلىق مەھسۇلاتلار مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالار ۋە داۋالاش خىزمەتچىلىرىنى تېخىمۇ ۋاقتىدا، تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ كەسپىي داۋالاش ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى 30 پىدائىي 29-يانۋاردىن باشلاپ، كېيىنكى نەچچە ھەپتىدە بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تۈرىگە ئاتلاندى.

1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەلى بابا بىر مىليارد يۈەنلىك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ، ۋۇخەن ۋە خۇبېيدىكى دوختۇرخانىلارغا نۇقتىلىق يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەلى تاۋباۋ يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تاۋباۋ تيەنماۋ سۇپىسىدا ماسكا ساتىدىغان بارلىق سودىگەرلەر باھانى ئۆستۈرۈپ سېتىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تاۋباۋ جۈخۇاسۈەندىكى باھاسى ئون مىليارد يۈەنلىك تولۇقلىما بېرىلىدىغان ماسكا تاۋارلىرىغا مەخسۇس تولۇقلىما پۇلى بېرىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ باھاسى ئەرزان سۈپەتلىك ماسكا سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، ئەلى بابانىڭ «ساغلاملىق جىددىي دورا يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى» توختاپ قالمايدۇ، ئىستېمالچىلار يانفون تاۋباۋ ئەپ دېتالىدىن داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدىسىلا، ئەلى ساغلاملىقى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ دەپ ئېلان قىلدى.

يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، ئەلى بابا گۇرۇھى قارمىقىدىكى يوۋكۇ، دىڭ دىڭ بىرلىكتە «ئائىلىدە دەرس ئاڭلاش» پىلانىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى، 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يوۋكۇ، دىڭدىڭ APP سىغا چىقىپ ئۆيىدە ھەقسىز دەرس ئوقۇيالايدۇ.
جىڭدۇڭ بولسا 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋۇخەن شەھىرىگە بىر مىليون تال داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ۋە 60 مىڭ دانە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىئانە قىلىپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل بولۇش ۋەزىيىتىنى پەسەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇلار: مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن جىددىي تۈركۈمگە بۆلۈپ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىدىغان بىر مىليون داۋالاش ماسكىسى ھەمدە ۋۇخەندىكى ئامبارغا يېقىن جايدىن ئىئانە قىلىنغان قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ئاموشىلىن، ئوستاۋېي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 مىڭ دورا ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى بەيدۇ شىركىتى ئومۇمىي كۆلىمى 300 مىليون يۈەنلىك يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس فوندى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ پۇل يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس قاتارلىق يېڭى كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىش دورىلىرىنى تاللاش، تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق بىر قاتار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ھەمدە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجتىمائىي ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تارقىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بەيدۇ ھەر قايسى مەھسۇلاتلىرىدا جىددىي يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئىقتىدارلارنى چىقارغان بولۇپ، بەيدۇ APP سى ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش قانىلى، بەيدۇ خەرىتىسى قىزىش ئامبۇلاتورىيە خەرىتىسى ھەمدە ئىسسىقلىق كۈچى خەرىتىسى قەۋىتى ئىقتىدارىنى يولغا قويۇپ، ئابونتلارنىڭ ھەر ۋاقىت نوپۇس ئېقىم مىقدارى زىچلىقىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، سودا چەمبىرىكى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق ئادەم زىچ سورۇنلاردىن ئۆزىنى
قاچۇرۇشىغا ياردەم قىلغان.
26-چېسلا خۇاۋېي مىكرو بىلوگىدا ۋۇخەن شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ ھېساباتىغا 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ 5G تور قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە، خۇاۋېي تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ خىزمىتىگە تىرەك بولماقتا. ئۈچ كۈندىلا خۇبېيدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش كارخانىسىنىڭ خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ 5G تورىنى ئېچىشىنى قوللىدى.

