大数跨境

ھەممىمىز تۇنۇيدىغان داڭلىق بۇ چولپان ھازىر نېمە كۈنگە قالدى

ھەممىمىز تۇنۇيدىغان داڭلىق بۇ چولپان ھازىر نېمە كۈنگە قالدى xjmahallam
2024-02-20
0


سەنئەت ساھەسىدىكى ئۈچ يېقىن ھەمراھلار تىلغا ئېلىنسا 2001-يىلى قويۇلغان «تەدبىكار جى شياۋلەن»  ناملىق تىياتىردا رول ئېلىپ نام چىقارغان جاڭ گولى، جاڭ تيېلىن ، ۋاڭ گاڭلارنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.


 لېكىن ئەمەلىيەتتە  ئىلگىرى بۇ  يېقىن ھەمراھلار سېپىدە جاڭ تيېلىن ئەمەس، بەلكى لى باۋتيەن بار ئىدى.
لى باۋتيەن 90-يىللاردىكى ئەڭ داڭلىق ئارتىس بولۇپ، «دوك ۋەزىر ليۇ يوڭ»  ناملىق تىياتىردا ليۇ يوڭنىڭ رولىنى ئېلىپ چاڭجياڭ پۈتۈن جوڭگۇدا داڭق چىقارغان.

ئەمما تىياتىر سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لى باۋتيەن جاڭ گولى، ۋاڭ گاڭلار بىلەن قايتا ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى سوۋۇپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن جاڭ تيېلىن لى باۋتيەننىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېڭى ئۈچ يېقىن ھەمراھلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
 2004-يىلى لى باۋتيەن تاماشا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدىغان بىر ئىشنى قىلغانلىقتىن 13 شىركەت بىرلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزۈشنى رەت قىلغان، يەنە «رول زومىگىرى» دېگەن قالپاقنى كىيگۈزگەن. لى باۋتيەن ئېكراندا ئىجابىي ئوبرازى بىلەن داڭق چىقارغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن رېئاللىقتا ھەممىلا يەردە ئۆزىگە دۈشمەن تېپىۋالىدۇ؟

ﻟﻰ ﺑﺎﯞﺗﻴﻪﻥ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺗﻪﺭﺳﺎ ، 2004-يىلى ﺋﯘ «ﺧﺎﻥ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻰ» ناملىق تىياتىرﺩا ﺑﺎﺵ ﺭﻭﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ 30 قىسىملىق ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ  قويۇلغاندا 33 ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ئۇ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ.
1946-يىلى جىياڭسۇنىڭ شۈجۇدا تۇغۇلغان لى باۋتيەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇقۇمۇشلۇق بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن لى باۋتيەننى ياخشى تەربىيەلەپ كەلگۈسىدە ئۇلارغا ئوخشاش تۆمۈر تاۋاققا ئىگە قىلىشنى ئويلايدۇ، بىراق لى باۋتيەن زادى گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئۇ ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، پەقەت رول ئېلىشقىلا قىزىقىدۇ.
لى باۋتيەن ئۇچىغا چىققان چاڭچىلە مەستانىسى بولغاچقا ئويۇن مەيدانىغا بالدۇر بېرىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم دەرس تاشلاپ مەكتەپتىن قاچقان.

