大数跨境

ئىشەنچ--مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مەيدانغان كىرىش بېلىتى

ئىشەنچ--مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مەيدانغان كىرىش بېلىتى Nepkar
2020-02-06
1
导读:ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى ئىگىلىك تىكلەشتىكى سەرخىل بىلىملەر ماكانى،تېزدىن قوشۇۋېلىڭ!

ئىشەنچ--مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مەيدانغان كىرىش بېلىتى

ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ ئىلگىرىكى سانىغا بېرىلگەن بىر ئوبزورىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار : «21-ئەسىردە، سېنىڭ تەقدىرىڭنى ئۆزگەرتىدىغىنى دەل ئۆزۈڭ. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كېلىپ ساڭا ياردەم بېرىشىنى كۈتمە. ھازىردىن باشلاپ ئۆگىنىش، ئۆزگەرتىش، ئىگىلىك تىكلەشلا سېنى  يېڭى ئەسىرگە تۇتاشتۇرىدىغان بىردىنبىر يول»، ئىگىلىك تىكلەش-پۇرسەتنى بايقاش ۋە تۇتۇش، ھەمدە  يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىجاد قىلىپ چىقىپ، مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جەرياندۇر. ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ساپاسى ئىنتايىن زور باغلىنىشقا ئىگە.

«سىز ئىگىلىك تىكلىدىڭىزمۇ؟»-بۇ بىر جۈملە سۆز ئىلگىرى ئامېرىكا كىرىمني جىلغىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۆرۈشكەندە ئېيتىدىغان سالام سۆزى ئىدى. ھازىر بولسا ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادەت سۆزىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئىگىلىك تىكلەش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە مەغلۇبىيەتتىن، ئازاب-ئوقۇبەتتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. گايتىس 17 يىل جاپالىق تاۋلانغاندىن كېيىن ئاخىرى بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، ئون نەچچە يىل ئىچىدە، بۇ  مىلياردېر ھەر يىلى پەقەت بىرقانچە كۈنلا ئارام ئالغاندىن سىرت، باشقا بارلىق ۋاقتىنى دولقۇنلاپ تۇرۇۋاتقان سودا دېڭىزىدا جان تىكىپ ئېلىشىشقا سەرپ قىلىپ كەلدى. نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئەڭ دەسلەپكى ئىگىلىك تىكلەش ئىلھامى ۋە بەدەل تۆلەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، پىشىپ يېتىلىش ۋە سوغۇق قان بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. ئىگىلىك تىكلەشكە ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. گايتىسنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسى شەك-شۈبھسىزكى ئەڭ ياخشى ئىگىلىك تىكلەش دەرسلىكىدۇر.

گايتىس بىلەن مىكروسوفت، بىر ئادەم، بىر شىركەت. ئۇلار ئەڭ دەسلەپ DOSنى سېتىۋېلىشتىن باشلاپ، ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ رەسىم كۆرۈنمە يۈزلۈك مەشغۇلات  سىستېمىسنى تەقلىد قىلدى، بىرقانچە ئىشخانا ئەمەلىي قوللىندىغان يۇمشاق دېتالغا، تور مەنزىلىنىڭ تور بەتنى زىيارەت قىلغۇچسىغا ئەگەشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىقتىدار جەھەتتە دەسلەپكى كۆزنەك مەشغۇلات سىسىتېمىسنى بېسىپ چۈشىدىغان IBMنىڭ OS/2 مەشغۇلات سىستېمىسنى مەغلۇب قىلىپ بۈگۈنكى يۇمشاق دېتال «پادىشاھى»غا ئايلاندى. بۇ يۇمشاق دېتاللار لايىھەلىنىش جەھەتتە ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئەڭ ئىسىل ھېساپلانمىسىمۇ، ئەمما مىكروسوفت ۋە گايتىس ئەڭ ئاخىرىدا غەلبىگە ئېرىشىپ، بازاردىكى ئەڭ چوڭ نىسبەتنى ئىگەللىدى.