يېڭىچە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، كۆپلىگەن ساياھەت سۇپىلىرى كاپالەت لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئېغىر ئاپەت كاپالەت پۇلىنى 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى.
1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شېچېڭ ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، كوللېكتىپ ساياھەت ئالاھىدە زاكاز قايتۇرۇش سىياسىتى ۋاقتىنچە توختىتىلغان ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى يولغا قويۇلغان زور ئاپەت كاپالەت پۇلىنىڭ سوممىسى 100 مىليون يۈەن (خەلق پۇلى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) دىن 200 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. نۆۋەتتە، ساياھىتى تەسىرگە ئۇچرىغان خېرىدارلارغا بىر-بىرلەپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ، زاكاز قايتۇرۇش تالونىنى بىر تەرەپ قىلىپ، تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن.
17 يىل بۇرۇنقى سارىس كېسىلى يامرىغان ئاشۇ يىللارنى ئەسلىسەك، يۇقىرىقى كارخانىلارنىڭ شۇ چاغدا بىر مەزگىل جاپالىق ياكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن تارىخى بولغان.
سارسنىڭ تاپتىن ئېشىشى بىلەن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاقە تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شۇنىڭدىن باشلانغان.
2003-يىلى جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ ئالاھىدە يىلى بولۇپ، بۇ بىر يىلدا، جۇڭگودا تورغا چىقىدىغان كومپيۇتېر 30 مىليون 890 مىڭغا، تورغا چىقىدىغان ئابونت سانى 79 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن، بىر يىل بۇرۇنقى بۇ سان ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 مىليون 830 مىڭ ۋە 59 مىليون 100 مىڭ ئىدى.
بۇ بىر يىلدا، گەرچە بەزى ئالاقە تورى شىركەتلىرىنىڭ كۈنلىرى يامان ئەمەس بولغان بولسىمۇ، مەسىلەن، ۋاڭيى، شېچىڭ قاتارلىقلار، لېكىن كۆپ ساندىكى كارخانىلار يەنىلا جاپالىق باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى.

2003-يىلى 12-ئايدا، قۇرۇلغىنىغا تۆت يىل بولغان شېچىڭ ئامېرىكىنىڭ ناسداقتا پېيىنى بازارغا سېلىپ، جۇڭگو تور ساياھەت كوپىراتىپى (OTA)نىڭ تۇنجى پېيىغا ئايلانغان. IPO نىڭ شۇ كۈنى پاي باھاسى 18 ئامېرىكا دوللىرىلىق تارقىتىش باھاسىدىن 37.35 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلەپ، شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %88.56 كە يېتىپ، ناسداقنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى بازار ئېچىلغاندىن بۇيان شۇ كۈندىكى ئۆسۈش نىسبىتىدە ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان.
شېچېڭدىكى تۆت كىشى تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان كارخانا بەرپا قىلىش رىۋايىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دىڭ لېيغا قارىغاندا، بۇنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق.
2003-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋاڭيىنىڭ پاي باھاسى 70.27 ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىخىي يۇقىرى نۇقتىغا چىقىپ، يىل بېشىدىكىدىن %617 ئۆرلىگەن. دىڭ لېينىڭ قەغەز يۈزىدىكى بايلىقى 5 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئالاقە تورىغا تايىنىپ، «ئۈچ تاش» بىرلا ۋاقىتتا فوربېس ۋە خۇرۈن ئىككى چوڭ باي تىزىملىكىدىكى «بىرىنچى باي» غا ئايلانغان، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇ ناھايىتى گاڭگىراپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇ يىلى نۇرغۇن كارخانىلار گاڭگىراپ قالغان، لېكىن ھەددىدىن زىيادە سەگەكلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە. ئەينى ۋاقىتتا موتورولاغا سېتىلماي قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان خۇاۋېي دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.
دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېن جېڭفېينىڭ كېيىن ئېيتىشىچە، ئۇ چاغدا خۇاۋېي دۇچ كېلىدىغان دۈشمەننى كۆرۈپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارخانىنى سېتىۋەتمەكچى بولغان.