 دادىسى ئۇنىڭ مەكتەپكە بارغۇسى يوق، چاڭچىلە ئېيتقۇسى بارلىقىنى ئاڭلاپ: «مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىساڭ، بىر ئۆمۈر رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيسەن» دېگەن.
1960-يىلى 14 ياشلىق لى باۋتيەن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ  بىر چاڭچىلە ئۆمىكىگە ئەگىشىپ كېتىپ قالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ لى باۋتيەن توپتوغرا بەش يىل ئۆيىگە قايتمىغان.ئەمما ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن يىلى لى باۋتيەن ئۆيگە قايتىپ كېتىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان، ئۇ تىياتىر ئۆمىكىدە قايناقسۇغا پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى چىلاپ تاماق ئورنىدا يېگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈن بويى جاپالىق مەشىق قىلغاچقا ئۇزۇن ئۆتمەيلا بېشى قېيىپ ھوشىدىن كەتكەن.
ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلمىگەن، پەقەت كۆزىنى ئېچىپلا بەش يىل كۆرۈشمىگەن دادىسىنى كۆرگەن، ئىككىيلەن بىر-بىرىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان قارىشىپ ئولتۇرغان، ئاخىرىدا دادىسى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ كېسەلخانىدىن چىقىپ كەتكەن.
بۇ دەقىقىدە لى باۋتيەننىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاققان، مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇ ۋاپادار ئوغۇل بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى تەقدىر ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەتنى بەرمىگەن، ئۇ كېسەلخانىنىڭ يېنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار كېسەلخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان دادىسىنىڭ جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلمىگەن. لى باۋتيەن دادىسىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن.
1978-يىلى لى باۋتيەن تىياتىر بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىغا ئۆتۈپ، سەنئەت ساھەسىگە ھەقىقىي قەدەم قويغان، 1983-يىلى «جاھان كېزىش» ناملىق كىنودا رول ئېلىشقا قاتناشقان، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى رول ئالغان كىنوسى بولۇپ قالغان
 1987-يىلى «مۇھەببەت» ناملىق كىنودا دادىىنىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىپ، ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر يانداش ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دەل مۇشۇ چاغدا جاڭ يىموۋ كۆرۈمسىز بۇ ئەرنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنى ﺟﯜﺩﻭﯞ»  ناملىق كىنودىكى ياڭ تيەنچىڭنىڭ رولىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان، لى باۋتيەن ئۆزىنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن جاڭ يىموۋنى قايىل قىلغان، شۇنداقلا ﻛﺎﻧﻨﯧﺲ ﻛﯩﻨﻮ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﯞﻩ ﭼﯩﻜﺎﮔﻮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﮪﻴﯘﮔﻮ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ، جاڭ يىموۋمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ھەمكارلىشىش نىيىتىگە كەلگەن.
 جاڭ يىموۋمۇ ئۇنىغا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەر ئارتىسلارنىڭ بىرى دەپ باھا بەرگەن، ئەمما ئۇ بۇ باھانىڭ ئون نەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
1999-يىلى «ﺩﻭﻙ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﻟﻴﯘﻳﻮﯓ» ناملىق تىياتىرنىڭ قويۇلۇشى بىلەن جاڭ گولى، ۋاڭ گاڭ ۋە باش پېرسوناژ ﻟﻴﯘيوڭنىڭ رولىنى ئالغان لى باۋتيەن قاتارلىق ئۈچ كىشى داڭق چىقارغان.
بۇ تىياتىردا لى باۋتيەننىڭ قۇربان بېرىشى ئىنتايىن زور بولۇپ، بىر دۈمچەكنىڭ رولىنى ئېلىش ئۈچۈن، لى باۋتيەن بېلىنى ئىزچىل ئېگىشى كېرەك ئىدى، نورمال ئادەملەر بېلىنى نەچچە مىنۇت ئېگىپ تۇرسا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى، ئەمما لى باۋتيەن ئەزەلدىن ۋايساپ باقمىغان، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا    تاماشىبىنلار ئۇنى تۇغما دۈمچەك ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان.
بۇ تىياتىر ئالقىشقا ئېرىشىپ رېژىسسور داۋامىنى سۈرەتكە ئالماقچى بولغاندا، لى باۋتيەن داۋامىنى سۈرەتكە ئېلىشنى رەت قىلغان، ئۇ ھەمىشە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ رولىنى ئالسا تاماشىبىنلارنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ، دەپ قارىغان ھەمدە داۋامىنىڭ سېنارىيسىمۇ ئۇنى رازى قىلالمىغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكى لى باۋتيەن ۋاڭ گاڭنى پەقەت ياقتۇرمىغان، ئۇ چاغدا ۋاڭ گاڭ باي بولۇپ، رول ئېلىش بەلكىم ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئويۇن ئويناشتەك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، شۇڭا دائىم فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىن رۇخسەت سورىغان، بۇ بىر ئۆمۈر رول ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان لى باۋتيەننى ئىنتايىن خاپا قىلغان.
2003-يىلى لى باۋتيەننىڭ كەسپىي يەنە بىر يۇقىرى پەللىسىگە چىققان يىل بولۇپ، «خىسلەتلىك تېۋىپ شىلەيلې» ناملىق تىياتىر شۇ چاغدا يۇقىرى كۆرۈلۈش رېكورتىنى ياراتقان ھەمدە لى باۋتيەن شۇ يىلى ئۇدا ئۈچ تۈردە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى ۋە فېيتيەن مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى سەنئەت ساھەسى بىر مەيدان «دېڭىز تاشقىنى»نى باشتىن كەچۈرگەن، لى باۋتيەن «خان مۇپەتتىشى» ناملىق تىياتىرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان، سەۋەبى لى باۋتيەن ئەينى چاغدا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى 30 قىسىم ئىشلەشكە توختام ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما قويۇلغاندىن كېيىن 33 قىسىم بولۇپ قالغان، ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ 13 ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ «ﺭﻭﻝ ﺋﯘﺳﺘﯩﺴﻰ» ﺋﺎﺗﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﮪﯧﭽﻘﺎﻳﺴﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﻐﺎﻥ.
لى باۋتيەننىڭ نەزىرىدە بۇ خىل قىلمىش «ئالدامچىلىق» تىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئۇ مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنى ئەرز قىلىپلا قالماي، يەنە دەۋادا يەڭگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ 1 مىليون 900 مىڭ يۈەن تۆلەمگە ئېرىشكەن.

13 شىركەتنىڭ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪنلىكىگە قارىتا لى باۋتيەنمۇ بىر نۇقتىنى چۈشەندۈرگەن
شۇ ئىشتىن كېيىن لى باۋتيەننىڭ رول ئېلىش پۇرسىتى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن، ھەتتا ئېكراندىن يوقاپ كەتكىلى تاس قالغان.
2020-يىلى لى باۋتيەن ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تېلېۋىزىيە سەنئەتكارى ئېرىشكەن پەيتتە مەيداندىكى بارلىق ئارتىسلار، تاماشا ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر بولسۇن ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتقان.
ئۇ تاماشا چەمبىركىدىكى ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتمىدى،  ئۇ رەت قىلغان ئېلانلارنىڭ سوممىسى ئۇنىڭ نەچچە ئۆمۈر خەجلىشىگە يېتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆمرىدە بىرمۇ ئېلانغا ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ باقمىدى.
ئۆزىنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان سۈرەتكە ئالمىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ: «مەن بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئانچە رولغا چىقمىدىم، پۇرسەت يوق ئەمەس، پۇرسەت ئىزچىل بار، پەقەت مەن رازى بولغۇدەك رول ئۇرىمىدى» دېگەن. تاماشا چەمبىركىدە ھېچكىم ئەخلاق ۋە سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن بىر ئارتىسنى ھەقىقىي چەكلىيەلمەيدۇ



【声明】内容源于网络
0
0
xjmahallam
كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
内容 60
粉丝 0
xjmahallam كەلگەن قەدىمىڭزگە مەرھابا
总阅读39
粉丝0
内容60