گايتىسنىڭ دادىسى ئوغلى توغرىسىدا سورالغان: «بالىڭىزنىڭ سىزنى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغان يېرى قايسى؟»دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بىرىنچى بولۇپ: «گايتىس ئۆزىگە قاتتىق ئىشنىدىغان بالا.» دەپ جاۋاب بەرگەن. گەرچە دادىسى گايتىسنىڭ باشقا ئالاھىدىلكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن بولسىمۇ، يەنى ئىشنىڭ قانۇنيىتىنى چۈشنىدۇ، ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، خىزمەتنى جان تىكىپ ئىشلەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئەڭ ياخشى بولغان ھۆكۈم قىلغۇچى ۋە يۇمۇرىستىك دېگەنگە ئوخشاش، ئەمما ئۇنىڭ گايتىسنىڭ ئۆزىگە قاتتىق ئىشنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق مىكروسوفتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىيات جەريانىدا گايتىس نۇرغۇنلىغان مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈردى. ئەمما ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئەقىللىق، ۋەزىيەتنى ھەرۋاقىت كۆزىتىشكە، پۇرسەتنى تۇتۇشقا، كەسكىن قارار چىقىرىشقا ماھىر بولغاچقا، بىز بۈگۈنكى مىكروسوفت ئىمپېرىيەسىنى كۆرەلىدۇق. گايتىسنىڭ يەنە چوڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ، ئۇ نېمە ئىشنى قىلماقچى بولغان بولسا، ئۆزىگە چوقۇم بىر يول  تېپىپ چىقالايدۇ.

گايتىس ئالاھىدە بولغان كۆزىتىش ئىقتىدارىغا (نەزىرىگە) ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، شەخسلەر كومپيۇتېرىنىڭ كەلگۈسىدە ھەربىر ئائىلىلەرگىچە سېڭىپ كىرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن، يەنە مىكرو بىرتەرەپ قىلغۇچ بىلەن يۇمشاق دېتالنى بىرلەشتۈرسە ئىلگىرىكى زور تىپلىق كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان ھالەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىغا، شەخسلەر كومپيۇتېرى ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قولدىن بېرىپ قويسا قايتا  ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئىگىلىك تىكلەش پۇرىستىنى ئىگەللىۋالسا، ئاندىن ئىزچىل تۈردە كارخانىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلاپ قالالىسا، قەتئىي بوشاشمىسا، ئۇنىڭغا كىشىلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان سودا كاللىسىنى قاتسا، ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى 1-باي ۋە ئۇچۇر كەسپىدىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە زاتقا ئايلانغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن.

ئۆيىدىن ئايرىلىپ خارۋاردقا ئوقۇشقا ماڭغان ۋاقىتتا، گايتىس ئۆزىگە 25 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن مىليونېرغا ئايلىندىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن. بۇ خىل ئۆزىگە ئىشنىش ئەينى ۋاقىتتىكى ياشلارنىڭ ھەممىسىدە يوق ئىدى. رېئاللىق ئىسپاتلىدىكى ئۇ ھەقىقەتەن دېگىنىنى قىلالىدى. 30 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئۇ ئاللىبۇرۇن مال-مۈلكى مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان مىلياردېرغا ئايلانغانىدى. شۇنداقلا ئۇ بۇ ئاساستا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ، ئۇدا 10 نەچچە يىل ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى 1-بايلىق ئورنىنى مۇقىم ساقلاپ قالالىدى. بۇنىڭدىن   كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەقىقىي كۈچلۈك بولغان ئىشەنچ، ئېتىقاد ئارقىلىق چەكسىز يوشۇرۇن كۈچنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

گايتىسنىڭ ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈش جەھەتتىكى تالانتى ئۇنى بۇ ساھەدە ئىشەنچكە ئىگە قىلدى. ئەڭ دەسلەپ ئاتارى كومپيۇتېرىغا BASIC تىلى پىروگراممىسى تۈزۈپ بېرىشتىن باشلاپ گايتىس ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشەنچ قىلىپ كەلدى. قىسقىغىنە 8 ھەپتە ئىچىدە گايتىس بىلەن ئاللىن پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىپ، بىر خىل  پىروگرامما شەكىلدىكى تىلنى يېزىپ چىقىپ، بىرقاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ كومپيۇتېر دۇنياسىنى كېڭەيتتى، شۇ سەۋەبتىن شەخسلەر كومپيۇتېرىمۇ بارلىققا كەلدى.