موتورولامۇ 7 مىليارد 500 مىليون دوللار بىلەن سېتىۋېلىشقا قوشۇلۇپ، مۇددىئانامىلەرنى ئىمزالغان. بۇ سودا ئاخىرىدا سېتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ كادىرلار ئىشلىرىدا ئۆزگىرىش بولغاچقا، پۈتۈشەلمىگەن.
بۈگۈنكى كۈندە بىز بەلكىم بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشىمىز مۇمكىن.
يېقىندا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خۇبېي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، خۇبېي بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ سەيدىيەن خوشېنشەن 5G ئاساسىي پونكىتىنى ئاچقانلىقىغا قارىتا، خۇاۋېي يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئۇلارنىڭ 23-چېسلا چاغانلىق يۇقۇم ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈر گۇرۇپپىسىنى جىددىي قۇرۇپ، تەخمىنەن 150 ئادەملىك كاپالەت گۇرۇپپىسى تاماملىغان ئىش ئىكەن.
ۋۇخەن شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشلاپ، 5G ئاساسىي پونكىتىنى تەڭشەپ ئېچىشقىچە، خۇاۋېي پەقەت ئۈچ كۈن ئىچىدىلا تور پىلانى، تەكشۈرۈش، لايىھەلەش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئوپتىك تالا ياتقۇزۇش، ئاساسىي پونكىت قۇرۇش، تەڭشەپ ئۆلچەش قاتارلىق بىر يۈرۈش قۇرۇلۇشنى تاماملاپ بولغان.
ئارقىدىن، ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش كارخانىسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەيدىيەن خوشېنشەندە ئوپتىك تالا ياتقۇزۇش، ئاساسىي پونكىتنىڭ ئانتېناسىنى ئورنىتىش، ئاساسىي ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىغان، چۈشتىن كېيىن ئاساسىي پونكىتنى ئېچىش ۋە تەڭشەپ سىناشنى تاماملىغان، كەچتە كەسپىي سىناق ۋە تورنى ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، نۆۋەتتە خۇبېي كۆچمە خەۋەرلىشىشى، خۇبېي بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ۋە خۇبېي تېلېگرافىنىڭ 5G ئاساسىي پونكىتى تەڭشىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

سەيدىيەن خوشېنشەنگە 5G ئاساسىي پونكىتىنى ئېچىشقا ياردەم بەرگەندىن باشقا، خۇاۋېي ۋە خۇبېي كۆچمە خەۋەرلىشىشى بىرلىكتە ئەسلىدىكى 4G تورىنىڭ سىغىمىنى 3 ھەسسىدىن ئارتۇق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن خۇاۋېي شىركىتى 26-يانۋار يەنە ۋۇخەن شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ ھېساباتىغا 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خۇاۋېي بىلەن قول تۇتۇشقان ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش كارخانىسىمۇ يېقىندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئارقىلىق، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 50 مىليون يۈەن، جۇڭگو تېلېگرافى 40 مىليون يۈەن، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 30 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2003-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن، دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەرلىشىش سودىگەرلىرى يەنىلا يەتتە كاتىباش (جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو تور ئالاقىسى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جىتۇڭ، تۆمۈر يول ئالاقىسى ۋە جۇڭگو سەھىيە ئالاقىسى) ئىدى، 6-ئايدا جىتۇڭ جۇڭگو تورىغا قوشۇۋېتىلىپ، يەنە ئالتىسى قالغان.
شۇ يىلى بەيدۇ شىركىتى مەملىكەت بويىچە باھا رىقابىتى رەت تەرتىپى بويىچە ھەق تۆلەپ ئىزدەش مۇلازىمىتى بازىرىنى كېڭەيتكەن، باھا رىقابىتى رەت تەرتىپى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، بەيدۇنىڭ كىرىمى بۇنىڭ بىلەن زور دەرىجىدە ئاشقان. 2003-يىلى توردا سېتىش بەيدۇ شىركىتىگە 31 مىليون 775 مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمنىڭ %78نى ئىگىلىگەن.

