
بۈگۈنكى تېلېگراف ئالدامچىلىق ئەھۋالىغا نەزەر!

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ تېلېفونى: 7654321-0991
جىنايەتچىلەر يانفون قىسقا ئۇچۇرى، ئۈندىدار، QQ قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قەرز بېرىش، ئىناۋەتلىك كارتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق ساختا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىدۇ.
ئۆزىنى ئۆسۈمسىز قەرز، رەنىسىز قەرز قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگۈچى دەپ تونۇشتۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ساختا قەرز ئېلىش، ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلىش APP سىنى چۈشۈرگۈزۈپ، ساختا APP ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كىملىك نومۇرى، بانكا كارتىسى نومۇرى، يان تېلېفون دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۈگۈن بىز «سۆھبەت خاتىرىسى» ئارقىلىق قەرز پۇلنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئىناۋەت كارتىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش تۈرىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ چىقىمىز.
شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى:
گۇمانىي ئالدامچىلىق ئەھۋالىغا يولۇققاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدامچىلىق توزىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ.






شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ:
1. «00، +»دىن باشلانغان چېگرا سىرتىدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلسىڭىز، چوقۇم ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈڭ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئالدى بىلەن 110 تېلېفونىنى قوبۇل قىلىڭ؛
2. ناتونۇش كىشىلەرگە كىملىك نومۇرى، بانكا كارتا نومۇرى، مەخپىي نومۇر، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەڭ؛ ناتونۇش ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىماڭ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تور بەت ئۇلانمىلىرىنى چەكمەڭ؛
4. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالدىنىپ قالسىڭىز ياكى گۇمانلىق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، دەلىل-ئىسپاتلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىڭ، ھەمدە دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسى 7654321 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

ئەسكەرتىش:
ئەگەر سىز باشقا رايوندا بولسا، شۇ رايوندىكى دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ياكى شۇ رايوننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى
تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: ئىلقۇت

تور ئالدامچىلىقىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى!
مەزكۇر يازما گەرچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۈندىدار ئورگان سالونىدىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشىنىمىزكى، يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى پۈتۈن رايونىمىز، ھەتتا پۈتۈن دۆلىتىمىز تەۋسىدە ئورتاقلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مەزكۇر يازمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ قويۇشىنى، باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سالون ئەسكەرتمىسى:
سالونىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ مال-مۈلۈك ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالدامچىلىققا قارىشى تۇرۇش تەشۋىقات يازمىلىرىنى ھەر كۈنلۈكى ماس قەدەمدە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ، تورداشلارنىڭ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئەگەر سالونىمىزنىڭ مەزكۇر يازمىلىرىدىن ئازتولا نەپ ئالغان بولسا، سالونىمىزنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