گايتىس بىلەن ئاللىن ئورونداش مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارالغان ۋەزىپىنى ئوروندىدى، ئۇلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ خىل ھەرىكىتى يەنە كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا دولقۇن قوزغىدى. چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى ھېچكىممۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىپ باقمىغانىدى.

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، كىشىلەر ئىزچىل تۈردە: «ئىنسانىيەتنىڭ 4 مىنۇت ئىچىدە بىر ئېنگلىز مىلى ئارىلىقىنى يۈگۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس.» دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئەمما 1954-يىلى روجى. بېننىستېر ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ، ئېتىقادىغا تاينىپ بۇ خىل ئېتىقاد، تونۇش توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇلاپلا بىر يىل ئىچىدە ئويلىمىغان يەردىن 37 ئادەم بۇ خىل رېكورتنى بۇزغانلار تىزىملىكىگە كىردى. كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە بۇ سان تېخىمۇ كۆپىيىپ 300دىن كۆپرەك ئادەمگە يەتتى. بۇ رېئال پاكىتلار ئامېرىكا يازغۇچىسى ئامىرسوننىڭ بىر جۈملە سۆزى: «ئۆزىگە ئىشىنىش بولسا--مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىرىنچى چارىسى.»نى ئىسپاتلىدى.

ئەلۋەتتە، دەسلەپتە  گايتىس ھەممە جەھەتتىن ئۆزىگە بولغان قاتتىق ئىشەنچىسنى نامايەن قىلىپ كېتەلمىگەن. 6-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، گايتىسنىڭ بويى پاكار بولۇپ، ئىنتايىن تارتىنچاق ئىدى، قىياپىتى ياردەمگە ئىنتايىن مۇھتاج بىر كىشىدەك ھالەتتە بولۇپ، يەنە تېخى پىسخىكا دوختۇرىغىمۇ كۆرۈنگەن ئىدى. بىر قېتىم ئۇ بىر قىز ساۋاقدىشىنى مەكتەپتىكى تانسا كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلماقچى بولۇپ، ساق ئىككى ھەپتىدەك ئىككىلەنگەندىن كېيىن تەكلىپ قىلغان، نەتىجىدە يەنىلا رەت قىلىنغان.  داشۆگە كىرگۈچە گايتىس باشقىلاردەك كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر ئەمەس ئىدى. تارتىنچاق ۋە ئېھتىياتچان، باشقىلارغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بالا بولۇپ، پەقەت بالمېرنىڭ يېتەكلىشى ۋە زورلىشى بىلەن ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.

  داشۆدىكى ۋاقىتتا، بالمېر گايتىسكە «كاررىي» ئوغۇللار كۇلۇبىغا قاتنىشىشقا نەسىھەت قىلىدۇ. تۇنجى قېتىم كۇلۇپ پائالىيىتىگە قاتنىشىش مۇراسىمىدا، بالمېر گايتىسكە مۇراسىم كىيىمى كىيىگۈزۈپ ھەم ئۇنىڭ كۆزىنى ئېتىپ تۇرۇپ، مەكتەپنىڭ رېستۇرانىغا  ئېلىپ كەلگەن، ئاندىن گايتىسنى سورۇندىكى باشقا كىشىلەر بىلەن كومپيۇتېر جەھەتتىكى ئىشلارنى سۆزلىشىشكە زورلىغان. بۇ مەشقلەر كېيىنكى كۈنلەردىكى گايتىسنىڭ سودا سۆھبەتلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك تەجرىبە توپلاپ بەرگەن. بىراق ئۇنىڭ ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ زور قەدەملەرنى  بېسىشقا توغرا كەلگەن ۋاقىتتا، گايتىس يەنىلا باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى بالمېرغا تاپشۇرۇپ بەردى.