يېقىندا بەيدۇ دۆلەت يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، «يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش قوللانمىسى»نى يولغا قويدى، ئامما توردا دەل ۋاقتىدا يېڭىلانغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغىدىن مۇداپىئەلىنىش، داۋالاش نوپۇزلۇق يېتەكچىلىكىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئاخىرى كىشىلەرگە بەيدۇنىڭ كېسەلگە يۈزلەنگەن ھالىتىنى كۆرسەتتى.
BAT دېگەن سۆزنىڭ پەيدا بولۇشى، 2003-يىلى بىر باشلىنىش نۇقتىسى.
شۇ يىلى، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ئەلى بابا خادىمى سارس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەمدە خاڭجۇدىكى تۆتىنچى گۇمانلىق بىمار بولۇپ قالغان. ئۇلار ئىش بېجىرىۋاتقان خۇاشىڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا باشقا شىركەتلەر ئەلى بابانى «ئورتاق دۈشمەن» دەپ قارىغان. پۈتكۈل خاڭجۇدا ئەلى بابا ئۇر ئۇرغا قالغان كوچىدىن ئۆتكەن چاشقانغا ئايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي، خۇاشىڭ پەن-تېخنىكا سارىيى قامال قىلىنغانلىقىنى، ئەلى بابا خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
2003-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بارلىق ئەلىلىقلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ خىزمەت قىلدى.
لېكىن تەقدىر ئەلىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. سارس مەزگىلىدە، نورمال سودا ئالاقىسى ۋە كۆرگەزمە سودىسى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، نۇرغۇن كارخانىلار ئالاقە تورىغا تايىنىپ ئالاقىنى ساقلىدى ۋە سودا پۇرسىتى ئىزدىدى، ئەلى بابانىڭ ئېقىم مىقدارى شۇنىڭ بىلەن زور دەرىجىدە ئاشتى.
كېيىن بۇنى ئىستاستىكا قىلغاندا، ئەلى بابانىڭ ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەزاسى 3500گە يېتىپ، كۈندىلىك تەمىنلەش-تەلەپ ئۇچۇر مىقدارى بەش ھەسسە ئېشىپ، ھەر كۈنى 10 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان.

تېخىمۇ مۇھىمى، 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، 26 كۈن مەخپىي پىلانلىغان تاۋباۋ تورى ئاخىرى دۇنياغا كەلدى. تاۋباۋغا ماسلىشىپ، ئابونتلارنىڭ پۇل تۆلەش خەۋپ-خەتەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2003-يىلى 10-ئايدا، چىقىمدان مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان. بەزىلەر سارسنىڭ ھەيۋىسى تاۋباۋ تورىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى دېسە، يەنە بەزىلەر تاۋباۋ تورى ما يۈننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كېلىۋاتقان ئىنتېرنېت ئىنقىلابى دېيىشتى. لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 2003-يىلىنى جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئويغىنىشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېيىشكە بولىدۇ.
يەنى شۇ يىلى، ليۇ چياڭدۇڭ بىر مەھەل ئۆزىنى ئۆلىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلىغانىدى. 2003-يىلى ئەتىيازدا، بېيجىڭدا تۇنجى سارس كېسىلى دوكلات قىلىنغاندىن باشلاپ، ئادەملەر ئېقىمى ئەۋج ئالغان جۇڭگۈەنسۈن ئېلېكتىرون بازىرى بىردىنلا چۆلدەرەپ قالىدۇ.
جۇڭگۈەنسۈندە ئوپتىكىلىق دىسكا ساتىدىغان ليۇ چياڭدۇڭ تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋالىدىغان ئادەم قالمىغانلىقىنى بايقايدۇ. خېرىدارلارلا ئەمەس، ساتقۇچىلارمۇ كېسەل يۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قېچىپ كەتكەن، بەزى خىزمەتچىلەر بېيجىڭدىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغان.
ليۇ چياڭدۇڭ ئامالسىزلىقتىن 12 پۇكەينىڭ ھەممىسىنى تاقاپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشخانىغا يىغىپ ئامال ئىزدەيدۇ. بەزى خىزمەتچىلەر ئۇنىڭغا: بىز نېمىشقا ئىنتېرنېت تورى ئىشلەتمەيمىز، مەسىلەن توردا ئېلان قىلساق بولمامدۇ؟ دەپ تەكلىپ بەرگەندە، ليۇ چياڭدۇڭنىڭ باشقا ئامالىمۇ قالمىغان ئىدى. ئاخىرىدا خىزمەتچىلەرنى ھەر قايسى چوڭ ئۇنىۋېرسال تور بېكەتلىرى ۋە مۇنبەرلەرگە ئېلان يوللاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئاندىن QQ ئارقىلىق قىزىقىدىغان خېرىدارلارغا مەھسۇلات ساتقان.
ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، شۇ كۈنىلا ئۇلار يەتتە زاكازنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 36 خېرىدارغا ئېرىشكەن.