مىكروسوفت ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، گايتىسنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپىگە بولغان ئىشەنچىسى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئاممىۋى سورۇنلاردا كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ مۇنالىزادىن قېلىشمىغۇدەك كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان چىرايىنى كۆرەتتى. مەيلى قايسى ۋاقىتتا بولسۇن، مەيلى مىكروسوفت شىركىتى «بىرنى ئىككىگە بۆلۈش (مىكروسوفتنى ئىككى شىركەت قىلىپ پارچىلاش)» گە قارىشى تۇرغان ۋاقىت بولسۇن ياكى «ئامېرىكا توردا»، دەۋر ۋە Yahoo لارغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋاقىت بولسۇن، ياكى Linux قا ئوخشاش كۆپلىگەن  يېڭى شەيئىلەر بازارنى قايتىدىن بۆلمەكچى بولىۋاتقان ۋاقىت بولسۇن، گايتىس ھەممىسىدە مۇشۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىنى ئۆزگەرتمىدى. بۇ خىل كۈلۈمسىرەشنىڭ ۋەكىللىك قىلدىغىنى دەل رەقىبىلىرىدە روھى بېسىم پەيدا قىلىدىغان مۇھىم قورال ئىشەنچ ئىدى. يەنە شۇنداقلا بۇ مىكروسوفتنىڭ بىر پارچە ئالتۇن لەۋھەسى ئىدى. ئامېرىكا «ۋال سترېت ژورنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە كارخانىغا  مۇناسىۋەتلىك ماقالىدە خۇلاسە چىقىرىلىپ: «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان  كارخانىچىنىڭ ھەممىسىدە باشقىلارغا تەسىر قىلغۇدەك كۈچلۈك ئىشەنچ بولىدۇ. بەرپا قىلغۇچى بىلەن  يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسدىن گۇمانلانمىغۇچىلاردىندۇر. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىشنىدۇ، ئۆزىنىڭ قارارىغا ئىشىنىدۇ. مەغلۇبىيەتتىن ئەنسىرەش ھەمىشە باشقا تۈردىكى كىشىلەرنى روھسىز، ئۈمىدسىز قىلىپ قويىدۇ، ئەمما بەرپا قىلغۇچىلار بىلەن يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئوي-خىياللىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشەنچكە تولغان بولغاچقا، مەغلۇبىيەتتىن ئەنسىرەش ئۇلارنى ھەرگىزمۇ قورقىتالمايدۇ. شۇنداق  دېيىشكە بولىدۇكى، كۈچلۈك بولغان ئىشەنچ بەلكىم باشقا ھەرقانداق بىر پەزىلەتتىن بەكرەك كىشىلەرگە چوڭ مۇۋەپپەقىيەت ۋە زور خۇشاللىق  ئېلىپ كېلەلىشى مۇمكىن. »

  «مىكروسوفت»نىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر زاتنىڭ بايان قىلىشىچە: «مىكروسوفت» 1992-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو بازىرىغا كىرگەندە، كۆپ قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسنى ۋە جۇڭگو يۇمشاق دېتال بازىرىغا بولغان ئۈمىدىنى باشتىن-ئاخىرى ئۆزگەرتمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە گايتىستە يۇمشاق دېتال كەسپى ۋە بازىرىغا نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىسى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ كەسپى ئىشلىرىغا نىسبەتەن چەكسىز قىزغىنلىققا تولغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ كۆپ قېتىم جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چېپىپ يۈرگەن. قىزغىنلىق بولىدىكەن، گايتىس ئاندىن باشقىلارنى قايىل قىلالايدۇ. ئۇنىڭ نىشانى: بارلىق كومپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسىدە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىجرا قىلغۇزۇش.

ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ قىزغىنلىقى يەنە خىزمەتچىلەرنى ئۆز شىركىتىگە كىرىپ خىزمەت قىلىشقا قايىل قىلىشىتىكى ئەڭ مۇھىم قورال ھېسابلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بىر خىزمەتچىگە نسىبەتەن ئېيتقاندا،  ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ شىركىتىگە كىرىش ئاساسىي جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئەھۋالدىن دېرەك بېرىدۇ:

بىرى مۇئاشى تۆۋەن بولۇش، يەنە بىرى خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش. گايتىسنڭ خىزمەتچىلەرنى قايىل قىلىشتىكى مۇھىم قورالى بولسا، ئىگىلىك تىكلەۋاتقان كارخانىدا خىزمەت قىلغان خىزمەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارغا ئېرىشتۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى يەنە كۈتكىنىدەك قىممىتى بار پاي چېكى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت.

گايتىس ئىشەنچكە تولغان ئۈمىدۋار شەخس، ئۇنىڭ كىشنى ئەيمىندۈرگىدەك ئىززەت ھۆرمىتى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەككە يىگانە ھالدا ئىلگىرىكىلەر مېڭىپ باقمىغان يولدا ماڭدى. قىلچىمۇ ھۇدۇقماستىن بارلىق ئاپەت ۋە كۈتۈلمەسلىكلەرگە يۈزلەندى. دەم گۈللىنىش، دەم خاراب بولۇشنىڭ ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە مەقسىدىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويمىدى. ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت بۇ «ئويۇن»غا ئۇ ئىزچىل تۈردە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئويۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. گايتىس ئۆزىنىڭ ئاكتىپ پىسخكىلىق روھى ھالىتىنى ھاياتى كۈچكە تولدۇرۇپ، توختىماستىن ئىگىلىك تىكلىدى ۋە يېڭىلىق ياراتتى. مۇداپىئەلىنىش ۋە كونىلىققا ئېسلىۋېلىش ئۇنىڭ ھەرىكەت ئۇسلۇبىغا تەۋە ئەمەس بولۇپ، ئۇ پەقەت ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئىگىلىك تىكلەيدۇ.

گايتىسنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، كىشىلەرنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى شۇ كىشىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى چەكسىز دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارزۇلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ. بىزدە ئۆزىمىزگە ۋە كەلگۈسىمىزگە نىسبەتەن ئىشەنچىمىز بولۇشى كېرەك. غەلبە ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ ھەرگىزمۇ تەقدىرىمىزگە پۈتۈلمىگەنلىكىگە ئىشەنچىمىز بولۇشى كېرەك، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا تاينىشمىز، ئۆزىمىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزغا تېخىمۇ قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەك. دۇنيادا مەڭگۈ قىش بولىۋەرمەيدۇ ھەم مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەتمۇ مەۋجۇد ئەمەس، جاپا-مۇشەققەت ۋە بەختسىز كۈنلەردە كۈرەش ئىرادىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى ۋە سەۋرچانلىقىمىزنى ساقلىشمىز كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى يەنە چوقۇم چوڭ ئىشلارنى قىلىۋېتىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ كۆتۈرۈپ كېتەلەيدىغان، شان-شەرەپ ۋە ئارا-نۇمۇسقا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدىغان ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك.

مەنبە: «بىل گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابتىن  ئېلىندى.  

ئىلقۇت ئىلىمكان سالونى تەييارلىدى


نادىر مەزمۇنلار

1. روكفېللېر: ئىستىقبالى ئۈچۈن رەنىگە قويۇش

2. مەخپىيەتلىك: كۆڭۈلدىكى ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقىرىش سىرى

3. خارۋارد سودا  ئوبزورى: سىز نېمىشقا ئۇتۇق قازانمىدىڭىز؟ 1-بۆلەك

4. ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇپ، گەدەنگىچە قەرز بولغاندا......

5. ئوڭۇشسىز شارائىتتا قالغاندا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇيسىز

6. يۇقۇمدىن كېيىن جۇڭگودا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان 10 چوڭ ئۆزگىرىش

7. ئۆزىڭىزگە بىر سائەتلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىڭىزنى سېتىپ بېرىڭ

【声明】内容源于网络
0
0
Nepkar
在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
内容 408
粉丝 0
Nepkar 在这里你只能获取对你最有用的。 别忘了关注哦!
总阅读311
粉丝0
内容408