مۇشۇنداق نەتىجىلەرنىڭ ئىلھامى بىلەن، ليۇ چياڭدۇڭ ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە ياش خىزمەتچىسى كېچە-كۈندۈز مۇنبەر ۋە QQ غا بېرىلىپ، سەھەردە يەنە ئۇچۇر يوللاپ، ئەتىگەندىلا تەرەپ-تەرەپكە مال تارقاتقان. ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئىپتىدائىي ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى بولۇپ، خىزمەتچىلەر قەغەز ئىشلىتىپ، پۇل پېرېۋوت قىلىپ بولغان خېرىدارلارنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك ئىدى؛ مەھسۇلاتنى ئەۋەتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ خېرىدارلارغا تېز يوللانما نومۇرىنى ئۇقتۇراتتى، ئەگەر خېرىدارلار جۇڭگۈەنسۈندىن يىراق بولمىسا، خىزمەتچىلەر ئۆزى كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ بېرىپ مال يەتكۈزەتتى.
دەل مۇشۇ يەرلىك ئەندىزە شىركەتنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاستا ـ ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سارس پەيدا قىلغان ئامبار قالدۇقىنى تازىلىغان. سودىسى كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان ليۇ چياڭدۇڭ بۇنى تور سىرتىدىكى دۇكانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىستىقبالى بار تىجارەت ئەندىزىسى دەپ ھېس قىلىشقا باشلىغان.
2004ـ يىلى 1ـ ئايدا، جىڭدۇڭ مىدىئا تورى ئېلېكتىرونلۇق سودا، يەنى B2C تور بېكىتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ليۇ چياڭدۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى: جىڭدۇڭ ئەندىزىسى سارسنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن دېيىشتى، ئەينى يىلى ئۇنىڭغا ئالاقە تورى سودىسى قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن خىزمەتچىمۇ مىلياردېر بولغان ئىدى.

17 يىلدىن كېيىن، مەيلى ئەلى تاۋباۋ ياكى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى بولسۇن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، ئۇنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى بار بولدى.
BAT ئۈچ ماگناتى ئىچىدىكى غاز زاۋۇتىمۇ 2003-يىلى ئۆزىنىڭ جاھانكەزدىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. كىشىلەر ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا، ئۆيىدە تۇرۇپ ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلار، مەسىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئويۇن، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئازدۇر-كۆپتۇر بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
2003-يىلى 9-ئايدا QQنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئابونتى 200 مىليونغا يەتتى.
تېڭشۈننىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى قىلچە تاسادىپىيلىق ئەمەس. شۇ يىلى تېڭشۈن ئىككى چوڭ ئىشنى قىلدى: QQ شىيۇۋ ۋە Q تەڭگىسى ئارقىلىق تېڭشۈن ئالاقە تورى قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بۇ نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى؛ QQ ئويۇن سۇپىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۇنجى قېتىم ئويۇن ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، تېڭشۈننىڭ ئويۇن ئىمپېرىيەسى قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى. ئەمما بۇ تېڭشۈننىڭ كېيىنكى كۈنلەردە كۆپ قېتىم باش ئاغرىقى بولۇپ قالىدىغان مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى.
ئالاقە تورى قانداق قىلىپ يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغىغا قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى.

17 يىل ئۆتۈپ كەتتى، BAT ئۈچ ماگناتى ۋە جىڭدۇڭ داۋالاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بارلىققا كەلدى، مانا بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغىغا قايتۇرما زەربە بېرىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك كۈچ چىقاردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ داۋالاش ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە قارىتا، ئىنتېرنېت ماگناتلىرى بەس-بەستە نەزىرىنى AI داۋالاش ساھەسىگە ئاغدۇردى. ئۈچ ماگنات ئىچىدە، بەيدۇ سانلىق مەلۇماتقا، ئەلى سۇپا بەرپا قىلىشقا، تېڭشۈن ئۇلاشقا كۈچ چىقاردى.
بەيدۇ 2010-يىلى تۇنجى قېتىم داۋالاش ساھەسىگە قەدەم قويدى. 2013-يىلى 6-ئايدا، بەيدۇ نۇرغۇن داۋالاش ساغلاملىق تور بېكەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بەيدۇ داۋالاشتىن بۇرۇنقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دىئاگنوز قويۇش سۇپىسىنى يولغا قويدى، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، بەيدۇ دوختۇر APPسى چىقىپ، بەيدۇ كۆچمە داۋالاش O2Oغا ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش قىلدى. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى داۋالاش تورىغا مەبلەغ سېلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى توردا ۋە تور سىرتىدا كېڭەيتتى. 2015-يىلى 4-ئايدا دورىغا قارىتىلغان O2O مەھسۇلاتى «دورا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش»نى ئېلان قىلدى. 2016-يىلى 10-ئايدا «بەيدۇ داۋالاش چوڭ مېڭىسى» ئېلان قىلىندى.

«بەيدۇ داۋالاش چوڭ مېڭىسى» ۋە بەيدۇ ئېچىۋېتىلگەن بۇلۇتىنىڭ ياردىمىدە، بەيدۇ داۋالاش بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەنئەنىۋى داۋالاش كەسپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مول سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق توغرا ئابونتلار ساغلاملىقى رەسىمى بەرپا قىلىنىپ، تېخىمۇ توغرا داۋالاش ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقە تورى داۋالاش سۇپىسىنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. بەيدۇنىڭ نۇقتىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئوخشىمايدىغىنى، ئەلى AI داۋالاش ساغلاملىق ساھەسىدە سۇپا قۇرۇشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەردى.
2011-يىلى 6-ئايدا ئەلى بابا تۇنجى قېتىم داۋالاش، ساغلاملىق ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى. تيەنماۋ تورىدا دورا دۇكىنى ئاچقان بولسىمۇ، توردا دورا سېتىش سالاھىيىتى بولمىغاچقا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
2014-يىلى 1-ئايدا، ئەلى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بۇلۇت چوققىسى فوندى بىلەن بىرلىشىپ، جۇڭشىن 21-ئەسىرگە قارىتا ئومۇمىي سوممىسى 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالدى، ئارقىدىن جۇڭشىن 21-ئەسىرى نامىنى ئەلى ساغلاملىقىغا ئۆزگەرتتى.

بۇنىڭ بىلەن ئەلى داۋالاش، ساغلاملىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىپ، داۋالاش، ساغلاملىق سۇپىسى قۇرۇشقا باشلىدى. جۈملىدىن، سېتىش سۇپىسى--تيەنماۋ دورىگەرلىك سارىيى؛ سۈپەت سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى--كود جەھەتتە خاتىرجەم بولۇش؛ ساغلاملىق باشقۇرۇش سۇپىسى--ئەقلىي ئىقتىدارلىق غەمخورلۇق قىلىش پىلانى.
ئەلىنىڭ ساغلاملىقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى + ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل ياكى ساغلاملىق باشقۇرۇش پىلانى پۈتۈن يۈرۈشلۈك ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنى ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى خاتىرىلەش قورالى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئارقا سۇپىدىكى داۋالاش، ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ۋاقتىدا يېتەكلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
2019-يىلى 3-ئايدا ئەلى ساغلاملىقى، ئالىپاي ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان كەلگۈسىدىكى دوختۇرخانا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

«كەلگۈسى دوختۇرخانا» ئەلىنىڭ ساغلاملىق يادرولۇق تېخنىكىسى ئاساسىدا قۇرۇلۇپ، ھەقىقىي ئادەم ھەقىقىي ئىسمى بىلەن يادرو ئېتىراپنامىسى، پۇل مۇئامىلە چىقىم قىلىش سىستېمىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كۆچمە چىقىم قىلىش ئىقتىدارى، سودا سۇپىسى، ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كەلگۈسىدىكى دوختۇرخانا» يەنە كېسەل كۆرسىتىش ياردەمچىسى، رايون بۆلىكى زەنجىر تېخنىكىسى، پۈتۈن مۇساپىدە چىراي تونۇش، سىن ئارقىلىق كېسەل كۆرۈش، توردا رېتسېپ يېزىشنىڭ پۈتۈن جەريانى قاتارلىقلارنى قوللاندى.
بۇلتۇر ئەلى كەلگۈسى دوختۇرخانىسى تورغا چىقىرىلىشى بىلەنلا، تېڭشۈن ئارقىدىنلا فىلىپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق جىنسىي يول ئەينىكى AI قوشۇمچە دىياگنوز قويۇش سىستېمىسىنى ئورتاق تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بەيدۇ بىلەن ئەلى باباغا نىسبەتەن تېڭشۈننىڭ داۋالاش، ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېيىنرەك باشلاندى.
تېڭشۈن ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپ دېتالىغا ئىگە بولۇپ، AI داۋالاش ساھەسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىمۇ ئۇلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
2014-يىلى تېڭشۈن تۇنجى قېتىم داۋالاش، ساغلاملىق ساھەسىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يۇمشاق، قاتتىق دېتال، كۆچمە خەۋەرلىشىش ھەمدە PCنى قاپلىدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مىكرو تېبابەت، دىڭ شياڭيۈەن، جو جيەن ۋە داۋالاش بىرلەشمىسى قاتارلىق ئالاقە تورى داۋالاش كارخانىلىرىغا مەبلەغ سالدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر جەھەتتە، تېڭشۈن بولسا تاڭ دوختۇرى ـ- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، پۇررىي -- ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېچىش سودىگىرىنى تۇتاشتۇرۇشقا مەبلەغ سالدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىيەنكاڭ يۈەنگە پاي قوشۇپ، «سۆيۈملۈك دوختۇر»نى ئېچىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا O2O ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئارقىدىن، تېڭشۈن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش ساھەسىگە يۈرۈش قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق داۋالاش شىركىتىنىڭ تەن ماددىسى پەن-تېخنىكىسىغا مەبلەغ سالدى ھەمدە «تېڭشۈن كارتون شۈنيىڭ (腾讯觅影)»نى بازارغا سالدى.
تېڭشۈننىڭ داۋالاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى ئۆزى قۇرۇش، ھەمكارلىشىش، مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق بىمارلار، دوختۇرلار، دوختۇرخانىلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ داۋالاش تېمىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن داۋالاش زەنجىرى ۋە داۋالىنىش تەرتىپى (دىئاگنوز قويۇشتىن بۇرۇن، داۋالاش، دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش)نى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

2019-يىلى 5-ئايدا، جىڭدۇڭ 2019-يىلى 1ـ پەسىللىك مالىيە گېزىتىدە جىڭدۇڭ ساغلاملىق تارماق گۇرۇھى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان؛ ئىككى ئايدىن كېيىن، «جىڭدۇڭ ئۈچىنچى گىگانت» دېگەن نام بىلەن «جىڭدۇڭ ساغلاملىقى» ھەقىقىي ئوتتۇرىغا چىققان.
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، جىڭدۇڭ ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى سۇچيەن شۆبە دوختۇرخانىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بەزى ئوبزورلاردا دېيىلىشىچە، «ئالاقە تورى + داۋالاش»تىن ئىبارەت بۇ ئىشتا، جىڭدۇڭ بىردەمدىلا BATنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، جىڭدۇڭ تەيجۇ، فۇجۇ قاتارلىق نۇرغۇن جايلار بىلەن «ساغلام شەھەر» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
بۇ يىل تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر مەيدان يۇقۇم كېسىلى چاغان ئالدىدىكى خۇشاللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، كىشىلەر چاغان مەزگىلىدىكى سېتىۋېلىش ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش پائالىيىتىنى بەس-بەستە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۇخلاش جەمئىيەتكە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
2003-يىلىدىكى سارس مەزگىلىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۈگۈنكى كۈندە بىز 2G دەۋرىدىن 5G دەۋرىگە قەدەم قويدۇق، ADSL تورغا چىقىشتىن 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغقا قەدەم قويدۇق. ئالاقە تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى كەسىپلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىش، كۆچمە ئالاقە تورى قاتارلىقلارنىڭ پىشىپ يېتىلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولدى. 5G، AI (سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار)، IoT (ئەشىيا تورى)، Cloud (بۇلۇت ھېسابلاش)، Dmaster (چوڭ سانلىق مەلۇمات) قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ۋە قوللىنىشنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو تېلېگرافى سىچۈەن شىركىتىنىڭ 5G قوش مىڭ مېگالىق تورى ئاساسىدا، سىچۈەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى سىچۈەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسى بىلەن چېڭدۇ شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە كلىنىكىلىق داۋالاش مەركىزى تەشكىللەپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى جىددىي، ئېغىر بىمارلىرىغا يىراق مۇساپىلىك دىئاگنوز قويۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. پۈتۈن ئۆلكىدىكى 27 بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، دىئاگنوز قويۇش سىستېمىسى ئارقىلىق توردا كۆرۈپ ئۆگەندى. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق 5G بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىغا يىراق مۇساپىلىك دىئاگنوز قويۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، جۇڭگو تېلېگرافى ۋۇخەن شۆبە شىركىتى يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى--ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنى جۇڭگو تېلېگرافى تيەنيى بۇلۇتىغا يۆتكەپ، يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئۇچۇرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. جۇڭگو تېلېگرافى تېز سۈرئەتتە خوشېنشەن دوختۇرخانىسىغا بۇلۇت بايلىقىنى تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، HIS، PACS قاتارلىق يادرولۇق سىستېمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ھېسابلاش ۋە ساقلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئىچكى تور رايونى، ئالاقە تورى رايونى ۋە ئاسراش رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى پۇختا ئىشلەيدۇ.
28ـ يانۋار خەۋىرى، ئەلىدامو ئىنستىتۇتى (阿里达摩院) ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ چىققان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ماشىنا ئادىمى جېجياڭ، خېيلۇڭجياڭ، شەندۇڭ، جىنەن قاتارلىق جايلاردا ھەقسىز ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. جېجياڭنى مىسالغا ئالساق، بۇ ئۆلكىنىڭ جېجياڭدا بېجىرىش APP سى 27-چېسلا يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس سۇپىسى--جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يېڭىچە ئۆپكە ياللۇغى جامائەت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى تورغا چىقاردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ سۇپىدا مۇلازىمەت قىلىدىغىنى دەل ئەلىدامو ئىنستىتۇتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ماشىنا ئادىمى ئىكەن.

نۇرغۇن كارخانىنىڭ ھەرىكىتى بىزگە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۆرسەتتى. بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىدىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي سۇبيېكتنىڭ ھەقىقىي پىشىپ يېتىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
2003-يىلىدىكى سارس كېسىلىدە، جۇڭگودا تاۋباۋ، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەن.
2020-يىلى بۇ يېڭى تىپتىكى ئۆپكە ياللۇغى جۇڭگونىڭ توردا داۋالاش، تور مائارىپى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلارنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ قاتتىق يادرو كارخانىلىرى بارلىققا كېلەمدۇ ـ يوق؟ بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.
تارىخ ئەينى يىللاردىكى سارسقا ئوخشاش 2020-يىلى جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالغۇسى!
مەنبە: توۋتىياۋ تورى
ئىلقۇت ئىلىمكانى سالونى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى. ماقالە مەزمۇنى ئىلقۇت ئىلىمكانىنىڭ كۆزقارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ!

نادىر مەزمۇنلار
3. ئۆزىڭىزگە بىر سائەتلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىڭىزنى سېتىپ بېرىڭ
5. كارخانىچىنىڭ بۇرچى پۇل تېپىش، ئەگەر پۇل تاپمىسا ئۇ بىر جىنايەت



